بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان
ساداقەتجان ھاجىكۈل بولار كۆيۈپ ئاخىر كۆمۈر دىگەن.
چىرىيدۇ دات بېسىپ ھەم تۆمۈر دىگەن.
تۈگەيدۇ ياشاپ بولسا ئۆمۈر دىگەن.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
گۈزەللىك باقى ئەمەس گۈلگە دىگەن.
ھەمىشە ياراشمايدۇ كۈلكە دىگەن.
ئىلىنار تۇمشۇقىدىن تۈلكە دىگەن.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
يول دىگەن كەڭمۇ بولار، تارمۇ بولار،
بەزىدە يوقمۇ بولار، بارمۇ بولار،
ئالدىڭدا گۈلمۇ بولار، دارمۇ بولار.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
شامالدەك ئۇچۇپ تۇرار ئاتاق دىگەن،
ساڭىمۇ كېلىپ قالار تاۋاق دىگەن،
ئىزدىسەڭ تېپىلىدۇ ساۋاق دىگەن.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
ھەر كويغا كۆڭۈل سېنى باشلاپ تۇرار،
ئاپىرىپ چۆلگە ھەتتا تاشلاپ تۇرار،
ئۈمىدۋار كۆزلىرىڭنى ياشلاپ تۇرار.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
ئانچىلا يىراق ئەمەس ئاسمان دىگەن،
ياخشىدۇر ئالغا قەدەم باسقان دىگەن،
قاناتسىز بولۇۋەرمەس ئارمان دىگەن.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
مەڭگۈلۈك ئەمەس ھەرگىز تۆرە بولۇش،
ئۆمىلەپ مېڭىش ياكى ئۆرە بولۇش.
خۇيۇڭدىن قوي بولۇش يا بۆرە بولۇش.
بۇ جاھان ئۇزۇن-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
بۈگۈنگە ئوخشىمايدۇ ئەتە دىگەن.
يۆتكىلىپ تۇرار سازدا پەدە دىگەن.
ئالدىڭدا پەيدا بولار... نەدە دىگەن.
بۇ جاھان- ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
يامانلار ياخشىلارنى قەستلەپ تۇرار.
قىممەت ئۇ، ئۆرلەپ تۇرار، پەسلەپ تۇرار.
ئەۋلاتلار ياخشىلارنى ئەسلەپ تۇرار.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
ھەر ۋاقىت نىسىپ بولماس نەپمۇ ماڭا،
ئېيتساملا شېئىر بولماس گەپمۇ ماڭا،
جاي بېرەر ئەل قاتارى سەپمۇ ماڭا.
بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1992- يىل 8- ئاي. قەشقەر
(«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1993- يىللىق 4- سانى)
ياخشى شىئېركەن.
بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان
ئەمما ھايات چەكلىك جاھان
خار قىلساڭ گەر نېمىنى
قايتۇرىسەن ئۆتنە جاھان
بەت:
[1]