ئالتۇن سودا تەھلىلى10 / 12
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1201.2 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1204.48 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1199.17 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1201.07 دوللار بولدى .ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.81 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1232 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1227-1232 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرىنىڭ تەۋرىنىش سۇس بولدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1240 دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1230-1220 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر 1240 دوللاردىنىشىپ كەتسە 1248-1246 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
.3 كەچلىك ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1220 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1230-1235 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ئەگەر قايتا 1220 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە قايتا 1225-1228 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1210 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1248 ، 1240
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1210 ، 1220
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1240
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1220
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1240
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.72 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1227 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ئاخشام پۈتۈن دۇنيا پاي چېكى بازىرى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا دۇچار بولغانلىقى ھەمدە دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن 40 دوللار ئۆسۈپ ، ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا 1238.10 دوللار دىكى نۇقتىنى يېڭىلىدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا جۇڭگو ۋە ئاۋسترالىيە ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا ، ئەنگلىيە 10 - ئايلىق تاۋار سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيە ئىقتىساد مەلۇمات ئىپادىسى ئاجىز بولغان ، ئەگەر بۈگۈن ئېلان قىلىدىغان ئەنگلىيە سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا فوندستېرلىڭ داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .
تۈنۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى
12- ئاينىڭ 9 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، دوللار / يېن باھاسى دۈشەنبە كۈندىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ ئۆرلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ؛ بۇ سودا كۈندە جۇڭگو پۇل پاخاللىقى قاتارلىق ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، پاي چېكى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ نېفىت باھاسى ۋە ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ؛
ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن 4 چوڭ ئامىل
پاي چېكى بازىرى تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن ، تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىگەن ، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ۋە قۇرۇق سودا قىلىش ئەسلىگە كېلىشى بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن 40 دوللار ئۆسۈپ ، ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا 1238.10 دوللار دىكى نۇقتىنى يېڭىلىدى . جۇڭگو پاي چېكى بازىرى 5% تۆۋەنلىگەن ، گرېتسىيە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلىپ بېرىشى ۋە ياۋرۇپا دۆلەت قەرزى كرىزىسى ئالتۇن قاتارلىق خەۋپتىن ساقلىنىش كاپىتال ئېھتىياجى يۇقىرى ئۆرلىگەن .
ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن 4 چوڭ ئامىل :
بىرىنچى : پۈتۈن دۇنيا پاي چېكى بازىرى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا دۇچار بولغانلىقى . جۇڭگو پاي چېكى بازىرى 5.4% تۆۋەنلىگەن ، ياۋرۇپا پاي چېكى بازىرى 2.3% تۆۋەنلىگەن ، گرېتسىيە پاي چېكى بازىرى 13.0% تۆۋەنلىگەن ، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى 20 نۇقتا تۆۋەنلىگەن .
ئىككىنچى : دوللار كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىشىشى . ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئاساسىي كۆز قاراش نۇتۇق سۆزى دوللار يۆلىنىشىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ دوللار چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
ئۈچىنچى : ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرگە يېتەلمىگەنلىكى .
تۆتىنچى : قۇرۇق سودا قىلىش ئەسلىگە كېلىشى . خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئالتۇن سېتىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتكەن .
ئاسىيا بازىرىدىكى پېرېۋوت باھاسى ئەھۋالى
FX168خەۋىرى ، بۈگۈن ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلەپ 88.72 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛
دوللار / يېن باھاسى 119.55 ئەتىراپىدا ئايلاندى ، ئاخشام پېرېۋوت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن بولۇپ ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 117.96 بولدى ، كېيىن يەنە ئۆرلىگەن بولۇپ بېيجىڭ ۋاقتى 11:05 دە ، 119.55/58 ئەتىراپىدا بولدى ؛
ياۋرو / دوللار باھاسى 1.2395 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، بېيجىڭ ۋاقتى 12:40 دا ، 1.2393/95 ئەتىراپىدا بولدى ؛
فوندستېرلىڭ / دوللار باھاسى 1.5680 ئەتىراپىدا ئايلاندى ، بۇ ھەپتە پېرېۋوت باھاسى ئەڭ تۆۋەن ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 1.5540 بولۇپ ، كېيىن يەنە ئۆرلەپ بېيجىڭ ۋاقتى 12:50 دە ، 1.5680/84 ئەتىراپىدا بولدى ؛
بۈگۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى
12- ئاينىڭ 10 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 88.8075 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 88.488 ، ئوتتۇرچە باھاسى 88.60 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.15% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 88.7313 بولۇپ ، 88.72 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 88.506 ، سېتىلىش باھاسى 88.516 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 88.7279 بولدى .
مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]