attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:03:34

بانكىدىن قەرىز ئىلىپ ئۆي سېتىۋىلىش توغۇرلۇق پىكىر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 18:05  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،يىقىندا يىقىنىمىزدىن بىرسى شارائىتى ياخشى بولغان بىر ئۆينى سېتىۋالماقچى بولدى،گەرچە ئۆزىنىڭ تۇرىۋاتقان ئۆيى بولسىمۇ سېتىۋالدىغان ئۆي شەھەرنىڭ مەركىزىدە بولۇپ قاتناش ۋە شارائىتى تولىمۇ ياخشى ھەم شۇنىڭغا قاراپ باھاسىمۇ خىلى يۇقۇرى ئىدى.
بىراق ئىقتىسات يىتىشمىگەن سەۋەبىدىن بانكىدىن قەرىز ئۆي ئىلىش تۇرى بويىچە ئىلتىماس سۇندى .
دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ئالىدىغان ئۆسىمى ۋە شەرىتلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
لىكىن ئۆي ئىشتىياقى چۇشكەن ئادەمگە ھەرقانچە نەسىھەت قىلسىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن.گەرچە ئايدىن ئايغا بىرىپ تۇگىتىدىغان بولسىمۇ لىكىن كۇن ئۆتكەنسىرى ئادەمگە ئىغىر كىلىشى مۇقەررەر.كۆپلىگەن خەنزۇچە تور بەتلەردىن ئىزدەپمۇ كۆردۇم پۇشايمان قىلغانلار مۇ ئاز ئەمەس.مىنىڭچە بۇ ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا زور بىسىم بولىدۇ .مەن ئويلىنىپ قالدىم  بەلكىم  تورداشلار ئىچىدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى قەرىز ئىلىپ باققانلار بولىشى مۇمكىن بىرلىكتە تەجرىبە توپلىساق دىگەن ئۇمىدتە  تورداشلارنىڭ كۆز قاراش ۋەمەسلىھەتلىرىنى ئاڭلاپ باقساق .
مەنبە ئۆزۇم................

kuyzar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:16:39

ئىجارە ئولتاسىمۇ تۆلە ئوخشاش پۇلنى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:18:16

  بىر نىمە دىمەك تەس ، مەن جىم تۇراي ،،،،

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:20:58

kuyzar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 22:16 static/image/common/back.gif
ئىجارە ئولتاسىمۇ تۆلە ئوخشاش پۇلنى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي  ...

ئىجارىسىنىمۇ خالىغانچە ئۆستۆرۋالالايدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:24:25

ئاشۇ ئۆينى بانكا قەرىزىگە ئىلىۋىلىپ، رەسمىيتىنى ئۆتىۋاپ بولغاندا، نەق پۇلغا ئالىدىغان كىشى بولسا پايدىسىغا ساتسا بولىۋىرىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:08:05

100مىڭ يۇەئەن بانكا قەرزى ئالسا 5يىلللىقى 50مىڭ يۇەن ئۆسىمى  بولىدىكەن ئۇنىڭدىن ئىجارە ئولتۇرسا ئەرزان چۇشكىدەك يەنە كىلىپ 70يىللىق ئۆينىڭ ئاران دىگۇدەك 50يىلىق مۇددىتى قالغان.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:22:24

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 21:08 static/image/common/back.gif
100مىڭ يۇەئەن بانكا قەرزى ئالسا 5يىلللىقى 50مىڭ يۇەن ئۆسى ...

قەستەن چۈشەنمەس بولىۋالدىڭىزمۇ ئەتتىرىم، 100مىڭ سومنىڭ 5 يىللىق ئۆسۈمى 50مىڭ بولىدىغان قانداق قەرز ئۇ؟ ئاندىن ئىجارە دىگەن ھامان خەقنىڭ ئۆيى دىگەن گەپ. 20يىل ئولتۇرسىڭىزمۇ بىر كۈنى قوغلايدۇ. ئۆيى يوقنىڭ جېنى يوق دىگەننى ئاڭلىمىغانما؟ ھېلىقى 住房公积金贷款نىڭ ئۆسۈمى 4.5%غۇ؟ يەتكۈدەك پۇلى بولمىسا باشتا قەرز ئېلىپ ،تۇرمۇشتا ئىقتىساتچان بولۇپ، ياش چېغىدا ئازراق جاپا تارتىپ قويسا، بىر ئۆيلۈك بولۇپ  قالىدۇ،شۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:49:39

  «باي دادام ، نامرات دادام » دىگەن كىتاپتا ئۆي ئېلىشنى قەرزدار بۇلۇش دەپ ھىساپلايدىكەن ، ئۆي مۈلۈك ھىساپلانمايدىكەن .

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:54:08

مەن 6.5 % تۆلەيمەن ئۈسۈمنى،يېڭى ئۆي ئالغاندا 260 مىڭ قەرىزئالغان،20 يىل ئېيىغا 2000دىن تۆلەيمەن،20يىلدا تەخمىنەن 140مىڭ ئۈسۈم تۈلەيدىكەنمەن،ئايدا 2000نى سېلىپ قۇيسام  1600 يۈەن ئۈسۈم تۆلىدىڭ،دەپ بىر ئۈچۇر،ئارقىدىن 400يۈەن قەرىز قايتۇردۇڭ دەپ بىر ئۇچۇر كىلىدىغۇ.ھە دەپ قۇيىمەن.جان بولسا جاھان ،ئاش بولسا قازان دەپ،ئىجارە ئالغاندىن ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغان ياخشىكەن، قارا قىشتا ،ئۆيدىن كۆچ !دەپ قوغلايدىغان،يېرىم كىچىلەردە نوپۇس تەكشۈرەيمىز دەپ ئىشىكلەرنى جالاقشىتىپ كىردىغان ئىشلار يوق.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:10:13

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 21:54 static/image/common/back.gif
مەن 6.5 % تۆلەيمەن ئۈسۈمنى،يېڭى ئۆي ئالغاندا 260 مىڭ قەرىز ...

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۇپ خىلى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:13:58

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 21:22 static/image/common/back.gif
قەستەن چۈشەنمەس بولىۋالدىڭىزمۇ ئەتتىرىم، 100مىڭ سومنى ...

ۋاستىچى دەيكۇەن قىلىش كىپىل بولۇش بولۇپ ھەممىسىگە 11مىڭ يۇەن ئالىدىكەن ،100مىڭ يۇەنگە 50مىڭچە ئۆسۇم چىقىدۇ دەپتۇ شۇ.
مەنمۇ بۇلەلمەيلا قالدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:07:53

نۇرغۇن كىشلەر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، بانكىدىن قەرىز ئالماي  ئۆي سېتىۋىلىش ئاسانمۇ ؟ ئەسلى كىمنىڭمۇ ئۆزى خالاپ بانكىدىن قەرز ئالغۇسى باركىنتاڭ؟

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:27:10

مەن بىرسىدىن 30مىڭ قەرىز ئېلىپ تۇرغان،قايتۇرۇپ بولغىچە ئۇيقۇم ئۇيقا ئەمەس،رەھمەت -تازىم بىلەن قايتۇرغان كۈنى بەك راھەت ئۇخلاپتىمەن، قەرىزدار بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2 3 4
: بانكىدىن قەرىز ئىلىپ ئۆي سېتىۋىلىش توغۇرلۇق پىكىر.