بارماق دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى قانداق قۇتۇلدۇردۇم
ئىنتايىن مۇھىم ماتىرىياللىرىمنى ساقلايدىغان بىر بارماق دىسكام بار بولۇپ ،يىنىمدىكى ئاچقۇچ بىغىدىن قەتئىي ئايرىلمايتتى ، زۆرۈر بولمىسا بارماق دىسكىنى خىزمەت ئورنۇم ياكى باشقا يەردە بارماق دىسكا كېرەكتى دەپ ئىزدىسىمۇ مەندە بار دەپ چىقارمايتتىم . چۈنكى ئىچىدىكى ماتىرىياللار يەنى ئائىلە رەسىم، كىملىك ،بانكا كارتىسى ،نوپۇس، قاتارلىق ماتىرىياللىرىمنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسى ،شەخسىي ئۇچۇرلىرىم ،تېلېفون نومۇر خاتىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ساقلىنىدىغان بولغاچقا ،ۋىرۇس يۇقىپ قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوقنىڭ ئورنىدا مەخپىي ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ، بۈگۈن ئەتتىگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىدىغان مۇھىمئىككى بەت ماتىرىيال بار ئىدى ،بۇنى بىسىپ چىقىرىشتا ۋاقىت قىستاپ قىلىش سەۋەبلىك ئامال يوق بارماق دىسكامنى كاسىر خەننىڭ كومپيۇتېرىغا چىتىپ ماتىرىيالنى بىسىپ چىقىرىپ ، بارماق دىسكىنى كاسىرغا ئىلىۋىتىشنى بۇيرىسام تارتىپلا ئالدى ،ئاپلا دەپ قالدىم ئىچىمدە ئەمما ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يىنىپ چىقتىم . چۈشتىن كېيىن ئىشخانىغا كىلىپ بارماق دىسكامدىن كىملىك سايىلەنگەن نۇسخىسى كېرەك بولۇپ كومپيۇتېرغا چاتسام 0Kb تۇرىدۇ ،بىشىمدىن تۈتۈپ چىقتى ، باشقا USB ئىغىز ئالماشتۇرۇپ چىتىپمۇ باقتىم ،خىزمەتدىشىمنىڭ كومپيۇتىرىغا چاتتىم يەنە ئوخشاش ، ئىچىدىكى ماتىرىياللارنى باشقا بىر يەرگە زاپاسلىمىغاچقا بۇزىۋەتمەي ئەسلىگە قايتۇرۇشۇم كېرەك ئىدىئاپلا دەپ توردىن ماتىرىيال ئىزدەش ئارقىلىق dataexploreبۇ دېتالنىڭ مۇشۇ شەكىلدە بولۇپ قالغان بارماق دىسكىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇم ۋە ئورگان بىتىدىن سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدىم ،شۇنداقلا سىكانىرلىسام شۇۋۋۋ قىلىپ ئىچىدىكى بارلىق ماتىرىياللىرىم ماناغۇ مەن دەپ تۇرىدۇ ،ۋاھ!!! دەپ ئەسلىگە قايتۇرۇش ياكى كومپيۇتېرغا چىقىرىش بۇيرىقىنى چەكسەم سىناق نۇسخىسى بولغاچ 65Kb دىن چوڭ ھۆججەتنى چىقىرالمايمىش . شۇنىڭ بىلەن ھەقسىزگە كۆنۈپ قالغان بۇ كۆڭلۈم ئورگان بىتىدىكى http://www.dataexplore.net/ شەخىسلەر نۇسخىسى 98 يۈئەننى قىممەت كۆرۈپ 2-3 سائەت ھەقسىزى،يىشىۋىتىلگىنى بولۇپ 20-30 دەك ئوخشىمىغان نەشىرى ۋە نۇسخىدىكى دېتالىنى چۈشۈردۈم ،سىسىتېمام Windows 8.1 بولغاچ، بەزىلىرى (كونا نەشىرلىرى) نورمال يۈرۈشمىدى ،يېڭىلىرىنىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇسخىلىرىمۇ تازا بىجىرىم يۈرۈشمىدى ، بوپتۇلا ماتىرىيال مۇھىم دەپ سىتىۋالاي دەپ ئورگان بەتكە چىقىپ بۇ خەنلەر بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم (ئاساسلىقى توردا يوق) ،كەيپىم ئۇچۇپ تاغتۇرالار ماكانى تاۋباۋغا چىقىپ ئىزدىتىپ باقسام 5 يۈئەنگە تىزىملاپ بىرىدىغان دۇككاندىن بىرسىدە ئادەم بار ،باشقىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاقاپ ئۆيگە مىڭىپتۇ سۇيقاش ئەتكىلى .ھە سەن بولىدىكەنسەن دەپ 5 يۈئەنگە تىزىملاش نومۇرى سىتىۋىلىپ ،بارماق دىسكىنى قايتا سىكانىرلىسام ھەممە ھۆججەت كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى ، سىناق نۇسخىسى ۋە يىشىۋىتىلگەن نۇسخىلىرىدا ھۆججەتخانىغا كىرىپ بىردىن بىردىن چىقارغىلى بولاتتى، تىزىملىتىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن بىراقلا چىقىرىۋالغىلى بولىدىكەن ،كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشۈپ ھۆججەتلىرىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم .بۇ دېتالنىڭ يەنە Ghost نى خاتا ياندۇرۇپ سالغان ،ئۆچۈرگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئىقتىدارىمۇ باركەن ،باشقىلارغىمۇ ئەسقىتىپ قارلار دەپ بۇ يازمىلارنى يىزىۋاتىمەن ، بۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا دىسكىنى فورماتلاشقا ۋە ئۈستىگە ھۆججەت باستۇرۇشقا ئالدىرىماڭ ،بولمىسا قۇتقۇزۇش ئۈنىمى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ .
مەنبە : بارماق دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنى قانداق قۇتۇلدۇردۇم
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=8563&fromuid=4
بەلەن ئىش كەن رەھمەت .
مۇشۇ كومپۇيوتۇر تونىغىلى ئۇنمىغان بارماق دىسكىنىئەسلىگە كەلتۇردىغان ئامال بارمىدۇ ؟ izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 20:05 static/image/common/back.gif
بەلەن ئىش كەن رەھمەت .
مۇشۇ كومپۇيوتۇر تونىغىلى ئۇنمى ...
、ئاڭلىسام مەخسۇس ماشىنىسى بارمىش مەن نەچچە بارماق دىسكىنى يوقىتىپ ياكى بۇزۇپ قويۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي كۆچمە دېسكىنى يۈدۈپ يۈرۈۋاتىمەن. ياخشى ئامالكەن، بولسا ماڭا ئاشۇ كۆچمە دىسكىدىكىنى قۇتقازغىلى بولدىغىنى بولسا بولاتتى. مىنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئائىلە ،سۈرەت ، فىلىم دىگەندەك نەرسىلەرنى توپلىغان بىر كۆچمە دىسكام بارتى ، ئۈچ رايۇنغا ئايرىغان . كىنو ، ناخشا قاچىلىغان ئىككى رايون ساق. ئاۋۇ تور بىلىملىرى ، كومپىيوتۇر بىلىملىرى ، ئائىلە خاتىرسى قاچىلانغان بىر رايۇن ئىچىلمايۋاتىدۇ. ئىككى يىل بولدى، تۇردۇ. مۇندەرىجە نامى ، ھۆججەت نامى بۇيىچە ئەسلىگەكەلتۈرەمدىكەن ؟ شۇنداق بولسا يۈز كويغىمۇ قىممەت ئەمەس ....
مەن شۇندىغىدىن بىرىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ رەسمىي ئىشلىتىدىغان چاغدا تىزىملىتالمىغان ، تۆت - بەش يىل بولدى ، ئىسىم قۇيۇپ بۇلالمىغان ھۆججەتلەرمۇ تۇرىدۇ .... boran120 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 21:04 static/image/common/back.gif
ياخشى ئامالكەن، بولسا ماڭا ئاشۇ كۆچمە دىسكىدىكىنى ق ...
سىز ئاۋال مۇشۇ دېتالنىڭ سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ سىكانىرلىغىلى سىلىڭ ، ئەگەر تاپالىپ قالسا 5 يۈەن بىلەنلا ئەسلىگە كەلتۈرۋالالايسىز. hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 21:11 static/image/common/back.gif
مۇندەرىجە نامى ، ھۆججەت نامى بۇيىچە ئەسلىگەكەلتۈرەمدى ...
شۇنداق ،مەن شۇ پىتى چىقىرىۋالدىم . قېنى شۇ دېتال،تىزىملاش نومۇرى ؟
ھەمبەھىرلىۋەتمەمسىز؟ بارماق دىسكىنى ئوڭشايدىغان دېتالنى مەن يوللاپ قوياي
سىناقتىن 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتتى يۇمشاق دىتالنىڭ ئىسمى ۋەتاۋباۋدىكى سىتىقچىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئادرىسىنىمۇ يوللاپ قويۇڭ. باشقىلارغا ياردىىمى تىگىپ قالار. iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 21:40 static/image/common/back.gif
بارماق دىسكىنى ئوڭشايدىغان دېتالنى مەن يوللاپ قوياي
س ...
بۇ دېتال : dataexploreمۇشۇ ئىسىملىك .
بۇ كومپيۇتېرقاتتىق دېتالغا ئاساسەن تىزىملەش نومۇرى ھاسىل قىلىدىغان دېتالكەن،شۇڭا مەندىكى تىزىملاش نومۇرى بىلەن سىز تىزىملىتىپ ئىشلىتەلمەيسىز. udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 21:46 static/image/common/back.gif
يۇمشاق دىتالنىڭ ئىسمى ۋەتاۋباۋدىكى سىتىقچىنىڭ دۇكىن ...
ئىسىمى : dataexplore نەشىر نومۇرى : DataExplore Data Recovery 2.872
دۇككان ئادرىس : http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.62.A0CXfG&id=40733580209&ns=1&abbucket=18#detail
دۇككانچىنىڭ دىيىشىچە ،نەشىر يېڭىلىسا مۇشۇ تىزىملاش نومۇرىمۇ ئىشلەرمىش.
iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 21:40 static/image/common/back.gif
بارماق دىسكىنى ئوڭشايدىغان دېتالنى مەن يوللاپ قوياي
س ...
بارماق دىسكىنى فورماتلىۋەتسەكلا (ئۆزەك بۇزۇلمىغان بولسا) ئوڭشىلىشى ئىنىق (مەنمۇ ماتىرىياللىرىمنى چىقىرىۋىلىپ فورماتلىدىم) ،ئەمما ماتىرىيالنى دەپ قالدىكەنمىز. مەن فورماتلىغىلىمۇ بولمايدىغان،raw بوپ قالغاننى دەۋاتىمەن چۈشۈرۈڭ
http://kuai.xunlei.com/d/XZseCQK5HwCD2YVUd76 ئۆلگەن قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قۇتۇلدۇرىدىغان يۇمشاق دېتال بارمىدۇ بىرەرسىڭلاردا؟ iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-12-08 23:03:45 static/image/common/back.gif
چۈشۈرۈڭ
http://kuai.xunlei.com/d/XZseCQK5HwCD2YVUd76
چۈشۈرۈش ئادېرسى ئۈنۈمسىز بوپ قاپتۇ، قايتا يوللاپ قويامسىز؟ ھەي مەن 88 يۈەن گە 安易数据恢复软件 نى ئالغان ،بۇمۇ بولىدىكەن . ھەرگىزمۇ بىكالىق نەرسىنى ئىشلىتىمەن دەپ ۋاقىت زاياقىلماڭلار ...
بەت:
[1]
2