huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:55:14

زىيىنى ئەڭ ئېغىر كەشپىياتلار

زىيىنى ئەڭ ئېغىر كەشپىياتلار

خىمىيەۋى ئوغۇت: 19-ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرى كەشىپ قىلىنغان، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىنى قالايمىقانلاشتۇردى. تۇپراقتىكى مىكرو ماددا ۋە ھاشاراتلارنى زور دەرىجىدە يوقاتتى. ئۇ يەنە يەر ئاستى سۈيىگە سىڭىپ كىرىپ، بېلىقلار ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېل: 1876-يىلى گېرمانىيەلىك ئالىملار دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تۆت تاكىتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېلنى ياسىغان. 1885-يىلى تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېللىق ئاپتوموبىل ياسالغان. ھازىر دۇنيا بويىچە ئاپتوموبىلنىڭ سانى 700 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئوتتۇرىچە ھەر بىر ئاپتوموبىل يىلىغا تۆت توننىدىن ئارتۇق ئوكسگېن خورىتىدۇ. 800 كىلوگىرام كاربون ئوكسىدى، 40 كىلوگىرام ئازوت ئوكسىدى، شۇنداقلا 200 كىلوگىرام پارنىك گازى قويۇپ بېرىدۇ.
دېڭىزدا نېفىت يۆتكەش: ھازىر دېڭىز-ئوكيانلاردا قاتناۋاتقان ماي پاراخوتلىرى 4000 دىن ئاشىدۇ، ئۇلار يىلىغا 2 مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېفىت يۆتكەيدۇ، پەقەت بۇ خىل پاراخوتلار بۇزغان ئېكولوگىيە كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.
ئاليومىن ياساش: ھەر بىر توننا ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا 40 كىلوگىرام زەھىرى ئىنتايىن يۇقىرى فىتور-گۈڭگۈرت دىئوكسىد، كاربون ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى ۋە ئېغىر مېتاللار پەيدا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:47:21

بۇلار بولمىسىمۇ بولماس :P

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:48:40

ئەڭ ناچىرى سۇلياۋ نىڭ كەشىپ قىلىنىشى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:57:25

يۇندا يېغىچۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 12:24:35

ئەڭ يامىنى خىمىيۋىي ئوغوت تىخىمۇ يامان بولغىنى بىز ھازىرغىچە ئايرىلالماي ئىستىمال قىلىۋاتىمىز.
ئاڭلىشىمچە چوڭ باي ئەمەلدار زەردارلار تەبىي ئوغۇتتتا ئۆسكەن تاماقلارنىلا ئىستىمال قىلامىش.
بازاردا گەرچە بولسىمۇ ئەمما پۇلى بەك قىممەت .
شۇڭا ھازىر بۇرۇنقىدەك ئۆمۇر كۆرىدىغانلار قالمىدى.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 12:50:39

يولداشلار ھازىر ‹پۇلى يوقلار گۆش يەيدۇ، پۇلى بارلار يىشىل مەھسۇلات›  دەپ قۇيىدۇ.. مەلۇم نىسبەتتىن قارىغاندا توغرادەكمۇ قىلىدۇ.....

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 13:08:27

سۈت ئىچمەسلىك كېرەك، گۆش يىمەسلىك كېرەك، چۈنكى كالىلارنىڭ ئوسرۇقىدىن چىقىدىغان زەھەرلىك گاز ئاتموسفىرانى بۇلغايدۇ.

دەپ كەلسەك تەرەققىيات دىگەنلىك ئىنسانلارنى ھالاكەتكە باشلايدۇ دەپ يۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. ئىنسانلار بۇرۇنقىدىن ئاچكۆز بولۇپ كەتتى، بۇنىسى ھەقىقەت.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 13:11:31

سۈنئى تەم تەڭشىگۈچلەر

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 13:26:27

ئاليومىن ئاساسەن 五彩湾دە ياسىلىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 13:36:05

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 12:50 static/image/common/back.gif
يولداشلار ھازىر ‹پۇلى يوقلار گۆش يەيدۇ، پۇلى بارلار يى ...

ئامال يوق، گۆشنى يەۋەرسە قاندا ماي... دىگەن ئاۋارچىلىقتىن قورقىدىغان گەپ. مىنىڭ پۇلۇم يوق بولسىمۇ قاندا ماي دەپ ھەپتىدە بىرە قىتىممۇ  گۆش سېپ يىيەلمەيدىغان بۇپ قالدىم...

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 14:12:04

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 12:50 static/image/common/back.gif
يولداشلار ھازىر ‹پۇلى يوقلار گۆش يەيدۇ، پۇلى بارلار يى ...

ھا! ھازىرگۆشىنىمۇ  يېشىل ياكى يېشىل ئەمەس دەپ ئايرىيمىز جۇمۇ...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:25:24

      دۈشمەنلىرىگە قوشۇپ بىگۇناھلىرىنىمىۇ بىللە قىرىپ تاشلىيالايدىغان كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللاردىن ئىبارەت ئەڭ رەزىل كەشپىياتلارنى بىرىنچى بولۇپ كەلتۈرسە بولاتتى. ئىنسان نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلاشقا يېتەرلىك بولغان يادرو قوراللىرى، بىئو-خىمىيەلىك قوراللار  تېما ئىگىسىنىڭ دىققىتىنى تارتالماپتۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:44:26

    ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلنى يامان كەشپىيات دىگىنى مېنىڭچە توغرا بولماپتۇ .  بۇلار گەرچە كاربون ئوكسىد گازلىرىنى قويۇپ بەرسىمۇ، مىھرىبان ئاللاھ يەر شارىمىز ئۈچۈن مەخسۇس مۇشۇ خىل كېرەكسىزلەرنى بىر تەرەپ قلالايدىغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتقاندۇر. ئاتموسفىرادىكى كاربون، گۇڭگۇرت ۋە ئازوتنىڭ ئوكسىدلىق بېرىكمىلىرى دەل يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىق خام ئەشياسىدۇر.ئەلۋەتتە يېقىلغۇ قىلىندىغان قېزىلمىلارنى ئاچكۆزلەرچە ئېچىپ، ئىسراپخورلارچە ئىشلىتىشتىن مەنئىي قىلىنغانلىقىمىزغا گەپ كەتمەيدۇ. بىز يېشىللىقنى قوغداش ۋە يېشىللىق بەرپا قىلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرسەكلا، پارنىك گازىدىن ئەنسىرەش بىھۇدە.  بىزنىڭ گۈزەل ئىسلامدا مۇقەددەس جايىمىز ھەرەمنىڭ دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، ياۋايى ھايۋانلىرىنىڭ شەرئىي ھۆكۈم بىلەن قوغدىلىشى(يەنى بۇلارغا چېقىلىش ھارام قىلىنىشى) ئەمەلىيەتتە زىممىننىڭ باشقا جايلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق قوغدىلىشىغا بىر بۈيۈك ئۈلگىدۇر. سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇنداق مەشھۇر بىر سۆزنى قىلغان: ئەگەر بىرىڭلارنىڭ قولىدا بىر تۈپ كۆچەت بولسا قىيامەت قايىم بوپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ئۈلگۈرەلىسە تىكىۋەتسۇن!
بەت: [1]
: زىيىنى ئەڭ ئېغىر كەشپىياتلار