NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 10:19:45

11-ئۆكتەبىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

11-ئۆكتەبىر ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن يەنە ئازراق ئۆسۈپ 1230 دوللار ئەتراپىغا كەلدى. ھازىر ئالتۇن 1229 دا. تۈنۆگۈن كەچتە خەلقارا نىفىت باھاسىمۇ ئۆستى، ئالتۇن 1230.75 ئەتراپىدا بىسىمغا ئۇچىردى. لېكىن چارشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ۋە ئامرىكا پايچىكى يەنىلا چۈشۈش يۈنىلىشىدە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئازراق ئۆسۈشكە ئېرىشتى.
بۈگۈن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى ئىككىنچى قېتىملىق نوقتىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك قايتا مەبلەق سېلىشنى يولغا قۇيىدۇ. دېلاج ئالدىنقى ھەپتىدە ئېنىق ئىپادە بۈلدۈرۈپ بۇ قېتىمقى پىلاننى يۈرگۈزۈشنى ساقلاپ قايتىدىن چوڭ كۈلەمدە سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقنى قارار قىلىدىغانلىقىنى دىدى. ياۋرۇ رايۇنىنىڭ ئۇچۇرىدىن باشقا يەنە مەبلەق سالغۇچىلار ئامرىكىنىڭ 11-ئايلىق پارچە سېتىش ئايلىق نىسپىتى ۋە ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى قاتارلىق ئىككى مۇھىم ئۇچۇرغا دىققەت قىلىڭ، ئۇچۇرنىڭ ياخشى يامان چىقىشى ئالتۇننىڭ يۈنىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  

تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە بىز مال ئالىدىغان يەرگە كەلمىدى، ئالدىنقى كۈنى بازار چوڭ بولغاچقا تەھلىلنى چوڭراق قىلىپ يازغان ئىدىم.
بۈگۈنكى تەھلىل
1220ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1215، نىشان 1225~1235
1250ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1255،نىشان1245~1240
1210ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1205، نىشان 1215~1225
1270ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1275،نىشان1265~1260
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  243   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.40  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:13:23

بىزمۇ خەلقئارا بازارنى چۈشىنىپ قويساق يامان بولمايدۇ، ھەم چوقۇم چۈشىنىشىمىز شەرىت.
بۇ ئىشتا سىزگە ئوخشاش ئىجتىھاتلىق كىشىلەرگە مۇھتاج بولىمىز.   رەھمەت سىزگە!
بەت: [1]
: 11-ئۆكتەبىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى