begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:04:18

ئۇيۇن ئويناپ مېڭىڭىزنى چىنىقتۇرۇڭ

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەدەننى چىقىنىقتۇرۇپ كۆچلەندۈرگەنگە ئوخشاش مىڭىنى ئىشلىتىپ مىڭە گىمناستىكىلېرىنى ئىشلەپ بەرگەندە قاراتمىلىق ھالەتتە مىڭىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەندە مىڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدىكەن. مەسلەن سىز ماتىماتىكىلىق ھىساپلارغا ئاجىز بولسىڭىز سىز ئۇنى مەلوم ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلدۇرۇپ بۇ خىل ئاجىزلىقنى يۇقاتقىلى بۇلىدىكەن يەنە تىخى بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە مىڭىنى چىنىقتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى بەدەن چىنىقتۇرغاندىن تىز كۆرۈنىدىكەن(www.achinuq.org ) ئوخشاشلا مىڭە گىمناستىكىسىنىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىگەندە بەدەنگە ئەكىس تەسىر قىلىشى مۇمكىن. مەسلەن باش ئاغرىش، بىئارامسىزلىنىش ئەھۋاللېرى.....
ئۇيغۇرچە 2048 ئۇيۇنىنى مەن بۇرۇن ئويناپ باققان ئەمما بىر ئاز ئويناپ ئۈچۈرۋەتكەن كىيىن بىرىدىن بىر ھەپتە ئويناپ 2048 چىقاردىم دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىمدە باشقىدىن قىزىقىپ قالدىم. مانا بۇ ئۇيۇننى ئويناۋاتقىلى ئۈچ كۈن بۇپ قالدى ئاران 1024 كە چىقىرالىدىم. ئۇمومىي نۇمۇرىم 13000 دىن ئاشتى. تىخى ئەتىگەندە بەك ئوينىۋىتىپ بىشىم سەل ئاغرىغاندەك بۇلۇپ توختاپ قالدىم. قارىغاندا بەكلا كىرىشىپ كىتىپ قانداق قىلسام ئۇتارمەن دەپ كاللامنى بەكلا قاتتۇرۇپ سالغان ئوخشايمەن. يا مىنىڭ ئەقلىي بۇلۈنمەم تۈۋەنمۇ (ھى ھى...) شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيۇننى تورداشلارنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم قىنى  تورداشلار بۇ ئۇيۇن قانداق ئويناش تۇغۇرلۇق بىر پىكىرلىشىپ باقايلى؛



ئاندىرويىد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش؛ 2048 /uyghurche
ئالما ۋە باشقا توربەت نەشىرلېرىنى توردىن تىپىۋىلىڭ. بۇ ئۇيۇننى Wolf say studio ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بۇلۇپ خېلى يامان ئەمەس ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 07:42:14

ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ ،كومپىيوتېر ۋە يانفون ئويۇنلىرىدىن يىراق تۇرايلى!:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 08:36:53

ئەخلاقىمىزنى قەدىرلەپ دىبا جۇباغا بارىدىغاننىڭ ئورنىغا كومپىيوتېر  تېلفۇن ئويۇنلىرىنى ئويناپ تۇرايلى

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 09:14:11

4096 چىقىرىپ 8192 چىقىرشقا ئاز قالغاندا ئويۇن تۈگەپ كەتتى نەتچە قېتىم...ئويۇن ئويناشنى ئازراق بىلۋالسىڭىزلا ياخشى نۇمۇر ئالالايسىز. چوڭ نۇمۇرلۇقلىر چوقۇم بىر بۇرجەكتە تۇردۇ ئۇنى قالايمىقان مىدىرلاتمايسىز. ئويۇننى تەرەپلىك ئويناڭ بولمىسا تورىن دەرىسلىك كۆرۈپ بېقىڭ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 09:26:53

بۇ ئويۇن خېلى يامان ئەمەس. ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانغا ياخشى.:lol

ھەر قېتىمدا 2048 چىقىرىش ئانچە تەسمۇ ئەمەس، بۇنىڭ قولاي ئۇسۇلى بار. رەسىم سىزىش ياكى تېلفوندا قايتا رەسىمگە تارتىش تازا خوشياقمىدى، خەت يېزىپلا چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. يۇقۇرى نومۇرۇم 31600 ، داۋاملىق ئوينىسام ھەر قېتىم 2048 چىقىرالايمەن. كونكىرىت ئۇسۇلى مۇنداق.

ئەڭ يۇقۇرى نومۇرنى ئەڭ چەتتىكى كاتەكچىگە موقۇملاشتۇرۇپ ئورنىنى يۆتكىمەيمىز. يەنى تۆت بۈرجەكنىڭ خالىغان بىرسىگە موقۇملاشتۇرىمىز. ئويۇن تاختىسى 4 - 4 كاتاكچە بولغاچ ئەڭ چەتتىكى قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ. موقۇملاشتۇرۇش دىگىنىم، يۇقۇرى نۇمۇر سول تەرەپ يۇقۇرى كاتاكچىدە بولغان بولسا، سانلارنى ئوڭ تەرەپكە سۈرۈشكە بولمايدۇ، پەقەت سول تەرەپكە ياكى ئۈستىگىلا سۈرىمىز.
يۇقۇرى نۇمۇر بار قۇردىكى 4 كاتاكچە تولغاندىن كىيىن ئاندىن ئوڭ سولغا يۆتكەشكە بولىدۇ، بۇ چاغدا يۇقۇرى نومۇر ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ، مۇشۇ تەرتىپتە نومۇرلانى توختىماي جۇغلاپ ناھايتى ئاسانلا 2048 چىقارغىلى بولىدۇ. 2048 نى چىقارغان ۋاقىتتا، ئومۇمى نومۇر جۇغلانمىسى تەخمىنەن 2 تۈمەندىن ئارتۇقراق بولىدۇ. مېنىڭ ئوينىغىنىم گوگۇل ئەپ بازىرىدىكى ئەسلى نۇسخىسى.
تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە:
256 ، 128، 64، 32
16 ، 8   ، 4  ، 2
پەقەت چۈشەنمىگەنلەر بولسا، ئىنكاس قالدۇرساڭلار، ياردەم تەلەپ قىلغان ئىنكاس سانى 10 غا يەتسە، مەن تېلفوندىكى كەسمە رەسىملەر بىلەن يەنە بىر چۈشەندۈرەي.:lol

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 09:46:27

كومپىيوتۇر بىلەن يانفۇندا ئۇيۇن ئوينىمايمەن . بىر بولسا ئۇيۇن ئويناشى بىلمەيمە  ،بىر بولسا ئۇيۇنغا قىزىقمايمە .

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 10:43:40

ئەزەلدىن كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى بەك ياخشى دەپ ئويلايتىم،يېقىنقى 2ئاي ئىچىدە ئائىلە ماشىنىسى سېتىۋىلىش سەۋەبلىك يانفوندا توختىماي ئاپتوموبىل ‹‹تەتقىق قىلىش››بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈردۈم،ھازىر بايقىدىمكى كۆزۈم بەكلا چارچاپ كېتىپتۇ،بەكلا زىيان قىپتۇ.يانفون كۆزگە بەك زىيان قىلىدىكەن. دىققەت قىلساق بولغۇدەك.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 12:00:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dadash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 12:01  

مەنمۇ بىر دانە ئىدراك سىناش ئويۇنى ئېلىپ كەلدىم. بۇنى ئادەتتىكى فلەش ئويۇنى دەپ قارىماڭ، مېڭەمنى ئارام ئالدۇرارمىكى دېسەم، خىلىلا جىلە قىلدى بۇ...

ئالدى بىلەن ئويون ۋەقەلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:

بۇ بىر كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ھېكايە. دادا، ئاپا، ئىككى قىزى ۋە ئىككى ئوغۇلدىن ئىبارەت ئالتە جانلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى سەپەر جەريانىدا يولدىن ئىزىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تۈرمىدىن قاچقان بىر ۋەھشى ئايال جىنايەتچىگە يولۇقۇپ قالىدۇ، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغىنىدا ئۇ جىنايەتچىنى ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن ساقچىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. تەلىيىگە يارىشا ئۇلار ئامان قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جايدا يانفۇن سېگىنالى بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قىلىپ، ساقچى بولغىنى بىلەن ۋەزىيەت يەنىلا قاتماللىشىپ قالىدۇ.

ۋەزىپە :
سىز كەچ بولۇپ كەتكۈچە ، ئۇلارنىڭ بۇ خەۋپلىك ئورۇندىن بىخەتەر ئورۇنغا يېتىپ بېرىۋىلىشىغا ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك.

ئىمكانىيەت:
ئۇلار دەريادىن ئۆتمەي بولمايدۇ، دەريادىن ئۆتۈشتە بىر دانە سالدىن پايدىلىنىش كېرەك. بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە دادا، ئاپا ۋە ساقچىدىن ئىبارەت ئۈچ قورامىغا يەتكەن كىشىلا سالنى باشقۇرالايدۇ، يەنە بىر ئىش مەيلى چوڭ كىشى بولسۇن ياكى كىچىك بالا بولسۇن بىر قېتىمدا پەقەت ئىككىلا ئادەم سالغا چىقىشقا بولىدۇ.

شەرتلەر :

دەريادىن ئۆتۈش داۋامىدا سىلەر تۆۋەندىكى ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشڭلار كېرەك:
1. ساقچى بىلەن جىنايەتچى ئايرىلىپ ماڭسا، جىنايەتچى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
2.دادا ئاپىنىڭ قىزلىرىدىن ئايرىلىپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھامان، قىزلارنى ئەدەپلەيدۇ ) ئۆگەي بولۇشى مۈمكىن(
3.ئاپىمۇ دادىنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئايرىلغىنىنى كۆرگەن ھامان ، ئوغۇللاردىن ئۆچ ئالىدۇ

دېمەك سىز مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالمىسڭىز ، دەريادىن ئامان - ئېسەن ئۆتكىلى بولمايدۇ.

قىنى ئەمىسە ۋەزىپىنى باشلاڭ، مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتەلىسىڭىز مېھمان قىلىمەن. يەنە بىر گەپ مېنىڭ رىكورتۇم 4 مېنۇت بولدى، سىزمۇ ۋاقىتقا قاراشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

http://www.poboke.com/wp-content/uploads/2013/12/river.swf

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 12:24:15

مەن بىر ئويۇن تەۋسىيە قىلاي، سىزگە بىر مۇنچە ئەسۋابلارنى بېرىدۇ. سىز بۇلاردىن پايدىلىنىپ ھەرىكەتلەندۈرىسىز.
كومپىيۇتېر ئويۇنى
خەنچە ئىسمى:疯狂机器
چوڭلۇقى: 35 مىگابايىت
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.wanyx.com/game/855.html#address
بۇ نەچچە بۆلۈملۈك ئويۇن، ئاۋال ماۋۇ كىچىك سىغىمدىكىنى ئويناپ بېقىڭ، ياقتۇرسىڭىز باشقا بۆلۈملىرىنىمۇ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 12:43:12

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 12:00 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر دانە ئىدراك سىناش ئويۇنى ئېلىپ كەلدىم. بۇنى ئ ...

مەن ئۈچ مېنۇتتا  ئۆتۈپ بولدۇم   .....   ئەمما مېھمان قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ  

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 20:00:23

شاھماتقا يەتمەيدۇ

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:06:06

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 12:00 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر دانە ئىدراك سىناش ئويۇنى ئېلىپ كەلدىم. بۇنى ئ ...

مەن سائەتكە قارىماي ئۆتۈپتىمەن، بىراق تۆت مىنۇتتىن تۈۋەن.... مىھمان قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،. ھى ھى ھى

رەسىمىنى ئەۋەتەي دېسەم رەسىم يوللاش ھوقۇقۇم يوقكەن...

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 14:22:26

ئۆتۈش ۋاقتىم ئىككى مىنۇت. قانداق مىھمان قىلىسىز  ؟!

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 16:17:35

2048 نىڭ ئەسلى نەشىرىنى ئويناپ بىر كۈندىلا 2048 چىقىرالىدىم. ئۇيغۇرچىسىدە ئازراق خاتالىق بارمۇ ياكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمامدۇ ئۇقىمىدىم.
بەت: [1]
: ئۇيۇن ئويناپ مېڭىڭىزنى چىنىقتۇرۇڭ