uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:47:51

ئالتۇن كۈمۈش سودا تەھلىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 16:29  

ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

        بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.15 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ،  نۆۋەتتە خەلق پۇلىدا گىرامى 238.30 يۈەن بولۋاتىدۇ  ،  ئاخشام ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئېلان قىلغان 11 - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى LMCI چوڭ ئاساستا  پەسەيگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى ياخشى بولغان غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىغا سوغۇق سۇ سەپتى ، شۇ سەۋەبدىن ئالتۇن باھاسى  شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلگە چىقتى .  بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ، گېرمانىيە ئەنگلىيە ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر گېرمانىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر ئامېرىكا سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .  





دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بازارغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى

       12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاخشامقى ئۆرلەش ھالىتىدىن كەينىگە يانغان ، چۈنكى دوللار تۆۋەنلەش يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ يۇقىرى ئۆرلىگەن ھەمدە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەب بولغان . تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 1% يۇقىرى ئۆرلىگەن ، ئاخشام ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئېلان قىلغان 11 - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى LMCI چوڭ ئاساستا  پەسەيگەن ، شۇ سەۋەبدىن  بازار يېپىلىش ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى  شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلگە چىقىپ يۇقىرى 1208.19 دوللارغا يەتكەن . نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 0.2% تۆۋەنلەپ  1202 دوللار ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ .
     دوللار كۆرسەتكۈچ  بۈگۈن يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلغان ، بۇندىن باشقا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالتۇنغا پايدىسىز بولغان . نېفىت باھاسى تۈنۈگۈن تۆۋەنلەپ بەش يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن .
     جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش كانچىلىقى كانادا Pretium Resources بايلىق مەنبەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ 10% كە يېقىن پاي چېكى ھوقۇقىنى سېتىۋالغان .



تۈنۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

     تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى LMCI ئالدىنقى قىممەتكە يېتەلمىگەنلىكتىن ، دوللار كۆرسەتكۈچى 89 نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يەنە تۆۋەنلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا مەركىزى بانكا ئەمەلدارى سۆزلىگەن نۇتۇق قاتارلىق ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
      بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى LMCI تۆۋەنلىگەنلىكتىن دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىگەنلىكتىن ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى LMCI تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن قەرەللىك ئالتۇن باھاسىمۇ چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ؛
ئىراق ۋەزىيىتىگە ئەگىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن  ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .



تەھلىلچى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە 4 چوڭ ئامىل بار دەپ كۆرسەتكەن

     خەلقئارا ئالتۇن باھاسى  12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نيۇيورك بازىرىدا 1195 دوللاردىن تېز سۈرئەت يۇقىرى ئۆرلەپ 1207 دوللار غىچە بولغان ، پۈتۈن جەريان 30 مىنۇتقا بارمايدۇ . ForexLive  تەھلىلچىسى Adam Button نىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە 4 چوڭ ئامىل بار دەپ قارىغان :
     بىرىنچىدىن ، 3 - ئايلىق ئۆرلەش ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، نۆۋەتتە دوللارنىڭ ئۆسۈش يۆلىنىشى پەسەيگەن ، بۇ ئەھۋال مەلۇم دەرىجىدە ئالتۇن باھاسىنى يۇقىرى ئۆرلەتكەن .
     ئىككىنچىدىن ، ياپونىيە 3 - پەسىللىك GDP يىللىق نىسبىتى 2% چۈشكەن .
     ئۈچىنچىدىن ، ئاتلانتا فېدېراتسىيە رەئىسى سىگنال بېرىپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى نامەلۇم بولغان ئۆسۈم قوشۇش مەنزىلى ئالتۇن ئېھتىياجىنى قوزغاتقان .
     تۆتىنچىدىن ، ياۋرو رايونى ئىقتىسادى كۆپ مەسىلىگە دۇچ كېلىشى ، گرېتسىيە ، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسى ياۋرو رايونىغا ئاۋارىگەرچىلىك ئېلىپ كەلمەكتە ، بۇلار ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە پايدىلىق .



بۈگۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى

         12- ئاينىڭ 9 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 89.2723 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 89.0628 ، ئوتتۇرچە باھاسى 89.15 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.02% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 89.1293 بولۇپ ، 88.15 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 89.1011 ، سېتىلىش باھاسى 89.1111 بولۇپ ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  89.1284 بولدى .


خەلق پۇلىنىڭ  بازار يېپىلىش باھاسى


       12- ئاينىڭ 9 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 6.1859  يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 127 نۇقتا ئاشقان ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 0.7979 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 15 نۇقتا ئاشقان  ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.1636 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 759 نۇقتا ئاشقان ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.64410 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 787 نۇقتا ئاشقان ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.7001 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن1044 نۇقتا ئاشقان ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.1146 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 110 نۇقتا ئاشقان ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.7468 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 396  نۇقتا ئاشقان  ؛
كانادا دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.38745 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 2 نۇقتا كېمەيگەن ؛

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى






بەت: [1]
: ئالتۇن كۈمۈش سودا تەھلىلى