tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 12:57:51

پۇل ئۇرۇشى ھەققىدە


بۇ كىتابنى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئوقۇشنى باشلىغان، تۆتنىڭ بىرسى قالغاندا  تاشلىنىپ قالدى، ئەسلى ھەممىنى ئوقۇپ بولۇپ  ئازراق بىر نەرسە يېزىپ باقاي دېگەنىدىم.
مۇنبەردە بۇ كىتابنىڭ گېپى خېلە بولۇۋاتىدۇ، ئەمما كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى ياكى مۇشۇ كىتاب ھەققىدە بىرەر تېما بولمىغاچقا بۇ تېمىنى باشلاپ قويدۇم،داۋامىنى مۇشۇ يەردە  چىقارساق.
كىتاب ھەققىدە  ھېچكىم  بلوگىدا مۇنۇ بايانلار بار ئىكەن
----
مەشھۇر سىياسىي ئىقتىساد ئانالىزچىسى، ئېلىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇنبىرىدىكى قىززىق نۇقتىلىق ئىلمىي پەرەزچى سوڭ خوڭبىڭ ئەپەندىنىڭ داڭلىق ئەسىرى –  «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق كىتاب بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىندى. سوڭ خوڭبىڭ ئەپەندى ئۇنىڭدىكى كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:

宋鸿兵

2006 – يىلى يازدا، يەنى ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى كۆپۈك ئىگىلىك راسا ئەۋجىگە چىققان پەيتتە، كەلگۈسى پۇل-مۇئامىلە بوھرانى ھەققىدىكى ئەندىشەم قەۋەتلا كۈچىيىپ كەتتى. «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق ئەسىرىمنى دەل ئاشۇنداق ئەنسىزلىك ۋە تەشۋىش ئىچىدە يېزىپ پۈتكۈزدۈم. مېنىڭچە، 2008 – يىلدىكى دۇنياۋىي پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئامېرىكا دوللىرى سىستېمىسدا 1971 – يىلدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەجەللىك نۇقسان سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھال – پۈتكۈل دۇنيا پۇلى مۇنارىنىڭ ئامېرىكا قەرزدارلىقىدىن ئىبارەت قۇملۇق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى. يەنە كېلىپ، ئامېرىكا دوللىرى قەرزدارلىقىنىڭ مۇقىم ئۆلچەمدە ئىزچىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى، دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۇلى بوشاپ، دۇنيا پۇلى مۇنارى قىيسىيىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، پۇل دېمەك – بايلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى دېمەكتۇر. چۈنكى، بىراۋنىڭ قولىدىكى پۇلى ئۇنىڭغا تەۋە بايلىق ھەققىدىكى تىلخەتكە باراۋەر. خوش، ئۇنداق بولسا، بايلىق دېگەن نېمە؟ يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، پۇلنىڭ خاراكتېرىنى ئاشۇ پۇلنى تارقىتىشتا رەنىگە قويۇلغان بايلىقنىڭ شەكلى بەلگىلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوبۇل كۆرىدىغان بايلىق دەل پۇل دېمەكتۇر. دېمەك، بايلىق ۋە ئاشۇ بايلىققا تەۋە پۇلمۇ ئىنسانلار مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى. پۇلنىڭ تاۋارلىق خۇسۇسىيىتى ماھىيەتتە يەنىلا ئۇنىڭ ئەمگەك خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى مابەينىدە 2000 خىلدىن ئارتۇق تاۋارنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. ھالبۇكى، بازار تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا قالغان پۇللارنى بارا-بارا شاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى بايلىقنىڭ ئاداققى ۋەكىلى سۈپىتىدە تاللىدى. شۇنداق قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ھەرقانداق رايون، ھەرقانداق مەدەنىيەت ۋە ھەرقانداق دىن شارائىتىدا ھەممە قوبۇل كۆرىدىغان بايلىق سۈپىتى بىلەن پۇل فونكىسسىيەسىنى زىممىسىگە ئالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئالتۇن-كۈمۈش ھەم بايلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى، ھەم ئاشۇ بايلىقنىڭ ئۆزى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ…
ئاممىۋىي پۇلدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاز سانلىق كىشىلەرگە ئۆسۈم تۆلەپ، دۆلەت قەرزى بىلەن پۇلنى بىر-بىرىگە باغلاپ قويۇش – كىشىنى مەنتىقە جەھەتتىن قىلچە قايىل قىلالمايدىغان لايىھە. شۇنداقلا بىخ ھالىتىدە تۇرۇپلا «راك ۋىروسى» بىلەن يۇقۇملانغان پۇل سىستېمىسى. چۈنكى بۇ سىستېمىدا پۇل قانچىكى كۆپ تارقىتىلسا قەرز پۇل كۆلىمىمۇ شۇنچە كېڭىيىپ، ئۆسۈم تەننەرخىمۇ مۇناسىپ ئۆرلەپ، پۇقرالارنىڭ شىللىسىدىكى قەرزمۇ شۇنچە ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۆسۈم پەقەت ۋاقىتقىلا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، پۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كۆرە شەكىللەنگەن مۇتلەق ئىچكىي ئېھتىياج پۇل كۇرسىنى چۈشۈرۈۋېتىش خاھىشىغا تەبىئىي ھامىلىدار بولغىنى ئۈچۈن پۇل پاخاللىقى ئاخىرقى مۇقەررەر نەتىجىگە ئايلاندى. يامان يېرى، پۇل پاخاللىقى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي بايلىقلارنى تەكرار تەقسىملەش تەدبىرى مەۋھۇم «باش جىنايەتچى» سۈپىتىدە، دۇنيا ئەھلىنى «بايلار» ۋە «نامراتلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋەتتى.
پۇل ۋە كىرېدىت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ۋە ئۆسۈم تەننەرخىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىدىن ئىزچىل ئېشىپ كېتىۋەرسە، پۈتكۈل ئىگىلىكتىكى قەرزنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىدىغانلىقى، جۈملىدىن، قەرزدارلىق ئومۇمىي كۆلۈمىنىڭ ئىچكىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) دە تۇتقان نىسپىتىنىڭ  ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. بۇ نىسپەت ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قەرزدارلىقنىڭ بېسىمىغا پايلىماي قالىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن لەۋزىدىن يېنىۋىلىش خاھىشى ھە دەپ يامرىغىلى تۇرىدۇ. 2008 – يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ!

ئاشۇنداق گۇمانلىق نۇقتىلار ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىم ئاخىرى «پۇل ئۇرۇشى» نى روياپقا چىقاردى. ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە جۇڭگو تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق بۇ ئەسىرىمدە مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر پۇل قارىشى، دۇنياۋىي نەزەر ۋە تارىخىي تىرەنلىك نۇقتىسىدىن شەرھلىنىپ، كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرىلىدۇ

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:30:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن   ياخشى ئوقۇش  قىممىتى بار    :):)

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:52:49

خەنزۇچىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قىسمىنى ئوقىغانتىم .بەزى بىلىشكە تىگىشلىك ئۇقۇملار خىلىلا جىق ، لىكىن پۇتۇنلەي   ئىشنىپ كىتىشكىمۇ  بولمايدۇ .
پۇل ئۇرۇشى دىگەن بولغاچقا ھەممە ئىشنى پۇلغا باغلاپ مۇلاھىزە قىلىنغان ،  خۇددى نىفىت ئۇرۇشىدا ھەممە ئىشنى نىفىتقا باغلىغاندەك .

سۇڭخۇڭبىڭ نىڭ ھەر ھەپتىسى بىر سانچىقىرىدىغان فىلمى بار  ، ھەر ھەپتىسى قالدۇرماي كۆرۈمەن ،  لىكىن  بەك ئەستايىدىل  بولۇپمۇ  كەتمەڭلار .

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:00:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITAN39 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 16:02  

بۇ سوڭ خوڭبىڭ ئەپەندىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىختىسادنىڭ ئۆزلىكسىز ئېشىشىغا بەرگەن باھاسى قانداقراق؟
مەن بەزى ماقالىلەردە دۆلىتىمىز ئخىتىسادى كۈپۈكسىمان ھالەتتە ئېشىۋاتىدۇ، كۈپۈك يېرىلسا ئىختىسادتىن چاتاق چىقىدۇ دەپ كۆرگەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:18:16

kaplanqak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 15:52 static/image/common/back.gif
خەنزۇچىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ قىسمىنى ئوقىغانتىم .بەزى بى ...

مەن 1چىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇپ بولدۇم ،خەنچە 5-چى قىسىمىغىچە چىققان ئوخشايدۇ،خەنچە 2،3-چىسى سىزگە قانداق
تەسىر بەردى؟
بولسا ھەرھەپتە كۆرىدىغان پروراممىسىنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ؟تېلىۋزىردىمۇ قۇيامدۇ؟سىز ياخشى دە پ قارىغان
ئىقتىساد كىتاپلىرى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:23:36

مەن ئىككى ئۈچ ئاي بولدى ئويلاشقىلى تۇرغىلى .
بەش ئون تۈمەن پۇلۇم باركەن ، ئەمدى ئۇھ دەپ خەجلەي دىگەندە پاخاللىشىپ بىر تال نان 100 كويغا چىقىپ قالسا ئىغىر زەربە بولمىسۇن ، شۇڭا ئىقتىساددىن ئاز تولا خەۋىرى بارلار تەلىم بەرسەڭلار ، ئۇ پۇلنى بانكىدا ساقلايمەنمۇ ،ئۆيدىمۇ ، ئالتۇن ئالىمەنمۇ كۈمۈشمۇ ياكى دوللار لىرامۇ ، يەر ئالىمەنمۇ ئۆيمۇ دىگەندەك .
بىر ياردەم قىلىۋىتىڭلار .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:32:46

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 16:23 static/image/common/back.gif
مەن ئىككى ئۈچ ئاي بولدى ئويلاشقىلى تۇرغىلى .
بەش ئون تۈ ...

ھىچنىمە ئالماي شۇ پۇلنىلا ساقلاڭ. نەق پۇلنىڭ قىممىتى ئۈسىدۇ...

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:41:12

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-09 16:23:36 static/image/common/back.gif
مەن ئىككى ئۈچ ئاي بولدى ئويلاشقىلى تۇرغىلى .
بەش ئون تۈ
ئارزۇيىڭىزغا مەبلەغ سېلىڭ…

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:00:01

مەنمۇ بۇ كىتاپنىڭ يېرىمىدىن جىقراق يېرىنى كۆرۈپ باقتىم ، ئەمما بەزى يەرلىرى قەتئىي ئىدىيەرىمدىن ئۆتمەي ، زورلاپ ئوقۇپ باقتىم-يۇ ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم . بولۇپمۇ خەلقارالىق بانكىرلارنىڭ گېتلېرغا 7 مىليون دوللار پۇل ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئۆزەمنى شۇنچە قىلىپمۇ ئىشەندۈرەلمىدىم .

قىسقىسى ، بۇ كىتاپتا ‹‹ سۈيقەست نەزىريىسى ›› بەك كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەنگەن . خەلقارالىق بانكىرلارنىڭ سۈيقەستى بەك مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن . خۇددىي ماسونلارنىڭ دۇنيا  سۈيقەستلىرى  توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردەك . شۇڭا كىتاپنىڭ ئاخىرىنى ئۆزۈمنى شۇنچە زورلاپ بېقىپمۇ چىقىرالمىدىم .

باشقىلارنىڭ چۈشەنچىلىرى قانداقراقكىن ئاڭلاپ باقساق .

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:05:30

يەنە بىر تەرەپتىم بۇ كىتاپتىن ھىس قىلغانلىرىم ، سۈيقەست نەزىريىسى ئارقىلىق ، ئامېرىكا سىياسىي ، ئىقتىسادىي ساھەسىنىڭ يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان خەلقارالىق بانكىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ، ئامېرىكا دىمۇكراتىيەسى ۋە سىياسىيسىنىڭ پۈتۈنلەي خەلقارا بانكىرلارنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ . شۇ ئارقىلىق كىشىلەردە ئامېرىكا دىمۇكراتىيەسىدىن قاتتىق گۇمان قىلىدىغان ئىدىيەنى يوشۇرۇن سىڭدىرۈدۇ . مۇشۇ يېرىمۇ ئىدىيەرىمدىن ئۆتمىدى . مەن ئامېرىكا سىياسىي ۋە دىمۇكراتىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي بانكىرلارنىڭ نېرى - بېرى قىلىدىغان ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن .

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:19:22

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 16:18 static/image/common/back.gif
مەن 1چىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇپ بولدۇم ،خەنچە 5-چى قىس ...

مۇشۇ ئادىرىسقا كىرسىڭىز بولىدۇ ،تارىخ ۋە ئىقتىسادقا قىزىقىدىغانلار كۆرسە بولىدۇ .

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:40:09

ئەپەندىلەر نىمە دەيدىغانسىلەر ؟ پۇل ئۇرۇشى ----CURRENCY WARS  دىگەن كىتاپ  ئا،مېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس  James Rickards نىڭ كىتاۋىغۇ، 2011-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلىنغان 2012-يىلى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. بۇ سۈن دىگەن ئاداش بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى باردۇ ؟

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:48:55

apla يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 17:40 static/image/common/back.gif
ئەپەندىلەر نىمە دەيدىغانسىلەر ؟ پۇل ئۇرۇشى ----CURRENCY WARS   ...

ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ، ئوخشاش ئىسىملىك ئىككى كىتاب .  سۇننىڭ كىتابى  2007-يىلى نەشىر قىلىنغانغۇ دەيمەن .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:57:11

بۇ ئادەممۇ كۆچۈرمىكەشمۇ -نىمە؟

www يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:34:08

www يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 19:18:29

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 19:46:09

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 16:23 static/image/common/back.gif
مەن ئىككى ئۈچ ئاي بولدى ئويلاشقىلى تۇرغىلى .
بەش ئون تۈ ...

كىتاب ئېلىڭ يىگىرمە ئوتتۇز يىل كېيىن مىليادىر بولۇپ كېتىسىز

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 20:06:55

www يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 20:34 static/image/common/back.gif
1. سۇئال
كىشلەر كۈندە دىققەت قىلىپ تۇرىدىغان ئالتۇننى ...

ۋىنسۇئىلامۇ جۇڭگۇغا قەرىز ھىساۋىغا بىر ئارالنى بەرمەكچى بوپتۇ.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 04:00:59

www ئەپەندىنىڭ بىرىنچى جۈمىلىسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. مەنمۇ تىخى بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق مۇلاھىزىنى كا للامدىن ئۈتكۈزگەن، بۇرۇنقى ۋاقىتلار مۇسۇلمانلارنى تىلغا ئالساق ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈمرىدە شارئىتى يار بەرسە ھەجگە بېرىشى كېرەك بۇيىچە ئورتاق بىر مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلاردا ئورتاقلىق كۆپ بولغان ھەم مۇسۇلمانلار قېرىنداش ھىساپلىناتتى. ھازىرقى دەۋىردە غەرب- ئامىرىكا كىنو ، ناخشا ، تىل ۋە تىخنىكىلىق مەھسۇلاتلېرى پۈتۈن دۇنياغا تاراپ ئامىرىكىدا بۈگۈنى پالانى نەرسە مودا بولسا ئەتىسى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلېرىدا مودا بۇلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا ئەتىسى چۈشتىن كىيىن يا ئۈگۈنى  بۇلىۋاتىدۇ. قىسقىسى ھازىر غەرپ مىدىياسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كەتكەن غەرپ مەدەنىيتى دۇنيانىڭ مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچى بولماقتا.
قېرىنداشلار، 《مىنىڭ مۇسۇلمان دادام》دىگەن كىتابنى ئۇقۇپ باققانلار بارمۇ ؟ قانداقراق باھالايسىلەر…

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:43:46

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 16:23 static/image/common/back.gif
مەن ئىككى ئۈچ ئاي بولدى ئويلاشقىلى تۇرغىلى .
بەش ئون تۈ ...

يەر-زىمىنغا مەبلەغ سېلىڭ، پۇلنىڭ قىممىتى تەكشى تۇرمايدۇ، يەر-زىمىننىڭ بولسا داۋاملىق قىممىتى ئېشىپ ماڭىدۇ.
بەت: [1] 2
: پۇل ئۇرۇشى ھەققىدە