President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 17:32:56

ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر

امېرىكا جەڭ فىلىملىرىنى تولا كۆردۈم، جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىنى بولسا كۆرمەي دېسەكمۇ كۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇق، بەزىدە ئولتۇرۇپ جاھاننى سوراي دەپ قالغان نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرلارچە قىلغان جەڭلىرىنى كۆرۈپ، ئامېرىكا فىلىملىگە ھەيران قالدۇق، نېمىشقا ئامېرىكا فىلىملىرىدە دۈشمەنلەرمۇ شۇنداق يامان، شۇنداق باتۇر، نېمىشقا جۇڭگو فىلىملىرىدە ياپۇن ئەسكەرلىرى شۇنداق دۆت، شۇنداق ھاماقەت، شۇنداق كالامپاي دېيىشتۇق. خوش، بۈگۈن يەنە ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى باشقا بىر قىسىم پەرقلەرنى ئۆگۈنۈپ ئۆتەيلى، قانچىسىنى سىز بىلىسىزكىن!…

1. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە باش رولچىلار ئاساسەن ئەسكەرلەر. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا باش رولچىلار جۇڭگونىڭ ئاقىل قۇماندانلىرى بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ چىدىماس قۇماندانلىرى.
2. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ تېلىگراممىلىرىنى تۇتۇپ ئېلىپ، ئاخباراتقا ئېرىشىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئىشپىيونلار ياكى خائىنلارنىڭ ئوغۇرلاپ ئەكەلگەن نەرسىلىرى بىلەن ئاخباراتقا ئېرىشىدۇ.
3. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە مەيلى قانداق ئەسكەر يېقىلسۇن، ئىشقىلىپ بىرى دوختۇرنى توۋلايدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا بىرى يېقىلسا يەنە بىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇمۇ يېقىلسا يەنە بىرى چىقىدۇ، ئۇمۇ يېقىلسا يەنە باشقا بىرى چىقىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ…
4.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئەسكەرلەر خەندەككە ياكى باشقا دالدىدا تۇرۇپ ئوق ئاچىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا ئەسكەرلەر بىر تەرەپتىن يۈگۈرەپ، يەنە تېخى شۇئار توۋلاپ ئوق ئاچىدۇ!…
5.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئەسكەرلەر يارىدار بولسا سەپدىشىگە : ئاناڭنى، ئا گۇيلارنىڭ ئوقى ماڭا تەگدى-دەپ كۈلۈپ قويىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرگە ئوق تەگكەندىن كېيىن توختىماي بىر نېمىلەرنى دەيدۇ.
6.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئەسكەرلەر ئۆلۈشتىن بۇرۇن : … بۇ…غا بېرىپ قۇيىدىغان خەت…غا دەپ قويغىن، مەن ئۇنى سۆيىمەن!-دەيدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرلەر ئۆلۈشتىن بۇرۇن سەپداشلىرىنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ : چوقۇم…غەلىبە…قىلىڭلار!-دەيدۇ.
7. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئوق تەگسە گوپپىدە يېقىلىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرگە ئوق تەگگەندىن كېيىن قولى بىلەن ئوق تەگكەن جاينى تۇتىدۇ، ئاندىن ئارقىسىغا بۇيرىلىدۇ، ئاندىن «ئاھ»دەپ ئۆلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
8.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئەسكەرلەر گازارمىدا ئولتۇرۇۋېتىپ قاچان ئۆيگە قايتىمىز دېيىشكەچ ئائىلە پاراڭلىرىنى قىلىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرلەر قاچان جەڭ قىلىمىز دېيىشىدۇ.
9. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ھەممە يەردە ئۈزۈلگەن قول-پۇتلار، چۇۋۇلغان ئۈچەيلەر، ھەممە يەردە جەسەت، ھەممە يەردە قان، ھەممە يەردە ئوت… جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، سىنچىلاپ قارىمىسا جەڭ مەيدانى بىلەن ئېتىزنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.
10. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئەسكەرلەر چەتكە ئۆتۈۋېلىپ : ئوقۇم تۈگىدى، مېنى قوغداپ تۇر-دەيدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ ئوقى تۈگەپ باققان ئەمەس…
11. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ھەممە يەردە تىك ئۇچار. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ھەممە يەر ئەسكەر.
12. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئۆلمەيدۇ دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، باشلىنىشىدىلا كىمنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ئېنىق.
13. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى شۇنى دەيدۇكى : جەڭ رەھىمسىز! جۇڭگو جەڭ فىلىملىرى شۇنى دەيدۇكى : جەڭ قىلىش شەرەپ!
14.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى، جەڭ باشلىنىشدىن بۇرۇن : مەيلى غەلىبە قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار، ئۆيگە قايتىشنى ئەستىن چىقارماڭلار، شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى، ھېچقانداق بىر ئەسكەرنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئامان قىلسۇن! جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە جەڭ باشلىنىشدىن بۇرۇن : قۇربانلىق بولمىسا غەلىبە نەدىكەن!؟
مەنبە: ئۆزۈمنىڭ بلوگى، بىر زامانلار بىر خاڭسوچە بەتتىن تەرجىمە قىلغان، مەنبەسىنى تاپالمىدىم.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 07:46:17

توغرا دەپتۇ:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:04:03

يېقىندا جۇڭگۇ فىلىمىنى كۈرۈپ باققىنىم يادىمدا يوق .

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:17:06

ھەممىسى رېجىسورنىڭ قىلغان ئىشى.:lol

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:23:09

ھىندىستاننىڭكىنىمۇ قېتىپ قويماي.:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:44:07

تۈنۈگۈن تىلۋىزوردا بىر ئەر-ئايال ياپون ئەسكەرلېرىگە تاپانچا بىلەن ئوق ئاتسا بىر ئوقتا ئىككى دۈشمەن .ۆلگىنىنى كۆردۈم، شۇنداق كۆپ دۈشمەننىڭ مىلتىقىدىن چىققان ئوقلېرى ئۇ ئىككىسىگە تەگمىدى. شۇنداق بولمىسىغۇ ياپونلارنى قۇغلاپ چىقارغىلى بولماسمىكىن دەپ قالدىم...

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:57:13

  ھەربىرىگە ئايرىم -ئايرىم شۇنداق بىر جاۋاپ بەرگۈم كىلىپ كەتتى ، بىراق مەلۇم سەۋەپتىن ئۇنداق قىلالمىدىم .{:87:}

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:59:21

تېخ ھىندىستاننىڭ اىلىملىرنى دىمەمسىز تېخى:lol:lol:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:12:26

بۇ يەردە مۇنداق بىر سەۋەب بار :

جۇڭگو فىلىملىرىدىكى دۈشمەنلەر  يىراق مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەن، شۇڭا چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئاسان ئۆلىدۇ، ئامېرىكا فىلىملىرىدە بولسا  ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يىراق مۇساپىنى بېسىپ قارشى تەرەپنىڭ زىمىنىغا بېرىپ ئۇرۇش قىلىدۇ، ئوخشاش سەۋەپ بىلەن دۈشمەن ئاسان ئۆلمەيدۇ.
بۇ پۇتبولدىكى  ئۆز مەيدان بىلەن مىھمان مەيداندا مۇسابىقىلەشسە پەرق بولغاندەك بىر ئىش . بۇ مەسىلىنى مانا مۇشۇنداق ماركىزىملىق دىئالىكتىكىلىق سوتسىيالىزىملىق تەپەككۈرنىڭ مەسىلىلەرگە فىزىكىلىق نەزەردە قاراش پوزىتسىيىسى بىلەن قاراپ چۈشىنىمىز {:90:}

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:14:06

مىنىڭمۇ كىچىك تىللىرىم لىپىلداپ كەتتى لىكىن ئۆزەمنى ئاياپ قالدىم .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 10:03:34

ئىشقىلىپ جۇڭگونىڭ جەڭ فىلىملىرى  يېتەرلىك بىر زېرىكىشلىك يۇمۇر

bares يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 10:18:30

ئاشۇنداق 20،30 قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەشكە كەتكەن مەبلەغنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ھەي ......

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:19:25

بۇ پەرق ئىككى خىل ھاياتقا ، ئۆلۈمگە بولغان پوزىتسىيە تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:27:19

ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئۆلمەيدۇ دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، باشلىنىشىدىلا كىمنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ئېنىق.
ئۇيغۇر بەگنىڭ يازمىللىرى ئۈزۈلمىگەي

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:27:40

جۇڭگۇ ئۇرۇش فىلىمىلىردە  ئۆتكۈر قىلىچنى  ياخشى ئىشلىگەن

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:17:32

ئۇرۇش تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە «ئۆتكۈر قېلىچ»  خېلى ياخشى ئىشلەنگەن، ئاڭلىشىمچە ياپونيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا بۇ فىلىم قويۇلۇپ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەنمىش

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:28:35

ئوقى تۈگىمەيدۇ ھاھاھا :funk:

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:36:20

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:10:43

:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:48:02

ئامېرىكا فىلىمىدىكى ئادەملەر ئوق تەگسە ئۆلىدۇ، جۇڭگو نىڭكىدە ئۆلۈشتىن ئاۋۋال يەنە بىر نەچچە دۈشمەننى ئۆلتۈرۈۋېلىپ ئاندىن ئۆلىدۇ.{:92:}
بەت: [1] 2 3 4
: ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر