dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:01:57

سائەت ھەققىدە ھېكايە

سائەت ھەققىدە ھېكايە

بىر ئادەم ھايات سەپىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە پۈتۈنلەي ئەرزىمەس ئىشلارنى قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈستىدە بىردىنلا ئويلىنىپ قالدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ۋاقىتلارنى بىكار ئۆتكۈزۋەتكەنلىكىدىن ئخىتىيارسىز ئۆكۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالغان ئۆمرىدە ئەڭ قىممىتى بار بىر ئىش قىلىشقا قەسەم ئىچتى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ قىممىتى بار ئىشنى توختىماي ئىزدىدى، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ تاپالمىدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ كۈنلىرى ھىچقانداق ئىش قىلماي ئۆتۈپ كەتتى-ئەرزىمەس ئىشلارنى قىلمىدى، ئەڭ قىممىتى بار ئىشلارنى تاپالمىدى.
ئاخىر بىر كۈنى، ئۇ ئۆزى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئويلاندى. ئۇ مۇشۇنداق ھىچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرۈۋېرىشنى خالمىغانىدى؛ ئادەم ھايات ئىكەن بىرەر ئىش قىلىشى كېرەققۇ، ئەڭ قىممىتى بار ئىشنى تاپالمىغان بولسا، ئەرزىمەس ئىشلارنى بولسىمۇ قىلىپ قىلىپ تۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھازىر بىر خىل خاتىرجەم كەيپىياتتا، قارىماققا ئاددىي، ئەرزىمەس كۆرۈندىغان ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ.
ئىلگىرى بىر مەزگىللەردە مەن ھىچ ئىش خۇشياقماي بىكار يۈرۈپ كەتكەنىدىم، خېلى ئەھمىيەتلىك كۆرۈنىدىغان ئىشلارمۇ مىنىڭ زوقۇمنى تارتالمايتتى. مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم، بالىلىق ۋاقتىمدىكى غايىلىرىمدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ قىسىشى ۋە زىممەمدىكى ئېغىر يۈك ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىۋاتاتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم.
ياخشى يېرى، دەل شۇ كۈنلەردە بىر ھېكايە ماڭا ئىلھام بەردى.
يېڭى قۇراشتۇرۇلغان بىر كىچىك سائەت كونا ئىككى سائەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قۇيۇلدى. كونا ئىككى سائەت «چىك،چىك،چىك»قىلىپ، مىنۇت-سېكۇنتلاپ توختىماي ماڭاتتى.
كونا سائەتلەردىن بىرى كىچىك سائەتكە:
-قېنى، سەنمۇ خىزمىتىڭنى باشلىغىن، لېكىن سىنىڭ 32مىليون قېتىم چىكىلداشقا بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكىڭدىن ئەنسىراپ تۇرىمەن،-دېدى.
-ۋاي خۇدايىم! 32مىليون قېتىم دەمسەن!-كىچىك سائەت چۆچۈپ كەتتى،-مىنىڭ ۋەزىپەم شۇنچىلىك ئېغىرمۇ؟ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەكمەن.
-ئۇنىڭ جۆيلۈشلىرىگە قۇلاق سالما،-دېدى كونا سائەتلەرنىڭ يەنە بىرى،-سەن ھەر سېكۇنتتا بىر قېتىم «چىك»قىلىپ قويساڭلا ئىش پۈتىدۇ.
-جاھاندا نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن،-دېدى كىچىكى تازا ئىشەنمەي،-ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، قېنى مەن سىناپ باقاي.
كىچىك سائەت زورقمايلا ھەر سېكۇنتتا بىر قېتىم «چىك» قىلىپ قۇيۇپ يۈرۈۋەردى، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، دەرۋەقە، ئۇ 32مىليون قېتىم چىكىلداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى.
مەن ھەر قېتىم بۇ ھېكايىنى ئەسلىگىنىمدە، تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خوشاللىق يۈرىكىمنى ئاستا-ئاستا سىپاپ ئۆتىدۇ. ماڭا مەلۇم، ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاددىي مەسئۇلىيىتىنى ساددىلىق ۋە تەبىئىيلىك ئىچىدە ئورۇنلاشتىنمۇ ئارتۇق گۈزەللىك بولمىسا كېرەك. دالىدىكى ئوت-چۆپلەردىن ئاسماندىكى ئاي-يۇلتۇزلارغىچە قارايدىغان بولساق، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلارغا خىلمۇخىل رەڭ، ئاجايىپ گۈزەلىك ئاتا قىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ شەيئىلەر ھەرۋاقىت ئۆز سېستىمىسى بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
چۆپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئۆزىنىڭ يىراققا سوزۇلغان يىلتىزلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇ قانداقتۇر بىراقلا كاتتا ئۈسۈملۈككە ئايلىنىشقا ئورۇنسىز ئورۇنمايدۇ، ئۇنىڭ شاراپىتى بىلەن زېمىن مەخمەلدەك گۈزەل رەت-رېتى بىلەن، بىر-بىرىگە قاملىشىپ مېڭىشمۇ قانداقتۇر ئۇلۇغ تۆھپە-نەتىجىلەر ۋە يوغان گەپ قىلىشلاردىن بولغان ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئاددىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ھەركۈنى توختىماي ئورۇنلاپ تۇرغانلىقىدىن بولغان.
ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

bigham123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:13:09

ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:44:01

مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەر ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قۇلىدىن چىقىپ باقسىچۇ؟ مەن تىخى دۇنيا قېرىندىشىمىز يازغان ئەسەرمىكىن دەپ قاپتىمەن.

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:11:27

بۇ پارچىنى ئوقۇپ،يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ«ئوربىتا»ناملىق ھېكايىسىدىكى مۇنۇ مىسرالار خىيالىمدىن كەچتى:«ئۇلار كەچ بولىشى بىلەنلا،ھاراق ئىچىپ،مەس بولۇشىدۇ،مىللەتنىڭ،جەمىيەتنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ.دۇنيانى قايتىدىن قۇرماقچى بولىشىدۇ.ئاھ ئۇرۇپ،يىغلىشىدۇ.بىراق،ئەتىسى مەسلىكىدىن يېشىلغان ھامان،ئۇلار ھەممىنى ئۇنتىشىدۇ.ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىشىدۇ.ئەتىسى كەچ يەنە ھاراق ئىچىشىدۇ....
شۇنداق قىلىپ ئۇلار دۇنيادىن ھېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.مەن ئۇلارغا قارىغاندا،ئۆزىنىڭ تىنىمسىز ئەمگىكى بىلەن ئائىلىسىنى قامدايدىغان باققال يىگىتلەرنى،ۋات-ۋات ئاياللارنى بەكرەك ھۆرمەتلەيمەن.»
(كۆچۈرۈلمە ئەمەس،ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يېزىلدى.چالا-بۇلا بولۇپ قالغان بولسا رەنجىمەڭلار:lol)

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:12:30

ئىنسان ئاددى ياشىسىمۇ قىممەت يارىتىپ ياشىشى كىرەك، ئالەم ئايرىپىلانىغا ھەۋەس قىلىپ يۇرۇپ ئۆيىدىكى سۇ جۇمىكى قىشتا توڭلاپ قالسا بۇ بەك ئەخمەقلىق.
بەت: [1]
: سائەت ھەققىدە ھېكايە