NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:20:06

10-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى

10-ئۆكتەبىر ئاسىيا بازىرى ئالتۇن ئازراق ئۆسۈپ ھەر ئونسىيەسى 1227 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، تۈنۆگۈن كەچتە پۈتۈن دۇنيادىكى پايچەك بازىرى چۈشۈشكە يۈزلەندى، ئامرىكا دوللىرىمۇ پەسكە قاراپ چۈشتى ھەمدە ئالتۇن بىر كۈن ئىچىدە 40 دوللار ئۆسۈپ، ئالتە ھەپتە ئىچىدىكى يۇقىرى نوقتا 1238.10 نى ياراتتى. سەيشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى پايچەك بازىرى چوڭ چۈشتى، شاڭخەي پايچىكى كۆرسەتكۈچىنىڭ چۈشۈش نىسپىتى %6.13 بولدى.
بۈگۈن بازاردا ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئاز، مەبلەق سالغۇچىلار جۇڭگو ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئۇچۇرىغا دىققەت قىلسا بۇلىدۇ. بۈگۈن مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمەت يىغىنى ئېچىلىدۇ ھەمدە س پ ئاي ۋە پ پ ئاي ئېلان قىلىنىدۇ. بۈگۈن ئامرىكا تەرەپتىن ھېچقانداق مۇھىم ئۇچۇر يوق.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad

تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1212 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ۋە 1222 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىدىغان تەھلىلدە زىيان كۆرۈلدى، ناۋادا زىياننى تەڭشىگەن بولسىڭىز، زىيان ئېغىر ئەمەس.دىققەت بۈگۈنكى چۈشۈشكە ئالىدىغان مالنى ئازراق پايدا چىقسىلا سېتىۋېتىش بىرقەدەر ئاقىلانىلىك.
بۈگۈنكى تەھلىل
1220ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1215، نىشان 1225~1235
1250ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1255،نىشان1245~1240
1210ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1205، نىشان 1215~1225
1270ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1275،نىشان1265~1260
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  244   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.40  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 10-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى