bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 22:01:53

‹‹يىرىڭ ›› ھەققىدە بىر ئوبزور

يىرىڭ



( ھېكايە )



مېھراي مۇھەممەت



شامالغا يۈزلىنىپ قانچىلىك تېز مېڭىشقا قۇربۇم يەتسە شۇنچىلىك تېز ماڭدىم. قىزلار، ئاياللار، ئەرلەر، يىگىتلەر، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار... قارشىمدىن نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىپ، تەنلىرىمنىڭ ئىككى يېقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەندىن ئۇزاپ كېتىشتى، ئۇلاردىن قانچە يىراقلىغانسىرى شۇنچە يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇردۇم. لېكىن مېڭىۋەردىم، يول تۈگىمەيتتى، مېنىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىمغا يېتەتتى.
  مېنىڭ شۇ قىسمەتلىرىم تۇغۇلۇشۇمدىنلا پىشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، سېنى سۈيەتتىم، ئېرىشەلمىگىنىم ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىنتىلەتتىم، ھامان ئايرىلىپ كېتىدىغىنىمىز ئېنىق بولغاچقا، سەن مەندىن ئۆزەڭنى قاچۈراتتىڭ، لېكىن ئازاپلىرىڭ كۆزلىرىڭدىن چىقىپلا تۇراتتى، ئەپسۇس... مەن ئۇ كۆزلەرنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم.
  ھاياتىمدا نۇرغۇن ئەرلەرنى ئۇچراتتىم، ھېچ قايسىنى ساڭا ئوخشىتالمىدىم، ئۇلار ماڭا قانچە يېقىنلاشسا ئۇلاردىن شۇنچە يىراققا قاچتىم. يۈرۈكۈم ماڭا،-ئۇ ئەمەس، ئۇ ھەرگىز ئەمەس-. دەپ ئەسكەرتىپ تۇردى. مېنى خاتىرجەم خىيال قىلغىلىمۇ قويمىدى. تەپەككۆردىن ئايرىلىپ، ئاددىلاشماقچى بولدۇم، بەزىدە مۇھەببەتكە ئوخشايدىغان نەرسىلەرگە غىل-پال ئىلنىشىپمۇ قالغان بولدۇم، ئاقىۋەت خەيرىلىك بولمىدى، ھەر قېتىملىق خىيالىي مەنزىرلىرىم تۇماندەك تارقاپ كېتىۋەردى، ھاياتىمغا ئەقلىم مۇستەبىتلەرچە ئارلاشتى، ھېچكىم ساڭا ئوخشىمىدى، ھېچكىم...
  بۇ شۇنداق مۇزىكا، باس ئىسكىرۇپكىدا ئورۇندالغان، بۇغۇق ھەم تەسىرلىك چىقىدۇ. مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلىۋالىدۇ. ھەر دەقىق ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. سېغىنىشلىرىمنى ئەۋجىگە چىقىرىمەن. ئۆزەمنى ئازاپلايمەن، شۇنداق قىلسام ئىلگىرى ئېرىشكەن ئاشۇ مۇھەببىتىم تېخىمۇ شېرىن ئەسلىنىدۇ.
  بۈگۈن قانداق كۈن؟ ئەقلىمنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ ئۆزەمدىن يىراقلاشتۈردۈم. ھەممە كىشى شائىر بولۇپ كەتكەندەك ھاياجان ئىچىدە يۈرىشىدۇ، دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلىشىدۇ، ئەينەكلەردىن ئۆزلىرىنىڭ سىماھلىرىنى ھەيۋەت كۆرىشىدۇ. بىكار قالغانلىرىدا مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلار تېتىقسىز پاراڭلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرغاچ ماڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا ماڭا تارلىق قىلىدۇ، ھەسەت قىلىدۇ، ئۇلار ئېرىشتى، ئېرىشپلا قىممىتى يوقالغان چەكنى كۆردى، ئالقانلىرى قۇپقۇرۇق ئىدى.  ماڭا شۇ چەكلىرىنى كۆز-كۆز قېلىپ پولاڭلىتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ قىزارغان يۈزلىرىنى كۆردۈم، ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا نىمىلاقىلمىسۇن، ھامان ساختا نەرسىلەرنى كۈچەپ داملىتىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى،ئۇلارمۇ بۇنى بىلىشەتتى، مەندىكى ھەققىي مۇھەببەت، مەن ئېرىشەلمىدىم، لېكىن ئېرىشەلمىگەنسىرى بۇ مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارچۇ؟ يۈرەكلىرىنى تۇتۇپ باقسۇن!
  بۈگۈن شۇنداق كۈن، شۇ كىشىلەرنىڭ سېپىغا قوشۇلماقچى بولدۇم. ئۇزۇندىن بېرى بىرسى بىلەن ئارلىشىپ يۈردۈم، ساڭا ئوخشىتالمىساممۇ ماڭا ھامىنى بىر تۇرمۇش كېرەك بولاتتى، ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى ۋابادىن قاچۈرغاندەك قوغدايتىم، يېقىن كېلىشىگە يول قويمايتتىم. بۈگۈن كۆرەشمەكچى بولدۇق، تېلفۇندىكى ئەرنىڭ ئاۋازى ئىنتىزارلىق ھەم تەھدىت ئارلاش چىقىۋاتىدۇ، يەنە بەزى يۈشۈرۈن بىشارەتلەرمۇ بار. بەلكىم ھېسىياتتى راستۇ،يول قويۇشۇم كېرەكتۇ.
  كۆز ئالدىمدا سەن پەيدا بولدۇڭ، قوپاللىق بىلەن ئۆزەمنى سىلكىۋەتتىم.  -بولدى قىل ئەمدى، نىمانچە قىلىسەن يوق ئادەمگە، ئۇ سېنى تاشلىۋەتكەن ، ئەمدى ساخلىما! يېڭى مۇھەببەت ئۈچۈن قوينىڭنى ئاچ! دىدىم.
ئايرىمخانىلىق قەھۋەخانىدا، مېنى ساخلاۋاتقان كىشىنىڭ يېنىدا ھازىر بولدۇم. يېقىمسىز ئاۋازدا دىيىلىۋاتقان گەپلەرگە سۈكۈت قىلدىم، ئەدەپ يۈزسىدىن ئۆزەمنى خوشال تۇتتۇم. ئۇ يېنىمغا يۆتكەلگەندىمۇ، قوللىرىمنى تۇتقاندىمۇ، ھاياجان ئىچىدە تىترەپ تۈرۈپ لەۋلىرىمگە سۆيگەندىمۇ ئۆزەمنى يوقاتمىدىم. شۇنچىلىك تەمكىن بولۇپ كەتتىمكى، رولغا چۆكۈپ كەتكەن ئەرتىس بىكار قالسۇن،بەك ياخشى ماسلاشتىم، ئۇمۇ رازى بولدى، كەلگۈسىدىكى تويلار، ئاقماس ۋەدىلەرنى قۇلاق تۈۋۈمدە ياغدۇرۋەتتى.
  خوش خەۋەرلىرىمىزنى چوڭلارغا يەتكۈزىمەن دىدىم، ئۇنىڭ ئەمدى يېنىمدا بولىشىنى خالىمايتتىم، ھەر سەۋەپ بىلەن ئالدىراش ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم.
مانا شۇنداق ئالدىراش چىقىپ شامالنىڭ قارشىسىدىن ماڭدىم، شاماللار ئۇنىڭ كىيىملىرىمگە يۇقۇپ قالغان پۇراقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتسۇن دىدىم، قانچىلىك تېز ماڭالىسام شۇنچىلىك تېز ماڭدىم.
  ئۆيگە كىرىپلا ھەممە كىيىمىمنى سېلىپ تاشلىرىم، مۇنچىنى توكقا چاتتىم. سۇنىڭ قىززىشىغا ئۈلگۈرەلمىدىم،باشتا مۇزدەك ئاندىن بارا-بارا ئىللىۋاتقان سۇدا، ئۇنىڭ لېۋى تەككەن يەرلەرنى قايتا-قايتا يۇدۇم، تاتىلاپ-تاتىلاپ، مۇنچا لۈڭگىسىدە كۈچەپ ئۇۋۇلاپ يۇدۇم، ئوچۇق قالغان مەيدىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم، خالىسام پىچاقتا قىرار ئىدىم، شۇندىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن شۇ جايلارنى كۈچەپ يۇيۇشنى توختاتمىدىم.
سۇ بارغانسىرى قىززىپ كەتتى، مۇرىلىرىمدىن ئېقىپ چۈشۈپ تەنلىرىمنى كۆيدۈردى، يۈرەكنىڭ كۈيۈشلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ نىمىگىمۇ كار قىلسۇن،چاچلىرىم يۈزلىرىمگە چاپلىشىپ كەتتى، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلمەكتە، سەن نەدە مەن بۇلغاندىم، مۇھەببىتىمگە ئاسىلىق قىلدىم، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم، بەدەنلىرىم كۈيىۋاتىدۇ. جازالىرىم شۇ. سەن زادى نەدە؟ ھالىمنى كۆرسەڭ، يېنىمغا قايتساڭ بولماسمۇ؟!...
  مۇرەمدىن ئارتىلىپ يۈرۈكۈمگە يېقىن ئالقاندەك يەر كۈيۈپ قالدى، قىپ-قىزىل قاپىرىپ چىقتى، بار كۈچۈم بىلەن شۇ يەرنى تاتلىدىم، قاپارتقۇ تىتىلىپ كەتتى، قانلىرىم تەپچىرەپ چىقىپ كۆز ياشلىرىمدەك تامچىلىدى. ھالسىزلىنىپ يۇيۇشتىن توختۇدۇم.
ئەتىسى بۇ جاي شەلۋەرىدى، كارىم بولمىدى، نەچچە كۈن ئۆتۈپ يىرىڭلىدى، خوش بولدۇم، يۈرۈكۈمدىكى ئازاپ سىرتىمغا تەپكەندەك راھەتلىنىپ قالدىم. بىر كۈنلەرگە كېلىپ بۇ جاي چوقۇم سېسىپ كېتىدۇ، مەن ئۇنىڭ ساقىيىشىغا يول قويمايمەن، بۇ دۇنيادىكى داۋاسى تەلتۆكۈس تېپىلماس بولغاندا، ئاندىن دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارىمەن، تاكى ئۇ بۇ يىرىڭلىق جاراھەتنى كېسىۋىتىش تەكلىۋىنى بەرگىچە مۇشۇنداق ياشايمەن. دوختۇر بۇ جاينى كېسىشكە تەمشەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈرۈكۈمنىمۇ بىللە ئۇيۇپ ئېلىۋىتىشنى ئىلتىماس قىلىمەن، بۇ تويماس يۈرەك شۇ چاغدىلا ئارام تاپىدۇ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭمۇ مەڭگۈ يوقالماي ساقلىنىپ قالىدۇ.
  

ئۈنلەۋاتقان جاراھەت



__ مېھراي مۇھەممەتنىڭ « يىرىڭ » ھېكايىسىگە يانداشما


شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ


بىز مەيلى كونا ئوقۇرمەن بولايلى ياكى يېڭى ئوقۇرمەن بولايلى « يىرىڭ »غا يەنە « ھېكايە » دېگەن نامنى بەخشەندە قىلدۇق. بىزدىكى بۇ ئەنئەنە قاچانغىچە داۋام ئېتىدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس! ئەمەلىيەتتە بىز بۇنداق كونا ئەنئەنەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەسەرنى تۈر، ژانىر دېگەن « قالپاق »لاردىن ئازاد قىلىدىغان ۋاقتىمىز بولغان. يەنە دېسەك يەنە شۇ، بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. بىزنىڭ ئۇنداق قىلالماسلىقىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئىسلاھاتچى ئىكەنلىكىمىزگە قارىتا تەگسىز گۇمانلارنى ئاتا قىلماي قالمايدۇ. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى بىز « گۇمان قىلىش » دېگەن بۇ ئاتالمىنى ئۈنلۈك دېيىشكىمۇ جۈرئەتسىز! بىزدىكى بۇ جۈرئەتسىزلىك رېئال ئادەملەردىن تارتىپ ئەسەرلىرىمىزدىكى ئوبرازلارغا قەدەر چانماس ھالدا سىڭىپ كەتكەن. بۇنداق سىڭىشچانلىق غەيرى خارەكتىر تولا ھاللاردا ھەممىنىڭ سىرتىدا قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىز بۇ تۇيغۇغا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇلاق سالساق، بىز ھەممىنىڭ سىرتىدىمۇ ئەمەس، ئەكسىچە، ھەممىنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەسكەنمىز. يەنە مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز تەپەككۇردىن قۇرۇقدىلىپتۇق. بىزدىكى بۇ « قۇرۇقدىلىش » بىزنى نەگە تاشلىغاندۇ؟ بىز تاشلانغان يەرنى ئىزدەش چوقۇمكى، بىزنى تەپەككۇرغا، سەنئەتكە يېتىلەپ كېلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئۆزىمىز تاشلانغان يەرنى ئىزدەش سەپىرىمىز بەجايىكى، ئىسلاھات بولۇپ قالار!
شەھلا « يىرىڭ »نى تاپتى. ئەمدىكى مەسىلە شۇ « يىرىڭ »نى قانداق داۋالاش. بىزنى ئويلاندۇرىدىغان تۈپكى مەسىلە شەھلانىڭ جاراھەت ئىزدەش جەريانىدىكى ئاۋازى! زۆرۈر تېپىلغاندا، بۇ ئاۋازنى « چوقان » دېسەكمۇ مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن قېيىپ كەتمەيمىز. ئۇنداقتا بۇ ئاۋاز ياكى چوقان قانداق ئاۋاز، قانداق چوقان؟ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ تەرىپى بىزنى ھېكايىنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىدا كۆكلەۋاتقان جاراھەت يوپۇرماقلىرى بىلەن جاراھەت مېۋىسى بولغان « يىرىڭ »غا قارىتا ئەركىن- ئازادە پىكىردە بولىشىمىزنى ھەجىمىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كەڭرى بولغان بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئېيتىمىزكى، بىز بۇ ھېكايىنى داۋاملاشتۇرمايمىز، داۋاملىشىۋاتقان ھېكايە توغرىسىدا مۇنازىرە مەيدانى ھازىرلايمىز. مۇنازىرە مەيدانىدا تۆۋەندىكى مۇنھزىرىخانلار ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شەھلا « مەن »نىڭ تۇيغۇسىنى قانداق خاتىرلىگەن بولسا، كەمىنە مۇئەللىپمۇ مۇنازىرىخانلارنىڭ پىكىرىنى ئەينەن خاتىرلەيدۇ.
مۇنازىرىچى A : مەزكۇر ھېكايىگە ناھايىتى زور ئىجدىمائىيلىق سىڭگەن. بۇ ئىجدىمائىيلىق قايسى؟ دەل مۇھەببەت تراگىدىيەسى! بۇ تراگىدىيەنى ئاپتۇر ئۇچۇق لېنىيە بىلەن يېپىق لېنىيەنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىپادىلىگەن. بىزنى ئويلاندۇرىدىغان ماھارەت مەسىلىسى شۇكى، لېنىيەنىڭ يېپىق تەرىپى. لېنىيەنىڭ مۇشۇ يېپىق تەرىپى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ھېكايىدىكى بوشلۇق كېڭىيىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان. ھېكايىدىن بىزنىڭ ئۇچرىتىدىغىنىمىز « مەن »نىڭ ئۈزلۈكسىز چىڭقىلىشى! ئۇ نېمىگە چىڭقىلىدۇ؟ ئېنىق ئېيتىمىزكى، ئۇ ( مەن ) تراگىدىيەگە چىڭقىلىدۇ! تراگىدىيە ئۇ ( مەن ) ئېرىشمەكچى بولغان ۋىسال! بىز بۇنى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدەيدۇ؟ يەنە كېلىپ ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تراگىدىيەدىن ئىزدەيدۇ؟ ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىزدىشى دەل ئۆزىدىن ئىبارەت يىقىلماس ھەقىقەتكە بولغان تەلپۈنىشى بولسا، ئۆزىنى تراگىدىيەدىن ئىزدىشى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان، ئۆزى تەۋە بولغان بارلىق كونا قىممەتكە بولغان بىزارلىق ھەم چەكلىكتىكى مەھرۇملىقتىن چەكسىزلىكتىكى ئەركىنلىككە بولغان سېغىنىشى!... ھېكايىنىڭ باشلانمىسىدىكى « شامالغا يۈزلىنىپ قانچىلىك تېز مېڭىشقا قۇربۇم يەتسە شۇنچىلىك تېز ماڭدىم. قىزلار، ئاياللار، ئەرلەر، يىگىتلەر، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار... قارشىمدىن نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىپ، تەنلىرىمنىڭ ئىككى يېقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەندىن ئۇزاپ كېتىشتى، ئۇلاردىن قانچە يىراقلىغانسىرى شۇنچە يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇردۇم. لېكىن مېڭىۋەردىم، يول تۈگىمەيتتى، مېنىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىمغا يېتەتتى. » بۇ بايانلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنىڭ ئىسپاتى بولۇش بىلەن بىرگە بىزنى يەنە ئوخشىمىغان تەپەككۇردا بولىشىمىزنى بىشارەتلەيدۇ. ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان بىر توپ كىشىلەر توپى ئۇ (مەن )نىڭ شامال يۆلىنىشىدىكى قارشى قۇتۇپى. ئۇ ( مەن ) بۇ قارشى قۇتۇپتىكى توپتىن ھېچكىمنى تۇنىمايدۇ ھەم تۇنۇشنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئۈمىدى بۇ كىشىلەر توپىدىن چاقماق كەبى سۈرەتتە يىراقلىشىش! نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئادەملەر ئارىسىدا ياشىماي، كىشىلەر ئىچىدە ياشىغان. بارلىق كونا قىممەتنىڭ موزىيىغا ئايلانغان كىشىلەر توپى ئۇ ( مەن ) ئۈچۈن بىر ئاسارەت! بۇ ئاسارەتتىن قانچىكى تىز يىراقلاشسا، ئۆزىنىڭ ئادەملىك ھۆرلىكىگە ئېرىشىدۇ! ئادەملىك ھۆرلىكىدە بارلىق كونىلار غايىب بولغان. بارلىق كونىلاردىن ئازاد بولغان ئادەم ھۆر ئادەم يەنى ئېستېتىك ئادەم ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەجازى ئادەمدۇر! « لېكىن مېڭىۋەردىم، يول تۈگىمەيتتى، مېنىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىمغا يېتەتتى. » دەيدۇ مەن. كىمگە دەۋاتىدۇ؟ ئېھتىمال ئۆزىگە دەۋاتقاندۇ ياكى ھېچكىمگە دەۋاتقاندۇ!؟ ئەمما، دېگىنى ئېنىق! بۇ دېيىلمىدىن بىزنى يەنە ئويلاندۇرىدىغىنى ئۇ ( مەن )نىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىغا يېتىدىغان يول. بىر ئۆمۈر مېڭىشىغا يېتىدىغان يول قايسى يول؟ تامامىي ئەركىنلىكىنى ئىسكەنجىگە ئالغان كونا قىممەتلەردىن قۇتۇلۇش يولى! شۇنىسى ئايانكى، ئىنساننىڭ تامامى كونا قىممەتلەردىن قۇتۇلۇشى بەسى مۈشكۈل! شۇنداقتىمۇ ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىي ماھىيەت ئاخىرلاشمايدۇ!...
مۇنازىرىچى B : « يىرىڭ »نىڭ تېمىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىپ بېقىش زۆرۈر دەپ قارايمەن. « مۇھەببەت تراگىدىياسى » ئىنسان تۈركۈمى مەۋجۇت بولغاندىن بېرى داۋام ئېتىۋاتقان كىلاسسىك ھەم ياش تېما. بۇ تېمىنىڭ ئەسلىيىتىگە قارىتا مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدىغان بولساق، تۇنجى تراگىدىيە شەيتاننىڭ ئاللاھقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى سەۋەبلىك  ئادەم ئەلەيھىسالامغا سەجدە قىلماسلىقى ئۇ(شەيتان )نىڭ ئەبەدلىك لەنەتگەردەلىكىدىن ئىبارەت تراگىدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككىنچى قېتىملىق تراگىدىيە ئادەم ئەلەيھىسالام بىلەن ھەۋۋانىڭ ئەقىل چەكلەنگەن جەنئەتتە ئەقىلگە كېلىپ قېلىشىدىن تۇغۇلغان. بىز بۇ ئىككى تراگىدىيەنىڭ تۈپكى مەنبەسى ئۈستىدە ئىنچىكە ئويلىنىدىغان بولساق،  ئادەم ( ئادەم ئەلەيھىسالام ) تراگىدىيە مەنبەسى ياكى تراگىدىيە تۇتۇرىقى بولغان. شۇندىن ئېتىبارەن مەڭگۈ ھەل بولمىغان ھەم مەڭگۈ ھەل بولمايدىغان بۇ تراگىدىيە ئۇقۇمى ئىنسانىيەتنىڭ مەيلى فولكلورىدا بولسۇن ۋە مەيلى يازما ئەدەبىياتىدا بولسۇن داۋام ئەتكەن. بۇ تېمىنىڭ شۇ قەدەر ئىزچىل، تەكرار داۋام ئېتىشىدە بىرلا سەۋەب بار. بۇ سەۋەب دەل تراگىدىيەنىڭ ھەل قىلىنمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلاھى قىممىتى! بىز پىكىرىمىزنى يەنە بىر قەدەم چۇڭقۇرلىتىدىغان بولساق، تراگىدىيەنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەيتان ئادەمگە باش ئۇرۇشى كېرەك! ناۋادا شەيتان ئادەمگە باش ئۇرغان رېئاللىق تەسەۋۇرىمىز ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بولسا، كېلىپ چىقىدىغان يېڭى بىر تراگىدىيە تەڭرى تراگىدىيەسىدۇر! شەيتاننىڭ ئادەمگە باش ئۇرۇشى ئالدى بىلەن تەڭرىنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلەتكەن بولىدۇ-دە، ياراتمىش ۋە يارالمىش ھەققىدىكى بارلىق قىممەتلەر كاردىن چىقىدۇ! چۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسالاممۇ تەڭرىنىڭ جەنئەتتىكى بىر شولىسى! يەنە كېلىپ شەيتانمۇ تەڭرىنىڭ جەنئەتتىكى بىر شولىسى! شولىنىڭ شولىغا باش ئۇرۇشى روشەنكى، تەڭرىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە يوچۇق ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇ نوقتىدا بىزنى ئىزچىل تەپەككۇرنىڭ ئەڭ يىراق بۇرجى ــ تەپەككۇرسىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىر مەسىلە تەڭرىنىڭ شەيتاننى ئادەمگە باش ئۇرۇشىغا قىستىشى! بىز ئىسلامىي نەزەر بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنى ئۇلۇغلاش دەيمىز. ئۇنداقتا شەيتاننىڭ تەڭرىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى تۈپەيلى ئادەمنى رەت قىلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەبەدىي جاۋابىغا ئېرىشەلمەيدىغان بۇ سۇئال دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ ھەل بولمايدىغان تراگىدىيە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ! دېمەك، تراگىدىيە داۋام ئېتىدۇ، ھەل بولمايدۇ. تراگىدىيە ئارقىلىقلا دۇنيا ئۆزىنىڭ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ!...ئەمدى ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ تراگىدىيەسىدىن ئەقىل بىلەن جىنسىيەتنىڭ تراگىدىيەدىكى يىقىلماس ئورنىنى جەزم قىلالايمىز. ناۋادا ھەۋۋا ئەقىلگە كېلىپ ئەۋرىتىنى ئەنجۈر ياپرىقى بىلەن يوشۇرمىغان بولسا، بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ يارالمىشى توغرىلىق سۆز ئېچىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، جىنسىيەت دۇنيا مەۋجۇتلىقىدىكى خورىماس ئېنىرگىيە يەنى دۇنيانى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۈچ جىنسىيەتتۇر! بىز تراگىدىيە توغرىسىدىكى يۇقارقى ئىزاھاتلىرىمىزنى « يىرىڭ »غا تەتبىقلايدىغان بولساق، شەھلانىڭ مەزكۇر ھېكايىدىكى تراگىدىيەنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت نابابلىققا يۈزلەنمەسلىكى مەزكۇر ھېكايىنىڭ يەنە بىر ئۇتۇقى!
«  بۈگۈن قانداق كۈن؟ ئەقلىمنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ ئۆزەمدىن يىراقلاشتۈردۈم. ھەممە كىشى شائىر بولۇپ كەتكەندەك ھاياجان ئىچىدە يۈرىشىدۇ، دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلىشىدۇ، ئەينەكلەردىن ئۆزلىرىنىڭ سىماھلىرىنى ھەيۋەت كۆرىشىدۇ. بىكار قالغانلىرىدا مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلار تېتىقسىز پاراڭلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرغاچ ماڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا ماڭا تارلىق قىلىدۇ، ھەسەت قىلىدۇ، ئۇلار ئېرىشتى، ئېرىشپلا قىممىتى يوقالغان چەكنى كۆردى، ئالقانلىرى قۇپقۇرۇق ئىدى.  ماڭا شۇ چەكلىرىنى كۆز-كۆز قېلىپ پولاڭلىتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ قىزارغان يۈزلىرىنى كۆردۈم، ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا نىمىلاقىلمىسۇن، ھامان ساختا نەرسىلەرنى كۈچەپ داملىتىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى، ئۇلارمۇ بۇنى بىلىشەتتى، مەندىكى ھەققىي مۇھەببەت، مەن ئېرىشەلمىدىم، لېكىن ئېرىشەلمىگەنسىرى بۇ مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارچۇ؟ يۈرەكلىرىنى تۇتۇپ باقسۇن!  » بۇ بايانلاردىن تۆكىلىۋاتقان تراگىدىيە شولىلىرى بىزنى تۈرلۈك نوقتىلاردىن ئويلىنىشقا ئىمكان ياراتقان. مەزكۇر ئابزاستىكى « بۈگۈن قانداق كۈن؟ ئەقلىمنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ ئۆزەمدىن يىراقلاشتۈردۈم. » دېگەن جۈملىدە بىز بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر بار. « مەن » نېمە ئۈچۈن ئۆزىدىن يىراقلىشىشتا ئەقلىنى مەجبۇرلاپ، ئەقىلسىزلىككە ئۆتۈپ كېتىدۇ؟ بۇ نوقتىدا بىرلا مەسىلە مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ « مەن »نىڭ تراگىدىيەسىنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەۋھۇم يۈكسەكلىككە بولغان تەلپۈنىشى! ناۋادا بۇ تراگىدىيە ناھايىتى ئاددىي ھالدىكى قۇتۇلۇش بولىدىغان بولسا، ئەسەرنىڭ پۈتۈن تېمىسى كاردىن چىققان بولىدۇ. شۇڭا تراگىدىيەنىڭ تراگىدىيە پېتىدا قېلىشى ئەسەر بەدىئىيلىكىدىكى يەنە بىر ئۇتۇق! بىز سىتاتا ئالغان بۇ ئابزاستا يەنە « مەن »نىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان كىشىلەر توپى توغرىسىدىكى لىرىك مۇلاھىزىسى بىزنى ئەتراپىمىزغا نەزەر سېلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھېكايە دېتالى بۇيىچە قارىغاندا، « مەن »نىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان كىشىلەر توپىنىڭ شەكلەن ھالدىكى ئازابسىز ھالىتى تراگىدىيەنىڭ يەنە بىر يۈزىدۇر! نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ شائىرلاردەك ھاياجاندا ياشاۋاتقان بۇ كىشىلەر توپى ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ئەقلى بىلەن ئىنسانلىق ھېسسىياتىدىن ئايرىلغان بىر توپ « ياشىغۇچى »لاردۇر! قىزىقى، ئۇلار ياشاشنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا بىلىشكە ئىگە ئەمەس، ئەمما، ياشايدۇ! بۇ ھالنى تراگىدىيەنىڭ يەنە بىر يۈزى دېمەي قانداق ئاتايمىز؟! « ئۇلار ئېرىشتى، ئېرىشپلا قىممىتى يوقالغان چەكنى كۆردى، ئالقانلىرى قۇپقۇرۇق ئىدى.  ماڭا شۇ چەكلىرىنى كۆز-كۆز قېلىپ پولاڭلىتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ قىزارغان يۈزلىرىنى كۆردۈم، ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا نىمىلاقىلمىسۇن، ھامان ساختا نەرسىلەرنى كۈچەپ داملىتىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى، ئۇلارمۇ بۇنى بىلىشەتتى، مەندىكى ھەققىي مۇھەببەت، مەن ئېرىشەلمىدىم، لېكىن ئېرىشەلمىگەنسىرى بۇ مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارچۇ؟ يۈرەكلىرىنى تۇتۇپ باقسۇن!  » بۇ بايانلارنى ئەستايىدىل ئوقۇغىنىمىزدا، پىكىردىكى پەلسىپىۋىلىكنى ھېس قىلماي قالمايمىز. بىز بۇ يەردە مۇنداق بىر پىكىرگە ئورۇن بېرىمىز، ئىنساننىڭ ئېرىشكىنى ئېرىشمىگەنگە باراۋەر، ئىنساننىڭ ئېرىشمىگنى بولسا ئېرىشىشكە يۈزلىنىش ئەمەس! ئىنساننىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى نېمە؟ ئىنسان نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ ئېيتىمىزكى، ئىنسان تۈركۈمى ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئېرىشتى دېگەن نەرسىسى ئېرىشەلمىگەن نەرسىسىنىڭ سايىسى! سۆيگۈ شۇنداق دەيدۇ: مەندە تۇرغىنىڭ قاغجىرىغىنىڭ، مەندە تۇرمىغىنىڭ قاغجىراشنىڭ ئەكسى ھالى ئەمەس! ئۇنداقتا دۇنيانىڭ ئابادى نەدە؟ دەل ئېرىشەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىر ئىستەكتە! مۇشۇ ئىستەك ئىنسانغا تەقسىم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بىزدىكى ھاياتقا تىركىشىش داۋام ئەتكەن. بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزغا « مەن »نىڭ « مەندىكى ھەققىي مۇھەببەت، مەن ئېرىشەلمىدىم، لېكىن ئېرىشەلمىگەنسىرى بۇ مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارچۇ؟ يۈرەكلىرىنى تۇتۇپ باقسۇن!  » دېگەن چۇقانى ئىسپاتتۇر!
مۇنازىرىچى C : « يىرىڭ »نى شەھلانىڭ بىر قېتىملىق تۇيغۇ خاتىرىسى، دەپ قارىدىم. ناۋادا مېنىڭ بۇ قارىشىم چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرلۈشكە ئېرىشىدىكەن، بىز شەھلانىڭ ئاپتۇرلۇق سالاھىيەت مەسىلىسىدە ئىنچىكە ئويلىنىمىز. نېمىشقا ئۇنداق دەيمىز؟ تۇيغۇ خاتىرلەش بىزنىڭ شېئىريىتىمىزدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويىلىۋاتقان نەزىرىيە بولۇپ، بۇ نەزىرىيەنىڭ پروزىغا يۈزلىنىشى بىز ئۈچۈن باش كىيىمىمىزنى ئالدىمىزدا شىرە بولامدۇ ياكى سۇپا بولامدۇ ئىككى قولىمىز بىلەن ئىگىز كۆتۈرۈپ، بىرنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئالقىشلاشقا تېگىشلىك سۆيۈملۈك ئەھۋال. بىزنىڭ باش كىيىمىمىزنى ئىككى قول بىلەن ئالدىمىزدا بار بولغان شىرە ياكى سۇپىغا، ھېچ بولمىغاندا يەرگە قاتتىق ئۇرۇشىمىز ئالدى بىلەن خۇشھاللىقىمىزنى ئىپادە قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باش كىيىمىمىزنىڭ كونا ياكى يېڭى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىر قېتىم بېشىمىزنىڭ ئازاد قىلىنىشىدۇر! بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، بىز سەنئىتىمىزدە يېڭىلىققا، ئىسلاھاتقان شۇ قەدەر زارىققانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز. خوش، بىز پىكىرىمىزنىڭ ئەسلىي يۆلىنىشىگە قايتقىنىمىزدا، تۇيغۇنى خاتىرلەش ئاپتۇرلاردىن ئاپتۇرلۇق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، تۇنجى ئوقۇرمەنلىك سالاھىيەتنى ھازىرلاشنى ئىشارە قىلىدۇ. بىز تەكىتلەۋاتقان بۇ « سالاھىيەت » بەدىئىي تەپەككۇرىمىزغا قارىتا يېڭىچە بىر يۈزلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن مەيلى ئاپتۇرلار قوشۇنى بولسۇن، مەيلى ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بولسۇن قۇبۇل قىلىش بىر قەدەر قىيىنغا توختايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمزىكى، پروزىنىڭ تۇيغۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە،  ئادەمدە نىمە بولسا شۇنى خاتىرلەشتىن ئىبارەت سەنئەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان بۇ خىل « خاتىرلەش » جەريانى،  پروزا يازغۇچىلىرىدىن يېڭىچە بولغان ھېكايە سۆزلەش ــ تۇيغۇنى خاتىرلەشنى ئۆزىنىڭ پروزىغا بولغان ئەقىدىسىگە تەققاسلايدۇ. بىز بۇ پىكىرنى نېمە ئۈچۈن كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز؟ بىزنىڭ پروزا ئاساسىمىز بولغان « مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى » بىلەن ئەپسانە- رىۋايەت، چۆچەك، مەسەللىرىمىزدە بۇ خاھىش يوچ ئەمەس، بار! پاجىئە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بىزدە ئىزچىللىق بولمىغان. ئەمدىكى مەسىلە، غايىب بولغان شۇ ئىزچىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر!
نەزىرىمىزنى « يىرىڭ »غا قارىتىدىغان بولساق، شەھلا بىر ئاپتۇر سۈپىتىدە ئەمەس، بىر خاتىرلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتىدە « مەن »نىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىكى تۇيغۇسىنى بەئەينى ئوبرازغا ئايلانغان كىملىكتە خاتىرلىگەن. بىز بۇ خاتىرەنى ئوقۇغىنىمزدا ئاتالمىش « ئوقۇرمەن »لىك سالاھىيەتنى ئەمەس، بىزمۇ شەھلاغا ئوخشاش بىر خاتىرلىگۈچىگە ئايلىنىمىز. نېمىشقا شۇنداق بولدۇق؟ « مەن »نىڭ شۇ لەھزىدىكى تۇيغۇسى بەئەينى بىزنىڭ تۇيغۇمىز، بىزنىڭ ئوقۇۋاتقىنىمىز بىراۋنىڭ تۇيغۇسى ئەمەس، دەل ئۆزىمىزنىڭ تۇيغۇسى! بۇ دەملەردىكى بىزنىڭ سالاھىيىتىمىز ھەم خاتىرلىگۈچىلىك، ھەم ئوقۇرمەنلىك سالاھىيەتتۇر! بىز ئېرىشكەن بۇ « قوش سالاھىيەت » بىزنىڭ ئاپتۇرلۇق سالاھىيەت بىلەن ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتىمىزدۇر! بىزمۇ مۇشۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىلا، شەھلانىڭ « ئاپتۇرلۇق ئۆلۈمىنى جاكارلايمىز »! قاراڭ، « مۇرەمدىن ئارتىلىپ يۈرۈكۈمگە يېقىن ئالقاندەك يەر كۈيۈپ قالدى، قىپ-قىزىل قاپىرىپ چىقتى، بار كۈچۈم بىلەن شۇ يەرنى تاتلىدىم، قاپارتقۇ تىتىلىپ كەتتى، قانلىرىم تەپچىرەپ چىقىپ كۆز ياشلىرىمدەك تامچىلىدى. ھالسىزلىنىپ يۇيۇشتىن توختۇدۇم.
ئەتىسى بۇ جاي شەلۋەرىدى، كارىم بولمىدى، نەچچە كۈن ئۆتۈپ يىرىڭلىدى، خوش بولدۇم، يۈرۈكۈمدىكى ئازاپ سىرتىمغا تەپكەندەك راھەتلىنىپ قالدىم. بىر كۈنلەرگە كېلىپ بۇ جاي چوقۇم سېسىپ كېتىدۇ، مەن ئۇنىڭ ساقىيىشىغا يول قويمايمەن، بۇ دۇنيادىكى داۋاسى تەلتۆكۈس تېپىلماس بولغاندا، ئاندىن دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارىمەن، تاكى ئۇ بۇ يىرىڭلىق جاراھەتنى كېسىۋىتىش تەكلىۋىنى بەرگىچە مۇشۇنداق ياشايمەن. دوختۇر بۇ جاينى كېسىشكە تەمشەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈرۈكۈمنىمۇ بىللە ئۇيۇپ ئېلىۋىتىشنى ئىلتىماس قىلىمەن، بۇ تويماس يۈرەك شۇ چاغدىلا ئارام تاپىدۇ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭمۇ مەڭگۈ يوقالماي ساقلىنىپ قالىدۇ.  » بۇ بايانلارغا! بۇ خاتىرەدە بىز گۇمانلىنىشقا تېگىشلىك نە توقۇلما، نە ئىدىيە تېڭىش، نە قوراشتۇرۇش...! بىزنىڭ ئىزچىل ئاۋۇنىۋاتقان ھەيرانلىقىمىز، خاتىرلىگۈچىنىڭ « مەن » بىلەن بىر گەۋدە ھاسىل قىلغانلىقى. تېخىمۇ ئىچكىرلىسەك، خاتىرلىگۈچى بىلەن « مەن » پەرقسىزلىنىپ، خاتىرلىگۈچى « مەن »گە، « مەن » خاتىرلىگۈچىگە ئايلانغان. بىزنىڭ پروزىلىق بەدىئىي تەپەككۇرىمىزدا ئەنئەنىۋى تىل بۇيىچە ئېيتقاندا، ئاپتۇر بىلەن ئوبرازنىڭ پاسىلسىز ھالەتتە بىر بىرىگە ئايلىنىشى بىزگە بەك جىق نېسىپ بولغان نېسىۋە ئەمەس! خاتىرلىگۈچىدىكى ئەڭ سەمىمىيلىكى شۇكى، « مەن »نىڭ تۇيغۇسىنى خاتىرلەشتە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان، سەنئەت ئەسلىيىتىگە مۇخالىپ بارلىق كونا قىممەت قاراشتىن ۋاز كېچىپ، پەقەت « مەن »نىڭ تۇيغۇسىنى خاتىرلەشتىن ئىبارەت سەنئەت ئەقىدىسىگە ئۆز ئىخلاسىنى تاپشۇرغان. ناۋادا بىز سەنئەت بىلەن دىننىڭ، سەنئەت بىلەن ئېتىكانىڭ، سەنئەت بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كونا ئاپتۇرلۇق سالاھىيەتتە ئويلىنىدىغان بولساق، سەنئەتكە سەنئەتتىن باشقا بارلىق ئۈستىقۇرۇلمىلارنىڭ يۈكىنى ئارتىپ، سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولغان ئەدەبىياتنى نەچچە ئون يىللىق ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق چارچاتقىنىمىز يەتمىگەندەك، يەنە شۇ كونا كۆزلەر بىلەن كۆرۈپ، « مەن »نىڭ تۇيغۇسىدىكى تراگىدىك توقۇنۇشلارغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق! بۇ نوقتىدا شەھلا بىر سەنئەتكارلىق كىملىكنى ئاشكارىلىغان!
مۇنازىرىچى D : « يىرىڭ »نىڭ تىل قاتلىمى ئۈستىدە بىر ئىككى كەلىمە سۆزلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم. مېنىڭچە، ھازىرقى پروزىمىز تىل نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆلۈك بايان بىلەن تولغان. بۇ پىكىرىمنى كونكىرىتلاشتۇرسام، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار ئىشلىتىۋاتقان سۆز كونا، ئوقۇرمەنلەرگە تۇنۇش بوپ كەتكەن تەييار تىل ماتىرىيالى، سۆزنىڭ جېنى ياكى كۈچى يوق. بۇ تەرىزدىكى ئۆلۈك بايانچىلىق نۆۋەتتىكى پروزىمىز بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىلىقىنى تەدرىجى يىراقلاشتۇرىۋەتتى. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، نۆۋەتتىكى رومانچىلىق قىزغىنلىقى ئەمدىلەتىن ياخشى باشلىنىشقا ئېرىشكەن پروزىمىزنىڭ بۇ تۈرىنى تىل پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويدى. « دەۋرنىڭ ۋىجدانى » ياكى « دەۋرنىڭ يۈرىكى » دەپ تەرىپلىنىدىغان بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى پىشقەدەم، ئوتتۇرا ۋە ياش يازغۇچىلىرىمىز سۈپەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ، يەنىلا ساننىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالدى. مەن جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك قاتلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەردىن ئەھۋال ئىگىلىسەم، ئۇلار يېقىنقى 8-10 يىلنىڭ ياقى چىقىۋاتقان رومانلىرىمىزدىن ئاساسەن رازى ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، رومانلارنىڭ ماۋزۇسى بەك ھەيۋەت، ئوقۇساق يەنىلا « ئاتام ئېيتقان بايىقى » بولدى. بىز كۆپىنچە رومانلارنى ئوقۇش بەدىلىگە ۋاقىتتىن، ئىقتىساتتىن، تەپەككۇردىن زىيان تارتتۇق ياكى شۇ رومانلارنى يازغان يازغۇچىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق. رومانچىلىق ئەمدى ئېسىنى تاپمايدىكەن، پەرەز قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئاقىبەتكە قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ، دېگەن ئىنكاسلارنى قايتۇردى. مېنىڭچە بۇ ئىنكاسلارنىڭ بىزگە ھەرگىز زىيىنى يوق. شۇڭا بىزنىڭ يازغۇچىلار قوشۇنىمىزمۇ كەڭ جامائەتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى، نەشىريات ۋە نەشىرياتچىلارمۇ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ، بىر مىللەت ياكى بىر خەلقنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك. پىكىرىمىزنى يىرىڭغا قايتۇرۇپ كەلگىنىمىزدە، شەھلا تىل جەھەتتىن خېلى تىرىشىپتۇ. يەنە كېلىپ جۈملە تۈزۈش جەھەتتە سۆزلەرنىڭ ئېنىرگىيەلىك بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىلىنىڭ بىز ئالقىشلىغۇدەك جېنى بار. قاراڭ : «  شامالغا يۈزلىنىپ قانچىلىك تېز مېڭىشقا قۇربۇم يەتسە شۇنچىلىك تېز ماڭدىم... مېڭىۋەردىم، يول تۈگىمەيتتى، مېنىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىمغا يېتەتتى... سېغىنىشلىرىمنى ئەۋجىگە چىقىرىمەن. ئۆزەمنى ئازاپلايمەن، شۇنداق قىلسام ئىلگىرى ئېرىشكەن ئاشۇ مۇھەببىتىم تېخىمۇ شېرىن ئەسلىنىدۇ... ئۇنىڭ لېۋى تەككەن يەرلەرنى قايتا-قايتا يۇدۇم، تاتىلاپ-تاتىلاپ، مۇنچا لۈڭگىسىدە كۈچەپ ئۇۋۇلاپ يۇدۇم، ئوچۇق قالغان مەيدىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم، خالىسام پىچاقتا قىرار ئىدىم... دوختۇر بۇ جاينى كېسىشكە تەمشەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈرۈكۈمنىمۇ بىللە ئۇيۇپ ئېلىۋىتىشنى ئىلتىماس قىلىمەن، بۇ تويماس يۈرەك شۇ چاغدىلا ئارام تاپىدۇ... » بۇ جۈملىلەردىكى سۆزلەر نەقەدەر ئويناق، نەقەدەر ئازابلىق، نەقەدەر مەنىدار! يەنە كېلىپ، ھېكايە پېرسۇناژىنىڭ شۇ دەقىقىدىكى تۇيغۇسىغا شۇ قەدەر ماس كەلگەن. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاپتۇر تەپەككۇر ئەركىنلىكىنى ئۆزىنىڭ پېرسۇناژىغا بەرگەن. بۇنداق ئۆتۈنۈپ بېرىشنى بىز ھەر ھامان قوللاشقا، قۇۋەتلەشكە، زۆرۈر تېپىلغاندا، كاڭ يازغۇچىلارغا ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك!... مەن مەزكۇر ھېكايىنىڭ تىلدىكى يېنىك ئەمما، مەنىدار؛ جۇشقۇن ئەمما، سۈكۈت ئىسيانىغا تۇتاشقان؛ ئاددىي، ئەمما ئىچكى قىسمىدا سالاپەت ھۆسنى پارلىغان ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بىر پارچا نەسرى شېئىرلىق ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان دەپمۇ قارىدىم. تىلنىڭ پېرسۇناژنىڭ شۇ لەھزىدىكى توقۇنۇشىغا ماس يېيىلىش ھاسىل قىلىشى، قۇرۇقتىن –قۇرۇق تەسۋىرلەرنىڭ بەئەينى ئادەم ئىزدەش ئېلانىدەك ئورۇنسىز بېرىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىغا قاراپ، ھېكايىچىلىقىمىزنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلىنىدىغانلىقىغا شۇنچىكى ئىشەنچ تۇرغۇزمايمۇ قالمايمىز. دېمەكچىمەنكى، تىل سەنئەتكارغا نىسپەتەن ناۋاينىڭ خېمىرىغا ئوخشايدۇ. ناۋاي خېمىرغا قانچە ئىشلىسە نان شۇنچە يېيىشلىك، بازارلىق بولغاندەك، ئەدىبلىرىمىزمۇ تىلغا قانچە ئىشلىسە، ئەسەر ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن شۇنچە يېقىشلىق، جەلىپكار چىقىدۇ. شەھلاغا بىر تەكلىپ، ھېكايىنىڭ بېشىدىكى تەسۋىرگە يەنە بىر قېتىم دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ماڭا نىسپەتەن قۇرغاق تۇيۇلدى. مۇمكىن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە بۇنداق قۇرغاقچىلىق قايتا سادىر بولمىسىكەن، دەيمەن.  
ماقالە مۇئەللىپىنىڭ خۇلاسىسى:  بىر پارچە ئەسەرگە نىسپەتەن قاراشلارنىڭ  ھەر خىل بولىشى، بىر پارچە ئەسەرنىڭ تۈرلۈك نوقتىلاردىن تەھلىل قىلىنىشى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن پايدىلىق. بولۇپمۇ باشقا ئەل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى ئىنسان پىسخىكىشىنىڭ ئەڭ نازۇك يەرلىرىگە قەدەر چۇڭقۇرلىۋاتقان بۇ رېئاللىقتا بىزمۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ بولۇپمۇ پروزىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە شەخسىيەتسىز روھ بىلەن جىددىي ئويلانمىساق بولمايدىغان يېرىگە يەتتى. ئېنىق ئېيتىشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان، تۈرلۈك نەشرىياتلاردا نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنىۋاتقان مۇتلاق كۆپ ساندىكى كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى باشقا ئەل ئوقۇرمەنلىرىگە تەڭلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئاپتۇرلىرىمىزمۇ قاراڭغۇ ئۆيدىن يۇرۇق دۇنياغا چىقىپ، ئوننى يازىدىغاننىڭ ئورنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى يېزىپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بولۇپمۇ پروزىمىزنىڭ كېيىنكى ھالىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە مەدەتكار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە « يىرىڭ »غا ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئىستىمالىمىزغا سۇنىلىپ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق سەھنىسىنىڭ مۇنبىرىدە بولالمىساقمۇ، مەلۇم بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدا ئاۋازىمىزنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوقۇم ھېس قىلىشىمىز لازىم!...  
        
مەنبە: « كرورەن » ژورنىلىنىڭ 2014- يىللىق 4-سانى

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:33:05

مۇشۇ بىر قىسىم يازغۇچىلارغا نىمە دىسە بولار زادى. دىننى مەنبەلەردىن ئالغان مەزمۇننى بۇرمىلاپ چۇشەندۇردىغان ھوقۇقنى كىم بىردىغاندۇ بۇلارغا؟ ئەجىبا شەيتاننىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنىڭ چەكسىزلىكىدىن ئادەمگە سەجدە قىلمىغانمۇ؟

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:20:21

تېما يوللىغۇچى ئاۋۇ ئوبزورنى سەل تەخىر قىلىپ يوللىغان بولسا بوپتىكەن.
ئوبزور ھىكايىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە پىكىر بوشلۇقى بەرمەي، مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىددىيىسى ئىچىدە چۆگىلەپ قالىدىكەن ئادەم.
بىر زامانلاردا «تارىم» ژورنىلىدا شۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى: شۇ سان ژورنالدا مەلۇم ئەسەر ئېلان قىلىنغان بولسا، يەنە شۇ ژورنالدا تېخى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئەمدى يۈز كۆرۈشكەن ئەسەرگە يېزىلغان ئوبزور بىللە كېلەتتى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ. ھازىرمۇ شۇنداق بىر ھىسسىياتقا كېپ قالدىم.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:32:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 09:33  

مەنمۇ ئاۋۋال ئەسەر ئېلان قىلىنسا، ئاندىن كېيىن ئوبزور ئېلان قىلىنسا، دەپ ئويلايمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 10:02:36

مۇھەررىرلەرمۇ قىزىقكەنغۇ ئەمىسە، ھېكايىنى ئوبزورچىغا ئەۋەتىپ ئوبزور يازدۇرۇپ ئاندىن ئىككى ئەسەرنى بىر سان ژورنالدا ئىلان قىلىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟!!!:funk:
‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹
شەيتاننىڭ ئاللاھقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى سەۋەبلىك  ئادەم ئەلەيھىسالامغا سەجدە قىلماسلىقى ئۇ(شەيتان )نىڭ ئەبەدلىك لەنەتگەردەلىكىدىن ئىبارەت تراگىدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككىنچى قېتىملىق تراگىدىيە ئادەم ئەلەيھىسالام بىلەن ھەۋۋانىڭ ئەقىل چەكلەنگەن جەنئەتتە ئەقىلگە كېلىپ قېلىشىدىن تۇغۇلغان.
مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ تېپىك خىرىستىئانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئىكەن دەپ تۇرسام ئاستىدا ئىسلامى كۆز قاراش بويچە...دېگەندەك گەپلەر تۇرىدۇ.
ئىسلامى كۆز قاراشتا بۇ ئىككى خىل مەسىلىگە قارىتا مېنىڭ بىلىدىغىنىم مۇنداق ئىكەن.
1. شەيتان ئىنسانغا بولغان ھەسەت، كۆرەلمەسلىك ھەم چوڭچىلىق سەۋەبىدىن ئىنسانغا سەجىدە قىلىشتىن باش تارتقان.
2. جەننەتتە ئەقىل چەكلەنگەن، ئاللا يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەخ - ئەقىل دەرىخى ئىدى دېگەنگە ھېچقانداق دەلىل يوق. رابىغۇزنىڭ ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا›› دېگەن كىتابىدا جەننەتتىكى چەكلەنگەن مېۋە بۇغداي بولىشى مومكىن دېيىلگەن. ئۇيغۇر تىل ئىستىمالىمىزدىمۇ ئەرلەرنىڭ ‹‹بۇغدىيەك››ىنىڭ شۇنداق ئاتىلىشى شۇ بۇغداي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك!


xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 10:16:43

مەن بىر گەپنى دەپ قويغىلى كىردىم، ھېكايە توردا ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئوبزۇرنى شۇنىڭغا قاراپ تەييارلىغان بولىشى مۇمكىن. ژورنالغىمۇ ئوبزۇر بىلەن بىللە ئەۋەتىلگەن.

بولدى گېپىم تۈگىدى. ھەر قانداق پىكىرنى( ھېكايەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك) جىم تۇرۇپ ئاڭلايمەن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:21:59

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:50:57

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 10:16 static/image/common/back.gif
مەن بىر گەپنى دەپ قويغىلى كىردىم، ھېكايە توردا ئېلان ق ...

«ھە»لا دەپ قويمامسىز قانداقلا گەپ بولسا...ۋۇييۇ دەپچۇ....

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:44:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 14:51  

شۇ تاپتا سىرىتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتىدۇ،ماڭا نىسىپ بولغان چۈشتىن كېيىنلىك نەچچە  مىنۇت ۋاقىتتا ماۋۇ ھىكايىنى ۋە ھىكايىگە قارىتا يېزىلغان ئوبزۇرنى بىر تىنىقتا دىگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم.ماڭا مۇشۇنداق بىر تىنىقتا دېگۈدەك  ئەسەر ئوقۇش خېلى بىرىدىن نىسىپ بولمىغان ئىدى.مەن ھىكايە ئاپتۇرىنىمۇ،ئوبزۇر ئاپتۇرىنىمۇ تونۇمايمەن،بىراق،بۇ ھىكايە،بۇ ئوبزۇر ماڭا ئىككى ئاپتۇرنى بەكلا يېقىن تونۇش  ھىس قىلدۇردى.بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا ماۋۇ ھىكايىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنىدەك شەلۋەرەپ تۇرغان يىرىڭلار ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت!بۇ ھىكايە ۋە ئوبزۇر ھەققىدە ئازراق توختۇلۇش ئويۇم بار ئىدى،دېمەكچى بولغانلىرىمنى ھەر ئىككى ئاپتۇرغا ئوتۇق تىلەش بىلەن ۋە  كافكانىڭ :« يازغۇچىلار ھاياتقا ئەڭ يېقىن،ياشاشنىڭ مۇشەققىتىنى ۋە ئازابىنى ئەڭ چوڭقۇر ھىس قىلغۇچى كىشىلەردۇر»دېگەن  سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:52:11

يىرىڭنى كىرورەندە  كۆرۈپ بوپتىكەنمە  .  بەك ئەزىدى...
ئاۋۇ ئوبزوردا قۇرۇق گەپ جىقكەن...
شەھلا ھەدەمگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 01:51:50

قۇرۇق پاراڭ سەۋىيەسىگە توشمايدىغان نەرسىنى ‹ئوبزور›دەپ يېزىۋاپتۇ...
بەت: [1]
: ‹‹يىرىڭ ›› ھەققىدە بىر ئوبزور