129 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 20:25:48

يەنە بىر بالا
يارغول
سەپەر




يۈر،كەتتۇق
ئويسىز مۇساپە ئارا
مەقسەتسىزلىككە.
ئىدراك ئېغىر كېلىدۇ،
سۈرگۈنلەرنىڭ قەدەملىرىدەك
ئۆلۈكلەرنىڭ بەدەنلىرىدەك.

كۇپايىدۇر
سەمىمىيلىك سېۋىتىگە ساپ ھېسيات سېلىۋالساڭ
ئۇزاپ بارچە يات ئاۋازلاردىن،ساڭا كېلىۋالساڭ.

شۇندىلا،پەقەت شۇندىلا
شائىرسەنكى يازساڭ،يازمىساڭ.






يەنە بىر بالا



پىكىر مېنى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن
يەنە سىلەر ۋە ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

خىيال ئازابتۇر
ئازاب شېئىردۇر،
شېئىر بولسا
تەنھالىقنىڭ بەلگىسى.

ھەممە يەردە ئولتۇراقلاشقانمەن
سۆز مېنىڭ خاس خانەم.
ئۇندا تورۇس بار،گۈل بار،
ئەخلەت چېلىكىدىكى ئۆلۈم ھىدى ھەم.

ھېسىيات بىردىنبىر ھۇجرام
تېپىلار ھەممە
پىكىردىن باشقا

مىسرالىرىم
پەيلاسوپنىڭ شىلەپىسىگە
سىيىۋاتقان بىر بالا.



شېئىرنىڭ بارلىققا كېلىشى



-ئازراق ھەسرەت ياكى
ئازاب تەمى ئارىلاشتۇرىمىز
كۆز يېشى قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
مۇبالىغە مۇچتۇر،ئۇ ھەممىنى ئۇسسۇلغا سالىدۇ.
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر رەڭ بېغىشلايدۇ
ئىماگنىڭ ھىدى كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ
پۈتۈن ماھارەتلەردىن كېيىن...
ھېچنېمە بارلىققا كەلمەيدۇ
-نېمىشقا؟
-ئەخمەق ئوت ياقمىساڭ قانداق پىشىدۇ
-ھاھاھاھائۇنتۇپ قاپتىمەن،ئوتنى نەدىن ئاچىمىز
-يۈرەكتىن.

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 20:27:56

غۇلامئەلىنىڭ ئۆلۈمى

يارغول



قوي يىلىغا كىرمەكتىمىز تېز
ياشىماقچى بولۇپ ھەممىمىز.

ئاپتاپلاردا،ئېرىق بويىدا،
رەستىلەردە،چوڭ كوچىلاردا.
دەرەخلەرنىڭ ھارغىن شېخىدا،
ئۆلۈم دېگەن خەت.

ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ،
ئۇنىڭ دەرگاھى،قان بېسىمىنىڭ ئۇدۇلىدا،
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە،
تەنناز قىزلارنىڭ ئىسىملىرىدا،
ھاياتلىقنىڭ مەيدە يانچۇقىدا.

تۇيۇقسىز ئۆلۈم مەڭگۈ ئاياغلاشمايدۇ،
دوختۇرلارنىڭ خالاتلىرى ۋە
بايقاشلارنى قىلىپ مەسخىرە.
مەۋجۇدتۇر ئۇ قىزغىن سۆيگۈدەك،
كېسەل ياكى سالامەت تەندە.

غۇلامئەلى
بۈگۈن سەھەر توي قىلماقچىدى،
ئۇ كۆمۈلگەن قەبرىدىن كەلدۇق.
‹‹تۇيۇقسىز ئۆلۈم››سۆزى بولمىغان بولسا،
ئانىسىغا نېمىمۇ دەيتتۇق؟

ھاياجانلىق كۈي مىسالىمىز
پورەكلىگەن گۈل مىسالىمىز
بويرۇق چۈشسە كۆكتىن ئۇشتۇمتۇت،
ئوتى ئۆچكەن كۈل مىسالىمىز.
بۇ ئىنىمىز غۇلامئەلىدەك
ياخشى ئۇكام غۇلامئەلىدەك
ئوماق ساقام غۇلامئەلىدەك
تالايلىغان غۇلامئەلىدەك...

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 21:54:26

شېئىرنىڭ بارلىققا كىلىشى،غۇلامئەلىنىڭ ئۈلۈمى ...

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:17:28

129 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 20:27 static/image/common/back.gif
غۇلامئەلىنىڭ ئۆلۈمى

يارغول


يەنىلا بىر-بىرىدىن قالتىس شېئىرلار!ھارمىغايسىز ...خۇددى ئىچىمدىكىنى دەۋاتقاندەك،مەن دىيەلمەيۋاتقان گەپلەردەك...ئوقىسا ئوقىغۇسى كىلىدۇ كىشىنىڭ،بەركەتلەر بولسۇن ھەر قەدىمىڭىز،قەلەملىرىڭىزگە...يوقاپ كەتمەي يېزىپ تۇرغايسىز

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 08:27:59

مەن‹‹شېئىر ›› دىگەن ژانىردىن يىراقراق تۇرسام بولغۇدەك
{:112:}

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:14:22

بىر ئۆتۈنۈشۈم بار

يارغول

قىرىق مېنۇتتىن كېيىن،ئوتتۇز توققۇز مېنۇتتىن كېيىن
ئوتتۇز سەككىز مېنۇتتىن كېيىن...
ئوتتۇز يەتتە ياشلىق ئابدۇراھماننى
شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بىر پالۋاننى
كۆمۈپ قويامسىىلەر؟
ئەي ئەزىزلەر
ئۇنى سۇدا ئەمەس،بىر قەۋىمنىڭ كۆز ياشلىرىدا
يۇيۇپ قويغانسىلەر؟
ئۇنى  راستىنلا  كۆمۈپ قويامسىلەر؟
قوللىرىغا،سارغۇچ چېچىغا
كۆزلىرىگە،ئىللىق يۈزىگە..
مېنىڭ ئۈچۈن،پەقەت مەن ئۈچۈن
سۆيۈپ قويامسىلەر؟
سۆيۈپ قويامسىلەر؟..

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:46:37

كۆز

يارغول

بىرلا ناخشىنى ئېيىتتى ئابدۇللا،
شۇنچە ئۇزۇن يىللادىن بېرى.
بىرلا نىشاندىن كەتمىدى ئۇزاپ،
مەرھۇم ئابدۇراھماننىڭ ئاتقان ھەر مۇشى.
پەقەت بىر زاتنى سۆزلىدى تىنماي،
ئادىل تۇنىيازنىڭ ھەر بىر مىسراسى.
ئىمام مېھراپتا دېدى بىر ئۆمۈر،
ئاسماندىن چۈشكەن شۇ بىرلا سۆزنى.
ئىنسانىيەتكە يول ئالدىم مەن ھەم،
تاپماق بولۇپ شۇ بىرلا جۈپ كۆزنى...

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 23:48:09

بىر ئۆتۈنۈشۈم بار

يارغول

قىرىق مېنۇتتىن كېيىن،ئوتتۇز توققۇز مېنۇتتىن كېيىن
ئوتتۇز سەككىز مېنۇتتىن كېيىن...
ئوتتۇز يەتتە ياشلىق ئابدۇراھماننى
كۆمۈپ قويامسىىلەر؟
ئۇنى سۇدا ئەمەس،بىر قەۋىمنىڭ كۆز ياشلىرىدا
يۇيۇپ قويغانسىلەر؟
ئۇنى  راستىنلا  كۆمۈپ قويامسىلەر؟
قوللىرىغا،پېشانىسىگە
مېنىڭ ئۈچۈن،پەقەت مەن ئۈچۈن
سۆيۈپ قويامسىلەر؟
سۆيۈپ قويامسىلەر؟..

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 23:07:33

سول تەرىپىم

يارغول

ئوي لوگىكىسىزلىق بىلەن تولغان،
مەنتىقىغە ئەڭ ئۇيغۇنى ئۆلۈمدۇر.
ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرگىنى،
خىيال،قۇش ۋە تەنھا روھىمدۇر.

ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم
چوقۇم بىر نەرسە ئويلاش كېرەك بولسا
ئويلىغاندىمەن
ئاخشام كۆرگەن ھېلىقى قىزنى
چۈشتىن كېيىن نېمە قىلىشنى
ئۆلۈپ كەتكەن ئابدۇراھماننى
مەيدەمدىكى يېقىمسىزلىقنى...
شۇنداق،مەيدەم يېقىمسىزلىنىۋاتىدۇ،
بىراق،ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى
مۇبالىغە ۋاستىسى بىلەن ئىپادە قىلغۇم يوق
چۈنكى ئۇ يالغانچىلىق بىلەن تولغان،
سەمىمىيەتسىزلىك ئۇنىڭ نىقابى.
ئۇنىڭدا-يۈرەكلەر يېرىلىپ كېتىدۇ
قان-يىرىڭلار چېچىلىپ كېتىدۇ..
كۈلكىلىكى،يەنە ياشاۋېرىدۇ.

مەيدەم يېقىمسىزلىنىۋاتىدۇ،
يىراقلارنى سېغىنىۋاتىدۇ،
ئۇزاقلارغا قۇشلاردەك..

چەكسىز ئامالسىزلىقىمنى ھېس قىلىمەن
رەزىل بىر جەمئىيەتتە تېڭىرقاپ.
ھاياجانلىرىم تۇنجۇققان،
ياخشى ئادەم بولماقنى ئويلاپ.

مەيدەم يېقىمسىزلىنىۋاتىدۇ،
كۈنلەرنىڭ مەززىسىز ئۆتۈشلىرىدىن
يىللارنىڭ مەزگىلسىز كېتىشلىرىدىن
تەشۋىشنىڭ،غەملەرنىڭ،ۋەھىمىلەرنىڭ
بارغانچە چوڭقۇرلاپ پېتىشلىرىدىن...

ئۇزاقلارغا كېتىش كېرەك،
كۆز يەتكۈسىز يىراقلارغا
شېئىر بىلەن.

شېئىر نېمە؟
شېئىر-مەن
شېئىر-ئۇ ھەم سەن
شېئىر-كىرپىكتىكى نەم
شېئىر-مەيدىسى يېقىمسىزلىنىۋاتقان ئادەم.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 13:25:21

ئېسىل شېئىركەن،ياقتۇردۇم

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 19:06:54

{:112:}

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:33:57

‏كەتمەكچىمەن

‏يارغول


‏گۇگۇم ئىچىمگە سىڭمەكتە،
‏مەيۈسقىنە بىر رەڭدە.

‏كېتىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن،
‏ئەمما،نەگە كېتىشنى بىلمەيمەن،
‏كىم بىلەن كېتىشنىمۇ ھەمدە.

‏كېرەكتۇر بەلكىم،
‏قاناۋاتقان يۇلتۇزلار كەبى
‏ئاسمانلارغا سېڭىپ كېتىشىم.
‏تۈن قىزىنىڭ كۆزلىرىدىكى
‏دېڭىز ئارا ئېقىپ كېتىشىم،

‏كېرەكتۇر بەلكىم،
‏ھايات قالمىقىم ئۈچۈن،
‏ئېلىۋېلىشىم بىرەر تال ناننى.
‏يەنە كۈلۈپ ياشىشىم ئۈچۈن،
‏مەڭگۈ پۈتمەس كۆڭۈل يارامنى.

‏گۇگۇم باغرىمغا سىڭمەكتە،
‏نەمخۇشقىنە بىر تەمدە.

‏يېتىشىم كېرەكلىكنى ھېس قىلماقتىمەن،
‏ھىجراننىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىلىرىغا،
‏ھاياتنىڭ ئەڭ زۇلمەت نۇقتىلىرىغا.
‏لەھزىلىك سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن،
‏يوقۇتۇش،مەھرۇملۇق تۇيغۇلىرىغا.

‏بىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن
‏بىلمەسلىكنىڭ راھەتلىكىنى،
‏ۋە بىلىشنىڭ قاباھىتىنى.

‏سېغىنىشىم داۋام ئەتمەكتە،
‏چىدىغۇسىز ھالەتتە...






129 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:36:15

‏فىردەۋىس

‏يارغول

‏يىغا بىردىنبىر تىلىڭدۇر،
‏مېنىڭ تىلىم مىسرالىرىمدۇر.

‏قىسقىسى
‏تىلىڭ شېئىردۇر،
‏شېئىر بولسا يىغىدۇر.

‏يىغلاش كېرەك،
‏دۇنيا كۆز ياشقا ئەرزىيدۇ.
‏كۈلۈش لازىم تېلىقىپ،
‏ئاخىر ھەممىسى بىر تۇيغۇ.

‏ھېسسىياتقا يول قوي،
‏قورام تاشلارمۇ
‏چوقۇم تۇيغۇنى بىلىدۇ،
‏مۇھەببەتكە چوڭقۇر ئىشەن،
‏ئۇ ھەممىنى بار ياكى يوق قىلىدۇ.

‏گۈللەرگە قاراپ زوقلىنىشنى ئۆگەن،
‏ساڭا بېقىپ تۇرغان ئاناڭدەك.
‏ئازابلانساڭ چېكىگە يەتكۈز،
‏جىمى يارا سېنىڭ ياراڭدەك...

‏دۇنيانى رەزىل دەپ يۈرمە،
‏ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن
‏جايلار ئىكەنلىكىنى ئەسلە.

‏قۇشلارنىڭ پەرۋازىنى بىلىسەن،
‏بىلىشىڭگە تېخىمۇ تېگىشلىكى،
‏قاناتلىرىدىكى كۆرۈنمەس كىشەن.

‏تەنھالىق مۇقەررەرلىكتۇر،
‏ئاخىر پەقەت خاس بىر ئاۋازىڭ،
‏ئىنسانىيەت بىلەن بېرىكۇر.

‏ھەقىقەت سۆزلىنىپ بولغان
‏كۆللەردەك جىمجىت تەبەسسۇم قىل،
‏ئولۇغ قۇرۇق سۆزلىمە.

‏توغرا،توغرا ئەي ئوغلۇم
‏مەن يازاي
‏سەن بىمالال يىغلاۋەر...

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 21:56:59

بىر دانەدۇرسەن

يارغول

ساڭا نە نەسىھىتىم بولسۇن
دىداكتىكىنىڭ تەسىرسىزلىكىنى ۋە
قۇياشنىڭ ھەر كۈنى يېڭىلىقىنى بىلىمەن.
ئۆمۈر ھەققىدە نە تەجرىبەم بولسۇن
بىر دەريادىن ئىككى مەرتە ئۆتكىلى بولمايدىغۇ ئاخىر
يىغلا ، كۈچۈڭنىڭ بارىچە يىغلا،
كۆز ياشلارغا ئەرزىيدۇ دۇنيا.
كۈل ، تېلىققىچە كۈل،
بەرىبىر سەن يالغۇز ھەم تەنھا.
چىنلىق پىنھانلاردا مۆكۈنۈپ ياتار،
ۋەتەن،خەلقىم دەپ توۋلىما،
گۇمانلان ياڭرىغان بارچە ئاۋازدىن،
باشلىساڭ ئۆزۈڭنىڭ كۈيىدىن باشلا،
مېنى ئاتا دەپ چاقىرساڭ مەيلى،
ئىككى ئىنسانمىز شۇنى ئۇنۇتما،
بىر گۈلنى سۆيسەڭ،  ئۆلگۈدەك سۆي
نەزىرىڭ ئاغدۇرما قۇشقا ،شامالغا...
مۇھەببەت ئېرىشىشنىڭ ئەكسىدۇر
ئېرىشىشكە تېگىشلىكى ئازاب،توغرا،ئازاب تۇيغۇسىدۇر.
مەندىن؛ مەن كىم؟ دەپ سورىما
سەن بىر رەسسام ياكى بىر قاتىل
يۈرۈكۈڭگە سادىق بولساڭلا.
ھاياتنى سۆيۈشۈڭنى ئۈمۈد قىلىمەن،بىراق
ئۇنى چەكلىك بولغانلىقىنى ئۈچۈن ئەمەس،
ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سۆيگەيسەن.
سەمىمىي بول،ئۆزۈڭگە ئوخشىغىچە سەمىمىي بول،
ئوغۇل بولساڭ؛قىزلارغا تەشنالىقىڭنى يوشۇرما،
ئاخىر ئۆزۈڭ بىر دانەدۇرسەن،
ھېچكىشىگە ئوخشىما.

ساڭا نە نەسىھىتىم بولسۇن
دىداكتىكىنىڭ تەسىرسىزلىكىنى ۋە
مۇھەببەتنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن،
پەقەت؛سېنى سۆيۈدىغانلىقىمنى ئۇنۇتما.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:29:05

ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت ، قەلىمىڭىزگە نۇسرەت تىلەيمەن ، ھارماڭ  ئەزىيز  …

129 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 12:19:38

ساراڭ

يارغول


ئىزدىدىم
كېچىلەردىن،كۈندۈزلەردىن
تەشۋىش سىڭگەن مەيۈس كۆزلەردىن
بۇ نەس باسقان بولمىغۇر يەردىن
تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتمەكنى.

ھەممە كۈلرەڭ،سوغۇق
ئىچىمدىكى مەنىسىزلىك بۇلدۇق-بۇلدۇق
يىراقلارغا كەتمەك ئىستەيمەن
ئۆلۈمنى ساقلاپ ئولتۇرغۇم يوق.

باغرىمدا لىق ئەسەبىيلىك
كىملەرگىدۇر نەپرىتىم بار.
ئىسسىق تەنمەن ئەي ئادەملەر
كۆبجۈپ تۇرغان شەھۋىتىم بار.
مېنى مەيلىمگە قويۇڭلار
نەلەرگىدۇر كەتكۈم بار.

ھەممە مەنىسىنى يوقاتقان
تەلۋىلىكىم ئېشىپ بارماقتا.
ئۇزاقلار كەتكۈم بار،
نەگە بېرىشنى بىلمەيمەن ئەمما،
دەل شۇ سەۋەب
بارچە سەۋدا
بارچە شېئىرلار

129 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   129 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-28 08:18  

ئاتام

‏يارغول‏

‏ئۇ ئاددىي ئادەم
‏يېزىدىكى ئۆيىمىزدەك.
‏ئۇ دەرەخ بولسا
‏چوقۇم ئاق تېرەك.
‏بۈركۈت ئەمەس قۇشقا ئوخشاتسام،
‏قارلىغاچ بولسا كېرەك.
‏ئۇ ئېتىزدىكى سۇ
‏ئۇ كەمسۆز، ياداڭغۇ
‏ئۇ گالىستۇك چېگىپ باقمىغان
‏ئۇ شېئىر يېزىپ باقمىغان،
‏شۇنداق،ئاخىر ئۇ ھېچكىم ئەمەسقۇ.

‏ئۇ پەقەت يەتتە مىليارد نوپۇسنىڭ بىرى،
‏ئۇ ئاسماننىڭ غۇۋا يۇلتۇزى،
‏ئۇ ئاتمىشقا كىرمىگەن قېرى،
‏ئۇ چارۋا-مال ئىدارىسىنىڭ،
‏تالاي رەزىللىك ۋە ئىپلاسلىقلارغا،
‏چىداپ ئۆتكەن ئۈنسىز شوپۇرى.

‏2
‏بۇ ئەتىيازنىڭ مەيۈس چۈشتىن كېيىنى
‏ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش،ئۇنى سېغىنماقتىمەن.
‏ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغانىدىم،
‏ئۇنى قايتىپ كېلىدىغاندەك ئويلايىتتىم،
‏بەلكىم بىر ئەبلەخ بولسام كېرەك
‏(كەتكىنىمۇ ئوبدان بولدى) دەيىتتىم،
‏چۈنكى ئۇ ئاچچىق ئاغرىق ئازابىدا تولغانغاندا
‏بىر بولۇڭدا قاراپ تۇراتتىم...
‏مەن راستىنلا ئۇنى قايتىپ كېلىدىغاندەك ئويلايىتتىم،يەر سۇغۇرۇپ قايتىپ كىرگەندەك
‏توغان تۇتۇپ قايتىپ كىرگەندەك
‏كېسەل بولۇپ قايتىپ كىرگەندەك...
‏مەن ئۇنى ماشىنام بۇزۇلۇپ قالغاندا كۈتتۈم،
‏مەن ئۇنى ئانام ئاغرىپ ياتقاندا كۈتتۈم،
‏مەن ئۇنى ئوغلۇمنى بۆشۈككە سالغاندا كۈتتۈم
‏ئەمما، ئۇ ھېچ قايتىپ كەلمىدى،
‏ھالىڭ نېچۈك ئوغلۇم دېمىدى.
‏تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ئۇنىڭ،
‏بىلگەندە راسىت كەلمەسلىكىنى....

ئۇ ئاددىي ئادەم
يېزىدىكى ئۆيىمىزدەك.
ئۇ دەرەخ بولسا
چوقۇم ئاق تېرەك.
ئۇ ئاددىي ئادەم
ماڭا بارچىدىن بېرەتتى دېرەك.










بەت: 1 [2]
: تۇرپاندىكى تۇيغۇلار