uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:19:31

ئالتۇن سودا تەھلىلى11 / 12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 16:24  

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1201.2   دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1204.48 دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1199.17   دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1201.07    دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى88.32   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1232.9  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

    بۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى  يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن ، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، بۇندىن بۇرۇن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 4 - پەسلىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار كۆرسەتكۈچ چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان .  بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر ئاۋسترالىيە ئېلان قىلىدىغان 11 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى چىقسا ئاۋسترالىيە دوللىرى بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .  ياۋروپا ۋاقتىدا ، گېرمانىيە CPI سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا 11 - ئايلىق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتى ۋە شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانىنى ئېلان قىلىدۇ ، سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامان بولىشى بىۋاستە دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇندىن باشقا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بولسا ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجىنىڭ نۇتۇق سۆزى .   ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ ، دوللار كۆرسەتكۈچكە پايدىسىز ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1232-1222   دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى .

2. چۈشلۈك ياۋرۇپا  بازىرىدا ئالتۇن باھاسى   1220-1217  دوللار ئەتىراپىغا چۈشسە ئۆرلەشكە  ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى   1230-1235   دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر 1217 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1208-1210 دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

.3 كەچلىك ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1240  دوللاردىن ئىشىپ كەتسە  قايتا 1235-1238 دوللار ئەتىراپىغا چۈشكەندە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1250-1255 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ئەگەر  1240 دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمىسە شۇ ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ  ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1225-1220   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1248 ، 1240
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1210  ، 1220

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1210-1245
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1220
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1240

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .




ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

        بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.25 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1230.99 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلىدا گىرامى 242.55 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛  ئاخشام خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن . بىراق چارشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچ ۋە پاي چېكى بازىرى چۈشۈش يۆلىنىشىنى كۆرسەتكەن شۇنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى ئاخىرىدا ئازراق ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر ئاۋسترالىيە ئېلان قىلىدىغان 11 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى چىقسا ئاۋسترالىيە دوللىرى بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .  ياۋروپا ۋاقتىدا ، گېرمانىيە CPI سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا 11 - ئايلىق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتى ۋە شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانىنى ئېلان قىلىدۇ ، سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامان بولىشى بىۋاستە دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇندىن باشقا ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجىنىڭ نۇتۇق سۆزى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ  .



خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كەلدى

    چارشەنبە كۈنى خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەن ، بۈگۈن ئاسىيا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى 1226 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن .
    ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەنبەسى ئاخبارات مەھكىمىسى EIA  ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك خام نېفىت زاپىسى 1454000 توڭ ئاشقان ، لېكىن بازار مۆلچەرى 2700000 تۇڭ كېمەيگەن . ئامېرىكا خام نېفىت ۋە بۇلۈنتې خام نېفىتى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
    خۈيفېڭ بانكىسى HSBC نىڭ تەھلىل مەسئۇلى James Steel سۆز قىلىپ :  خام نېفىت باھاسىنىڭ ئاجىز بولىشى ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن .  ياۋرونىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە پاي چېكى بازىرى چۈشۈش يۆلىنىشى ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن .
    دوللار كۆرسەتكۈچ 2009 - يىلى 3 - ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 89.55 دىن تۆۋەنلىگەن ، ئەڭ تۆۋەن 88.17 بولغان .
    ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئاجىزلىشىپ S&P500 كۆرسەتكۈچ چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ئەڭ تۆۋەن 2024.94 بولۇپ ، 30.48 نۇقتا تۆۋەنلىگەن ،چۈشۈش ئاساسى 1.48% بولغان .   
    Capital Economics  تەھلىلچى Caroline Bain نىڭ قارىشىچە : كېلەر يىلى ئالتۇن باھاسى يۇقىرى بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىشىمىزدىكى سەۋەب بولسا پاي چېكى بازىرى كەلگۈسىدە يۇقىرى ئۆرلەش ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقى ، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن بازىرىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى دەپ قارىغان .  



تۈنۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

        تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا 3 كۈن تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ، دوللار / يېن باھاسى تۆۋەنلەپ تۆۋەن نۇقتىسى 400 گە يېقىنلاشقان ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ياخشىلىنىپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ۋە دېلاجى نۇتقى قاتارلىق ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچى تەڭ تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ئازراق ئۆرلەپ ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلىگەن ؛ OPEC كېلەر يىلقى خام نېفىت ئېھتىياجى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەچكە ، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ؛




دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ دوللاردىن باشقا پۇللار يۇقىرى ئۆرلىدى

     دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا 3 كۈن تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە 88.13 ئەتىراپىدا بولدى ؛
     تۈنۈگۈن ياۋرو / دوللار پېرېۋوت باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1.2425 كە يېقىنلاشقان بولۇپ ، نۆۋەتتە بۆسۈش نۇقتىسى 1.2500 ئەتىراپىدا بولدى ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار پېرېۋوت باھاسىمۇ تۈنۈگۈن يۇقىرى ئۆرلەپ 1.5685 كە يېقىنلاشقان بولۇپ ، نۆۋەتتە بۆسۈش نۇقتىسى 1.5770 ئەتىراپىدا بولدى ؛ دوللار / يېن پېرېۋوت باھاسى تۈنۈگۈن تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە 117.00 ئەتىراپىدا بولدى ؛  


بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى

        جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1153 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6432 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2129 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78890 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6483 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.1223 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7994 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6818 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.3357 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56616 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 8.9091 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7372 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3653 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى11 / 12