waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 20:16:17

تەڭرىتاغ كوماندىسى چىڭداۋ كوماندىسىنى يەڭدى

  

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون يەتتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  چىڭداۋ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى  ئەزاسى جۇچىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ  26 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 112-104 نەتىجە بىلەن رەقىبى چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى.   چىڭداۋ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلش ھالىتى ئاخىرلاشتى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 30 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  21 نومۇرئالدى،  4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 26 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  قىرانبېك ماقان 10 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 9 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇۋېي  9 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇشۇنەن 7 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  ئۆز  مەيدانىغا قايتىپ فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 20:47:13

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:53:56

سېلنىچە مۇشۇ «ياردەمچى پاس» دېگەن گەپ جايىغا چۈشۈگلۈكما باللا؟
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى چىڭداۋ كوماندىسىنى يەڭدى