چۈشۈمدىكى ئەرۋاھ
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
مومام رەھمەتلىكنى شۇنداق قىلىپ، يەرلىككە قويۇۋەتتۇق. مەن مومامغا بەكمۇ ئامراق ئىدىم، بۇ قېتىملىق ئايرىلىش ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. ئەمما، جان دېگەن تەنگە مېھمان كېلىدىكەن، قاچان ئەجەل يەتسە شۇ چاغدا كېتىپ قالىدىكەن.
23- ئىيۇل كۈنى كەچتە، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېيىت ئۇزاتقان چوڭ ئۆيدە يىغا-زارە بىلەن بولۇۋاتقاچقا، مېنى كىچىك دەپ قوشنا ناھىيىدىكى ھاممامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ قورقۇنچاقلىقىم، ئاسانلا ھوشۇمدىن كېتىدىغانلىقىم چوڭلارنى بەكمۇ ئېھتىياتچان قىلىپ قويغانىدى. بۇ ھاممامنىڭ ئۆيى يېزىدا، مەن نەۋرە ئاچام بىلەن ئايرىم ئۆيدە ياتتىم. كېچىدە تۈزۈك ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى. ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ يېتىپ، كۆزۈمنى يۇمغىنىمنى بىلىمەن. ئىشىك غىچ ئېچىلىپ، ئاپئاق كەڭرى كۆينەك كىيگەن، ئاپئاق ياغلىق سېلىۋالغان بىر سېمىزراق كەلگەن ئايال ئۇدۇل مېڭىپ، يېنىمغا كەلدى-دە، مېنى تارتىشقا باشلىدى. مەن خىيالىمدا ئۇ ئايالنى مېنىڭ شۇ كۈنى ۋاپات بولغان مومام رەھمەتلىك دەپلا ئويلايتتىم. ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىۋېلىپ قاچتىم، ۋارقىرىساممۇ نەۋرە ئاچام ئاڭلىمايتتى، يۈگرەپ قەيەرگىلا بارسام تامغا ئۈسسۈۋالىمەن. ئۇ ئايال مېنىڭ كەينىمدىن قولىنى سوزغىنىچە كېلىۋاتىدۇ. مىڭ تەسلىكتە ئويغىنىۋالدىم. بۇ چۈشۈممۇ ياكى خىيالىممۇ پەقەت بىلمىدىم. تەرلەپ ئۇسساپ كەتكەن بولساممۇ، قورقۇنچتا كۆزۈمنىمۇ مىدىرىتالماي، ئۆزۈمنى تىڭشاپ يېتىپ شۇ پېتى ئۇخلىيالمىدىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ كۈندە كېچىسى بۇ ئايال چۈشۈمدە ياكى خىيالىمدا ماڭا كۆرۈنۈپ تۇردى. ئۇ چاغلاردىغۇ مەن ئانامغا تېلېفون قىلىپ:
- ئانا، ھاممامنىڭ ئۆيىدە جىن باركەن، مەن بۇ يەردە ياتمايمەن!
مۇشۇنداق غەلۋە قىلىشىم بىلەن ئۆيدىكىلەر مېنى ئىككى كۈندىلا ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنىدى. ئەمما، بۇ ئىش ئۇنىڭلىق بىلەن يوقىمىدى. كۈندە كەچتە ماڭا ئۇيقۇ يوق، ئۇخلىساملا شۇ ئايال كۆرۈنەتتى.
بىر كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن پەقەت كۆزۈمنى ئاچالماي قالغاندا، خىيالىي ئۇخلاپ قاپتىمەن. دادام تەرەپ چوڭ قورودا ھاجەتخانا دەرۋازا تۈۋىدە، قاراڭغۇلا بىر بۇلۇڭدا ئىدى. مەن چۈشۈمدە، شۇ دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتسام، ھاجەتخانىدىن ھېلىقى ئاپئاق ياغلىق سېلىۋالغان ئايال شۇنداق تېزلىكتە چىقتى-دە، مېنى تارتىپ ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇندى. بىردەملىك تىركىشىش بىلەنلا يەنە قارا تەرگە چۆمۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇيقۇسىز چارچاش يەنە داۋاملىشارمۇ؟ بۇ بىر چوڭ غەم ئىدى!
ئانامغا مەن چۈشۈمنى بايان قىلىپ:
- ئانا، مەن كۈندە مومامنى چۈشەپ قېلىۋاتىمەن، مۇشۇنداق ھاجەتخانىلارغا تارتىپ ئەكىرىمەن دەپ سۆرەيدۇ. بەك قورقىۋاتىمەن.–دېسەم، ئانام ئانچە ئېرەن قىلمىدى بولغاي، مۇنداق جاۋاب بېرىپلا قۇتۇلدى:
- سەن ئادەتتە رەسىم سىزىپ، تاملارغا چاپلاپ، قونچاقلىرىڭنى قۇچاقلاپ ياتقاچقا شۇڭا قارا باسقان گەپ، تېگىشلىك ئىبادەتنى جايىدا قىلساڭ ئارتۇقچە خىياللارنى قىلمىساڭمۇ بولىدۇ ......
بارغانسېرى كۈندۈزىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، ئاپئاق كىيىملەرگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېلىپ، ئاق ياغلىق چىگكەنلەرنى كۆرسەملا تۇيۇقسىز ھوشۇمدىن كېتەتتىم. سىنىپتىمۇ ئەڭ ئاخىرقى پارتىدا ئولتۇرسام، كەينىمدىكى ھېچكىم ئولتۇرمىغان ئورۇندا شۇ ئايال ئولتۇرغاندەك كۆرۈنۈپ قالسىلا، يۈرىكىم زىيادە سوقۇپ كېتەتتى.
بۇ چۈش كۈندىلا تەكرارلاندى، ئەمما ۋەقەلىك ئۆزگىرەيتتى. مەن ئادەتتە كۈندۈزى قەيەردىن قورقسام، كېچىسى چۈشۈمدە شۇ يەردىن پەيدا بولۇپ، مېنى تارتىپ شۇ يەرگە ئەكىرىمەن دەيتتى.
بىر كۈنى يەنە ئۇخلاپ قالغاندەك قىلغانىدىم، مەن چۈشۈمدە شۇ كېچىدە ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقىپتىمەن، ئەمدىلا بوسۇغىدىن ئاتلىشىمغا، قورويىمىزدىكى بىردىنبىر تۈپ يالغۇز قارىياغاچ دەرىخىدىن سەكرەپلا شۇ ئايال چۈشتى، ئۇ مېنى يەنە تارتىپ، شۇ دەرەخنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. يېنىغا كېلەي دېگەندە چۆچۈپ ئويغاندىم. مەن ئادەتتە شۇ دەرەختىن قورقۇپ، ئون نەچچە ياشقا كىرگۈچە دەرەخ سايىسىدا ئويناپمۇ باقمىغان.
بىزنىڭ قورودا ئېغىل قىلغان بىر ئۆي بار ئىدى، لېكىن قانداقلا قىلساق مال ئاينىماي، ھەممىسى بىر كېچىدىلا بوغۇلۇپ ئۆلۈپ قالاتتى، كالا ياكى ئاتلارنى باغلاپ قويساق، كېچىچە تۈڭگۈرلەپ جىم ياتمايتتى، ئەتىسى چارچاپ، تەرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتۇق، گاھىدا ئاتنىڭ يايلىسىنىڭ ئۆرۈپ قويۇلغانلىقىنى كۆرەتتۇق. ھەتتا توخۇ باقساقمۇ توخۇلار چاشقان دورىسى يەۋالغاندەك، بىر كېچىدىلا ھەممىسى ئۆلۈپ قالاتتى. چوڭلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قىزىل لاتا چىگىلگەن پىچاققا ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ، ئېغىل تېمىغا سانجىپ قوياتتى. مەن ئۇ ئېغىل تەرەپكە مۇمكىن ئەمەس ئۆتەلمەيتتىم. كېيىن، قەتئىي مال باقماس بولۇپ قالدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېغىل قىلغان ئۆينى ئازراق تۈزەپلا، كۆمۈرخانا قىلىۋالدۇق. قاپقاراڭغۇدا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنگەنلىكتىن، كۆمۈر ئالغىلىمۇ چىقمايتتىم، سوغۇقتا توڭلاپ ئولتۇرساممۇ، كۆمۈر ئالغىلى مۇمكىن ئەمەس چىقمايتتىم.
بىر كۈنى كېچىسى چۈشۈمدە، مەن ئىنىم بىلەن ئۆيدە ئىكەنمەن، ئاق كىيىم ئاق ياغلىقلىق ئايال شۇ كۆمۈرخانا ئىشىكى يېنىدا تۇرۇپ، مېنى بۇياققا كەل دېگەندەك قىلىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارە قىلىۋېتىپتەك، داۋاملىق يېنىمغا كېلىپلا مېنى تارتىپ ماڭىدىغان ئايال، ئەجەب يىراقتىن كېلەلمەي، مېنى چاقىرىۋاتىدا؟ ئازراق قورقۇنچتىن كېيىنلا ئويغاندىم.
كىچىك ھاممامنىڭ ئاشخانا ئۆيىنىڭ كەينىدە قوشنىلارنىڭ كەپتەرخانىسى بار، داۋاملىق تاماق قىلىۋاتقاندا، كەپتەرلەر تاراقشىپ كەتسە، يۈرەكلىرىم سېلىپ كېتەتتى. بىر كۈنى چۈشۈمدە، مەن ئانام بىلەن شۇ كىچىك ھاممامنىڭ ئۆيىگە كېلىپتىمىز. ئەمدى بىر نەرسە ئالاي دەپ، شۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىشىمگە، ھېلىقى ئايال سەكرەپلا كەپتەرخانىدىن چۈشۈپ، مېنى تارتىشقا باشلىدى. مەن ۋارقىراپ قېچىپتىمەن، كىچىك ھاممام، كېلىپ ئۇ ئايالنى ئۇرۇپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، مەن خىيالىمدا بۇ ئايالنى ئۆزۈمنىڭ مومىسى يەنى، شۇ ئانامنىڭ كىچىك ھاممامنىڭ ئۆز ئانىسى رەھمەتلىك مومام دەپ ئويلاپتىمەن. ۋوي، بۇ ئايال مومامنىڭ روھى تۇرسا، نېمىشقا قىزى تۇرۇپ كىچىك ھاممام ئۆز ئانىسىنى ئۇرىدۇ؟ شۇ خىيال بىلەن قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
شۇ دەل مومام رەھمەتلىكنىڭ مېيىتىنى قويغان ئۆي، مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغان جايىم ھېسابلىنىدۇ. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى چۈشۈمگە كىرگەن مومامنىڭ روھى مەندىكى ۋەھىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەندەك قىلاتتى. يەنە بىر كۈنى چۈشۈمدە، مەن ئارىلىق ئۆيدە يېڭى تۇغۇلغان نەۋرە ئىنىمنى بۆشۈكىدە تەۋىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن، دەل شۇ ياندىكى ئۆي (مومامنىڭ مېيىتىنى قويغان ئۆي) نىڭ ئىشىكى يېپىق ھالەتتە بولۇپ، ئىشىكنىڭ دېرىزىسىدىن ئاق ياغلىق سېلىۋالغان ئايال ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتتى. ئۇ يەنە ئىشىكنى ئېچىپلا يېنىمغا كېلەلمىگەنىدى. بۇ چاغدا چۈشۈمدىكى خىيالىمدا شۇنداق ئويلاپتىمەن، يېنىمدا مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن، ئوغۇل بالا بولسىلا بۇ مومامنىڭ روھى يېنىمغا كېلەلمەيدىكەن، ئايال كىشى بولسىلا ياكى مەن يالغۇز بولساملا مېنى تارتىپ ماڭىدىكەن.
مۇشۇ چۈشلەرنىڭ دەردىدە، كېچىلەپ چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ، توختىماي كەلىمە ئوقۇپ ياتىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەتتا چۈشۈمدە شۇ ئايالنى كۆرسەملا كەلىمە ئوقۇيدىغان ھالەتكە يەتتىم. بەزىدە كەلىمىنى ئوقۇغان پېتى ئويغىنىپ كېتەتتىم.
مۇشۇ چۈشنى ئۇدا ئۈچ يىلغا يېقىن كۆردۈم. كۈندە شۇ چۈش، ئەمما ۋەقەلىك ئوخشىمايدۇ. چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدىن بارغانسېرى ياداپ كەتتىم، قاراڭغۇلۇقتىن قورقىدىغان، ئاق كىيىملىك ياكى ئاق ياغلىق ئارتىغان ئاياللارنى كۆرسەملا يۈرىكىم سېلىپ، ھەتتا ھوشۇمدىن كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغان بولسىمۇ، كاللامدا شۇ ئايال، چۈنكى، ئۇ ئايال ئۈچ يىل بۇرۇن چۈشۈمگە يېڭى كىرگەندە دەل مومامغا ئوخشاش سېمىزرەك ئىدى، ئەمما، ئۈچ يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا، مەن بىلەن تەڭ ياداپ كېتىۋاتاتتى. ھازىر ئۇ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغاچقا، قولۇمدىن تارتقان چاغلىرىدا، بۇرۇنقىدەك يوغان قول ئەمەس، بەلكى قاتتىق قوپال ھەم مۇزدەك بىر قول كېلىپ مېنى تارتاتتى. قورقۇنچ دەستىدىن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر كېسەل تارتقان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم.يېگەن تامىقىم يا چىرايىمغا چىقماي تاماقلارغىمۇ ئانچە ئىشتىھايىم يوق غەلىتىلا بولۇپ قالغانىدىم.
ئانام بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، سەل ئەنسىرىدى. ھېلىمۇ ئەنسىرىمىدى، ئالدىرىمىدى. ئانام خۇراپاتلىق دەپ قەتئىي ئىشەنمەيدىغان بولغاچقىمۇ، ئۇنداق چۈش كۆردۈم دېسەملا:
- پەسىل ئالماشقاندا، ھەممە ئادەمنى قارا باسىدۇ، سەن ئۆزۈڭ قورقۇنچاق، ھەم قېنىڭ ئاز، شۇڭا شۇنداق چۈشۈڭ بۇلغىشىدۇ!- دەپلا گەپنى ئۈزىۋېتەتتى. بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى، چۈنكى بىر يىلنىڭياقى مەن تولا ھوشۇمدىن كېتىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. ھاممام مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ، بىر ئايالنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقايلى، ئادەم كۆرۈشكە بەك ئۇستا دەپ ئاڭلىدىم، دەپلا مېنى ئېلىپ ماڭدى.
- ۋاي توۋا، ھېلىمۇ چىداپتۇ بۇ قىز، ئالتە يىل بوپتۇ ئۇ ئايال بۇ قىزنىڭ كەينىگە كىرىۋالغىلى، ئۇ ئايال يەككە يىگانە مۇساپىر ئايالكەن، ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدىغان ھېچبىر ئادىمى يوقكەن، شۇڭا بۇ قىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىدىن دۇئا تەلەپ قىلىپ كەينىگە كىرىۋاپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپمۇ كەتكەندەك بولمىدىم، چۈنكى قورقۇش مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى. ئەمما مەن ئۈچ يىل بولدى چۈشۈمدە كۆرۈۋاتقىلى، ئۇندىن بۇرۇن ھەم كۆرۈپ باققىنىم ئېسىمدە يوق. دەل شۇ مومامنىڭ ۋاپاتى بىلەن تەڭ چۈشۈمگە كىرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەن تېخى مومام ئوخشايدۇ دەپ، مومامنىڭ روھىغىلا دۇئا قىلىپتىمەن. يەككە يىگانە مۇساپىر روھلارغا دۇئا قىلماپتىمەن.
ئۇ ئادەم كۆرىدىغان ئايال:
- مەن دەپ قويدۇم، ئەمدى چۈشىڭىزگە كىرمەيدۇ.- دېگەنىدى، يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى، چۈنكى شۇنچە ۋاقىتتىن چۈشۈمدە كۆرۈپ قورقساممۇ، كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. ئەمما، ئازادىلىككە چىقسام ئەلۋەتتە خۇشال بولىمەندە. دېگەنكىدەك، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئايال چۈشۈمگە كىرمىدى. مەن چۈشمۇ كۆرمەي ئۇخلاپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ بارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىم نورماللاشتى. مەن ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدىم، ئەمما بىر ۋەھىمىلىك كېچىنى، قورقۇنچلۇق چۈشۈمنى، ئاق ياغلىقلىق ئايالنى يوقاتتىم.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە كىچىك ھاممامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قونۇپ قالغانىدىم. بۇرۇندىن ئۆزۈم قورقۇنچاق بولغانلىقىمدىنمۇ، ئىشقىلىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىپ تاقىۋالمىسام، دېرىزىنى ھەم تاقىۋەتمىسەم ئۇخلىيالمايمەن. خۇددى، ئىشىك دېرىزىدىن بىرەيلەن ماراپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. شۇ كۈنىمۇ ئىشىكنى ئىككى ئىلىۋېتىپ، دېرىزىنى تاقاپ، پەردىنى چۈشۈرۈپ ياتتىم. ئۇخلاۋېتىپ چۈشۈمدە، شۇ ياتقان يېرىمدىلا كۆزۈمنى ئېچىپ پېشانەمدىن بىر غېرىچ ئۈستىدە تۇرغان ئەينەككە قاراپتىمەن،«ھە راست، كېچىسى ئەينەككە قارىسا بولمايتتى!» دەپ ئويلاپ تۇرسام، ئەينەك ئىچىدىكى مەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئەمما مەن جىمجىت ياتقانىدىم. بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىپ، تېزلىكتە چۆچۈپ ئويغىنىۋالدىم. چۈنكى، شۇنچە يىلدىن چۈشنى تولا كۆرۈپ، چۈشۈمدە ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنى ھەم ئۆگىنىۋالغانىدىم. كۆزۈمنى ئېچىپلا ياستۇقۇم ئاستىدىكى يانفونۇمنى ياندۇردۇم. سائەت 3:45 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. بىردەم ئەسلىمگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، يانفونمۇ ئۆچۈپ قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، «تاك، تاك، تاك، تاك تاك تاك....» قىلغان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز خۇددى شۇنداق تۆۋەن بىر جايدىن يۇقىرىغا ئۆرلەپ چىقىپ ماڭا يېقىنلاشقاندەك بىلىندى. مەن ئېنىقلا تېخى ئۇخلىمىغان، چۈنكى ئەمدىلا يانفونۇمنىڭ ئېكران چىرىقى ئۆچكەن، يانفون تېخىچىلا قولۇمدا، ئۇخلاش ئۈچۈن كۆزۈمنى يۇمۇش ئالدىدا ئىدىم. تۇيۇقسىز ئىشىك جاققىدە ئېچىلدى، بىر ئىككى ياشلىق قىزلار بويىدىكى ئاپئاق كۆينەكلىك ئاق ياغلىق ئارتىغان قىز شۇنداق تېزلىكتە يۈگرۈپ ياستۇقۇمنىڭ يېنىغا كەلدى. مەن قولۇمدىكى يانفوننى ياندۇردۇم، ئۇ قىزچاق يوقاپ كەتتى. دەل شۇ ياستۇقۇمنىڭ يېنىدا يوقاپ كەتتى. قارىسام، ئىشىك يوغانلا ئوچۇق بولۇپ ، تەۋرىنىپ تۇراتتى. يانفونۇمغا قارىسام 3:48 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. شۇ قورققىنىمدا قوپۇپ چىراغنى ياندۇرۇپ قويدۇم. تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقتىم.
ئەمدى بۇ قىز كىم بولغىيدى؟ چاچلىرىم ئەسلىمۇ تىك تۇراتتى، بۇنى ئۇقۇپ تېخىمۇ تىكەنلىشىپ كەتتى.
راست ئىشلار خاتىرسىمۇ ياكى تۇقۇلمىمۇ؟ ۋاھ! ماۋۇ ئالامەت ھېكايىكەن...تازا بولىدىغان يېرىدە تۈگەپ قالدىغۇ؟ دەسلىپىدە مەلەك خانقىز نېمانداق تاققا - پۇتقا، تولا سەكرەتمىلىك يازغاندۇ بۇنى دەپ ئويلاپ ئوقۇپ ئىچكىرلەپتىمەن.
ئىچكىرلىگەنسىرى خۇددى ئۆزۈممۇ شۇ ئىشلارنى بىرگە باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر خىل سوغۇق تىترەك باستى.
قورقۇنۇچلۇق ھېكايىكەندە بۇ؟! راسىت ئىش ئەمەستۇ دېمەكچىدىم. لېكىن بۇنداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگىنىم ئۈچۈن بۇنى يالغانغا چىقارغۇم كەلمىدى.... سىزنىڭ نىمىشقا مومىڭىز چۇشىڭىزگە كىرسە قورقۇپ كىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم ،
ئەملىيەتتە رەھمەتلىك موماننى چۇشىگەندە شۇنچىلىك خوش بولاتتىم .چۇنكى مىنى بىقىپ چوڭ قىلغان چوڭ
بولۇپ مەن بىقىپ مىھىر مۇھەببەت بىرەي دىگەندە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ھازىرغىچە ئۆكۇنىمەن.
ھەر قىتىم مومامنى چۇشىگەندە باغرىغا ئۆزۇمنى چىڭ بىسۋالاتتىم.
ئەملىيەتتە جاھاندا راسلا جىن ئالۋاستى روھلار بار بولسىمۇ ئەمما ئادەملەرگە بىۋاستە كۆرۇنۇپ پەيدا بولمايدۇ ھەم چىپىشىېالمايدۇ.
ئۇ پەقەت ئادەم كۆرەلمىگەن نەرسىنى تولا ئويلاپ ئۆزىدە قورقۇنۇش پىسخىكىسى پەيدا قىلۋەلغانلىقى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyankar731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 07:38
attir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 05:58 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ نىمىشقا مومىڭىز چۇشىڭىزگە كىرسە قورقۇپ كىتىدىغ ...
سزنىڭ چۈشىڭىزدىمۇ مومىڭىز قولىڭىزدىن تارتىپ ھاجەتخانىغا سۆرىسە قورقىسىز ،ئەلۋەتتە! چۈشۈمدە ئىت قاۋاپلا ئويغىنىپ كىتەتتىم . ھازىرمۇ ئىتتىن قورقىمەن
مىنىڭ كەچۈرمىشلىرىمگە ئوخشاپ قالىدىكەن ، بۇنداق چۈش كۆپىنچە ئۈگدەپ ئويغاق ھالەتتىن ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۈتۈش باسقۇچىدا كۈرۈلىدۇ ، كىشى ئۇخلىدىممىكىن دىسە ئويغاقتەك ، ئويغاقمەنمىكىن دىسە ئۇخلىغاندەك بولغاچقا گاڭگىراپ قالىدۇ . بىراق بىرەر يېرىنى مىدىرلىتىپلىۋالسا ئويغۇنۇپ كىتەلەيدۇ . نېمىشقىكىن مەنمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سائەت 3:45 لەر ئەتراپىدا بولغاندا ئۆزلىكىمدىن ئويغىنىپ كېتىمەن. isyankar731 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 07:33 static/image/common/back.gif
سزنىڭ چۈشىڭىزدىمۇ مومىڭىز قولىڭىزدىن تارتىپ ھاجەتخا ...
مومىڭىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورۇنغا قارايدۇ،
ئەگەر سىز ئىزچىل ياتسىراش ھىسسىياتىدا بولسىڭىز چۇشىڭىزدە شۇنداق قورقۇش يۇز بىرىدۇ. ۋەقەلىكنى ياخشى تاللاپسىز. ھېكايىڭىز ھەجمىنىڭ كىچىك ۋە قوشۇمچە تەسۋىرلەرنىڭ ئاز بولىشى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلىپتۇ. كەلىمە ئوقۇيمەن دېگەننى چۈشىنەلمىدىم. Tuwatur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 08:28:00 static/image/common/back.gif
كەلىمە ئوقۇيمەن دېگەننى چۈشىنەلمىدىم.
听 Tuwatur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 08:28:00 static/image/common/back.gif
كەلىمە ئوقۇيمەن دېگەننى چۈشىنەلمىدىم.
سۈرە ئايەت شاھادەت ئۇقۇش دىگەن گەپ attir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:40:24 static/image/common/back.gif
مومىڭىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورۇنغا قارايدۇ،
ئەگەر سىز ئ
قارا بېسىش دىگەن قارا بېسىش ئامراق ئادىمىدىن قوقمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ MASTANA907 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 16:20 static/image/common/back.gif
قارا بېسىش دىگەن قارا بېسىش ئامراق ئادىمىدىن قوقماي ...
مەن
قورۇقمايمەن attir يوللىغان ۋاقتى 2015-01-09 01:42:39 static/image/common/back.gif
مەن
قورۇقمايمەن
arwah kalsa alwasti kalsiqa:P
بەت:
[1]