huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:28:55

سۆھبەت ماھارىتىنى پالچىدىن ئۆگىنىڭ

     سۆھبەت ماھارىتىنى پالچىدىن ئۆگىنىڭ
                      لاند رولاند
                       گۈلپىيە غېنى تەرجىمىسى

   پالچىلار ۋە ئۆزىنى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارايدىغانلار دائىم «كۆڭلىدىكىنى تېپىش» تاكتىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. پىسىخولوگىيەدە بۇ «سوغوق ئوقۇش تاكتىكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دېگىنىمىز، قارشى تەرەپنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق كۆڭلىدىكى ئويلىرىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. خىزمەتتە، كۆڭلىدىكىنى تېپىش تاكتىكىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ، سۆھبەت ماھارىتىنى ئۆستۈرسەك بولىدۇ.
كوللىكتىپ ھەمكارلىق كەيپىياتى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قەلب ئىشىكىنى ئېچىڭ.
  «تارۇت كورتى بەرگەن خەۋەرنى پەقەت مېنىڭلا ئوقۇيالىشىم ناتايىن، شۇ نوقتىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى، بەزى ۋاقىتتا سىزمۇ كورتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنەلەيسىز.» پالنىڭ نەتىجىسىنى چۈشەندۈرگەندە، پالچى دائىم خېرىدارلارغا تىلسىمات نەزەرىيەلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىزاھلاپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ قەلب ئىشىكىنى ئاچقىلى بولىدۇ- دە، خېرىدارنى ئۆزلىكىدىن ئۇچۇرلىرىنى ئېيتقۇزۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. پالنى توغرا سالماقچى بولسىڭىز،ھەمكارلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش ئەڭ مۇھىم ھالقىدۇر.
خېرىدار بىلەن پىكىرلەشكەن ۋاقتىڭىزدا «مەندىنمۇ تەپسىلىي تەھلىل قىلالايدىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن جۈملىنى قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە باشقىلارنى ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
        كىشىلىك ھاياتتىكى يەتتە تېما ھەققىدە پاراڭلىشىڭ.
          كىشىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلار مۇھەببەت، بايلىق، كەسىپ، سالامەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەت، مائارىپ ۋە ئارزۇ- ئارمان قاتارلىقلارمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا قوزغايدۇ.«كۆڭلىدىكىنى تېپىش» تاكتىكىسىنى ئىشلەتكەندە، مۇشۇ يەتتە تېمىدىن ئىچكىرلەپ كىرىش ئاساسلىق ئۇسۇلدۇر. «سىز يالغۇزلۇقتىن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشقا ئۆتۈش ئالدىدا ئىكەنسىز» دېگەندەك سۆز- جۈملىلەر ئاڭلىغۇچىنىڭ دىقىتىنى بىر قەدەر تارتىدۇ.
        كارخانا پىلان يىغىنى ئاچقاندا، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ پىكىر يولى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھېچقانداق پىكىر- تەكلىپ بېرەلمىسە، كىشىلىك ھاياتتىكى يەتتە تېما ھەققىدە گەپ باشلاپ بېقىڭ، بەلكىم بۇ كەيپىياتنى ياخشىلىيالىشى مۇمكىن
       قارشى تەرەپنىڭ مىجەز- خارەكتېرىنى تەھلىل قىلغاندا، چىراي ئىپادىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە دىققەت قىلىڭ.
       «سىز دائىم باشىقىلار ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، بېغىشلاش روھىغا ئىگە ئادەم بولسىڭىزمۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتتا سىزمۇ كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يۇشۇرۇن مەنپەئەتپەرەسلىكنى ھېس قىلالايسىز، توغرىمۇ؟» مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىجەز- خارەكتېرنى ئىككى قۇتۇپلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەش كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ.
        ئەگەر قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ باش ئاغرىقى بارلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، «سىز بىر كەمتەر، چىقىشقاق، ياخشى ئادەم. بىراق يەنە...» دېگەن جۈملە شەكلىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ مىجەز- خارەكتېرىنى ئەكسىچە سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان قىيىنچىلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرالايسىز
       كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىڭ.
     تاروت كورتىدا پال سالغاندا، پالچى دائىم ئەڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، چۈشىنىش تەس بولغان كەسپىي سۆزلەرنى كەينى- كەينىدىن ئىشلىتىدۇ: «سىز تارتقان بۇ كورت مۇھەببەتنىڭ سىنىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىز تەنھا ئۆتۈۋاتقىلى ئۇزاق بوپتۇ.» بۇنداق سۆزلەر قارشى تەرەپنىڭ پىكىر يولىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزىگە خاس نوپۇزنى نامايان قىلىدۇ.
   سىز غەيرەتكە كېلىپ خېرىدارنى قايىل قىلماقچى بولغىنىڭىزدا، ئارقا- ئارقىدىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئىقتىسادقا دائىر سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپنى «پەقەت چۈشىنەلمىدىم، بىراق ئاڭلىماققا بولىدىغاندەك تۇرىدۇ» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرسىڭىز بۇلىدۇ.
      قەھۋەنىڭ تەمىنى قايماقنى ئاز- ئازدىن سېلىپ تەڭشىگەندەك، ئۇچۇرنى كىچىك سوئاللاردىن باشلاڭ.
     ئەگەر بىر پالچى خېرىداردىن ئۇدۇللا: «سىنىڭ دۈمبىڭىز ئاغرىمدۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇنداقتا،ئۇ ھەرگىزمۇ بىر ياخشى پالچى بولالمايدۇ. توغرا سوراش ئۇسۇلى مۇنداق: «بەزى ۋاقىتلاردا دۈمبىڭىزنىڭ بىر ئاز بىئارام بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، توغرا دېدىمغۇ دەيمەن.» خۇددى قەھۋەگە قايماقنى ئاز- ئازدىن سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەنگە ئوخشاش، ئۇششاق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق قارشى تەرەپتىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاندىن «كۆڭلىدىكىنى تېپىش» تاكتىكىسىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.
        قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش سودا خىزمىتىدە مۇھىم بىر ھالقا. قارشى تەرەپنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى تاپماقچى بولغاندا، ئىنچىكە تەپسىلاتلاردىن قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ،بۇنداق بولغاندا ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئويىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      بېشارەتنىڭ قۇدرىتىگە مۇراجىئەت قىلىڭ.
      «سىز باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىدە بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم تېخىمۇ ئاكتىپ ھەم دوستانە پوزىتسىيەدە بولالايسىز، ئۆتمۈشتىكى نارازىلىقنى كەينىڭىزگە چۆرۈۋېتىپ، يېڭى باشلىنىشقا قاراپ ماڭىسىز.دوستلىرىڭىز بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.» ئەگەر بىر كىشى باشىقىلارنىڭ ئېغىزىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلىسا، تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن جەمىئىيەتكە چوڭقۇر چۆكەلەيدۇ، ئالاقە دائىرىسىمۇ كۈنسايىن چوڭىيىدۇ. بۇنداق ھادىسە «بېشارەتنىڭ قۇدرىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، بۇ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئارقىلىق بېشارەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.
    بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر خاتا بېشارەتكە قارىغاندا، توغرا بېشارەتنى تېخىمۇ ئاسان ئېسىدە تۇتۇۋالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىز خاتىرجەم ھالدا، قاپ يۈرەكلىك بىلەن خېرىدارلىرىڭىزغا: «سىلەرنىڭ يېڭى ئىشىڭلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىدۇ» دەپ بېشارەت بەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:18:45

ئوكيان تورىدا كۆرگەندەك قىلغان،،،،،،،،،،،

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:21:52

گەپ سۆزنى ئىشلىتىشنىڭمۇ يوللىرى بولىدىكەن.

گەپنى قانداق قىلىش قىلماسلىق سۆزلىگۈچىنىڭ كەيپىياتىغا باغلىق.ھەرگىز ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەمەس.مەن شۇنداق قارايمەن.
بەت: [1]
: سۆھبەت ماھارىتىنى پالچىدىن ئۆگىنىڭ