NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:45:05

9-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى

9-دىكابىر ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1200 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن كەچتە ئېلان قىلىنغان ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىتنىڭ 11-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىن ناچار چىقىپ، ئالدىنقى جۇمە مۆلچەردىن ياخشى چىققان غەيرى  يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كىيىنكى بازارغا سۇغۇق سۇ سەپكەندەك بىر ھالەتنى شەكىللەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىدىن لۇك خات ئۆسۈم قوشۇشقا ئالدىرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئۆسۈشكە ئېرىشىپ 1200 دوللار ئەتراپىغا كەلدى.
ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ. يېقىنقى مەزگىللەردا گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولماي قالدى، ئالدىنقى ھەپتىدە گىرمانىيە مەركىزى بانكىسى يەنە بىر قەدەم ھالدا گىرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرىنى تۈۋەنلىتىپ تەڭشىدى، ئەگەر گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇرى يەنە مۆلچەردىن تۈۋەن چىقسا، ياۋرۇ ۋە ئالتۇن يەنە بىسىمغا ئۇچىراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئامرىكا بازىرى ۋاقتىدا ئامرىكىنىڭ بىرنەچچە ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ، گەرچە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تۈۋەن بولسىمۇ، لېكىن كەچتە مۇھىم چوڭ ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنمىغاچقا كەچتىكى كىچىك ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىمۇ بازارغا چوڭراق تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن، ئەگەر ئۇچۇر ياخشى چىقىپ قالسا دوللار ئۆسۈپ ئالتۇن باھاسىنى يەنە بېسىۋېتىشى مومكىن.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1197 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىش دىگەن تەھلىل توغرا چىقتى،تۈنۆگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8 دە 1198 غا چىقتى بۇ يەردىن چۈشۈشكە ئالساق ئاز دىگەندە 5 نوقتا پايدا بار. بەلكىم بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىككىنچى قېتىم 1197 دىن ئۆسۈپ كەتكەندە چۈشۈشكە ئېلىپ زىيان تارتقان بۇلىشى مومكىن، بازار بىر كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم بىز ئالىدىغان نوقتا ئەتراپىغا كەلگەندە بازارغا كىرىش خەتەرلىك.
بۈگۈنكى تەھلىل
1212ئەتراپىدىن چۈشۈشكە،زىيان 1217، نىشان 1207~1202
1195ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1190،نىشان1200~1205
1222ئەتراپىدىن چۈشۈشكە،زىيان 1227، نىشان 1217~1212
1180ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1175،نىشان1185~1190
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  239   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.25  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 9-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى