durak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 20:51:43

قاتناش ساقچىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 20:53  

   ئىرادىلىك ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ، ئىرادىسىز ئادەم زاماندىن زارلاپ ئۆتىدۇ -- خەلق ماقاللىرىدىن  
  
     ئۇنى دائىم  بۇ ئىمارەتنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ياتقان ھالەتتە كۆرەتتىم ، يېتىشى خۇددى ئۇنتۇلغان بىر دۆۋە كېرەكسىز نەرسىگە ئوخشايتتى ، قېشىدا ئەسكىرەپ جۇلىغى چىقىپ  كەتكەن  ئىككى قولتۇق ھاسىسى خۇددى غەپلەتكە چۆمگەن كالۋادەك ئېسىقلىق تۇراتتى .

بۇ سەبىي بالىنىڭ ئىسمى ھامۇد بولۇپ كىچىگىدىن   پالەچ بولۇپ قالغان ئىككى پۇتى مېڭىشتىن قالغان ، ئۇ نە ئاتا- ئانىسىنى ۋە نە  ئۇنى كىملەرنىڭ بۇ ئىمارەتنىڭ قېشىغا ئەپكېلىپ قويغىنىنى ئۇقمايتتى ،  قايسى زامانلاردىن باشلاپ  ئۇنىڭغا بۇ   بۇلۇڭدىن ماكان تۇتۇپ بېرىلىپ كۈندۈزلىرىنى ئۆتكىزىشىگە  باشلىغىنىنىمۇ بىلمەيتتى ، بۇ كۈندۈزلەر  ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە بېقىپ ئۆزگىرەپ قالمايدىغان  ۋە ئالمىشىپ قالمايدىغان  زۇلمەتلىك كۈندۈزلەر ئىدى .

ھەرھالدا ئۇ بۇ ئىمارەت   دەرۋازىۋىنىنىڭ ھىسداشلىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، ئۇنىڭغا ھوجرىسىدىن بىر بۇلۇڭنى ئاجرىتىپ يېتىپ - قوپۇشىغا بەرگەن  ئىدى ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قوياتتى ،  ئۆزىگە ئاسان قىلىپ بېرىلگەن ئوزۇق- تۈلۈگىدە ئۇنىڭ بىلەن  شېرىكلىشەتتى ، ئۇنىڭغا ئاز- تولا ئوقۇش- يېزىشنى ، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرىنى يادقا ئېلىشنى ئۈگىتىپ قويۇشتىن بېخىللىق قىلمىغان ئىدى ، شۇڭلاشقا بۇ سەبىي گېزىت ژورناللارنى ئوقۇيالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى .

ئەگەر ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇپ پاراڭلىشىپ قالسىڭىز ، سىزگە ساپلىق ، قىزغىنلىق ۋە ئەقىل يېغىپ تۇرغان ، چاقناپ تۇرغان ۋە ھاياتىيلىققا  تولغان  ئىككى كۆزى بىلەن تەلمۈرۈپ قاراۋاتقانلىغىنى سېزەتتىڭىز ۋە سىز بىلەن چېچەنلىكى ، دىتى ۋە چۈشەنچىسى ئارقىلىق سۆھبەتكە چۈشەتتى .

دائىم بۇ ئىمارەتكە كېلىپ -كېتىش ۋاقىلىرىمدا ماڭا سالام قىلاتتى ۋە بەزىدە سىلىق  مۇلايىم پاراڭلاردا بولۇپ قالاتتۇق .

  بىر كۈنى ئۇنىڭدىن سورۇدۇم : ھاياتىڭدا بىرەر ئارزۇ- ئۈمىدىڭ بارمۇ  ھەي ھامۇد ؟
لېۋىگە تەبەسسۈم يۈگۈردى ۋە تېزلا قىلىپ ، خۇددى ئېغىزىغا جاۋاپنى تەييارلاپ قويغاندەك ئۈزۈپلا گەپ قايتۇردى :  ئارزۇيۇم قاتناش ساقچىسى بولۇش .
جاۋابىغا ھەسۇ ھەيران قالدىم : قاتناش ساقچىسى  ؟
-شۇنداق ، ئەپەندىم ، قاتناش ساقچىسى  بولۇش .
ئۇ خاراكتىرىغا مەن ھاياتلىقتا ئارزۇ قىلغان بارلىق سۈپەتلەرنى   مۇجەسسەملىگەن ئىدى ، گېپىمدىن ئازراق توختىۋالدىم ۋە ئۇنىڭغا زەن قويۇپ تىكىلىشكە باشلىدىم ، خۇش تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان  يۈزى ۋە نۇر چاقناپ تۇرغان ئىككى كۆزى مېنى ئەجەپلەندۈرەتتى ، ئۇ  قولى بىلەن كوچا بېشىدا خىزمەت قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىنى ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ  گېپىنى جۇشقۇنلۇق بىلەن، ئاغزى بېسىلمىغان ھالدا  داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى :
  - كۈنلەر بويى كۆزۈم ئۇنىڭ سايىسىدىن زادى ئۈزۈلگىنى يوق ، ئۇنىڭغا قاراپ زېرىكمەيمەن ۋە پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى ، تۇرۇشىنى ، ئوڭ- سولغا بۇيرۇق ئىشارىسى قىلىشىنى  كۈزىتىمەن ، پۈتكۈل بۇيرۇق ئىشارىلىرىنى ، كۆرسەتمىلىرىنى زېھنىمگە قۇيىۋالدىم . ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتناش ساقچىسى بولۇپ قالغان بولسام -ھە ! مەندىن بىر ئاجايىپ  مۆجىزىنى كۆرەتتىڭىز ...
-ھەي ھامۇد ، قاتناش ساقچىسىنىڭ نەرى سېنى شۇنچىۋالا قىزىقتۇرىدۇ  ؟
ئۇنىڭ كۆز قارچۇغى يوغىناپ كەتتى ۋە تەلەپپۇزىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىلدى :
- نىمىسى قىزىقتۇرىدۇ ؟
-    پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ قول ئاستىدا ، ھىچكىم ئۇنىڭدەك نوپۇزلۇق - ھوقۇقلۇق بولغىنى يوق ، ئۇ ھاكىم مۇتلەق ، ئۇ بىردىن بىر دىگىنى قىلىدىغان كىشى ... ئۇنىڭغا قاراڭ ، ئۇنىڭ تۇرغان ھالىتىدىكى قاملاشقان قامىتىنى كۆرمىدىڭىزمۇ ، قەد كۆتۈرۈلگەن بېشى بىلەن ئوڭ ۋە سولنى ئىدارە قىلىدۇ  ، ئۇ خۇددى  ئۆزىدىن نۇر چېچىپ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىزدا پاراخوتلارنى ئەمىن ساھىلغا باشلاۋاتقان ماياك . كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مۇشۇ فورمىنى كىيىپ شۇنىڭدەك تۇرۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە ! ھەممە ئۇنىڭ بۇيرۇغى ئاستىدا بويسۇنۇپ ئىخلاس بىلەن تۇرىدۇ ، چىرايلىق ئۇزۇن پەلىيى بار قولىنى شۇنداق كۆتەرسىچۇ ئاي - ھاي !!، ئۆتكۈر بۇيرۇق شۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ ، تۇرغانلار شۇ بۇيرۇقتا مىدىرايدۇ ، مېڭىۋاتقانلار شۇ بۇيرۇقتا تېنچلىنىدۇ .
  ھامۇد كۈچلۈك ھاياجىنى بىلەن قاتناش ساقچىسىنى سۈپەتلەشنى داۋام ئەتتۈرىۋاتاتتى ۋە ئۇنىڭغا غايىۋانە شان- شەرەپ نۇر تاجى كەيدۈرىۋاتاتتى ، نەزىرىدە  ئۇنىڭ بېشىدىكى نۇر تاجى دەستىدىن ھەتتا  جەڭگىۋار  قەھرىمان فەتىھمۇ  نۇرسىز ئاجىز  كۆرۈنۈپ قالاتتى ، ئۇ گەپ ئارىلىغىدا تۇرۇپ- تۇرۇپ بۇ ئەزىز  ۋە ئاداقكى ئارزۇشىنى تەكراركايتتى : قاتناش ساقچىسى بولۇپ قالغان بولسام ...

  شۇ ئەسنادا ئەتراپىمىزغا بەزى يولدىن ئۆتكىچىلەر يىغىلىپ بۇ يىگىتنىڭ گېپىنى تىڭشاشقا باشلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئەجەپلىنىۋاتقان ئىدى . بۇ كىشىلەر توپى ئىچىدىن بىر ياش غۇلامنىڭ مەسخرىلىك ئاۋازى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى :
- بۇ بىر پالەش توكۇر  ، قاتناش ساقچىسى بولۇشنى تاما قىلىۋېتىپتۇما ؟!  
غۇلام ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ مەسخىرىلىك كۈلۈشكە باشلىدى ، توپنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەردىنمۇ ئۇنىڭ بۇنىڭ مەسخرىلىك كۈلكىلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى
ھامۇدنىڭ كۆزى قىزىرىپ تەلەتى ئۆزگىرەپ كەتتى ۋە ۋاقىراپ تۇرۇپ :
- نىمە ئۈچۈن قاتناش ساقچىسى بولالمايدىكەنمەن ؟
غۇلام ئۇنىڭغا جاۋابەن تېخىمۇ نومۇسسىزلارچە كۈلۈپ شاڭخو قىلىشقا  باشلىدى ۋە ئايال كىشىلەرنىڭ يىغا- زارە ئاۋازىنى تەقلىد قىلغان ھالدا دوراپ تۇرۇپ :
- نىمە دىگەن قايغۇلۇق ، نىمە دىگەن ھەسرەتلىك ۋە خەتەرلىك يول بۇ ! .. ئەگەر ساڭا ئوخشاش كىشى ساقچى بولسا بىز ھەممىمىز سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلۈپ بەرمەمدۇق ! ھاي ھامۇد ! سەن بىزنىڭ بالا- قازايىمىزسەن ! سەن ساقچى بولماقچىما ؟! ...
  مۇشۇ ئارىلىقتا تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان بىر ئىش يۈز بەردى .
ھامۇد شۇنداق كۈچ بىلەن سەكرىدىكى ئىككى پۇتى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە خۇددى پۇتى ساقتەكلا ئالدىغا مېڭىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن جىسمى  بىلەن غۇلامنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى ، تىرماقلىرىنى ئۇنىڭ بوينىدا  پۇلاڭلىتىپ تاتلاشقا ، ئاغزىدىن تىل ۋە لەنەت ياغدۇرۇشقا باشلىدى .
كىشىلەر توپى بۇ ئىككى تەۋەككۈلچىنى ئاجرىتىشقا تەمشىلىشمەكتە ئىدى ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھامۇد بايىقى كۈچىدىن  زەئىپلەشتى ۋە يەرگە خۇددى مامكاپتەك موككىدە چۈشۈپ يىگلەپ - تۈگۈلۈپ كەتتى ، كالپۇگىدىن كۆپۈكچىلەر قاينايتتى ...

  مۇشۇ ھادىسىدىن كېيىن ھامۇدتا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى ، خۇشخۇي چىرايىنىڭ ئورنىنى غەمكىنلىك  ، خۇشچاقچاقلىقىنىڭ ئورنىنى جىمغۇرلۇق باستى . خۇددى ئۇ قەلبىگە مەلۇم بىر سىرنى كۆمىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆزلىرى سۆزلىيەلىگەن بولسا   ئۇنىڭ چىداملىق ، قەيسەر ۋە تەرسالىغىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولاتتى ، خۇددى ئۇ جەھلى بىلەن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقاندەك ئىدى ، ياكى ئومۇمى يۈزلۈك غەلىبە ، ياكى پۈتۈنلەي تارمار - مەغلۇپ بولۇش ...
  ئۇنى ئاستىرىتتىن كۈزىتەتتىم ، سەزدىمكى ئۇ خۇددى ئىككى پاچىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت  تاللاپ ھەركىتىنى تەسكىنلىككە چۈشۈرىۋاتاتتى ۋە  مېڭىشىنىمۇ ئازلىتىۋاتاتتى،  ئۆزىنى ھاساسىز مېڭىشقا مەجبۇرلايتتى ، نىمە دىگەن چىداملىق مەشق ھە ! ئۇ سەبىر قىلاتتى ، تىركىشەتتى ۋە بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى ، ئىرادە قىلىش بىلەن بىرگە كۆڭلىدە تەكرارلايتتى :
-  مۆجىزە شۇ غۇلامدىن يېڭىلگەن ۋە كوچىدىكىلەرنىڭ مەسخرىسىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان يۈز بەردى ... شۇ دەقىقىدە  ئورنۇمدىن پۇتۇم بىلەن تۇرۇپ كەتتىم . ئالدىغا قەدەم تاشلىدىم ، نىمە ئۈچۈن بۇ ئىش مەندە ھەر ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا تەبئىي  بولمايدۇ ؟

  كۈنلەر  ئۆتمەكتە .
ھامۇد مەشقىنى ۋە ئىنتىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ، ھەر قېتىملىق ماڭالىغان ۋاقتىدا مەشقىنى ۋە تەجرىبىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكە كۈزەتمەكتە ئىدى ، قەلبى يەتمەكچى بولغان غايىسىگە بولغان ئۈمىد بىلەن تولغان ئىدى .

كۈنلەرنىڭ كەينىدىن يەنە كۈنلەر  ئۆتمەكتە ...

ئۇنى ئىمارەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچراتقىنىمدا ئىككى قولتۇق ھاسىسىسىز  كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم ... مەن تەرەپكە خۇشچىراي  تەبەسسۇم بىلەن كەلمەكتە ئىدى ، ماڭا ئەڭ چىرايلىق سالام سائىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن لېفىتكىچە يېنىمدا بىرگە ماڭدى ، مەن ئۇنىڭ  ئېرىشكەن  ئىلگىرلەشلەرلىرىنى  قۇتلۇقلىدىم ، تەبرىكىمنى تەبەسسۈم بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە ئىگىلىپ تۇرۇپ كەلگۈسى نەچچى كۈندە قىلماقچى بولغان نىيەت - پىلانلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ھاياتىمدا پايدىلانغان بەزى تەجرىبە ۋە سىناقلاردىن نەسىھەت قىلدىم .
بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ تەلىم - تەربىيە باسقۇچىنى بېسىۋاتقانلىغى ماڭا مەلۇم بولدى ، ئۇ بۇ باسقۇچنى مۇستەھكەم قەدەم ۋە چوڭقۇر ئىمان بىلەن بېسىۋاتاتتى ...
بىر قېتىم ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىدىن قايتقاندا دەرۋازا ئالدىدا ھاسا تاياقغا تايانغان ھالدا ئۇچرىتىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشتىم :
- قانداق ئەھۋالىڭ ھامۇد ئەپەندى ؟ دوستۇمىز قاتناش ساقچىسى توغۇرلۇق بىرەر خەۋەر بارمۇ يا ؟
ئۇ تەبەسسۇم بىلەن ماڭا سالام قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھالدا :
- ئەگەر مەن بىرەر قېتىم ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولسام ئۇ مېنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ !
- ئۇ ئۈگىنىۋاتقان كىتابلىرىمنىڭ ھەر بىر بەتلىرىدىن ماڭا قاراپ تۇرىدۇ ، يىراقتىكى سايىسى ماڭا ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىشنى ئىشارە قىلىدۇ .. مەن ھازىر ئۇنىڭغا يېتىش يولىدا .. ئاستا- ئاستا ئۇ تەرەپكە يېقىنلاۋاتىمەن ، ئارىمىزدىكى رىشتە تېخىمۇ چىڭىۋاتىدۇ ، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى مەن ئۇنىڭ بىىلەن مەن بىرلىشىپ كېتىمەن ، بۇ ئىككىسى بىر خاراكتىردىن بولغان ھاياتىي  تەڭداشسىز مەۋجۇتلۇقتۇر ، بۇ مەۋجۇتلۇق مەن بولىمەن ، مەن ... توكۇر ھامۇد !
  ...
ئەزىز ئوقۇرمەن ، شۇ ئىشلار بولۇپ بىرقانچە يىللاردىن كېيىن مۇشۇ قۇرلارنى سىزگە يېزىۋاتىمەن ... كوچا ئېغىزىدىكى قەھۋەخانىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سىزگە يېزىۋاتىمەن ... ئەگەر سىزنى  ھازىر شىرە يېنىدىكى ئورۇندۇققا  بىرگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلالىغان بولسام ھە ... مەن كۆرۈپ تۇرغان كۆرىنىشنى سىزمۇ كۆرەلەيتتىڭىز . كېلىشكەن قامەتلىك ياش ، باشى قەد كۆتۈرۈلگەن ، سىپتا سالاپەتلىك ئاق فورما كىيگەن ، ئۇزۇن پەلەي تاقىغان ... ئۇ ئۆتكۈر بۇيرۇغىنى بىلەن ئالدىدىكى كىشىلەر توپىنى  باشقۇرىۋاتىدۇ ، جىمجىت تۇرغۇچىلار ھەركەتلىنىشكە باشلاۋاتىدۇ ، ھەركەتلىنىۋاتقانلار بولسا سۈكۈت بىلەن جىمىۋاتىدۇ ... ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇقىغا بويسۇنىۋاتىدۇ ، ئىخلاس بىلەن ئىرادىسىگە  ئىتائەت قىلىۋاتىدۇ  ، ھامۇدنىڭ ئىرادىسى ... قاتناش ساقچىسى !

ئاپتورى :   مىسىر يازغۇچىسى مەھمۇت تەيمۇر( مىلادىيە 1894-1973)
                2014- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى تەرجىمە قىلىندى .



albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 08:11:06

  مۇشۇنداق ئىرادە ئىگىلىرىنى كۆرسەم ھاياجانلىنىمەن ، بۇ خىل ئىرادە ئىگىسىگە قۇشۇپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 08:28:42

قاچانمۇ قاتناش ساقچىسىنى ھامۇتتەڭ كۈرەرمىز ....

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:49:08

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 10:57:31

بېغىر سېلىۋالغان بالىنىڭ تۇڭگانلىقىنى قانداق بىلدىڭلا ؟
سىلىۋىلىشتىن بۇرۇن

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 12:16:20

  ئەمىلىيەتتە ئالدىنقى قېتىمقى بىر تېمىدا تورداشلار  مېنىڭ ئەرەپ تىلى ئۈگىنىش جەريانىم توغۇرلۇق ئىنكاس ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى قىلىپ سورىغان ، مۇشۇ ھەقتە تەجرىبەمنى يېزىپ باقماقچىمۇ بولغان ، لېكىن چەتئەل تىلى ئۈگىنىش ئۇسۇلى بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ ، ئاساسى جەھەتتىن كۈندە قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئا دىن باشلاپ كېيىنكى ئاڭلاش ، يېزىش ، ئوقۇش ۋە گەپلىشىشنى تەڭ مەشق قىلىدىغان بىر ئاددى ۋە قايتىلانما جەريان .

ئەمما دەل چەتئەل تىلى ئۈگىنىشتە تالانت ۋە  ئەڭ ئارتۇقچىلىققا ئىگە دەپ ماختىلىۋاتقان ئۇيغۇر  قېرىنداشلىرىمىز  ئىرادىنىڭ كەمچىللىگىدىن قەتئىلىك بىلەن  داۋاملاشتۇرالماي  ھەتتا بۇنىڭدىن بۇرۇن سەرپ قىلغان ۋاقتىنىمۇ نەتىجىسىز قالدۇرىدۇ ، مېنىڭچە ئاز دىگەندە 80% تىلنى ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچى غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قالغىچىلىك ئارىلىقتا ئۈگىنىشتىن ۋاز كېچىدۇ .

ئۇشبۇ ھىكايە مەن بۇرۇن ئۈگەنگەن بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرسىتى تۈزگەن « يېڭى تۈزۈلگەن ئەرەپ تىلى » دىگەن دەرسلىكنىڭ 5- قىسمىغا بېرىلگەن بىر تېكست ، بۇ ھىكايە ماڭا دەك تەسىر قىلغان ئىدى ئۆز ۋاقتىدا .

ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نىشان بەلگىلەپ ئاندىن ، ئىرادە قىلىشىمىز  ، بوشاشماي داۋاملاشتۇرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزدە ھىكايىدە تەسۋىرلەنگەن ھامۇتقا قارىغاندا ئەۋزەللىگىمىز بەكلا كۆپ ... بۇلار بىزنى خىجىللىق ھىس قىلدۇرىدۇ .

بۇ ھىكايە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، چەت ئەل تىلى ئۈگىنىشكە بەل باغلىغان دوستلارغا ئازراق ئىلھام بولسۇن دىگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىندى ، ئەرەپ تىلىنى مەن 40 يېشىمدىن باشلاپ ئۈگىنىشكە باشلىغان ئىدىم ،  ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدىغان ئاستىمدا ئائىلەم ، ئۈستۈمدە  كىسەلچان ئاپام ، ئاجىز سىڭلىم ، ئۇنىڭ ئوغلى دىگەندەك يىللار ئىدى ئۇ ...

ئاخىرىدا ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى جونسوننىڭ مۇنۇ گېپى بىلەن ئورتاقلىشىپ ئىنكاسىمنى ئاياغلاشتۇراي :

ھاياتىڭدا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئاز - كۆپلىگى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، قانچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:03:55

قاتناش ساقچىسى تۇغرىسىدا رىئال پاراڭلىشىپ باقايلى .ۋىيشىندىن كۆچۈرۈپ كەلدىم تۆۋەندىكى بىلىمنى ___يېقىندا مەلۇم ئىدارىگە ئىش بېجىرگىلى بېرىپ، پىكاپىمنى شۇ ئىدارىنىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويدۇم. ئىشىمنى بېجىرىپ چىقسام، شۇ تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىنىڭ ياردەملەشكۈچى ساقچىسى ‹‹قائىدىگە خىلاپ پىكاپ توختاتتىڭىز›› دەپ پىراۋامنى تۇتۇپ قالدى. گەرچە بۇ يەرگە ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولمايدۇ، دەپ يېزىلمىغان بولسىمۇ، ياردەملەشكۈچى ساقچىنىڭ بۇنداق قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى مېنى قايىل قىلالمىدى. كاللامدا ياردەملەشكۈچى ساقچىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولدى.
مەن بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئەكبەر ئەمەتنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹خەلق ساقچىلىرى قانۇنى››نىڭ 6 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدا: خەلق ساقچىلىرى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش تەرتىپىنى ساقلايدۇ، قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ؛ ‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››نىڭ 5 – ماددىسىدا: گوۋۇيۈەننىڭ ج خ تارمىقى مەملىكەتنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش تارماقلىرى يول قاتنىشىغا ئائىت خىزمەتلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى ئورۇنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتوموبىلنى، پىراۋىنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ساقچىلار قانۇن ئىجرا قىلغاندا قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، يول قاتنىشىنىڭ تەرتىپلىك، بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. لېكىن نۆۋەتتىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، ياردەملەشكۈچى ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ياردەملەشكۈچى ساقچىلارنىڭ جەرىمانە تالونى كېسىش، جەرىمانە قويۇش، پىراۋىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازا قارارنامىسى چىقىرىدىغان، قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەگەر ئىش بېجىرىشكە توغرا كەلسە، چوقۇم خەلق ساقچىسى بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، خەلق ساقچىسىنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدا خەلق ساقچىسى چوقۇم نەق مەيداندا بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا يوق ئەھۋالدا ياردەملەشكۈچى ساقچىنىڭ ھاۋالە بويىچە ئىش بېجىرىۋاتىمەن، دېيىشىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. پۇقرالار قىسمەن ياردەملەشكۈچى ساقچىلارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز – شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار ئورۇنلار ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. پۇقرالارنىڭ ھەر قانداق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغاندا، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، نازارەتچىلىك تارماقلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:47:00

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:49:34

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:03:37

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 12:16 static/image/common/back.gif
ئەمىلىيەتتە ئالدىنقى قېتىمقى بىر تېمىدا تورداشلار  م ...

      دۇراك ئەپەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقىغا قايىلمەن، ئاللاھ تىلەكلىرىگە يەتكۈزگەي.  ئادەمدە ئۆز غايىسىگە يېتىشكە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە يېتەرلىك تىرىشچانلىق بولسىلا ئەمەلىي شارائىتنىڭ ناچارلىقى ئۇنچىۋالا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن دىگەننى چۈشەندۈردى بۇ ھىكايە.
بەت: [1]
: قاتناش ساقچىسى