huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:55:42

خۇشاللىق ئاشۇ دوقمۇشتا

خۇشاللىق ئاشۇ دوقمۇشتا
ئەخمەت ئابدۇۋەلى تەرجىمىسى

ۋىليام ماسۋې زىمبابۋېنىڭ «ئەڭ بەتبەشرە ئەپەندى» مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، مۇسابىقە ئاياغلىشىشى بىلەنلا ھەر قايسى تاراتقۇلار بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. 2012- يىللىق مۇسابىقىدە ۋىليام ماسۋې چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ بۇ پۇلنى بالىسىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىغا تۆلىمەكچى بولدى.
ۋىليام ماسۋېنى مەشھۇر بەدبەشىرە ھەم بەخىتسىز ئادەم دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى، تۇغما بەتبەشىرە بولغاچقا، ئۇنى ھېچكىم بېقىۋېلىشنى خالىمىغانىدى. ئۇ بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بازاردا كاپوسكا توشۇيدىغان ھاممال بولۇپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە.
2013- يىللىق مۇسابىقىدىمۇ ئۇ رەقىبلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىپ چېمپىيون بولدى، ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە مەن ئانچە كۆپ تەييارلىق قىلمىدىم، چۈنكى مەن تۇغما بەتبەشىرە، پەقەت مۇسابىقە خىزمەتچىلىرى بەرگەن كىيىمنى كىيىۋالدىم، خالاس.»
ئۇ مۇخبىرنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتىڭىز سىزنى باي قىلىۋەتتىمۇ دېگەن سوئالىغا، «مەن يەنىلا ناھايىتى نامرات، كۈنۈم بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆتىدۇ، يەنىلا كۆكتات بازىرىدا ھامماللىق قىلىمەن، ئەمما مەن ناھايىتى خوشال» دەپ جاۋاب بەردى.
مۇخبىر ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن گەرچە بەتبەشىرە بولساممۇ، ئەمما مېنى سۆيىدىغان ئايالىم بار، ئۇ بەلكىم دۇنيادىكى بىردىنبىر ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالايدىغان ئايال بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ ئۇ مېنى ھېچكىمدىن كۈنلىمەيدۇ» دېدى.
زىمبابۋېدە بۇ مۇسابىقىنى شۇ جايدىكى بەزى ئەرلەر ناھايىتى ياقتۇرىدۇ. بۇ جايدا نامراتلارنىڭ سانى بايلاردىن خېلىلا كۆپ، ئۇلار مۇشۇ مۇسابىقىگە تاينىپ شەرەپ ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشسە نېمىشقا بولمايدىكەن؟ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئىچىدە چىراي-تۇرقى بەك سەت بولمىغانلار مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر شەرەپ ھېس قىلىدۇ، چۈنكى مۇكاپاتقا ئېرىشسۇن ياكى ئېرىشەلمىسۇن بۇنىڭدىن ھەممىسى خوشاللىق تاپىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتىمۇ مۇشۇنداق «بەتبەشىرە تاللاش مۇسابىقىسى» بولۇپ تۇرىدۇ، خوشاللىق كۆلەڭگىسىمۇ قارشى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ قالىدۇ، بۇ خوشاللىق ئاشۇ دوقمۇشتا.
(«تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014- يىللىق 9- سانىدىن ئېلىندى)
بەت: [1]
: خۇشاللىق ئاشۇ دوقمۇشتا