intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 08:40:06

ئىنتىلگۈچى:قارا ئۆڭكۈر

قارا ئۆڭكۈر
ئىنتىلگۈچى

     ئۇزۇن يىللىق ئۆزگۈرۈش جەرياندىن كېيىن نۇرمال يۇلتۇزلار بەلكىم ئاق پەتەك يۇلتۇز(white dwarf)،نېتۇرون يۇلتۇز(neutron star) ۋە قارا ئۆڭكۈرلەرگە(black hole) ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇ يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى قاتارلىق بىرقاتار شەرتلەرگە باغلىق.بۇ ئۈچ ئاسمان جىسمى زىچلىقىنڭ چوڭلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۇۋانت(quantum) ھەم تارتىش كۈچى(gravitational)تەسىرنىڭ چوڭ بۇلۇشى بىلەن ئىنتايىن ياخشى تەتقىقات قىمىتىگە ئىگە.
     ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا زىچلىقى چەكسىز چوڭ   قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدا  بىر رايون بۇلىدۇ، بۇ رايوننىڭ چېگرسى(boundary) ئىش ئۇپۇق سىزىقى(event horizon)، بۇ دەل شىۋاسچايلد رادىيوسى(Schwarzschild radius ) .بۇ سىزىق ياكى رادىيوسدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ماددا ھەتتاكى نۇرمۇ بۇ رايوندن قىچىپ كېتەلمەيدۇ ۋە غەيرىي نوقتىغا(singularity)بارىدۇ(رەسىم 1). نۇرمۇ قاچالمىخانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنى كۆرەلمەيمىز شۇڭا قارا ياكى قاراڭغۇ دەپ ئاتايمىز، ئۇنىڭ ئاشۇ رادىيوسىغا چەكسىز يىقىنلاشقان ماددا خۇددى ھاڭغا چۈپكەتكەندەكلا ئۇنىڭغا كېركېتىدۇ بۇ ئۇنىڭ ئۆڭكۈر دەپ ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى.
     ئەڭ دەسلىپىدە ئەگەر ماددىلار نىيوتۇنلىق يىغىلىش(Newtonian collapse) ئارقىلىق زىچلىقى چەكسىز چوڭ بولغان بىر نوختىغا يىغىلسا قۇيۇپبېرىدىغان ئېنىرگىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان لىكىن ئۇنىڭ تۇلۇق يىشىمى ۋە كىلىپ چىقىدىغان ھادىسلەرگە ئېنىق جاۋابقا ئىرشەلمىگەن. 1915-يىلى نويابىردا ئالەمگە مەھشۇر ھازىرغىچە ئەڭ ئەقىللىق دەپ قارلىپ كىلىۋاتقان ئالبىرىت ئېنىشتېين(Albert Einstein) كەڭ دائىرلىك نېسپىلىك نەزىرىيسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇ ھادىسىنىڭ توغراتۇلۇق يىشىمىلىك جاۋابىغا ئىرشىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى شەھرىلەپ ئۆتكەن. 1916-يىلى مارتتا داڭلىق فىزىكا ئالىمى شىۋاسچايلد (Schwarzschild) يۈز سىممېترىك ئۇسسۇلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ دەسلەپتىكى نەزىرىيە ئاساسىنى سالغان. 1931-يىلى يەنە بىر داڭلىق فىزىكا ئالىمى چانجىراساخار (Chandrasekhar) نېسىپىلىك نەزىرىيسى بىلەن يۈزسىممېترىك ئۇسسۇلىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىشلەپ چوڭ زىچلىق جىسىم ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى چەك ماسسىسىنى ھىسابلاپ چىققان. 1967-يىلى ئاق پەتەك يۇلتۇزدىنمۇ زىچلىقى چوڭ بولغان نىتۇرون يۇلتۇز بايقالغان. 1963-يىلى ئامىرىكا تىكساس ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا داڭلىق فىزىكا ئالىمى كېر(Kerr) بۇ ئۇقۇمغا (يەنى قاراڭغۇئۆڭكۈر) بولغان يىڭى ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1964-يىلى " قاراڭغۇ ئۆڭكۈر" دىگەن بۇ ئاتالغۇ تۇنجى قىتىم مەتبۇئاتلاردا بېسىلىپ كىشلەر بىلەن يۈزكۈرىشكەن. 1971-يىلى ئاستۇرونوم ئالىملىرى ھەرخىل تېلىسكوپلار بىلەن ئۆلچەپ ئانالىزقىلىش ئارقىلىق1- Cygnus X ناملىق قوش يۇلتۇزنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىك قوش يۇلتۇزكاندىداتى دەپ بىكىتكەن، بۇنىڭدا بىر گىگانت يۇلتۇز ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ14-16 ھەسسىگىچە بولغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان قوش يۇلتۇزدۇر. بۇ ھازىرغىچە ھەم قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىك قوش يۇلتۇز(black hole binary) دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.   
       قارا ئۆڭكۈربىرقانچە خىل يوللار بىلەن شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ مەسىلەن: ئالەملىك چوڭ پارتىلاش شەكىللەنگەن، قۇياش ماسسىسىنىڭ 20ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۆلگەندىن كېينكى قالدۇقى(2-رەسىم)، قاتارلىق. قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ماسىسسغا قاراپ قۇياش ماسسا تىپىدىكى قارا ئۆڭكۈر(stellar mass black hole)(جەدىۋەل)، دەرجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر(supermassive black hole) قاتارلىقلارغا بۇلنىدۇ. ھازىرغىچە نۇپۇزلىق تەتقىقات ئورگانلىرى(NASA، خارۋارد ئۇنۋىرسىتتى، ياۋرۇپا قاتارلىق) ۋە نۇپۇزلىق ئاستىرونوم فىزىكا ئالىملىرى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قۇبۇل قىلدى. نۇرغۇن ۋاستىلىك ئىسپاتلار قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قولىماقتا.
يىقىندائەنگلىيە فىزىكا ئالىمى خوكىڭ ئوتتۇرغا قويغان نەزىرىيەنى قۇبۇل قىلىدىغان ياكى ئېتىراپ قىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك. چۇنكى بۇ نەزىرىيەنىڭ يۇچۇقى كوپ ۋە ھىچقانداق قوللايدىغان ئىسپاتى يوق. يىڭى ماتېماتىكىلىق ھىسابلاپ چىقىلغان قارا ئۆڭكۈر يوقلىق نەتىجىسىمۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاستىرونومىيلىك قارا ئۆڭكۈربىلەن ماتېماتىكىلىق قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدا ئېنىق ئەمەس مەسلىلە،تالاش-تارتىشلار جىق، ئۇلار ئوخشاشمۇ؟ قانداق پەرىقلەر مەۋجۇت بۇلىشى مۇمكىن؟ۋەھاكازالار. شۇڭا بۇنداق ئېنىق جاۋاب، ئېنىق پاكىتلار يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنى ئۇقۇپ قويسىڭىز بىلىپ قويساقلا بۇلىدۇ.

نەنجىڭ.
2014.9.28

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:04:27

يېقىندا كۆرگەن بىر فىلىمدا ئۇنىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكنى بىلىپ قالدىم

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:36:14

كىچىگىمىزدىن جىق ئاڭلىغان قارا ئۆڭكۈرنى ، ھەممە نەرسىنى يۈتىۋېتىدۇ ھەتتا نۇرنىمۇ دەپ.

كىنودىكىسى رېژىسسورنىڭ تەپەككۈرىمىكىن.
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:قارا ئۆڭكۈر