dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:52:42

پىسخىكىلىق سىناق: سىز ئوڭ مېڭىڭىزنى ئېچىشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟

پىسخىكىلىق سىناق: سىز ئوڭ مېڭىڭىزنى ئېچىشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟


مۇئەللىم دوسكىغا بىر چەمبەرنى سىزىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن بۇنېمە دەپ سورايدۇ. بۇ سوئال ئالىي مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن سورالغاندا، ئۇلار پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشىدۇ ۋە بۇ پەقەت ئەخمەقلەرلا جاۋاب بېرىدىغان نەرسە دېيىشىدۇ. بۇ سوئال تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورالغاندا، ئەڭ ئاۋال بىر نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرىدۇ-دە، بۇ نۆل دەيدۇ، ئاندىن باشقىلار بۇ ئېنگىلىزچىدىكى ئو ھەرىپى دېگەندەك جاۋابلارنى توۋلىشىدۇ، بۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدىگىمۇ ئۇچرايدۇ ئەلۋەتتە. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سوئالنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقتىكى شۇمتەكلەردىن سوراپ باقساقچۇ؟ ئۇلار چۇرقىراشقىنىچە جاۋاب دېگەننى ياغدۇرىۋىتىدۇ؛ نان ، ئاي ، پېچىنە، تىك-تاك توپ ، ئالما.... ئەمما ئوقۇتقۇچى تېرىككىنىچە كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئۇلارغا دوق قىلىدۇ ۋە كىنايە قىلىپ ھە بۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى مۆشۈكنىڭ كۆزى!! دەيدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىناق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر : «تەسەۋۋۇر قانداق داتلاشتى؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى. ئەسلىدە ئوڭ مېڭىنى ئېچىشقا سەل قاراش، غەيرى تەپەككۈر قىلىشقا سەل قاراش قاتارلىق ئامىللار كىشلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئۆلتۈرىدۇ.

ئۇنداقتا يۇقىرىدىكى مىسالدا كۆرسەتكەندەك مائارىپ مۇھىتىدا ئۆسۈپ -يېتىلگەن سىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلگىڭىز بولسا بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ سىناققا قاتنىشىڭ.

1.بۇ دەرسلەردىن سىز قايسىسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟
ئا.رەسىم
ب.تىل-ئەدەبىيات
س.ماتېماتىكا

2.سىز تۈرلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىشنى ياقتۇرامسىز؟

ئا.ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن
ب.بەزىدە ياقتۇرۇپ قالىمەن
س.ئادەتتە ياقتۇرىمەن

3.تېلېۋىزور تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ قالدى، كىنو كۆرۈشكە ئامال يوق، ئەمما ئۇخلاشقا تېخى بالدۇر، ئۇنداقتا سىز بۇ بىر بۆلەك ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىسىز؟

ئا.رەسىم سىزىمەن
ب.بىرئاز كىتاب ئوقۇيمەن
س.بالدۇر يېتىپ ئارام ئالىمەن

4.تىل -ئەدەبىيات دەرىسىدە ئوقۇتقۇچى ئۈچ خىل سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىز قايسى خىلىنى تاللايسىز؟

ئا.بىرپارچە فانتازىيە توقۇش
ب.تەتىلدىكى بىرەر كەچۈرمىشڭىزنى بايان قىلىش
س.مەلۇم خىل ئەسۋاب ھەققىدە بىرپارچە چۈشەندۈرۈش يېزىش

5.سىز تۆۋەندىكى خىزمەتلەردىن قايسىسىنى قىلىشنى بەكرەك خالايسىز؟

ئا.مۇزىكانت ياكى رەسسام
ب.يازغۇچى ياكى فوتوگراف
س.تەتقىقاتچى ياكى ئىنژېنېر

6.ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يېڭى چىققان بىر ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىزدە پەيدا بولغان تۇيغۇ تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسى بولىدۇ؟

ئا.ئاھاڭىغا قارىغاندا تېكستى بەكرەك ئەستە قالىدىكەن
ب.ئاھاڭى ۋە تېكستى ئوخشاشلا ئەستە ساقلاشقا يېقىنكەن
س.تېكستىغا قارىغاندا ئاھاڭى بەكرەك ئەستە قالىدىكەن

7.ئەتىگىنى ئويغانغان ۋاقتىڭىزدە كېچە كۆرگەن چۈشىڭىزنى ئېنىق ئەسلىيەلەمسىز؟

ئا.شۇنداق
ب.بەزىدە
س.بۇنداق ۋاقتىم بەك ئاز

8.تونۇش بولمىغان مەلۇم جايغا بارغاندا، باشقىلاردىن يول سورىغاندىن كېين، سىز مەنزىلنى قانداق تاپىسىز؟

ئا.خاتىرىۋىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە مېڭەمدە بىر لىنىيە پەيدا بولىدۇ
ب.خاتىرىلىۋالىمەن ياكى لىنىيىسىنى سىزىۋالىمەن
س.ئاساسەن خاتىرىلىۋالىمەن

9.سىز كومپيۇتېردا خەت باسقاندا دائىم مەلۇم خىل خەت نۇسخىسىنى تاللامسىز ياكى ھەرقېتىمدا خىلمۇ-خىل خەت نۇسخىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتەمسىز؟

ئا.ھەرقېتىمدا ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىمەن
ب.بەزىدە شۇنداق
س.دائىم كۆنۈپ قالغان خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن

10.باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، سىز قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئۆز قارىشىڭىزنى ئىپادىلەمسىز؟

ئا.دائىم شۇنداق
ب.بەزىدە شۇنداق
س.ئۇنداق ئەمەس



11.سىز مەلۇم بىر مەسىلىنى مۆلچەرلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئادەتتە قانچىلىك ۋاقىتتا توغرا ھۆكۈم چىقىرىسىز؟

ئا.15مىنۇتتىن كۆپ
ب.15مىنۇتتىن قىسقا
س.5مىنۇتتىن قىسقا

12.مەلۇم جايدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئىككى قولىڭىزنى تەبىئىي ھالەتتە قايچىلاشتۇرۇپ تىزىڭىزنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ، قاراپ بېقىڭ ئىككى باش بارمىقىڭىزنىڭ ئورنى قانداق؟

ئا.ئوڭ قولنىڭ باش بارمىقى سول قولنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ
ب.يانمۇ-يان تۇرۇپتۇ
س.سول قولنىڭ باش بارمىقى ئوڭ قولنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ

13.دائىم كۆرۈپ يۈرىدىغان بىرەيلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قايسىسى ئاسان ئېسىڭىزدە قالىدۇ؟

ئا.چىرايى
ب.پەرقى يوق
س.ئىسمى

14.سىز قانداق خاراكتېردىكى خىزمەتنى قىلىشنى بەكرەك خالايسىز؟

ئا.بىرخىل دەۋرىيلىنىشى يوق ياكى ئاز بولغان خىزمەت
ب.دەۋرىيلىكى بولغان ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئىمكانىيتىمۇ بولغان خىزمەت
س.تونۇش تەرتىپ بويىچە دەۋرىيلىنىدىغان خىزمەت


ئا جاۋاب 5 نومۇر،   ب جاۋاب 3 نومۇر،  س جاۋاب 2 نومۇر.  ئېرىشكەن  نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:10:07

مەن 47 نومۇر ئالدىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:51:18

41 :funk:

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:51:44

جەۋابىنى يېزىۋەتسىلە مەلىم

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:57:54

46

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:07:30

ھازىرچە ئالغان نۇمۇرۇم 47

12345 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:07:50

مەن 42نومۇر ئالدىم!

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:13:33

مەن 48 نۇمۇر ئالدىم.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:30:01

44

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 10:35:39

مەن تىلۋىزۇر بۇزۇلۇپ قالسا ،شۇنى ياسايمەن،ياكى ئەپلەپ-سەپلەپ كۆرىپ تۇرىمەن دەپ تاڭ ئاتقۇزۋىتىشىم مۇمكىن.بۇرۇن بۇلۇپ باققان :funk:


45


arman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:23:22

49

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:48:49

45

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:49:03

جاۋابىنى بىلىشكە ئالدىرىغانلار   بۇيەردىن كۆرگەچ تۇرۇڭ : http://abral.net/?p=459

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:49:39

تادۇبەگنىڭ سەل چاتاقتەك قىلىدۇ {:90:}

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 12:17:36

49 نومۇرغا ئېرىشىپتىمەن، 11نۇمۇر كەم قالدى دە ... :lol

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 12:25:46

39

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 12:30:26

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 12:25 static/image/common/back.gif
39

چاتاق،راستىنلا چاتاق !..
«بۇلبۇل قوتاندا، ئىشەك بوستاندا» دېگەن مۇشۇ ئىمزادىنلا چاتاقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ:lol

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 12:51:58

44

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 13:10:15

مەن 48 نومۇر ئالدىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 13:46:39

مەلىم ، تاپشۇرۇقنى قايتا ئىشلەپ  60 نۇمۇر ئالدىم :lol
بەت: [1] 2
: پىسخىكىلىق سىناق: سىز ئوڭ مېڭىڭىزنى ئېچىشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟