sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 22:28:05

(سىرداش تېۋىپ )ئۇيغۇر تېبابەت قۇۋۋەت دۇرىلىرىنى يەيدىغانلار سەمىگە

                                                                           
     

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش  مۇنبىرىدىكى بارلىق ئۇقۇرمەنلەر  ۋە تورداشلار! سىزلەرگە  كەمىنە سىرداش تېۋىپتىن ئالىي ئېھتىرام!
     مەن تۆۋەندە ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىلىرىنى سېتىۋالغاندا مەنبەسىنى ھەقىقىي سۈرۈشتە قىلىپ سېتىۋېلىش توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى سىزلەرگە ئېيتىپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم، بۇ سۆزلىرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ كۈرۈشىنى ۋە پىكىر قاتناشتۇرىشىنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ئىزدىنىپ كىلىپ ئاندىن قارشى پىكىرلىرى بولسا ئوتتۇرغا قۇيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
      يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قۇيۇشۇمنى زۆرۆر دەپ ئويلىدىم ئۇ بولسىمۇ  بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىسى يەنى ئۆزىمىزنىڭ دۇرىسى ! باشقا تېبابەتنىڭ دۇرىلىرىنى دىمىسەممۇ بۇ دۇرىلارنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا بولغان تەسىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى  كۆپچىلىككە ئايان بولغاچقا بۇ توغرىسىدا توختالمىساممۇ بۇلىشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم .
     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، يەنە بىر قىسىم دۇرىلارنىڭ ياساش شەكلى ۋە دۇرا ماتىرياللىرىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ بىر قىسىم دۇرىلارنى يىگەن كىشىنى  بۇ  راسلا ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىسىمىدۇ ؟-دىگەن گۇمانغا كەلتۈرۈپ قۇيىدىغان  ئەھۋاللار كۈرۈلىشكە باشلىدى ، بۇنىڭ بىر تۈردىكى مىسالى چەت ئەللەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان دۇرىلار بولدى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا  مالايسىيا  قۇۋۋەت ھەسەللىرى، مالايسىيا ئەرلەر قۇۋۋەت ھەسەللىرى دىگەندەك ھەسەللەرنى  مەجۈنى لوبوبى كەبىر ، مەجۈنى مۇقەۋۋى باھ ، مەجۈنى سۆئلەپ، مەجۈنى ئىمساك ..........   دىگەندەك بەدەن قۇۋۋەتلىگۈچى دۇرىلارغا ئارلاشتۇرۇپ ياسايدىغان ئەھۋالنىڭ  سەل ئەۋج ئېلىپ قېلىشى ئۆزىنىڭ ئانا تىبابىتىنى قەدىرلەيدىغان ، تەبىئىيلىكنى سۆيىدىغان، ھەقىقىي ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوللىنىپ كىسەل داۋالاش ئارزۇسىدا يۈرۋاتقان بىر قىسىم  كەسىپداشلىرىمىزنىڭ تېببىي ئەخلاققا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېتىقادىغا خىرىسلارنى ئېلىپ كىلىشكە باشلىدى.
   بۇ يەردە چەت ئەللەرنىڭ  قۇۋۋەت ھەسەللىرى توغرىسىدا ئازراق توختىلىشقا توغرا كەلدى. تىبابەتتىن قىسقىسى مېدىتسىنا ئىلمىدىن ئاز تۇلا خەۋىرى بولغان ۋە بۇ ھەسەل بىلەن تۇنۇشقان كىشى بۇ خىلدىكى ھەسەلنىڭ تەركىبىدە بىرەر كۈچەيتكۈچى ماددىلار بارمۇ نىمە  دەپ گۇمانلانماي تۇرالمايدۇ ئەھۋەتتە !  مەن تۇنۇيدىغان بىر تېۋىپنىڭ بۇ ھەسەل تەركىبىدە چەت ئەللەردە قۇۋۋەت مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان ‹‹ۋىگور›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۈچەيتكۈچى ماددىنى  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققانلىقى مەلۇم  بولدى ! ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ھەسەلنى سېتىۋاتقان  ۋە دۇرىغا ئارلاشتۇرىۋاتقان تېۋىپلار  بۇ ھەسەلنىڭ تەركىبىدە بىر خىل كۈچەيتكۈچى تەركىپنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمۇ بىلىدۇ . لىكىن پۇل تاتلىق تېتىپ كەتكەچكىمۇ بۇ ھەسەلنى ساتىدىغان ئادىتىنى تاشلىيالىغانلار ئىنتايىن ئاز !
شۇڭا مەن سىزلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى سىزنىڭ بەدىنىڭىز سىزگە ئامانەت، بۇ ئامانەتنى  پارازىتلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ھەربىر تەن ئىگسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى ھەم مەسئۇليىتى ! شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ مەجبۇريىتى بار دەپ  قارايمەن ! ئۆزۈممۇ بىر  كەسىپ ئىگىسى بولغانلىقىم  ئۈچۈن بۇ توغرىسىدا  ئاز تۇلا قەلەم تەۋرىتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم !
     شۇڭا ھەر- قانداق ئۇيغۇر تېبابەت قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا يۇقارقى نۇقتىلارغىمۇ دىققەت قىلىپ قۇيىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن !  يېزىقچىلىق ماھارىتىمنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەپلىك بۇ يازمام تازا قاملاشمىغان بۇلىشى مۈمكىن ،  تورداشلارنىڭ  تۈزىتىپ ئۇقۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن !


مەنبە : ئەلداۋا ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى
  www.aldawa.cn

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:49:08

رەھمەت سىزگە، بىلىپ قالغىنىمىز ياخشى بولدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:59:56

ھەراست بۇ قايسى ئەلداۋا بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ ئىككى ئەلداۋا توربېكىتى باركەندە؟

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:36:21

ناھايىتى ۋاقتىدا يوللاپسىز، ئۇيغۇر تىبابەت قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى ۋە دورىلىرى ئىستىمال قىلىدىغانلار دىققەت قىلسا بولغۇدەك ئۇنىڭدىن باشقا بىلگەجاننىڭ تۆۋەندىكىلىرى تېمىلىرىنى ئوقۇپ قويغايسىلەر!
http://bbs.izdinix.com/thread-60639-1-1.html

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:11:20

ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:28:24

بەزى يايمىچىلارنىڭ شۈبھىدىن خالى ھورمون ئىشلىتىلمىگەن دەپ تولاپ سېتىشلىرى بار تېخى ئاشۇنداق دورىلارنى

بولسا ھەركىم ئۆز كەسپىگە مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ قېرىنداشلىرىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلسىكەن دەيمەن .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:36:53

sirdaxtewip:
مۇشۇ تىبابەت دورىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى قوشماي ياسايدىكەن،پەرق ئىتىش ياكى باشقا ئۇسۇللىرى بارمۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:38:01

ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى خاتا يەپ قالسا قانداق ئەكس تەسىرى بار؟مەسلەن قايسى دورىنى ئوقۇشماي يەپ قالساق
زىيىنى ئېغىر؟

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:38:04

  رەھمەت ، تىۋىپ بۇرادەر مەندە ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە قالغان چارچاش بار ئىدى ، ھازىرغىچە 17 يىل بۇلۇپتۇ ، تېخىچە ئاسارىتى بار . نېرۋا چارچاش ، نېرۋا ئاجىزلاش دەپ قۇيىدىكەن ، بۇلارنىڭ تۈرلۈك ئالامەتلىرى بار . بۇ چارچاشنى پۈتۈنلەي ئوڭشىغىلى بۇلامدۇ ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:39:05

sirdaxtewip ئەپەندى سىزنىڭ بەدەن قۇۋەتلەيدىغان  دورىلىرىڭىزنىڭ ئۈنۈمى قانداقراق؟
بولسا ئىسمى باھاسى،سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قۇيامسىز؟

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:59:24

باشقا تېبابەتنىڭ دۇرىلىرىنى دىمىسەممۇ بۇ دۇرىلارنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا بولغان تەسىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى  كۆپچىلىككە ئايان بولغاچقا بۇ توغرىسىدا توختالمىساممۇ بۇلىشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىمئەڭ ياخشىسى باشقا تىبابەت توغراسىدا توختۇلۇپ يۈرمەڭ سىز باشقا تىبابەتنى چۈشەنمىگەندىكىن . ئۈزۈمىزنىڭكىنى ماختاشقا توغرا كەلسە باشقىنى چۈكۈرۈپ ياكى دارىتمىلاپ ئىسپاتلىمىساقمۇ تىبابىتىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بۇلىدۇ . باشقا تىبابەتنىڭمۇ ئۈزىگە چۈشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار . ئىزدىسە ئۈزۈمىزنىڭ تىبابىتىدىنمۇ چىقىدۇ بىرمۇنچە نوقسان .

‹‹ۋىگور›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۈچەيتكۈچى ماددىنى  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققانلىقى مەلۇم  بولدى ! ماۋۇ‹‹ۋىگور›› دىگەن قانداق نەرسە،تەركىۋى ، تەسىرى نىمە ، نىمە ئۈچۈن دورىغا قوشسا بولمايدۇ ، ئەگەردە قۇشۇپ يەپ قالسا قانداق ئەكىس تەسىرى بار دىگەنلەرگىمۇ سۆزلەپ قۇيغانغان بولسىلا بۇ نەرسىلەرنى قوشسا بولمايدىغانلىقىنىڭ چۇقۇم بىرەر سەۋەبى باردۇ.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:12:37

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 11:59 static/image/common/back.gif
ھەراست بۇ قايسى ئەلداۋا بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ ئىككى ئەلدا ...

قايسى بولاتتق ‹‹زاپەر››ئەلداۋاكە ن شۇ

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:31:40

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 16:12 static/image/common/back.gif
قايسى بولاتتق ‹‹زاپەر››ئەلداۋاكە ن شۇ

ھى ھى ھى ..............

www.ulinix.com    www.ulinix.cn                   بۇلارنىڭ قايسىسى زاپەر، قايسىسى راسپەر ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:32:20

albAX يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 14:38 static/image/common/back.gif
رەھمەت ، تىۋىپ بۇرادەر مەندە ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان ب ...

ئاللاھ خالىسا دىسەم ئىشىنەسىز ھە!!!

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:34:24

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 11:59 static/image/common/back.gif
ھەراست بۇ قايسى ئەلداۋا بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ ئىككى ئەلدا ...

بۇ ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى!!!

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:52:06

  مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇۋالدىم ، ئەمما يازمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستىدەك قىلىدۇ .:P

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:39:23

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 14:36 static/image/common/back.gif
sirdaxtewip:
مۇشۇ تىبابەت دورىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى قوشماي ياس ...

ئۇنى بىلمەك تەس، تىۋىپنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق ئىش. يەنە بىرسى دورا تەسىر قىلمىسا ھە ساقتىكەن دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.مەسىلەن چار يىلاننىڭ كىلوسى بۇرۇن 350كويدىن 400كويغىچە ئىدى. ھازىر بىراقلا 800كويغان چىقىپتۇ. باھاغا چىدىماي باشقا ئەرزانراق يىلاننى سېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:41:34

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 14:38 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى خاتا يەپ قالسا قانداق ئەكس ت ...

ئادەتتىكى ماددىنى پىشۇرىغان، قان تازىلايدىغان دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى يوق. لېكىن سىماپ قاتارلىق زەھەرلىك دورىلارنى سالغان دورىلار بولسا رىئاكسىيە قىلىپ كېتىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:50:55

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 17:41 static/image/common/back.gif
ئادەتتىكى ماددىنى پىشۇرىغان، قان تازىلايدىغان دورىل ...

بۇنداق گەپ يوق، ماس كەلمىگەن ھەر قانداق دورا ئەكس تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
بەت: [1] 2
: (سىرداش تېۋىپ )ئۇيغۇر تېبابەت قۇۋۋەت دۇرىلىرىنى يەيدىغانلار سەمىگە