jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:40:11

سىم-سىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 17:42  

سىم-سىم



كۈندۈزنى يېپىنىپ كېچىگە كىردىم،
ئۇنىڭ كۆڭۈلسىز باغرىدىن سېنى ئىزدىدىم.
تاپقىنىم ئۆزۈمنىڭ يالغۇزلىقى بولدى،
يېغىۋاتقان يامغۇردەك سىم-سىم.



قولۇمنى تۇتتۇم كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشتى،
پىشانەمنى سىيلىدىم ئاينىڭ يىراق نۇرلىرىدەك.
دەرەخلەرنىڭ قاراڭغۇ غېرىبلىقى بىلەن،
مېنىڭ ئارىلقىمدىكى ۋاقىتقا،
ئۆزىنى تىنماي ئۇرار بىر تال كېپىنەك.


دېرىزە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاسماننى كۆردۈم،
سېنى سېغىنمىدىم سەن بولمىغانلىقىڭ ئۈچۈن.
تاماكام كۆيەر مېنىڭ بۇ ئامالسىزلىقىمدەك،
ئاھ، مەنمۇ كۆيۈپ تۈگەرمەن بىر كۈن.


لەۋلەر ئۇچرىشار، يېرىلغان لەۋلەر،
مۇھەببەتتىن يىراق بىر يەردە.
بىز مۇھەببەتنى چاقتۇق مۇھەببەتنى دەپ،
يىرتتۇق مۇھەببەت سىزىلغان بارچە خەتلەرنى،
مۇھەببەتكە ئاتالغان سۆزلەرنى.
چۇۋۇپ تاشلىدۇق.

رەڭلەرنى رەڭلەرگە كۆمدۇق،
قەبرە تېشى قىلدۇق چۈشلەرنى.

گۈلنىڭ قىزىللىقى ئۇنىڭ بەخىتسىزلىكى،
پۇرىقى ئۆلۈمدىن بېرەر بىشارەت.
بۇ ئۇزۇن قۇرۇش دەۋرى ئۈچۈن،
شۈكرى دەيمەن پەقەت ۋە پەقەت.



تاشلار يېرىلماقتا...



تەشتەكسىز گۈللەرنىڭ زەبانى بۇغۇق،
تاشلار يېرىلماقتا....
‹سېنى سۆيەتتىم، سېنى سۆيەتتىم› دېدىم ئاسمانغا قاراپ،
بىر پاي ئوقتا قان بولدى دۇنيا...



يار كۆكسىن يېرىپ چىقتىم ئەشۇ دەرتلىك ئاۋازلار ئارا،
چېچىلدىم تېرىقتەك قىيا ئېچلغان ئۇنىڭ دېرىزىسى.
ھېچنېمە دىمىدىم ئۈمچەيگەن ئېغىزلار بىر نېمە دىمەكچى بولغاندەك،
بار نەپەس بىرلە چوڭقۇر-چوڭقۇر يارا ئالار يۈرىكىمنىڭ پارىسى..




مەسىتخۇشلۇق ئۈنلىگەن قاتار جىگدىلەر،
زېرىكىش بىر قىزنڭ گۈزەل ئوبرازى.
ئاي تولماقتا گۈزەل ئاھ، گۈزەل!
مەن مەڭگۈ سۆيگۈنىڭ سادىق چاكارى..




يىلان


بىرناخشا ئېيتىمەن بۈگۈن كەچ چۇقۇم،
ئەڭ يىراق قىتئەدىن ھىدلاپ تېنىڭنى.
مەسىتخۇشلۇق ئۈنلىگەن جىگدىلەر قاتار،
قۇچاقلاپ قالغۇم يوق يالغۇزلىغىمنى.
مەن سېنى ‹جانان› دەپ ئاتىدىم،
تەرلىگەن تۇرقۇڭنى سۆيۈپ يۇشۇرۇن.
بىرتامچە يېشىمدۇر كۆزۈڭدىكى ئوت،
شۇ ئوتتا كۆيگەنمەن مىڭ يىللار بۇرۇن!
قاپقارا يىلانمەن سەندە ئۇلغايغان،
چېچىڭدا دار ياساپ خۇشال ئايلانغان.
ئاھ،نىچۈن بۇ قەدەر سۆيىمەن سېنى!؟
مىڭ دۇنيا ئازاپسەن، ئاز قالدىم ئاران!



ياۋايىمەن، بۈيۈك سەرگەردان


مەن سېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈشۈم مۇمكىن
ئەڭ  شاللاق سۆزلەرگە تولغان ئەي سەنەم.
كۆزۈڭنىڭ ئېقىنى چۇقۇلاپ يىدىم،
مىڭ دۇنيا ئازاپسەن مىڭ دۇنيالىق غەم!
پارچىقىڭ ئوت قويار دوزاخنىڭ ئوتى،
چانالغان تەنلىرىم گۈلدەك قىزارغان.
ئۆزۈمنى يىتىلەپ چىقتىم كوچىغا،
ياۋايىمەن، بۈيۈك سەرگەردان!
ئاخشامقى مۇزىكا ئېسىڭدە بارمۇ؟
قاپارغان، تاتارغان مەندە ھاياجان.
بىر كىشى توختىماي ئېسەدەر تاشتەك،
مەن سېنى ئۇنتۇيمەن ئاھ، ئەمدى قاچان!؟



تۈتۈن



دەرتلىك بىر ئاۋازغا ئوخشايدۇ ئىسمىڭ،
كۆزۈمدە بىخسىغان ئەلەملىك دۇنيا.
قەدىمىڭ يىراقلاپ بارماقتا چەكسىز،
لېۋىمنى چىشلەيمەن، قەلبىمدە يارا.


تۈگىمەس خىيالنىڭ شېرىن دەملىرى،
قۇچاقلاپ ياتىمەن يالغۇزلىغىمنى.
كۆزلىرىڭ قەلبىمنى قىلار پەرىشان،
مەن شېئىر يازىمەن، يازىمەن سېنى!


ئاخىرقى خەتلىرىم كۆيمەكتە تىمتاس،
گۈللەرنى سۇغاردىم مۇھەببەت ئۈچۈن.
كۆز-يېشىم شامالغا سىڭىشتى ئۇلۇغ،
ۋادەرىخا! سەن باغرىمدىن چىقىسەن پۈتۈن!!


birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:41:46

:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:30:35

:lol :lol :lol قىنى  ما  ھىلىقى winrarنىڭ ئۇيغۇرچىسى  باما  دەيدىغان ئىنكاسچى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:32:12

ما  ئىدەمنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇسام بىرخىل (سوغۇق)لا  بىلىنىدۇ...

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:05:02


          مىڭ يىللق دەردىڭنىڭ تاماكىسىدا
       كۆيەمسەن پۇرقىراپ ئەسكى چاپاندەك
       يۇتتۇرگەن سۆيگۇڭنىڭ جەسىتى سىم_سىم
          ئاقامدۇ كوچىدا سۇيۇق جاناندەك.
          كۆكسۇڭنى يارامسەن ئۇستا قاسساپتەك
          ساتامسەن گۆشۇڭنى پىۋاپا يارغا
           ئۆزۇڭنى ئۆزۇڭگە قەرىزدار  قىلىپ
         دىۋانە روھىڭنى ئاسامسەن دارغا:handshake
         
           
     
        

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:21:49

{:136:}

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:38:04

داداش بىلەن ئۇيغۇر بوۋاينى چاقىرۋېتىڭلا بىر ھاياجانلىنىۋالسۇن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:54:25

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 22:38 static/image/common/back.gif
داداش بىلەن ئۇيغۇر بوۋاينى چاقىرۋېتىڭلا بىر ھاياجانلى ...

;P   ماقۇل

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:57:18

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 21:30 static/image/common/back.gif
قىنى  ما  ھىلىقى winrarنىڭ ئۇيغۇرچىسى  باما  دەيدى ...

شۈنلىيدە  شىئېر چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن، جەسەت شىئېر يازسا ئەمدى  بېت ئۇرۇقىنى ياساپ تەمىنلىسۇن دەيدۇ:lol

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:07:55

«سەت» شېئىر يازىدىغان جەسەت;P

129 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 00:27:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   129 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 00:28  

                                                                     
كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈۋەتتىم

              يارغول



ئىس چىقماقتا لەرزان،بىپەرۋا،
قەغەز كۈلىگە ئايلاندى دۇنيا.

ھەر شائىرنىڭ مەخپىيتى بار،
مېنىڭكى ئەڭ كۈلكىلىك ئەمما.
[مامكاپ گۈلى]يا [كوھىقاپ]نى،
قوشقۇم بار ئىدى مىسرالىرىمغا.

گۈللەر،قۇشلار ياكى دەريالار،
چاقناپ تۇردى شېئىرلىرىمدا.
ئىچىمدىكى بۇ ئىككى ئىسىم،
چىقالمىدى ئەپسۇس يورۇققا.

ئەي شائىر دەپ ئاتالغان نىقاپ،
مەۋجۇتلۇققا تاپتىڭمۇ ئامال.
مەمەت ئۆمەر ئارىمىزدىكى،
ئەڭ سەمىمىي ئىنسان ئېھتىمال.

كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈۋەتتىم،
ئەسلىمىلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتتىم.
خوش كوھىقاپ،مامكاپ گۈللىرى،
خەير ئەمدى كەلمەسكە كەتتىم.

ئىس چىقماقتا لەرزان،بىپەرۋا،
قەغەز كۈلىگە ئايلاندى دۇنيا.
بىر يىگىت شائىرغا ئوخشىيالمىدى،
ئايلىنىپ كەتتى ئۇ بەلكىم شېئىرغا.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 07:15:13

گۈل بەدەننىڭ قەلىمى ،
نىمىش قىلىدۇ قۇرلاردا دائىم ؟
ھەۋەس قىلامسەن ؟ ھەسەتمۇ زادى ؟!
ئېيتقىنا مۇردا ، ئېيتقىنا سىم - سىم ...

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:34:42

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 21:30 static/image/common/back.gif
قىنى  ما  ھىلىقى winrarنىڭ ئۇيغۇرچىسى  باما  دەيدى ...

ئاخىرى تاپتىڭىزما ، رەھمەت قىرىندىشىم .:lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:37:11

ساقلاپ قويغاچ تۇرۇڭ ، لازىم بولسا جەسەتنىڭ كىيىنكى تىمىسىغا ئىنكاس يازارمەن .:lol:lol
ۋاي ئۈچۈيىم .

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:30:32

faxist يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 22:05 static/image/common/back.gif
مىڭ يىللق دەردىڭنىڭ تاماكىسىدا
       كۆيەمسەن پۇر ...

ماۋۇ يالاڭئاياق فاشست خېلى كەلتۇرۇپتۇ جۇمۇ. مۇبارەك بولسۇن!!!

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 11:44:11

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 08:34 static/image/common/back.gif
ئاخىرى تاپتىڭىزما ، رەھمەت قىرىندىشىم .

:lol :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 18:43:45

مىس مىس

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 23:06:21

{:112:}
بەت: [1]
: سىم-سىم