nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 15:03:41

ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى تېلفون تۇتۇشقا بولامدۇ ؟

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى ئەزىزلەر .
  بىز مەكتىپىمىزدە «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېلفون  تۇتسا بولامدۇ-بولمامدۇ»تېمىسدا مۇنازىرە مۇسابقىسى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلرايى تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق.شۇڭا ئەزىزلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇنىڭغا بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سورايمىز.ئەلۋەتتە، ئىزدىنىشتا ئوچۇق پىكىرلىك بالىلار كۆپ، لېكىن، بۇنىڭغا بېلەت تاشلىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفوندىن مۇۋاپىق پايدىلنىش ۋە پايدىلىنالماسلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا بۇ ھەقتە مۇنازىرىگە قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز.
ئەلۋەتتە يېقىندىن بېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفون تۇتۇشى بەكلا ئاۋۇپ قېلۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ چەكلىمەكچى ئەمەس. لېكىن بىز سىتاستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بىزنى چۆچتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇنىڭغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئويلاشتۇق.
تەكشۈرۈپ چىقىلغان نەتىجە ؛
ئائىلە بىلەن ئالاقىلىشىش %20.552، ئۇچۇر يوللاش %12.17، ئويۇن ئويناش %19.13، تورغا چىقىش %8.99، (مۇڭدىشىش) %39.158 نى ئىگىلەيدىكەن.
تېلفوننىڭ كېلىش مەنبەسى : %71 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بېرىكەن، %9ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى ئىشلەپ تاپقان پۇلغا ئالىدىكەن.%12ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى يىغقان پۇلغا ئالدىكەن.%8 ئوقۇغۇچى باشقىلار سوۋغا قىلغان تېلفوننى تۇتىدىكەن.
دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفوندىن پايدىلىنىشتىن كۆرە، پاراڭلىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان.شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ، ئۆزلىرى ياخشى بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلىمەكچى بولدۇق.
بىراق مەسىلە شۇكى : ئوقۇغۇچى مۇۋاپىق پايدىلىنالامدۇ ؟ ئۇنى كونترول قىلالايدىغان ھالەتتىمۇ ؟

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:09:26

مېنىڭچە بېلەت تاشلاش تۈرى ئاز بولۇپ قاپتۇ

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:12:19

يانفون ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتنى بۆلىدىغان ئامىللار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تورىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:17:03

تۈرى ئازكەن راست. لېكىن ئاشۇ بۇرۇنقىدەك پەقەت تىلفۇن ئۇرغىلى ھەم ئاڭلىغىلى، ئانچىمۇنچە ئۇچۇرلاشقىلى بولىدىغان تىلفون بىلەن چەكلىسەك مۇشۇ باش ئاغرىقى يوق ھەقىچان.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:23:22

باشلانغۇچمۇ تۇتىدۇ،
ئوقۇغۇچىلار يانفۇنى بار .
يانفۇننىڭمۇ نەچچە تۇرى بارغۇ ئوقوغۇچىلار يانفۇنى ياشانغانلار يانفۇنى ۋە بىزدەك تىلفۇن خۇمارلار يانفۇنى دەپ .
شۇ تۇر بويىچە ئىشلەتسە بولىۋىردۇ.

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:28:58

تىلفۇن تۇتسا بولمايدۇ …قەتئى مەنئى قىلىش كىرەك

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:31:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardar8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 16:32  

……

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:32:28

مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بىر نەچچە كۈندىن بىرى  كەسىپداشلىرىم ۋە ئوقۇغۇچىلرىم بىلەن دەل مۇشۇ مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ قالدىم. بۇنىڭ بىۋاستە سەۋەبى يېقىندا ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرە پائالىيىتىنى كۆرسىتىپتىكەن،شۇڭا بۇ يېقىنقى كۈنلەردە  مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى.

مەن دەيمەن: بۈگۈنكى دەۋردە  بۇ مۇنازىرە تېمىسىنى  «بولامدۇ؟» ياكى «بولمامدۇ؟» دېگەندەك مۇتلەق جاۋاب ئىزدەشنى چىقىش قىلىپ قويۇش  ئاقىلانىلىق ئەمەس. چۈنكى ئاددىيسى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ يانفۇن تۇتسمۇ -تۇتمىسىمۇ ھەرئىككىلسىىدە «بولىدىغان» تەرەپلىرى بار.
ئوقۇغۇچىلارنى ئىنكارچىكلىققا ،بىرقۇتۇپقىلا ئېغىشقا يېتەكلەش مائارىپنىڭ مۇددىئاسى ئەمەس. بۇ بالىلاردا مۇستەقىل پىكىرقىلىش  يېتىلدۈرەلمەيدۇ ياكى ساختا پىكىر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. يەنە بىرسى بۇنداق پائالىيەتتە مەلۇم تەرەپنىڭ يېڭىشى ( مەسىلەن : مەكتەپنىڭ تەربىيە نىشانى توغرا دەپ قارىغان تەرەپ) ئالدىن بېكىتىلىپ بولۇنغان بولىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ تەپەككۈر ئەركىنلىكىنى باشقۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

گەپنىڭ قىسقىسى : مۇشۇ مەسىلىدە «يانفۇن» - ياخشى تەرىپىمۇ، يامان تەرىپىمۇ بولغان نەرسە، مۇھىمى ئۇنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى. شۇڭا ئۇ بىرتاياقتا سەلبىي نەرسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بىرقىسىم بالىلارنى قايىل قىلالمايدۇ. شۇڭا « بولامدۇ؟» ياكى «بولمامدۇ؟» نىڭ ئورنىغا  « قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟» دېگەن يۆنىلىشتە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن ئۆزۇمچە .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:38:40

تىمىنىڭ تىمىسىدا مەسىلە باكەن

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:46:33

مەن 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ يانفۇنىدا سېرىق فىلىم كۆرۈپ قالدىم . قولىڭىزدىن كەلسە جەمىيەتتىكى پاھىشە پاھىشۋازلارنىڭ تىلىفۇندا سودا قىلىشىنى
ۋە توردىكى شەھۋانى ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارنى چەكلىيەلىسىڭىز،تىلىفۇن ئىشلىتىشكە يول قويۇڭ
ئەمىسە قولىڭىزدىن كەلمىسە،بالىڭىزنىڭ شۇ مۇھتقا
ئارلىششىنى كىچىكتۈرۈڭ ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنىڭ تېلىفۇنىنى نازارەت قىلالىسا،ھەم شۇنداق سەۋىيەسى بولسا يول قويسا بولامىكىن . ئۆزى ئايفۇن 6نى كۆتۈرۋىلىپ، ئاپراتى بىلەن ناخشا ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن باشقىنى ئىشلىتىپمۇ باقماي بىراك قىلىۋىتىدىغان
ج پ ئەس ئىقتىدارنى قوزغۇتۇڭ دىسە قايلاپ تۇرىدىغان ئاتا ئانىلار ئەڭ ياخشىسى ئويلىنىپ بىر ئىش قىلغان ياخشى .

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:47:33

تېما ماۋزۇسىدا بىر خەت چۇشۇپ قاپتۇ ......!
سىتاتسىكانى  ئۆز مەكتىپىڭلاردا ئىلىپ باردىڭلارمۇ ياكى  توردىكى سىتاتسىكىغا قارتا يىزىپ قويدىڭىزمۇ؟

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:58:03

مەكتەپ ئوقۇتۇش رايونىدا سىگنال توسقۇچ ئىشلەتسىچۇ،،
ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا تىلفۇننى توغرا ئىشلىتىش توغرىلىق نەسىھەت تەربىيە قىلىشنى تەڭ ئىلىپ بارسا بىر مەزگىلدىن كىيىن چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بەزى مەكتەپلەردە تىلىفۇننى يىغىۋىلىپ قايتقاندا قايتۇرۇپ بىرىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 17:36:55

بىزنىڭ بالىلارنىڭ تىلىفۇنىدىن چىققان نەرسىلىرىنى كۆرسەڭلار قېنى ياقام دەپ كېتىسىلەر جۇما

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:01:54

تېمىنىڭ ماۋزۇسىدا مۇھىم سۆزدىن بىرى يوق تۇرىدۇ، نەگە كەتتىكىن؟
يەنە بىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىشلىتىلىشىدە، «تېلېفون ئىشلىتىش» دەيدىغانلىقى ۋە يىللاردىن بىرى شۇنداق ئۇمۇملاشقانلىقى ئېسىمدە باردەك قىلاتتى. ئەمدى «تېلېفون تۇتۇش» بولۇپ ئۆزگەردىمۇ؟

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:41:16

بۇ كەم بۇ زامانغا كەلگەندە تىلفۇندىن تۇسۇپ بولغىلى بۇلامدۇ،؟
مىنىڭچە بۇ ئەسىرنىڭ تەرەقىقىياتىدىن ئۇلارنىڭمۇ ھۇزۇر ئىلىش ھۇقۇقى بار،

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:48:01

بىر مەزگىل   تۇتۇپ راسا پۇخادىن چىققاندا ئاندىن دۈم چۈشمەيدىغان بولىدۇ.  ئۆزى قىلالمىغان ئىشنى باشقىلارغا زورلاشنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ.
بىز كىچىك چاغلاردا ئاتا-ئانىمىز تىلۋىزور كۆرمەڭلار ، تەكرار قىلىڭلار دەپ بىر ئۆيگە سولاپ قوياتتى. لېكىن ئۆزلىرى تىلۋىزورنى يۇقۇرى ئاۋازدا ئېچىپ قويۇپ كۆرەتتى. بىز بولساق كۆرگنىمىز كېلىپ كېتىپ ئارلاپ ئاشخانە ئۆيگە ئۇنىڭ بۇنىڭغا كىرگەن بولۇپ بوينىمىزنى سوزۇپ كۆرۈپ چىقىپ كېتەتتۇق.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:51:18

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 19:00:30

مېنىڭ بالام كىچىك چېغىدا تىلۋىزورنى دۈم چۈشۈپ كۆرەتتى. چەكلەپمۇ چەكلەپ بولالمىغان. دۆلىتىمىزدە ئشلەنگەن تارىخى كىنولارنى بەك كۆرگەن چېغى، ھازىر(خەنزۇ تىلىدا ئوقىسىمۇ) تارخ دەرسىدە نەتىجىدە ئەڭ ياخشى.تارخ دەرسى ۋەكىلى ئىكەن .
كېيىن ئۆيگە كومپىيۇتۇر ئالغاندىن كېيىن كومپىيۇتۇرغا دۈم چۈشتى. نەچچە رەت پوچتىخانىغا بېرىپ ئۈزىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم. لېكىن ئۈزگىلى قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن توك سىمىنى چىقىرۋىتىپ ئۇ يەر بۇ يەرگە تىقىپ قويىدىغان بولدۇم. يەيدىغان نەرسىنى تاپالمىسا تاپالمايدۇكى توك سىمىنى تېپىۋالىدۇ. ئاخىرى بۇنىڭغىمۇ خېلى تويۇپ قالدى. بىر پايدىسى كومپىيۇتۇر مۇرەككەپ مەشغۇلاتلىرىنى قىلالايدىغان بولدى. توردا مال سىتىۋالغىلى بولىدىغان ئالىپاينى ئۆزى بىجىرەلىدى. ھازىر ساۋاقداشلىرى بىر نىمە ئالماقچى بولسا بىزنىڭ ئۆيگە پۇل كۆتىرەپ كىرىدۇ، بالام ئېلىپ بىرىدۇ.نۇرغۇن خەنزۇ بالىلار ئۆيىدىكى كومپىيۇتۇردا كۆرۈپ ئالالمىغان نەرسىنىڭ رەسىمىنى چ چ دا يوللاپ بىرىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 19:25:00

ئەلىيۇلئەلار تېلىفۇن تۇتماپتىكەن ، مەسىلەن پەخرىيە ئەشرەف

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 19:51:41

    ئوتتۇرا مەكتەپلا ئەمەس مەنچە بولسا ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغىمۇ چەك قويۇلسىمىكىن دەپ قالىمەن، بولۇپمۇ ئەقلىي تىلفۇنلاردىن ھەقىقىي پايدىلىنىدىغانلار بەك ئازدەك. ئالاقە ئۈچۈن دېسە  ئۇچۇر يازىدىغان، تىلفۇن ئۇرىدىغان ئىقتىدارى بولسا بولدى، ئۇندىن باشقىغا ئىلكىتاپ ئۇقۇش ئىقتىدارى سەپلەنسە بولىدۇ.
  نوكىيا تىلفۇننى سىغىنىپ قالدىم، بىر مەزگىل شۇنى ئىشلىتىپ بەك ئارام تاپقان ، ھازىر تىلفۇن مېنى باشقۇراي دەيدۇ، مەن تىلفۇننى...
بەت: [1] 2 3
: ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى تېلفون تۇتۇشقا بولامدۇ ؟