tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:24:38

پەلەمپەيدىكى ئوغۇرلانغان قىشلىق كۆكتاتلار

موشۇ ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ ئۆينىڭ بالكونىنى چېقىپ قويغان دەڭلار ،بالكون دىگەنمۇچۇ ئىزىدا تۇرغىنى ياخشىكەن . ئۇنى چېقىپ ئۆينى سەل كەڭرەتكەن بىلەن ئەمدى سەي كوكتاتلارنى بولۇپمۇ ماۋۇ قىشلىق سەي كۆكتاتلارنى قويىدىغان جاي يوق بولدىدە ، يەر ئاستى ئۆيىمىزگە قويايلى دىسەك بەشىنچى قەۋەتتىن چۇشۇپ چىقىش بەكلا بىئەپ ، شۇنداق قىلىپ كاللامنى ئىشلىتىپ بۇ بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ تۆتىنجى قەۋەت بىلەن بەشىنجى قەۋەتنىڭ ئارلىقىدىكى ئارلىققا قىشلىق سەيلىرىمنى قويۇپ قويۇپلاخوتۇننىڭ ۋاتىلداشلىرىدىن قۇتۇلدۇم دەڭلار . تېخى خوتۇنۇم باشقىلارغابۇ ئەپلىك سەي قويىدىغان جايىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان بولدى . ئۆتكەن قىش ، ھېچ بالا يوق بىر قىش قىشلىق سەي لەرنى تۇگۇنەك دەيمىز ،پىياز دەيمىز ، ئاشۇ بۇلۇڭغىلا قويۇپ قويغان ئىدۇق . ئۇ يىلى ماۋۇ ھويلا ئىچىنى ۋە كارىدورنى تازلايدىغانلارمۇ بەشىنچى قەۋەتكە چىقىپمۇ قوياي دىمەيتتى .
ئەمما بۇيىل قىشلىق بىر خالتا تۇگۇنەك بىر خالتا پىياز ئېلىپ قويغان . بولمىسا ئۆيدە تاماق قىلىشىمىزمۇ چاغلىق بولمىسا ،شۇنداق بولىسمۇ ئەمدى ئۆينى ئىسىتىش ئۇچۇن بولسىمۇ ئانچە مۇنچە تاماق قىلىپ تۇرمىسمۇموشۇ خوتۇن خەق نىمە ئىش قىلىدۇ ئۆيدە بىكارچىلىقتا بارغۇ ئېرى بىلەن سوقۇشۇدۇ شۇ .گەپنىڭ نەق ئۆزىگ كەلسەكتېخى تۆنۇگۇن كەچكىچىلا بارتى دەڭلار بۇروزىغارلار ، ئەتتىگەن قوپۇپ خوتۇن ئەڭ بالدۇر بايقىۋاپتۇ ، ۋاي بۇ سەيلەر قېنى ،-شۇنداقمۇ ، -ۋاي بېششىڭنى يىگۇرلەر -بولدى ئەمدى ئىككى يۇز كويغا يارىمايدىغان كۆكتاتنى دەپ خەقنىڭ بېشىنى يېيىشىنى تىلىسەڭ قاملاشماس . -ئەمىسە نىمە دەيمەن خوشال بولسام بولامتى . ياخشى ئەكىتىپسىلەر دىسەم بولامتى .-ئشىقىلپ راستىنى دىگەندە ماۋۇ ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىن يۇتكەن ماڭا تەۋە سەيلەرنى مىڭ تەسلىكتە بەشىىنچى قەۋەتكە ئەپ چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ئويلاپ مېنڭمۇ سەل خۇيۇم تۇتتى .-ۋاي ھارام يەيدىغانلار ، ئۇغۇرلۇققۇ بۇ ،
بىزنىڭجەمەتتە قانۇن ساھاسىدىكىلەر بەك كۆپ بولغاچقا ئايىلىم بىلەن ئىككىمىز دە ئازدۇر كۆپتۇر رازۋىتكا ئىقتىدارى شەكىللەنگەن دەڭلار ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى رازۋېتكا قىلىشنى باشلىۋەتتۇق ،بۇ دىگەن بەش قەۋەتلىك بىنا ،بىز بەشىنچى قەۋەتتە ناۋادا سېنىڭ كۆكتاتلارنى ئاناڭنىڭ ئۆيىگە توشۇۋەتكەنلىكىڭنى نەزەردىن ساقىت قىلساق ، - ھە ئانامنىم بوپتۇ ، ماۋۇ سەيلەرنى بارغۇ دادام ئاپاملار بىزگە ئەپ بەرگەن تېخى پۇلمۇ بەرمىدۇ ق تېخى ئايىلىم ئالا يشىل بولۇپماڭا قىرلىنىپ چىققان ئىدى ،سەل ھىجاراشقا مەجبور بولدۇم. ئۇنداقتا ئۇدۇلدىكى ئۆينى ئىجارە ئالغانلارچۇ ، بۇلارمۇ نىم قىلار ، يەتتە سەككىز مىڭ كوي مائاش ئالىدۇ بۇ باللار سېنىڭ ئاۋۇ قىشلىق سەيلىرىڭنى ئۆيىگە ئەكىرۋالسىمۇ تاماق قىلىشنى بىلمىسە بۇ خەق . ئۇنداقتا بەشىنچى قەۋەتكە يەنە كىمنىڭ چىقىش ئىھتىماللىقى بار ، مىېھمانلاردىن باشقا بەشىنچى قەۋەتكە شۇ بىنا كارىدورنى تازلايدىغانلار تولراق چىقىپ قالىدىكەن . مەنغۇ ئۇلارنى ئالدى دەپ كەسكىن ئېيتالمايمەن ، ئەمما ئالمىدى دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، -بىراق خاتۇن بۇ ئىشنى قىلۋاتقانلاردىن بىز خەق كۆپرەك ، شۇڭا بۇ ئىھتىماللىق بەك كۇچلۇك ھەم چوڭ بولىسمۇ تىنمايلى .تىنمايدىغان ئىش يوق ئوغۇرلۇق دىگەن ئوغۇرلۇق .مەن بۇلارنىڭ مەسئولىغا تىېلفۇن ئۇرۇمەن ،ئاۋۇ ئىككى قېرى خەنسو تازلايتىتى بىزنىڭ ماۋۇ كارىدورلارنى ، ئۇ خەقتە ئىمان بولمىسا كىشنىڭ ھەققى دىگەنلەردىن قوقاتتىمۇ . ئەمىسە تېلفۇن قىلىپ باق ،
مەن ھويلىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىىرىپ مەسئولنىڭ تېلفۇنىنى تېپىپ چىقىپ ئايىلىمغا قىسقا ئۇچۇر قىلپ يوللىۋەتتىم . ئەمما بۇ ئشىلارنىڭ چوقۇم ئاخىرسى چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېشىمنى چايقىدىم، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق تۇزۇتىلىشى كېرەك ، ئەمدى ، بىنانىڭ كارىدورىغا ئانچە مۇنچە نەرسىلىرىڭنى قويۇپ قويساڭ ئۇنىمۇ نومۇسسىزلارچە ئېلىپ كەتسە ،خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك . قانداق دىگەن گەپ بۇ .
ئۆتكەندە ئۈرۈمچىلىكلەر ئاياقلىرىىنى كارىدورغا قويۇپ قويۇپتىكەن . ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئەپ كىتىپتۇدىگەن گەپكە تازا كۇلۇپتىم ئەمدى ئۆزەمنىڭ سەيلىرىنى ئوغرى ئېلىۋىدىئانچە بەك كۇلگۇم كەلمەي قالدى .
ھەراست ئايىلىمدىن تىلفۇن كەلدى ، ئۇ ئاۋۇ مەسئولغا ئۇرۇپتىكەن ، بىردەم خوشناڭلار ئالدىمىكىن بىردەم باشقىلار ئالدىمىكىن دەپ بولۇپ ئاندى ئازراق ئۇزەڭگىدىن چۇشۇپ بىنا تازلايدىغانلار ئالدىمىكىن دىگەنمىش ، ئايىلىم ھويلا باشقۇرۇش ھەققى ئالىمەن دەپ ئۇسساپ سۇئىشمەڭلار دەپ تېلفۇننى قويىۋەتكەنمىش . ................

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:42:05

تېتىقسىز .........................

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:59:57

مېنىڭچە سىزنىڭ ئۆيىڭىز 5- قەۋەتتە بولغان بولسا، 6-7- قەۋەتتىكىلەر كۆرۈپ قېلىپ ئالغاندۇ، :lolئاتايىتەن تۆۋەندىن يۇقۇرىغا كۆكتات ئوغۇرلىغىلى چىقماسمىكىن .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:07:27

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 10:59 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە سىزنىڭ ئۆيىڭىز 5- قەۋەتتە بولغان بولسا، 6-7- قەۋە ...

مەنمۇ شۇنى دەيمەن ئەمما مەن بۇگۇن قايتا ساناپ باقتىم بىزنىڭ بىنا پەقەتلا بەش قەۋەتلىك ئىكەن ، ئۇستىدە ئۆگزە بار شۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:24:14

تەكەخانننڭ ھىكايىسىنىڭ داۋامىنى يازلى، شۇ تازلىقچىلار ئالغاندۇ،كامىراغا چۈشكەندۇ

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:33:55

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 11:24 static/image/common/back.gif
تەكەخانننڭ ھىكايىسىنىڭ داۋامىنى يازلى، شۇ تازلىقچىلا ...

ئاۋۇ ئاۋارچىلىققا تولغان كىچە دىگەن تىمامغا قاراپ بېقىڭ ،

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:16:22

بۇرۇن مېنىڭ سەيلىرىمنى 5-قەۋەتتىكى ھاراقكەش خوشنام ئاپتىكەن. ئۇلار بىز شاگاڭ بولدۇق دەپ ئۈششۈقىنى ئارتىپ دەرۋازىغا قارايدىغان بولىۋالغان. ئۆزىئىشىك باقار ھەم ئۇنى بۇنى قويىدىغان ئىككى خىل ھۈنەرچى بولۇۋاپتىكەن. كېيىنچە يىققان سۇ، توك پۇللىرىغىمۇ ھاراق ئىچىۋىتىپتۇ ھەپ ئاڭلىدۇق. تىللاپ تىللاپ ھېرىپ قېلىپ ئاخىرى كۆچۈپ كەتتىم ئۇ ھويلىدىن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:56:29

tohotur يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 11:33 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئاۋارچىلىققا تولغان كىچە دىگەن تىمامغا قاراپ بې ...

ئۇ كېچىدىكى ھىكايىنىڭ ھەممىنى ئەتىگەن ئوقىۋەتتىم

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:09:03

ئوغرى ئېلىپ بىلەن قىپتۇ
مۇشۇ كاردورغا ياكى پەلەمپەيلەرگە ئەخلەت ياكى باشقى نازىمەتلىك نەرسىللىرىنى ئەچچىقىپ قويغانلار بىلەن تازا خۇشۇم يوق ، سىز ئۆينىڭ ئىچىنى ئالغاندىن كىيىن نەرسە كىرەكلىرڭىزنى ئىچىگە قۇيۇڭ پەلەممەي ئۇمۇمنىڭ مۈلكى سىز سەي كۆكتاتلىرڭىزنى پەلەمپەيگە قۇيۋالسىڭىز باشقىلار كىرىپ چىقىشتا قىينىلىدۇ .
مىنىڭ ئاستىمكى قەۋەتتىكى خوشناممۇ ئەسكى نەرسىسىنى پەلەمپەيگە ئەچچىقىپ قۇيۇپ مىنىڭ كىرىپ چىقىشىمغا قۇلايسىزلىق يارتىدۇ ، بولسا شۇ خوشنامنىڭ تاشۋەتسە ئوغرى ئالمايدىغان نەرسىسىنى بىرە ئوغرى ئۇغۇرلىۋالغان بولسا مەن خىلى خۇشال بۇلۇپ قالاتتىم .:lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 17:24:32

ۋاي مەنمۇ ما ھېيتتا يىڭى ئالغان ئاياغتى 600سومغا
ئىشكنىڭ تىشىغا سالدىم ئۆيگە كىردىم،تاماقنى يەپلا
دوستۇمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭاي دەپ ئىشىكنى ئىچىپ قارىسام ئاياغ يوق،ئۆزى مىڭىپ چۈپ كەتكەنمىدۇ دەپ
ساپما كەشنى كىيىپ پەسكە چۈشۈپ قاراپ باقتىم يوق
كونا ئاياقلارنى تاشلىۋەتكەچكە ،دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارالماي ،دوستۇم ئۆيۈمگە كەلدى . ئەتىسى دادام
سەن خۇرۇم ئاياغ كىيەممەيدىكەنسەن، دەپ مازاق قىلدى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئادىداسنىڭ ئايقىدىن بىرنى ئالدىم . قاچان ئۆيىمىزگە كىم كەلسە ئاياقلىرىنى ئۆيگە سىلىشنى ئەسكەرتىدىغان بوپ قالدىم ئۆزەمچە .

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:14:57

بوپتۇ ئەمدى يۈتكەن بولسا.
دىئالوگ دىگەننى قۇر ئاتلاپ يازىدىغان

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:16:06

قىشلىق سەيلەرنى يىراقتىن ئەكەلگىچە تەييارنىلا قويۇپتۇ-دە.

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:22:11

sad~da يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 15:09 static/image/common/back.gif
ئوغرى ئېلىپ بىلەن قىپتۇ
مۇشۇ كاردورغا ياكى پەلەمپەيلە ...

ئۇنداق دىگەن بىلەن بەشىنچى قەۋەتتە مەنلام بار ئۆزەمنىڭ ئۆزەمگە تاقاشمايۋاتقان ئىدىدە :)

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:25:32

بۇلارنىڭ ئالمايدىغان نەرسىسى بارمىدۇ ،ئۆتكەندە توكسىكلىتقا ئىسىپ قويغان گۆشنى ئوغورلاپتۇ،ئاچىغىمدا گۆش ئالغىنى قايتا قاسساپ ئۇستامنىڭ قىشىغا بارسام ئەتىگەن خوشنا قاسساپنىڭمۇ بىر سان كاناردىن ئىلىپ قىچىپتۇ دەيدۇ.تۆۋە:o يەيدىغان نەرسىنىمۇ ئوغورلايدىكەن دەپ يۇرسەم.
يىقىندا يەنە بىر ئادەم مەسچىتكە كىرىپ چىقىشىدا ئايىغىنى مەسچىتكە كىرگەندىن بىرىس سوقۇپ بوپتۇ.،:(

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:40:22

attir يوللىغان ۋاقتى2014-12-9 18:25 static/image/common/back.gif
بۇلارنىڭ ئالمايدىغان نەرسىسى بارمىدۇ ،ئۆتكەندە توكسى ...

ماۋۇ ھۆكۆمەت مەسچىتلەرنىڭ ئىچگىلا كامىرا ئورناتقىچە مۇنداق ھەممە ئادەم كالاچ قويىدىغان جايغىمۇ بىرەر كامىرا ئورنۇتۇپ قويسا بولىدۇ ، بولمىسا ئەل ئۇچۇن دەپ سۆزلەۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، ماۋۇ كالاچمۇ ئەلنىڭ دىگەندەك مۇنداق :lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 22:24:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-9 22:30

كارىدۇر بىر پۈتۈن ئاھالىلەرگە تەۋە جاي سىزنىڭ ئاۋۋال ئۆز ئالدىڭىزغا شۇ يەرگە بىر نەرسە قۇيۋالغىنىڭىز خاتا ،مەن بىلەن قۇشنا ئولتۇرۇپ قالغان بولسىڭىز دەرىزىدىن تاشلىۋىتەتتىم نەرسىلىرىڭىزنى،ھەممە ئادەمكارىدۇر دەرىجىسىگە بىر نەرسە قۇيۋالسا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئاچمامدۇ دەرىزىنى.پورىمامدۇ كارىدۇر.
مەن ئادەتتە خۇلۇم -قۇشنىلارنىڭ ئەخلىتىنىڭ كارىدۇردا بىر كۈندىن ئۇشۇق تۇرۇپ قالغىنى بايقاپ قالسام ،ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چېچىۋىتىپ ،ياكى ئىشىك تۇتقىچىغا سۇلياۋ خالتىسى بىلەن ئېسىپ قۇيۇپ جىممىدە چىقىپ كىتىمەن.{:203:}ئۆزى ئۈچۈن قۇلۇم-قۇشنىلارغازۇلۇم قىلماسلىق كىرەك.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:13:55

بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى بويتاق ۋاقىتلار
ھېيت كەلدى،ئەل ئاغىنىلەردىن بەش ئالتەيلەن بىرسىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ باردۇق،ئاياغلارنى ئىشىك ئالدىغا سېلىپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق
ھېيتلاپ بوپ يېنىپ چىقساق ئاياغلاردىن بىرسىمۇ يوق،يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەي بىرسى بىرسىمىزگە قارىشىپ تۇيۇقسىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق،بەك قىزىق تۇيۇلدى،ئوغرى خالتىدىن بىرسىگە سېلىپلا ئەپكەتكەن ئوخشايدۇ
شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىگىسى ئاغىنىمىزنى ئەۋەتتۇق،ماڭە گۇي دەپ ، ئۆيلىرىمىزگە بىردىنبىر بېرىپ كونا ئاياغلىرىمىزنى ئېلىپ كەپتۇ،بىرسىنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقكەن،ئۆزىنىڭ ئايىقىدىن بىرنى كىيگۈزۈپ قويدى
ئۆيدىن چۈشۈپ بازارغا چاپتۇق،ھېيتتا قايسى دۇكان ئوچۇق دەيسىز،تائىپىلەر بەك ئازتى،بولۇپمۇ ئاياغ ساتىغىنى يوقتى
شۇنداق قىلىپ شۇ ھېيتتا كونا ئاياغلارنى كىيىپ يۈردۇق،ھازىرمۇ شۇنىڭ گېپى چىقسىلا كۈلۈشۈپ كېتىمىز

piqak04 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:33:44

مەن شۇ قەۋەتلەردە بولسام سەينى بىنادىن تاشلىۋىتەتتىم :lol:lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 07:39:49

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:22:15

مەسچىتتە ئاياغنى ئوغرىغا بەرمەسلىڭنىڭ ئامالى بار ، بىر پاي ئايىقىڭىزنى بىريەرگە، يەنە بىر پاي ئايىقىڭىزنى باشقا يەرگە قويۇپ قويساڭلار ھېچكىم يەكپاي ئاياق ئوغرىلىمايدۇ
بەت: [1] 2
: پەلەمپەيدىكى ئوغۇرلانغان قىشلىق كۆكتاتلار