jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:13:37

بىخەتەر بولاي دىسىڭىز ئەھدىڭىزدە تۇرۇڭ!

بالا قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس ، پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دىگەندەك ،  رېئال تۇرمۇشتا ئادەم خىلمۇ خىل تۇيۇقسىز بالايى قازالارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بۇنىڭ تۇيۇقسىز دىيلىشىدىكى سەۋەب شۇكى سىز ھەتتا شۇ كېلىشمەسلىك كېلىشتىن بۇرۇنقى نەچچە سېكونت ۋە ياكى نەچچە دەقىقىغىچە ھېچقانداق تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغان بولىسىز ، كۆپ ھاللاردا ئادەم بۇنداق تۇيۇقسىز ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئامالسىز قالىدۇ ، پەقەت نەچچە سېكونت ، نەچچە دەقىقە بىر كىشىنىڭ ھەتتاكى بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى توزۇتىۋېتىشقا يېتىشى مۇمكىن ...
قائىدە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق بويسۇنۇش بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى پۈتۈنلەي توسالمىسىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلىشى مۇمكىن ، سۈرئەتنى ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىش ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش ، رىشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ، تېز سۈرئەتلىك يولدا تۈۋەن سۈرئەتلىك قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ياكى پىيادە مېڭىش ، مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش ، ھارغاندا ياكى كەيپىياتى ياخشى بولمىغاندا ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق نۇرغۇن ئەسلا قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىشلار بۇ پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولىدۇ ...
تۆۋەندە بىر قانچە ھەركەتلىك رەسىم ئارقىلىق بەزى ۋەقەلەرنى كۆرۈپ باقايلى
http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254359.gif
سۈرئەتنى ئاشۇرۋېتىش ۋە قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشى تەڭلا سادىر بولغاندا ئاقىۋىتى چوقۇم بەك ئېچىنىشلىق بولىدۇ

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254354.gif
قاتناش قائىدىسى ۋە بەلگە چىراقلارغا بويسۇنۇش ئاپتوموبىللارنىڭلا بۇرچى ئەمەس ، موتوسىكىلت ، ھەتتا پىيادىلەرمۇ چوقۇم بويسۇنۇشقا تېگىشلىك .

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254353.gif
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا پىيادىلەرنىڭ كىرىۋېلىشى ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بىلەن ئوخشاش ئىش ، ھېچقانداق بىر شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتتە مېڭىۋېتىپ ئالدىغا تۇيۇقسىز چىقىپ قالغان ئادەمنى سوقۇۋەتمەي تورمۇزلاپ بولالمايدۇ ...

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254356.gif
ئاچا يولدىن چوڭ يولغا چىققاندا چوقۇم ۋە چوقۇم چوڭ يولدىكى قاتناش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئانداىن چىقىش كېرەك ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم سۈرئىتىڭىز چوقۇم ئاستىلىشى كېرەك!

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=8afe571d62d9f2d3201124e799ed8a53/7684a24543a982263ef643db8a82b9014b90ebdc.jpg


http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=c9ffe3794aed2e73fce98624b700a16d/92f31a2442a7d9333710e88ead4bd11372f00157.jpgيۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر قېتىملىق كىچىك ھادىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغاندا ئىككىنجى قېتىملىق ھەتتا ئۈچىنجى قېتىملىق چوڭ ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن...

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254351.gif

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254352.gif
ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە ماشىنىدىن يول تالىشىش ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=08ce93218a13632715edc23ba18ea056/83579f82b9014a90ef124940a9773912b21beedb.jpg

http://att1.dzwww.com/forum/archive/month_1005/100518143071e2d07f5aedfea9.gif

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254349.gif

http://img3.cccv.cn/rt/bbs/2013/hlx/9/72-201309041239254350.gif

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=faec003e3a87e9504217f364203a531b/a02d40fbb2fb431621ce758720a4462308f7d33e.jpg
بەزى چاغلاردا ، قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنۇش سۇنماسلىق بىلەن بالا قازانىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=dbd4fc11f703918fd7d13dc2613f264b/d7d0e303738da97781e12ddab051f8198718e332.jpg
ئەزرائىل بىلەن سۈركۈلۈپ ئۆتۈش كېتىش دەيمىزمۇ بۇنى...

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=2c521effb13533faf5b6932698d2fdca/d282c0628535e5ddd29b322e76c6a7efcf1b6248.jpg
بەزى ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشمۇ ئانچە ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن...

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=bc9ceac34c086e066aa83f4332097b5a/9e0f6df0f736afc37d344997b319ebc4b64512c3.jpg
يەنىلا قىزىل چىراقنى بېسىش، ھەددىدىن ئاشقان سۈرئەت.....بۇ ئىككىسىدىن بىرى كام بولسا يۇقارقى پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى...

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=1a150683f21fbe091c5ec31c5b620c30/7464ad99a9014c080fd811500a7b02087af4f420.jpg
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا باشقىلارنىڭ خاتالىقى سىزنىڭ پالاكىتىڭىز بولۇشى مۇمكىن.....

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=0a903f6e462309f7e76fad1a420c0c39/2e5c9201a18b87d662a581e5070828381e30fd21.jpg

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=0486570ca7efce1bea2bc8c29f50f3e8/66b2a7119313b07e5ee944f20cd7912396dd8cb0.jpg

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=1a5b508b9258d109c4e3a9bae159ccd0/9ca92c01213fb80ebce3522236d12f2eb83894d1.jpg

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=24c21f2536d12f2ece05ae687fc3d5ff/888e23d3d539b60065dd7145e950352ac75cb7f5.jpg

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=5d288b7d6c81800a6ee58906813433d6/ab913a2eb9389b50c3b292a08535e5dde6116eb7.jpg


http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=055a88e62834349b74066e8df9eb1521/1753762762d0f703b1f8fc2008fa513d2797c540.jpg


http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=6b74f34787d6277fe912323018391f63/300bc41373f08202b6daf6c34bfbfbedaa641b46.jpg
بۇنداق تەلەيلەر ھەممىلا كىشىگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ....

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=f10d9a4c65380cd7e61ea2e59145ad14/ef4e19f3d7ca7bcb4b35a2d3be096b63f724a844.jpg
چېكىدىن ئاشقان ھەرقانداق ھەركەت چوقۇم مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ!

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=83418bffc895d143da76e42b43f28296/027deddcd100baa10cf720474710b912c9fc2e37.jpg
نەس بىلەن پالاكەت تەڭلا باستى دەمدۇق ئەمدى....

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=57a1705b59ee3d6d22c687c373176d41/2d11ed198618367adc281c212e738bd4b21ce56d.jpg

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=baa3fdd4972bd40742c7d3f54b889e9c/b85f80cad1c8a7867a9029f26709c93d71cf5050.jpg
قىشتا تېيىلىپ كەتسە مۇشۇنداق چاتاقكەن ....

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=2603f41ffd1f4134e0370576151e95c1/0daf63c6a7efce1b1d0ba136af51f3deb58f65ee.jpg
ھېلىمۇ قاچقىدەك ۋاقىت چىقىپتۇ....

http://att1.dzwww.com/forum/archive/month_1005/100518143071e2d07f5aedfea9.gif
قىزىل چىراقتا توختاپ تۇرۇشمۇ مۇتلەق بىخەتەر ئەمەسكەن مانا .... ئاۋۇ ئۈچ چاقلىقنىڭ تەلىيىگە قاراڭ.....

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=123e30391bd5ad6eaaf964e2b1ca39a3/8498a93eb13533fa42ae98d3a8d3fd1f40345bf7.jpg
ماشىنا نىمىش قىلۋاتىدۇ ، ئادەمچۇ..... ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەۋەبى بەكلا چۈشىنىكسىز...

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=bf7ab4de632762d0803ea4b790ed0849/17c2ac014a90f603651b97ba3912b31bb151ed60.jpg
تۇيۇقسىز يۆنىلىش ئۆزگەرتىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى....

http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=14716ef0269759ee4a5060c382fa434e/2e5ba551f81986182af1e5794aed2e738ad4e65d.jpg
http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=7367eaf4b6003af34dbadc68052bc619/bbd74cee3d6d55fbf74f7cdb6d224f4a21a4dd06.jpg
http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=fd80f7305266d0167e199e20a72ad498/605f5434970a304ee144d407d1c8a786c8175cad.jpg
http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=d82390d7367adab43dd01b4bbbd5b36b/e6c98b510fb30f24629dcffcc895d143ac4b038d.jpg
موتوسىكىلىت ئىسمى جىسمىغا لايىق جانئالغۇ .....

ھېچكىم يۇقارقىدەك بالايى قازالارغا مەڭگۈ ئۇچرىمايمەن دىيەلمەيدۇ ، خۇدايىم ساقلا دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەش بىلەن بىللە ، ئامال بار قاتناش قائىدىسىگە رېئايە قىلغان ھالدا يول يۈرۈش ئەڭ مۇھىم .....
مەلۇم بىر پاجىئەنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن  سۈرئەت ، قائىدىگە بويسۇنماسلىق ، ھارغىنلىق ، مەستلىك ،  ھەددىدىن ئاشقان ھەركەت.....دىگەندەك بىر قاتار ئامىللار ھازىر بولۇشى كېرەك ،   مەسىلەن ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۆزى خاتا ئىش ، ئۇنىڭغا سۈرئەت تېز بولۇش قوشۇلسا ئىقتىسادى زىياندىن ھالقىپ جانغا تاقالغۇدەك پاجىئەلەر چىقىشى مۇمكىن ....  
قىسقىسى  ،  ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى يۇقارقىدەك بالايى قازالاردىن ساقلىسۇن ،  يول قاتناش قائىدىسىنىڭ ئۆزى بىر توختام ، كېلىشىم ، يەنى شۇ يول ۋە يولدىكى ئەسلىھە ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە قاتناش ۋاستىلىرى شۇنداقلا پىيادىلەر ئارىسىدىكى بىر كېلىشىمنامە ، توختامغا ئەمەل قىلىش دۇرۇس ئىش ، ئوڭ ئىش ،  ئەكسىچە توختامغا ئەمەل قىلماسلىق ناچارلىق... بۇنىڭ زىيىنى ئۆزىمىز بىلەنلا كەتمەي نۇرغۇن بەخىتلىك ئائىللەرنىڭ يىغا زارىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن ، ئەڭ مۇھىمى بۇ ۋەدىگە ۋاپا قىلغاندا كۈتۈلمىگەن بالايى قازالارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ ، شۇنداقلا ۋەدىسىدە تۇرغان كىشىنى ئاللاھمۇ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ ....
ھەممىمىزگە تىنىچ ئامانلىق ، بىخەتەرلىك ، ساغلاملىق يار بولغاي!

ھە راست ، بىر رەسىم ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ
http://imgsrc.baidu.com/forum/w%3D580/sign=9ca2663f3a87e9504217f3642039531b/a02d40fbb2fb43164780138620a4462308f7d36b.jpg
پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىمەڭ:lol

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:32:17

بەزى رەسىملەر تۇلۇق چىقماپتۇ  مەنمۇ بەزىدە ماشىننى بەك تىز ھەيدەپ كىتىمەن  چۇقۇم ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ئادەت

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:42:09

سۇرەتلەرنى بەيدۇدىن بىۋاستە كۆچۇرسە چىقمايدۇ.شىنلاڭدىن باشقىسى مۇشۇنداق چىقىۋالىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:58:07

شۇڭا ماشىنا ھەيدىمىدىم .

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 17:34:15

  توغرا ، قاتناش قائىدىسىگە ھەممە بىردەك رىئايە قىلىش كىرەك . ئەسكەرتىپ قۇيىدىغىنىم : كىچىسى ئىمكان بار كىچىك چىراق بىلەن يۈرسەك دەيمەن ، باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى ھۆرمەت قىلساق .............

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 17:54:59

موتوسكىلىت شەھەر-بازارلاردا قاتناش قورالى بولماسلىقى كېرەك، يولى ئايرىلمىغان توكىسكىلىتلارمۇ-ھەم.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:21:27

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:35:18

albAX يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 17:34 static/image/common/back.gif
توغرا ، قاتناش قائىدىسىگە ھەممە بىردەك رىئايە قىلىش ك ...

ھازىر كىچىك چىراقتا يۇرىدىغان شوپۇر قالمىدىمىكىن دەپ قالىمەن ، بولۇپمۇ يۇك ماشىنا شوپۇرلىرى..كىچىدە موتۇ بىلەن يولدا ماڭسا چوڭ ماشىنا كەپ قالسا ئۇدۇلدىن توختاپ ئۆتەپ كەتكەندىن كىيىن ماڭمىسا ھىچنىمىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ دە :curse:

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 21:22:43

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 18:35 static/image/common/back.gif
ھازىر كىچىك چىراقتا يۇرىدىغان شوپۇر قالمىدىمىكىن دەپ ...

مەنغۇ چوڭ چىراق يېقىۋالغان كىچىك ماشىنىلارغا ئۇچراپ قالسام بەلگە بېرىمەن ، ئۆزگەرتمىسە  چوڭ چىراقنى ئېچىپلا ئۇدۇل شۇ ماشىنىغا قاراپلا ماڭىمەن ، ئا گۇي دەرھاللا  كىچىك چىراققا يۆتكەيدۇ ..ناۋادا كېرەك ئۆزگەرتمەي ئۇمۇ جاھىللىق بىلەن مېڭىۋەرسىمۇ ، شەھەر ئىچى بولغاندىكىن ئادەم بىر نېمە بولماس دەيمەنغۇ..

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 22:04:57

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 21:22 static/image/common/back.gif
مەنغۇ چوڭ چىراق يېقىۋالغان كىچىك ماشىنىلارغا ئۇچراپ  ...

بىرتەرەپلىمە دەمسىز كارىم يوق! بەزى گۇيلارغا شۇنداق قىلمىسڭىز يولنىڭ سىرتىغا  چىقىپ كېتىسىز !!! مەن داۋامىلىق شۇنداق قىلىغلىق!

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 23:04:35

قىش كۈنلىرى ماشىنام ئارام ئالدۇ{:92:}

ياز كۈنلىرى ھەيدەپ قويمەن ھەۋىسىم {:92:}

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 23:17:32

موتۇرۇمنى بەك شالاقلىتىۋەتتىم.لىكىن بىرەر قىتىممۇ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ئىشىم يوق.قائىدە چىڭىپ كەتسە موتۇرۇمنى تۇتىۋىلىپ بىراك قىلىۋەتسە مەيلى.ھىچكىم پەرۋا قىلمايدىغان قىزىل چىراقتا تۇرغىنىم تۇرغان.نەچچە ماشىنلار ھەتتا ۋەزىيپىگە ماڭغان ساقچى ماشىنسىمۇ تاس قالغان ئۈسۈپ قۇيغىلى.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:30:42

كېچىسى كوچا چىراقلىرى بار يوللاردا يۈرگەندە يېقىن نۇرلۇق چىراقنى ياندۇرىمىز،كوچا چىراقلىرى يوق  يەردە يىراق نۇرلۇق چىراقنى ياندۇرىمىز. كوچا چىراقلىرى يوق يوللاردا كېچىسى يول يۈرگەندە قارشى تەرەپنى كۆرگەندە ،ئاۋال يېقىن نۇرلۇق چىراقنى ياندۇرۇپ ، قارشى تەرەپكە سالام يوللايمىز، قارشى تەرەپ سالامنى قۇبۇل قىلسا ، سالام قايتۇرۇپ  يېقىن نۇرلۇق چىراقنى ياندۇرىدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يىراق نۇرلۇق چىراقنى ياندۇرساق بولىدۇ.  
ئەمما ئەمما يەنىلا ئەمما..............

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:51:48

  كىچىدىكى نۇرغۇن قاتناش ۋەقەسى مۇشۇ چوڭ چىراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك ، ساپاسى ئەڭ تۆۋەن شوپۇرلار چىراق سالىمى قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن . سىلەر ۋە بىز ئۇنداق ساپاسىز بۇلۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك ئەلۋەتتە .:)

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:58:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lutpulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 08:59  

شۇ، سالامغا سالام قايتۇرمىغان شوپۇرنى بېغىرنىڭ ماشىنىسنىڭ چاقىنى يەملەش جازاسى بەرسەك .:lol

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:22:59

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 18:35 static/image/common/back.gif
ھازىر كىچىك چىراقتا يۇرىدىغان شوپۇر قالمىدىمىكىن دەپ ...

مەن تېخى بىزنىڭ مىششەدىكى شوپۇرلارلا ئاشۇنداق قىلامتىكى دېسەم، سېلنىڭ ئا يەدىما باما ئۇنداق شوپۇرلار؟ ھازىر نامازشامدىن كېيىن ماشىنا ھەيدەشتىن بەك قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:23:39

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 21:22 static/image/common/back.gif
مەنغۇ چوڭ چىراق يېقىۋالغان كىچىك ماشىنىلارغا ئۇچراپ  ...

ياخشى ئادەت ئەمەس!

alyar- يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:42:56

ماشىنامغا بىر پوتۇلكا سۇ ئىلىۋالىمەن،كىچىدە چوڭ چىراق يېقىۋالغانلارنى كۆرسەم مەنمۇ لاپىلدىتىپ سالام بىرىمەن،سالامنى ئېلىك ئالسا تەلىيى،بولمىسا پوتۇلكا ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ،بىر كۈنى قارىسام پوتۇلكا يوق ئاۋۋال قەغەز كورۇپكىسىنى ئاتتىم يەنە بىرسى ئۇچراپتى،تاس قالدىم،ئاپام تۇتىۋالمىسا ئايىقىمنى سېلىپ ئاتقىلى... ئىشقىلىپ شوپۇر يولداشلار چوڭ چىراقنى ئامال بار ياقمايلى،كەچتە قاپقارا كىيىم-كىيىۋىلىپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىۋالىدىغان تورنىك ئاتلايدىغان كىشىلىرىمىز بەك كۆپ...

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 12:07:27

ئۆتكەندە قانۇن ۋە پۇقرا پىروگراممىسىدا خوتەندە يۈزبەرگەن بىر قاتناش ۋەقەسى كۆرسىتىلدى. ھىيت ھارپىسىدا سىرتتا ئىشلەپ يۇرتىغا قايتىۋاتقان ئاياللارنى ئىلىپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتنى كەينى تەرەپتىن بىر ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن.نەتىجىدە بىرلا ئادەم ھايات قالغاندىن باشقا موتوسىكىلىتتىكى ھەممەيلەن بەكلا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن.فىلىمدە ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك  بىلەن ئانالىز قىلىندى.ئاخىرىدا ئاپتوموبىل شوپۇرى ئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ تۈرمىدە ياتتى.مەن شۇ بىر نۇقتىغا دىققەت قىلدىم.فىلىمدە ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانى بايان قىلىنىپ رىياسەتچى مۇنداق بىر نۇقتىنى تىلغا ئىلىپلا ئۆتۈپ كەتتى.ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرىۋاتقاندا ۋەقە چىقارغان ئاپتوموبىل ئوخشاش يۆنىلىشتە ئارقا تەرىپىدىن كەلگەن.دەل شۇ پەيتتى قارشى تەرەپتىن بىر يۈك ئاپتوموبىلى كۈچلۈك يىراقنى كۆرسىتىش چىرىقىنى ئىزچىل ياندۇرغان ھالدا ئۆتۈپ كەتكەن.بۇ چاغدا <<سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ. چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن>>شوپۇر ئالدىدىكى موتوسىكىلىتنى كۆرمەي تورموزغا دەسسەشكىمۇ ئۈلگۈرمەي پاجىئەلىك ۋەقە يۈزبەرگەن.لىكىن مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەندە ھىلىقى يۈك ئاپتوموبىلىغا ھىچقانداق مەسئۇلىيەت بىكىتىلمىگىنى ھەتتا قايتا تىلغا ئىلىنمىغىنىدىن قارىغاندا دىلو بىجىرگەن خادىملارنىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىنى ئىزدىمىگەنلىكى مەلۇملۇق. دىمەك  چىراقنى توغرا ئىشلەتمىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:24:07

بىر قېتىم ئاغىنەم بىلەن چوڭ يولدىن قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ،يولنى ئىككىگە بۆلۈپ قويدىغان دەرەخ تىكىپ ، گۈل -گىياھ تېرىپ قارشى تەرەپتىكى كىچىك ماشىنىلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان( چىتلاق دەيمىزمۇ؟ نېمە دەيمىز ؟)  يەردىن  ئالدىمىزغا ئەمدىلا بىر قەدەم ئېلىشىمىزغا، بىر ئوۋدى ماشىنا بەك تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتتى ۋە سۈرئىتىنى ئازراق ئاستىلاتتى..مەن تەخمىنەن بىر سىكۇنت داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغاندىمەن  ..ئالدىمغا قارىسام  تاشيولنىڭ پۇچۇلىنىپ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە بىر يوغانراق ئالمىدەك تاش تۇرۇپتىكەن يۈگۈرۈپ بېرىپ قولۇمغا ئېلىپلا ماشىنىغا قاراپ كۈچەپ ئاتقانتىم ، ئارىلىق يىراق بولغانلىقتىن ئاتقان تېشىم مېڭىۋاتقان ماشىنىنىڭ كەينىدە قالدى .ئىچىم ئاچچىق.......
ئۇ شوۋچى خىت  تايمۇ تاش ئاتقاننى كۆرۈپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ كېتىپ قالدى..كەينىگە يېنىپ كەلسىكەن دەپ ئۈمىد قىلسام ئۈمىدىمنى يەردە قويدى.. شۇڭا توكسىكىلىت بىلەنلا كەينىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتۇق.. يېرىم سائەتتەك ئالدى تەرەپتىكى بەش ئالتە ئائىلىلىكلەربىناسىنىڭ ، بىر خىت تايلارنىڭ كېچىلىك كۇلۇبىىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماركىسى بىلەن نومۇر تاختىسىغا( ماشىنا نومۇرىنىڭ 陕K دېگەن ئۆلكە ئىسمى بىلەن ئالدىدىكى ئۈچ خانىسى ئېسىمدە قاپتىكەن ) قاراپ چىقتۇق...ئەمما تاپالمىدۇق ، تېپۋالغان بولساق ھەممە ئەينىكىنى چېقىۋېتىپ قېچىپ كەتمەكچىتۇق..بەك كەچ بولۇپ كەتكەچ، توكسىكىلىتمنىڭ سېۋىتىگە قاچىلىۋالغان تاشلارنى تۆكىۋېتىپ  ئۆيگە قايتىپ كەتكەن..
بەزى شوپۇرلار ماختاشقا لايىق ،بەزىلىرى تاياققا ،يەنە بەزىلىرى قاماققا لايىق...ئۈچۈنچىسى قولدىن كەلمىگەندىكىن بىرىنچى ،ئىككىنچىسى قولىمىزدىن كەلگەندىكىن لايىق كىشلەرگە لايىقىدا قىلىپ قويساق بولىدۇ..
بەت: [1] 2
: بىخەتەر بولاي دىسىڭىز ئەھدىڭىزدە تۇرۇڭ!