irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:01:56

ئوغلۇم، ساڭا كىتاب سېتىۋالدىم

ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
(ئاپتور: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە چىلان يېزا مەركىزىي مەكتەپتە)

ئوغلۇم، ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن بولساڭمۇ قەلبىمنى سۆيۈندۈرىدىغان چۈچۈك تىللىرىڭ بىلەن «پۇل يىغىش» تەك بالىلارچە تىلىكىڭنى ئىزھار قىلىشىڭ، ھەيرانلىقتىن ئۈركىگەن خىيال كەپتىرىمنى قاناتلاندۇردى.
جاۋابسىز قالدۇرۇلغان سوئالىڭدىن تەئەججۈپلەنمە، ئوغلۇم.
ئىقتىساد رىقابىتى مىنۇت-سېكونتلاپ ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۈگۈنىمىزدە «پۇل يىغىش»-ھەممە ئادەم جان-جەھلى بىلەن ئىنتىلىۋاتقان ئورتاق تېما. شۇنداقتىمۇ ئۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئاپئاق قاردەك قەلبىڭدە ئۇشتۇمتۇت شەكىللىنىشى تېخى بالدۇر ئىدىغۇ؟
چۈنكى ئىنسان مۈكەممەللىكىنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى پەقەت پۇل بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ، ئوغلۇم.
دەل شۇ سەۋەبلىك نېمە مەقسەتتە پۇل يىغىشنى ئويلاپ قالغانلىقىڭنىمۇ سوراشقا پېتىنالمىدىم، گويا «پۇل ھەممىگە قادىر» دەۋېتىشىڭدىن ئەنسىرىگەندەك ئارىسالدىلىق ئىچىدە...
ئوغلۇم، «سەن پۇل يىغىش» قا باشلىدىڭ. تەلىپىڭ بويىچە كىچىككىنە بىر ساندۇقمۇ ياسىتىپ بەردىم.
ئىككى مو، بەش مو، بىر يۈەن... پۇللىرىڭ ئاستا-ئاستا كۆپىيىۋاتاتتى.
ئاتىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بۇرچى ئۆز پۇشتىدىن بولغان يۈرەك پارىسىنىڭ ئىنسانىي ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە شوتا بولۇش ئەمەسمىدى؟!
پەرزەنتكە مەسئۇل بولۇشتەك بۇ مەڭگۈلۈك ئەنئەنە بۈگۈنكى بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىزنىڭ روھىي خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈلۈشكە يۈزلىنىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، پات-پات ئەينەككە قارايدىغان بولۇپ قالدىم، ئوغلۇم. خۇددى ساقال-بۇرۇتلۇرۇم تۇيۇقسىزلا يىتىپ كېتىدىغاندەك...
بۇ-مەندىكى ئەنسىرەش! مەندىكىلا ئەمەس بەلكى ئانا تۇپراققا ھەقىقىي ئاتىلىق سالاھىتى بىلەن مەزمۇت دەسسەپ يۈرۈۋاتقان، سانسىزلىغان ئاتىلاردىكى ئەنسىرەش. شۇڭلاشقىمىكىن، سەن «پۇل يىغىش» قا تۇتۇنغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا سېنى كۆزىتىش ئىستىكىم ئويغاندى، ئوغلۇم.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى پۇللىرىڭ كۆپەيمەكتە ئىدى، پۇللىرىڭ كۆپەيگەنسېرى نېمىشقىدۇر ئىلگىرىكى ئەركە قىلىقلىرىڭ سۇسلىشىشقا يۈزلىنىپ، نېمىگىدۇر تىكىلگىنىڭچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ. بەلكىم ئۆز ئوربېتىسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقان ئەسەبىي قىزغىنلىق ۋە ساددا تەلپۈنۈشۈڭنىڭ قارا تۇمانلىرى بالىلىق دۇنيايىڭنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىنى خىرەلەشتۈرۈپ ئۈلگۈرگەن بولسا كېرەك.
«شەيتاننى ئۇسۇلغا سالغانمۇ پۇل»-دەيدۇ كونىلار.
شۇ تاپتا ئۆزۈڭدىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتىڭ، ئوغلۇم. يۇمران قەلبىڭنىڭ مۇنبەت ئېتىزلىقىدا باراقسان كۆكلەۋاتقان «شۇمبۇيا» نىڭ يۈرىكىمگە نەشتەردەك سانجىلىپ، تۇيغۇمدىكى گۈزەل كېلەچەكنىڭ  تۇتۇق جىيەكلىرىنى قان رەڭگىدە بويىماقتا ئىدى.
دەر ھەقىقەت، ئاشكارىلانمايدىغان سىر بولمىغىنىدەك، سەن ئاقىۋەت ئۆزۈڭنى ئاشكارا قىلدىڭ ئوغلۇم.
-دادا، كۆپ پۇل يىغسام قوشنىلارنىڭكىدەك ئاپئاق پىكاپ سېتىۋېلىپ، بۇ يەردىن كېتەيلى-ھە؟!
مانا بۇ سەندىكى مەزگىلسىز بىخلانغان «پۇل يىغىش» ۋەسۋەسىسىنىڭ رېئال پاكىتى ئىدى. «تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ئىدى ئوغلۇم، ئەسلىدە...
ئوغلۇم، «ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چۆمۈچ» دەيدۇ، يەنە كونىلار.
ئەنە قاراپ باققىنە ئوغلۇم. تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتاب، ئىشكاپىمىزدىكى رەت-رەت تىزىلغان كىتابلارغا. ئاللىقانداق بىر خىل سېزىم تۈپەيلى خىجىللىقتىن قەلبىم تىنىمسىز ئۆرتەنسىمۇ، ساڭا چىن يۈرۈكۈمدىكى سۆزۈمنى ئېيتاي:
ئەسلىدە، كىتاب ئىشكاپىمدىكى ئەڭ سەرخىل كىتابلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى رېتىگە تىزىلىشقا مۇناسىپ، تولىمۇ مۇھىم بىر قانچە كىتابنىڭ ئورنى بوش قالغانىكەن ئەمەسمۇ؟!
مېنى كەچۈرگىن، ئوغلۇم. گەرچە ئۇ كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا قۇربۇم يەتسىمۇ، يەنىلا سېنىڭ «پۇل» لىرىڭنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن كىتاب سېتىۋالدىم، ئوغلۇم.
كىتاب بارلىق ئەقىل-پاراسەتنىڭ يىلتىزى، ھەرقانداق بايلىقنىڭ مەنبەسى. كىتاب ئارقىلىق ئاقىل-پاراسەت چىنارىنى باراقسان كۆكلىتىپ، تىللا تۆكىلىدىغان خاسىيەتلىك دەرەخكە ئايلاندۇرۇش-بايلىققا ھېرىسمەنلىكىمىزدەك تەملىك چۈشىمىزنىڭ رېئاللىققا يول ئالغان تۈنجى ھەم مەڭگۈلۈك قەدىمىدۇر!
قابىلىيەتسىز ئاتىنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئۈچ ئەۋلاد زىيان تارتىدۇ دېگەندەك، كەلگۈسىڭنىڭ جىنايەتكارىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئاۋۋال «كىتاب» دېگەن بۇ مەنىۋى ئۇزۇق ئۇرىقىنى قەلبىڭ ئېتىزلىقىغا چېچىش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللىي.
تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، ئۇيغۇرلاردا كىتابنى ئەڭ مۇقەددەس بايلىق سۈپىتىدە يىغىپ توپلاش ۋە ساقلاش ئادىتى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار پەرزەنتلىرىگە قانداقتۇر پۇل-مالنى ئەمەس، ئەكسىچە ھەر بىر قۇرىغا رەڭدار تەبىئەتنىڭ دىلنى نۇرلاندۇرغۇچى سىر-ھېكمەتلىرى يوشۇرۇنغان كىتابنى مەنىۋىي مىراس سۈپىتىدە قالدۇراتتىكەن. بىراق، ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجى بولۇشقا مۇناسىپ، ئائىلىدىكى مەرىپەت مۇھىتى تۇرمۇش قىستاڭچىلىقىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىتاب ساقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەبدەبىلىك سۆز-جۈملىلەردىن ئۇستاتلىق بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، كۆزلىرىمىزنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىغان ، «نەپىس» ۋىۋىسكىلار ئارىسىدىن «كۇتۇپخانا» دېگەن بىر خەتنى كۆزگە چېلىقتۇرۇش مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتىدۇ.
كىتاب-ئەقىلنىڭ ئوزۇقى. ئۇ سېنى ئۈمىدسىزلىك قايناملىرىدىن تارتىپ چىقىپ، تەسەۋۋۇر قاتلىمىڭ ۋە پىكىر چوڭقۇرلۇقۇڭنى مەنە تويۇندىلىرى بىلەن لىقلاپ، ئىقتىدار ساپايىڭنىڭ داتلاشماس بىسىنى خىرۇستالدەك پارقىراقلىققا ئىگە قىلىدۇ.
كىتاب-دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرىغا جاسارەت بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان ساياھەت كېمىسى. ئۇ ئۈمىدسىزلىك چىرماپ ئالغان ئازاب كېچىلىرىدىكى روھىي بىچارىلىكىڭگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، سېنى كۈتىۋاتقان نۇرانە قىرغاققا بىخەتەر يەتكۈزەلەيدۇ.
گەرچە، ساڭا ئۆزۈڭ رازى بولغۇدەك دەرىجىدە مال-دۇنيا مىراس قالدۇرالايدىغان بايلىق ساھىبىلىرىدىن بولمىساممۇ، كىتاب ئىشكاپىمدىكى مەنىۋىي مىراسلىرىمنىڭ ھامان سېنى سۆيۈندۈردىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. پەقەت كىتاب ئارقىلىقلا ئۆتمۈش بۈگۈنگە ئۇلىنىپ، بۈگۈن كېلەچەككە ئۆز خاسلىقى بىلەن يېتىپ بارالايدۇ ئەمەسمۇ؟!
مېنى كەچۈر، ئوغلۇم!
بالىلارچە خىياللىرىڭ تۈرتكىسىدە يىغقان «پۇل» لىرىڭغا ئۆزۈمنى، شۇنداقلا سېنى دەپ كىتاب سېتىۋالدىم. سەنمۇ كىتاب سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋال.

مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
بەت: [1]
: ئوغلۇم، ساڭا كىتاب سېتىۋالدىم