huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:31:31

دو تىكىش

دو تىكىش

ۋاڭ سۇ

ئۇ كۈنى قاتناشقا چەك قويۇلغانىدى، بىراق كەچتە قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە بىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم، كوچىغا چىققاندىن كېيىن خېلى مۈشكۈلدە بىر تاكسىنى توسۇدۇم.
-ئۇستام،-دېدىم مەن تاكسىنىڭ ئارقا ئورۇندىقىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن،-ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
-2-ئايلانما بىلەن ماڭامدۇق ياكى 3-ئايلانما بىلەن؟-دەپ سورىدى شوپۇر.
-قانداق ماڭساق بولا...2-ئايلانما بىلەن ماڭايلى،-دېدىم مەن ئارىسالدى بولۇپ.
-سىز قارار قىلدىڭىزمۇ؟-سورىدى شوپۇر،-راستتىنلا 3-ئايلانما بىلەن ماڭامدۇق؟
-سىزچە بولغاندا...-دېدىم مەن سەل ئارىسالدى بولۇپ،-قايسى يول بىلەن تېزرەك ماڭغىلى بولار؟
-سىز چوقۇم ئىككىدىن بىرىنى تاللىمىسىڭىز بولمايدۇ،-دېدى ئاللىقاچان پىكاپنى قوزغىتىپ بولغان شوپۇر ئالدىغان قاراپ،-بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى يولنىڭ توسۇلۇش مۇمكىنچىلىكى تازا پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ.
-بولدى، 3-ئايلانما بىلەن ماڭايلى!-دېدىم مەن كەسكىن تەلەپپۇزدا. بىراق تاكسى 3-ئايلانمىغا چىققاندا ھە دېگەندىلا 20 مىنۇت تۇرۇۋالدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي پەس ئاۋازدا غۇتۇلدىدىم:
-ھەي، بۇ 3-ئايلانما يولمۇ توسىلىپ قاپتۇ-دە!؟
-تۇرمۇشتا ئىشلار دائىم مۇشۇنداق بولىدۇ،-دېدى شوپۇر سالماق ۋە سوغ ئاۋازدا،-تاللاش ئاخىرلاشقان ئىكەن، ئادەمگە چېكىنىش يولى قالمايدۇ،-پىكاپ ئالدىغا قاراپ تولىمۇ ئاستا سۈرئەتتە 20 مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن، شوپۇرنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى،-بايا يول تاللىغان چاغدا مەن يولنىڭ ئەھۋالىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىم،-مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈنسىز قۇلاق سالدىم،-مەيلى قايسىلا يولنى تاللايلى، يەنىلا تەجرىبە ۋە پەرەزلەرنى ئاساس قىلىدىغان گەپ، بۇمۇ خۇددى قىماردا دو تىككەنگە ئوخشاش ئىش. سىز 3-ئايلانمىغا دو تىكتىڭىز، بىراق تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلمىدى.
-دېگىنىڭىز بەرھەق،-دېدىم مەن جاۋاب بېرىپ.
-دو تىككەن ئىكەنمىز، ياخشى ياكى يامان بولسۇن، نەتىجىسىگە يەنىلا ئۆزىمىز ئىگە بولمىساق بولمايدۇ، ماھىيەتتىمۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى پەقەت ئىككىلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟-دېدى شوپۇر.
-توغرا دەيسىز،-دېدىم مەن قىسقىلا جاۋاب بېرىپ.
-بىر بولسا ھەرگىز دو تىكمەسلىك كېرەك. دېمەكچىمەنكى، بۇنداق چاغدا سىرتقا چىقمىغان، قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى كېيىنگە قويغان ياخشى، بىراق بۇنداق قىلىشقا سىزنىڭ رايىڭىز بارامدۇ؟
-ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ،-دېدىم مەن،-بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويغۇلۇق ئەمەس.
-كوچىغا تولۇپ كەتكەن ئاپتوموبىللارغا قاراڭ،-دېدى شوپۇر سەلدىن كېيىن،-ھەممىسى ئالدى تەرەپتە چاتاق چىققانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئالدىغا ئىلگىرلەش كويىدا تىپىرلاپ يۈرىدۇ.
-شۇنداق،-دېدىم مەن، شۇنىڭدىن كېيىن گەپ ئۈزۈلدى. مەن سەل خىيال قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن گەپكە ئېغىز ئاچتىم،-ئەمما ئادەم ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالسىمۇ بولماس، چۈنكى سۈكۈت قىلىش بىر خىل تاللاش بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق سۈكۈت يەنىلا ئۇتتۇرغانغا باراۋەر بولۇپ قالمامدۇ؟
-سىزنىڭ پىسخىكىڭىز بەرھەق ئېسىل ئىكەن،-دېدى شوپۇر ماڭا بېشىنى سىڭايان قىلىپ قاراپ، بۇ سۆز مېنى خۇشال قىلىۋەتتى. نىشانغا ئاخىر يەتتۇق، شوپۇر ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان چاغدا مۇنداق دېدى:
-قىزچاق، ھايات مۇساپىڭىزدە ھەر بىر قەدەەمدە دو تىكىشكە توغدا كېلىدۇ، شۇڭا توسۇق يولنى تاللاپ قېلىش ئەپسۇسلىنارلىق تاللاش بولالمايدۇ.
-رەھمەت ئۇستام،-دېدىم مەن، ئاندىن ئىشىكنى يېپىپ قەددىمنى رۇسلاپ ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىغا يۈرۈپ كەتتىم، بۇ يەردە مېنى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق دو تىكىش پۇرسىتى ساقلاپ تۇراتتى...

سەرۋى مۇسا تەرجىمىسى
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:06:26

ھەنىم بولسا تاللاش ئەركىنلىكىم بولسىمۇ باركەن.

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:07:27

2-ئايلانما، 3- ئايلانما،  بېيجىڭدا تىكىلگەن دو ئىكەندە بۇ.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:30:34

تەرجىمە ئەسەركەن ئەسلى ،  لىكىن ياخشى  يىزىلىپتۇ،   تەرجىمىسىمۇ ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ،،،تېما ئىگسىگە رەھمەت!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 09:03:56

     تېمىدىكى ئككىسى بۇ خىل ئەھۋالدىكى تاللاشنى دو تىكىش دەپتۇ. بىز دەيمىزكى مۇئەييەن نىشان ئۈچۈن يولغا ئاتلانغان چاغدىكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان توسالغۇلارنى نەزەردە تۇتقان تاللاشنى تەۋەككۇل قىلىش دەپ.  توغرا نىيەتلىك ئىشنى نىشان قىلىپ ماڭغاندا ئالدىمىزدىكى تېخى يۈز بەرمىگەن ئىش-ۋەقەلەر بىزگە نىسبەتەن غەيب ئىشلار بولۇپ، بۇنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى ئاللاھدىن تىلەپ ئىشەنچ بىلەن يولغا ئاتلانساق، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان بولىمىز.
بەت: [1]
: دو تىكىش