perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 14:14:33

قارلىق كېچە (پەرۋاز قىل)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   perwazqil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 14:25  



كىتىۋاتىمەن .....قارلىق كېچىدە كىتىۋاتىمەن،،يالغۇز .....ئاندا-ساندا كەلگەن ماشنىلارنى ھىساپقا ئالمىغدا كوچىلار قۇپىقۇرۇق، قارنىڭ لەپىلدەپ يىغىشى ،ئاپئاق كېچە مەنزىرسىدە نۇرغۇن خىياللار ئىچىدە كىتىۋاتىمەن، توغرا ! ئۆتكەن يىل تۇنجى قار قاچان ياغقان بولغىيتى.....ئېسىمدە يوق، لىكىن شۇكىچىسىمۇ يالغۇز ماڭغىنىم ئېسىمدە، .....

كىتىۋاتىمەن .....قارلىق كېچەدە خۇددى ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ،ھەممە ئىشلار شۇ قارغا ئوخشاش پاك،پاكىز،ئاپئاق،ساپ ،بىغۇبارلىقتەك ،شۇنداق بۇلۇشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلغىنىمدەك تۇيغۇدا كىتىپ بارىمەن ، لىكىن،،،تۇرمۇش  يەنىلا تۇرمۇش ، ئۇ بەزىدە سىزنىڭ نىمنى ئارزۇ قىلشىىڭىز ۋە ئۈمىد قىلشىڭىز بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، خۇددى رىياللىق ئارمانلىرىڭىزغا بويسۇنمىغاندەك،.....ئاڭلىمىغاندەك.......بىلمىگەندەك.......

كىتىۋاتمەن.....قارلىق كېچە، نېمدىگەن گۇزەل! ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ خۇشاللىق ئەسلىملەرنى ئىسىڭىزگە سالدىغان ،ئويلاندۇردىغان، تاتلىق تۇيغۇلارنى ھىس قىلدۇردىغان ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە تۇنۇتىدىغان كېچە. مەن كىم ؟ نىمە ئىش قىلدىم؟ نىمە ئىش قىلىمەن؟  نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن؟ قانداق بارىمەن؟ قانداق ياشايمەن؟ ....تەپپەككۇر قىلدۇردىغان كېچە......... سىرلىق كېچە...

كىتىۋاتىمەن....شەھەرنىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭلىرىدىن مۇستەسنا، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن مۇستەسنا، يولدا يالغۇز، ياق مۇشۇ شەھەردە مەنلا يالغۇز ۋە پەقەت مەنلا قالغاندەك تۈيغۇدا، خىياللىرىم ئېلكىدە، چوڭقۇر خىياللار ئىچىدە،  ۋاقىتنىڭ شۇ ئىزىدا توختاپ قىلشىنى، مۇشۇ كېچىنىڭ ئاخىرلاشماسلىقنى ،گۆدەكلەرچە خياللار بىلەن ئويلاپ تەنھا كىتىۋاتىمەن.....

كىتىۋاتىمەن.... قار ماڭا ھۇزۇر بىغىشلىدى، بالىلار خۇشاللىققا چۆمدى ،قار بوۋاي ياساشتى،قار دۇنياغا رەڭ، تەبىئەتكە لىباس، ئادەملەرگە ۋە دىھىقانچىلىققا ھەتتا قۇرۇت-قۇڭغۇزلارغىچە پايدا ۋە بەركەت ئەكەلدى، بۇغدا ئاتا مىيقىدا كۈلدى،تەڭرى تېغى مەغرۇر ياتتى، ...... لىكىن مەنچۇ؟ مەن كىمگە قانداق ياخشىلىق ۋە پايدا-بەركەت ئەكەلدىم؟....مىنڭ پايدام كۆپمۇ ياكى زىيىنىممۇ؟ مىنڭ تارازام قانچىلىك؟....قارلىق كېچە! مەن سىنىڭ قوينىڭدا!  ماڭا گۇۋاھ بول ! مەن سەن بىلەن بىللە!.....

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
           كورلا،     2014-يىل دىكابىرنىڭ 9-كۈنى كەچ.   

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 22:10:36

ياخشى يىزىلىپتۇ
بەت: [1]
: قارلىق كېچە (پەرۋاز قىل)