aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:54:38

مېنىڭ ئىستانبۇلۇم(ئورخان پامۇك)

مېنىڭ ئىستانبۇلۇم

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

   ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم، 53 يىلدىن بېرى بۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. نيۇيوركتا تۇرغان ئۈچ يىلنىڭ سىرتىدا باشقا ھېچقانداق يەردە ياشاپ باقمىدىم. مەن ئۈچۈن باشقا شەھەرلەر، باشقا دۆلەتلەر، ئۆيلەر، ھاياتلار، دۇنيالارغا تەڭ قىلغۇدەك ئىستانبۇلدىن باشقا بىر شەھەر، دۆلەت، ۋەتەن ۋە ئۆي يوقتۇر. بەزىدە پەقەت ئىستانبۇللۇقلا بولغىنىم، ئۇ يەرنىڭ يازغۇچىسى بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن: بۇ شەھەردە مىڭلاپ يازغۇچىغا نەچچە يۈز يىل يەتكۈدەك ھېكايە قايناپ تېشىپ تۇرىدۇ. بەزىدە پەقەت ئىستانبۇللۇق بولغىنىم ئۈچۈنلا ئۆزۈمنى كەمتۈك ۋە يېتەرسىز ھېس قىلىدىغان چاغلىرىممۇ بولىدۇ.
   «ئىستانبۇل» دېگەن كىتابىمدا كونراد، نابائوكوۋ ياكى نايپائۇل قاتارلىق يازغۇچىلارنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئۇلار شەھەر ۋە دۆلەت ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئارقىلىرىدا  قىتئەلەر، مەدەنىيەتلەر قالدۇرىدۇ، دۇنياغا باشقا تىللارنىڭ پەنجىرىسىدىن نەزەر سېلىشنى قاملاشتۇرىدۇ. مەن بولسام، ئارىدىن 53يىل ئۆتكەندىمۇ يەنىلا ئۆزۈم بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋە ئۈستىدە فامىلەم يېزىقلىق بىنادا ياشاۋاتىمەن. ئاخشاملاردا ئوخشاش بىر دەرىزىدىن يەنە شۇ ئوخشاش يولغا قارايمەن. يولنىڭ يەتمىش يىللىق چىنار دەرىخىنىڭ شاخلىرى ئارىسىدىن ئەگرى-بۈگرى بولۇپ كۆزدىن يۈتكەن يېرىدە، ئەللىك يىلدىن بېرى ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى، تاماكا ۋە ھەر خىل نەرسىلەرنى سېتىپ كېلىۋاتقان ئالائىددىننىڭ دۇكىنىنىڭ چىراق نۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ياز ئاخشاملىرى سالقىن شامال چىققاندا ئوخشاش يەر، ئوخشاش كوچا ھەتتا ئوخشاش بىناغا باغلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىش  كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. بىر خىل گۇناھ تۇيغۇسى بىر چاغلاردا پەرۋاسىزلارچە چەككەن تاماكىلاردىكى كوكۇس مېيىدەك ئىچىمنى زەھەرلەيدۇ. بۇ پۇشايمان ئەمەس،  تەن بېرىشتۇر بەلكىم؛ ھاياتنىڭ مۇشۇنداق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ياشىغان يەرلىرىمگە قاراپ چۈشىنىش ئىستانبۇللۇقلارغىلا خاس بىر نەرسىمۇ؟ بىر تەرەپتىن ھەممە نەرسىنىڭ رەھىمسىزلەرچە، ھېچقانداق قائىدە-تەرتىپكە بويسۇنماي ئۆزگىرىپ كېتىشلىرىنى شەھەرگە ھەسرەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ كۆرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن قوللىرىدا تاماكا، تىنىم تاپماي شىكايەت قىلغان ۋە ئاخىرى كېلىپ ئۆزلىرى شىكايەت قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇپ كەتكەن بالىلىق چېغىمدىكى چوڭلارغا ئوخشاش، ھېچبىر نەرسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى سۆزلەشمۇ ئىستانبۇللۇق بولۇشنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
   بالىلىقىمدىكى سەھرا چىراي ۋە بىر مىليون نوپۇسى بار ئىستانبۇل، 50 يىلدا ئون مىليون نوپۇسلۇق شەھەرگە ئايلاندى. مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغان، گېزىتلەردىن كۆرمىسەم ئىسىملىرىنىمۇ بىلىشىم مۇمكىن بولمىغان يىراق ۋە ئاجايىپ مەھەللىلەر پەيدا بولدى. مېنىڭ دەرىزەمدىن بۇنداق يىراق ۋە يات يېزىلارنىڭ شەھىرىمگە قوشۇپ قويۇلغانلىقىنى تەستىرەك كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بالىلىقىمدىكى كوچىلار ئۇ چاغلاردا چۈشۈمدە كۆرسەم ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدە قىستا-قىستاڭچىلىق بىلەن تولغان ئىدى. بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىمدە نەچچە يىللىقى قالغان پىيادىلەر يوللىرىدا يېڭى بىر ھايات ھاياجانلىرى بىلەن كېزىپ يۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش، ماڭا «تارىخ» دېگەن نەرسىنىڭ زالىملىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
   بالىلىقىمدا، دەرىزىدىن قارىسام چىنار ۋە قۇرۇپ كېسىۋىتىلگەن ئىھلامۇر دەرىخىنىڭ شاخلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنىدىغان تەشۋىقىيە يولىدىن ترامۋايلار ئۆتەتتى. بۇ يولغا ياتقۇزۇلغان يۇمىلاق تاشلار ۋە ترامۋاي رېلىسلىرىنىڭ ئورنىنى ئاسفالىت يول ئالدى. ترامۋاي سىملىرى ئېلىپ تاشلىنىپ سەككىز-توققۇز يىلدىن كېيىن، ئىتالىيەدىن كىرگۈزۈلگەن ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۈستىدىكى مۈڭگۈزلىرىدىن بىرى يولغا چۈشۈپ قالىدىغان تراللېبۇسلار ئۈچۈن يېڭىدىن توك سىملىرى تارتىلدى. كېيىن بىر كۈنلەردە تراللېبۇسقا قوشۇلۇپ ئۇلارمۇ كۆزدىن يوقالدى.
   بىر شەھەردە ماڭا ئوخشاش، ئۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنى تەقدىر-پىشانە دەپ قوبۇل قىلىپ ئەللىك يىل ياشاش، شەھەرنى ئىنساننىڭ ئۆز روھىنىڭ ۋە ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. يىللار ئۆتۈپ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدىكى، دۇكانلىرى ۋە مەيدانلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز بەدىنىدىكى يارا، جاراھەت ۋە قورۇققا ئوخشاش، دەسلەپتە بالىلاردەك ئەندىشە ۋە پەرىشانلىق بىلەن( بالىلىقىمدىكى ئەڭ مۇھىم كىنوخانىلار تاقالدى، كىتاب، ئويۇنچۇق دۇكانلىرى يوق بولدى.)، كېيىنچە بولسا خۇددى بەدىنىدىكى بىر شەكىل ئۆزگىرىشىدەك تەۋەككۈل قىلىپلا كۈتۈۋالىدىغان گەپ ئىكەن. مەن خۇددى بىر دوستۇمدەك يېقىن كۆرىدىغان، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ماڭا ئۆزىنىڭ قىسمەت ۋە خىسلەتكە بايلىقىنى ۋە تېرەنلىكىدىن جىقراق ئۆز ئازاب ۋە خۇشاللىقلىرىمنى ئەسلەتكەن ئىستانبۇلنىڭ روھى _  يېزىشىم، سۆزلىشىم، ئاڭلىتىشىم كېرەك بولغان ئەسلى نەرسىدۇر.
   شەھەرلەرنىڭ روھى بولامدۇ؟ بولسا شەھەرنىڭ روھىنى شەكىللەندۈرگەن نەرسە نېمىدۇ؟ چوڭلۇقىمۇ؟ كۈلتۈرى، تارىخى، كوچىلىرى ۋە بىنالىرى ئىچىمىزگە نەقىشلىۋەتكەن خىيالى كۆرىنىشىمۇ؟ ياكى شەھەرنىڭ قىستاڭچىلىقى ياكى كەڭتاشالىقىمۇ، تۇمانلىق ياكى ئىسسىق بولىشىمۇ؟ ياكى شەھەرنىڭ ئىچىدە ئاققان بىر دەريانىڭ، ئىستانبۇلدىكىگە ئوخشاش شەھەرنىڭ ئىچىگىچە كىرگەن بىر دېڭىزىنىڭ بولىشىمۇ؟ نەدە ھېس قىلىسىز بۇ روھنى؟ شەھەرگە ئېگىز بىر يەردىن قارىغاندىمۇ، ياكى يەر ئاستىدىكى بىر ئۆتۈشمىدە تۇرۇپ شەھەرنىڭ گۈرۈلدىشىنى ۋە بۇلغانغان زەي پۇرىقىنى ھېس قىلغاندىمۇ؟ بەلكىم پۈتۈن شەھەر بىلەن بىرلىكتە، بىر كېچە كارىۋىتىمىزدا شەھەر ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن ھارغىن بىر ھايۋاندەك تىپىرلاپ ياتقان چېغىمىزدا، ئۇيقۇ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق ئارىسىدا تۇمان سىگناللىرىغا قۇلاق سالغاچ ھېس قىلىنغان نەرسىدۇر بۇ روھ. بۇ روھنىڭ توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقانلىقىغا، شەھەرلەرنىڭ كىملىكىنىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. تەرەققىي قىلغان يېڭى ئىستانبۇل بالىلىقىمدىكىدەك  غەمكىن بىر شەھەر ئەمەس ئىدى ئەمدى.
   ئىستانبۇل ماڭا ھەمىشە ئادەم دېڭىزى ئىچىدىكى يالغۇزلۇقنى ئەسلىتىدۇ. پۈتمەس-تۈگىمەس سۈرەن-چوقاننىڭ ئىچىدە ھارغىن ئىنسان ئاۋازى ۋە نەپەسلىرىنى ھېس قىلىمەن. كوچىلاردىن ماڭا ھەمىشە ھاياتنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە بوشلۇق، بىھۇدىلىك تۇيغۇسى كۆچىدۇ. ھېچبىر نەرسىنىڭ مۇكەممەل، تولۇق، كەم-كۇتىسىز بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بەل قويۇۋېتىش... توختاۋسىز قاينام-تاشقىنلىق، مۇرەككەپلىك ۋە خىلمۇ-خىللىق بىلەن ھەممە ئىشنىڭ، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ۋە نەرسىلەرنىڭ، دۇكانلارنىڭ ۋە كوچىلارنىڭ، ئارزۇ ۋە ئۈمىدلەرنىڭ ئاستا-ئاستا خىرەلىشىپ، كونىراپ بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتىن پەيدا بولىدىغان چۈشكۈنلۈك. ياز كەچقۇرۇنلىرى شەھەرنىڭ ھارغىن ۋە تەرگە چۆمۈلگەن ئىنسانلىرىنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ ماڭغان تىقما-تىقماڭ ئاپتوبۇسلار ۋە ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى بېسىققان، كۈن ئولتۇرغاندا شەھەرنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولغان قىزغۇچ شەپەقنىڭ سۆسۈنلىشىپ ئاندىن قارايغان، مىليونلىغان دەرىزىلەردىن تېلېۋىزورنىڭ كۆكۈچ نۇرلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىغان پەيت( ئاياللار پېدىگەن قورۇشقا باشلىغان پەيت) تە شەھەرنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايدىغان جىمجىتلىق ماڭا ئىستانبۇلنىڭ روھىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. سوغۇق ۋە جىمجىت بىر كۈز چۈشلىكى، پۈتۈن شەھەر ئۆزىنىڭ ئىچكى پائالىيەتلىرىگە چۈشۈپ كەتكەن چاغ، پۈتۈن بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كېلىپ-كېتىپ تۇرغان كېمىلەرنىڭ ئارىسىدا كونا ۋە كىچىك كېمىسىدە ئۆزى يالغۇز بېلىق تۇتۇۋاتقان بېلىقچىنىڭ يالغۇز ۋە  ئالدىراش ھالىنى كۆرگىنىمدىمۇ بۇ روھ ئىچىمدە مىدىرلاپ كېتىدۇ.
      ئۇ يەردە ياشايدىغان ياكى ۋاقىتلىق ئۇ يەرگە بارغانلار ئۈچۈن شەھەرنىڭ تۇيغۇسى، كوچىلىرى، خاتىرىلىرى نە قەدەر پەرقلىق بولسا، ھەر كىشىنىڭ كوچىلىرى، ئوقۇغان مەكتەپلىرى، چىققان كېمىلىرى، خىزمەت قىلغان ئىشخانىلىرى ۋە ياشىغان ئۆيلىرى بىر-بىرىدىن قانچىلىك پەرقلىق بولسا، شەھەرنىڭ روھىمۇ دەسلەپتە ھەر كىشى ئۈچۈن پەرقلىق بولىدۇ. ئەمما ئىستانبۇلدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىشكە باشلىغىنىغا ئوخشاش، ھەر بىر كىشى يېقىن بىر ئاغىنىسىگە ئوخشاش كۆڭلىدە ساقلايدىغان بۇ روھ، تېرەن بىر يەرلەردە ھەممە كىشى ئۈچۈن ئوخشاشتۇر.
  ئىستانبۇلدا  ھەممە ئادەم ناتونۇشتۇر، بۇ سەۋەبتىن ھەممە ئادەم يالغۇزدۇر. تۈركلەر، توغرىسى ئوسمانلىلار(شەھەرنى قورشاپ پەتھى قىلغان ئوسمانلى قوشۇنىدا خىرىستىيانلارمۇ بار ئىدى) ياكى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كۆز ئالدىدا تەييارلا بىر شەھەرنى تاپقانلىقلىرى ئۈچۈن شەھەرگە ناتونۇش ئىدى. شەھەرنى بەش يۈز يىل سورىغان ئوسمانلى سەرخىللىرى بۇ شەھەرگە باشقا مەدەنىيەت، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ناتونۇش ئىدى. ئەللىك يىلدا نوپۇسى بىر مىليوندىن ئون مىليونغا چىققان بۇ شەھەردە ياشىغانلارنىڭ ئوندا توققۇزىمۇ بۇ شەھەرگە ناتونۇشتۇر. بۇ سەۋەبتىن بالىلىقىمدىن بېرى كىرا ماشىنىلىرىدا، ئاپتوبۇسلاردا، كوچىلاردا ئۇچراتقان ھەرقانداق ئادەم مەندىن، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ۋە بىر-بىرلىرى بىلەن يېڭى تونۇشقان كىشىلەرگە ئوخشاش _ ھاۋانىڭ ناچارلىقىدىن قاخشىۋەتكەندىن كېيىن __ ئاۋۋال مېنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى سورىشاتتى. ماڭا ئوخشاش تارتىنىپ تۇرۇپ ئىستانبۇللۇق ئىكەنلىكىڭىزنى دېسىڭىز، گۇمان بىلەن دادىڭىزنى، دادىڭىزنىڭ دادىسىنى ياكى ئانا تەرەپ جەمەتىڭىزنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلايدۇ.
   لېكىن شەھەرگە روھىنى بەرگەن، ناتونۇشلۇق ۋە يالغۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسىنىڭ بۇلار ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلىمەن. ئىستانبۇلنىڭ سىرى تەبىقىلەرگە ئايرىلمىغان، رەت-تەرتىپكە سېلىنمىغان، ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىغان، ئىچىدە ياشىغانلار تەرىپىدىن چۈشىنىلمىگەن بولۇشىدۇر. توپ-توپ كىشىلەرنىڭ شەھەرنىڭ تارىختىن قالغان مول بايلىق بىلەن قات-قات ئورالغان ئۇيغارلىقلىرىنى، ئۇلارغا ئىگە چىقماستىن، بىر ناتونۇش كەبى  ھېس قىلىپلا ياشىشى، بۇ يەردىكى ئاساسلىق ھايات شەكلىدۇر.  بالىلىقىمدىن بېرى ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان گەپلەرنىڭ بىرى «چەتئەللىكلەر بىزنى بىزدىن ياخشىراق تونۇيدىكەن» دېگەن گەپ ئىدى. قولىدا بىر ساياھەت قوللانمىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرگەن بىر ساياھەتچى ئۈچۈن دېيىلگەن بۇ گەپتە، بەك مەيۈسلىنىپ كەتمەستىن بىلىملىك بولۇشقا، دەرىجىگە ئايرىشقا، قالايمىقانچىلىقنى چۈشىنىپ يېتىپ رەتلەشكە تېرىشقان بىر كىشىگە قارىتا بىر خىل مەسخىرە، مازاق ۋە بىر خىل گۇمان بار ئىدى. ئىستانبۇلنىڭ شەھەر مۇزىيى يوق، شەھەردىكى باشقا توققۇزى تەل مۇزىيلار بولسا، ئۆتمۈشنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرمەكتىن بەكرەك قىممەت باھالىق بەزى نەرسىلەرنى ساقلاشقا يارايدۇ. كىچىك چېغىمدا، 1950- يىللاردا بۇ شەھەرگە ئاشىق مودا تارىخچى رېشات ئەكرەم كوچۇ يېزىپ، باتۇرلارچە ئۆزى يالغۇز نەشىردىن چىقىرىشقا كىرىشكەن «ئىستانبۇل ئېنسىكلوپېدىيىسى» ھەقىقىي بىر ئېنسىكلوپېدىيە ئەمەس، ئىستانبۇلنىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ قالدى ئاخىرىدا: ئون بىر جىلتتە «ھ» ھەرىپىگە ئاران كېلەلىگەن بۇ غەلىتە ئېنسىكلوپېدىيە يېرىم پېتى قالدى، شەھەرگە ئائىت بىلىم-ئۇچۇرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى تېخىمۇ ئارىلاشتۇرىۋەتتى ۋە تېرىشچان يازغۇچىنىڭ ھاراق شىرەسىدىكى دوستلۇقلىرى، ھەۋەسلىرى ۋە ئاجايىپ ئىشلىرى توپلام ھالىتىدە مودا كۈلتۈرنىڭ گۈزەل بىر قالايمىقانچىلىقىغا ئايلاندى.
   شەھەرنىڭ تەبىقىگە ئايرىشنى رەت قىلغان ۋە بۇ مۇشەققەتلىك ئىشقا كىرىشكەنلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىگە ئوخشىتىۋالغان روھىنى كىچىك چېغىمدىن باشلاپ ئەڭ كۆپ ھېس قىلغان جايلاردىن بىرى بولسا كونا دۇكانلار ئىدى. چوڭ بىر ئەتىر دۇكىنىدىكى __ ياكى دورىخانا دېيىشىم كېرەكمىدى؟__ رەڭلىك شىشىلەرگە، قۇتىلارغا، كورىلارغا قارىغىنىمدا، ئىستانبۇلنىڭ روھىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان نەرسىنىڭ تارىخ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسان قىزغىنلىقى ۋە ئارزۇلىرىنىڭ يۇقىرى چەكتىكى يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. بالىلىقىمدا ئانام بىزنى چىقارتىدىغان بەي ئوغلۇ يولىدىكى دۇكانلار، دۆلەت مەخپىي تۇتىدىغان رۇملار، ئەرمەنىيلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ نۇرغۇنلىغان مەنبە ۋە چۈشىنىپ يەتكۈسىز مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەتتىن ئوزۇقلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىتەتتى ماڭا. خۇددى مىڭلارچە يىللاردىن بېرى شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنىڭ ئىچىدە ئېرىپ ئۇنىڭ بىر پارچىسى بولغان، چەتكە قېقىلغان، ئاسسمىلاتسىيە قىلىنغان، يەر ئاستىغا ئىتتىرىلگەن، ئۇنۇتتۇرۇلغان، قوغلانغان، كۆچۈشلەردە يېڭى كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇشۇپ كەتكەن ئىنسان توپلىرىغا ئوخشاش، ئىستانبۇلدا نەرسە-كېرەكلەرنىڭمۇ مەخپىي بىر تارىخى بار. بەزىدە بالقانلاردىن، ياۋرۇپادىن، بەزىدە شەرقتىن، يېقىنقى زامانلاردا يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش بەزىدە سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ دۇكانلىرىدا، ئەينەكلىك دەرىزىلىرىدە ھېچقانداق دەرىجىگە ئايرىش، پىرىنسىپ ۋە تارىخنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي يان-يانغا تىزىلغان كونا-يېڭى نەرسە-كېرەكلەرگە، كوچىلاردا نىشانسىز ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر ئەينەكلىك دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرغان چاغلاردا، شەھەرنىڭ مەيۈس روھىنىڭ ھېلىھەم يېقىن بىر يەرلەردە تىمىسقىلاپ يۈرگىنىنى ھېس قىلىمەن.

bastug يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:34:52

كىلەر ھەپتە ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى ررمانى چىقىدۇ. روماننىڭ ئىسمى «كاللامدېكى بىر غېرىپلىق».
تۈركچە ئىسمى: Kafamda bir Tuhaflik

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 21:45:05

bastug يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 21:34 static/image/common/back.gif
كىلەر ھەپتە ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى ررمانى چىقىدۇ. رومانن ...

غىرىپلىق ئەمەس غەلىتىلىك دەمىز؟

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 07:57:35

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 09:13:51

ئەجەپ ياخشى كۆرىمەن بۇ ئادەمنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى. بەكلام

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 09:30:27

ئايپالتا ئەپەندى
سىزنىچڭچە پامۇكنىڭ بۇنچە سىزنى جەلپ قىلارلىق يىرىنى نېمە دەپ قارايسىز؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 09:31:05

peleck يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 07:57 static/image/common/back.gif


توردىن سېتىۋالغىلى بۇلارمۇ؟بولسا يوللىرىنى دەپ بەرسىڭىز؟

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 09:45:02

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 09:31 static/image/common/back.gif
توردىن سېتىۋالغىلى بۇلارمۇ؟بولسا يوللىرىنى دەپ بەرس ...

ۋەتەن سىرتىدا بولسىڭىز،توردىن بىمالال سىتىۋالالايسىز، ئەمما بۇ يەردە بولسىڭىز  ئاشۇ يەرلىك ئاغىنە بالىلاردىن ئەپكەلدۈرۈڭ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 12:48:25

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 09:30 static/image/common/back.gif
ئايپالتا ئەپەندى
سىزنىچڭچە پامۇكنىڭ بۇنچە سىزنى جەلپ  ...

ئورخان پامۇكنىڭ مېنى ۋە بىزنى جەلپ قىلىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى چوقۇم بار، بۇنىڭدا گەپ يوق. لېكىن مېنى بۇ كويغا سالغان نەرسە ئۇ نەرسىلەردىن بەكرەك ئۆزۈمنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىممىكىن، دەپ قالىمەن بەزىدە.

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:35:08

سالام ئەنۋەر ، كۆپ تەشەككۈر .
  ئىزدىنىشنى بىر مەزگىل تاشلاپ قويغان ئېدىم. يېقىندىن بېرى راستىنلا سىزنىڭ تەرجىملىرىڭىز بارمۇ دەپ كىرىۋاتىمەن. ھەرقېتىم كىرىپلا سىزنىڭ تەرجىمىڭىزنى ۋوردقا چاپلاپ بېسىپ قەغەزگە چاپلاپ قىسقۇچلۇق مۇقاۋا ئىچىگە سېلىپ ساقلاۋاتىمەن. مەنمۇ ئورخان پامۇقنىڭ ھەۋەسكارى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.مەنمۇ كۆپ قىسىم كىتابلىرىنىڭ خەنچىسىنى ئوقۇغان.
سىز ئالدىنقى بىر يازمىڭىزدا بىر رومانىنى تەرجىمە قىلۋاتىمەن(قىلدىمممۇ ئىشقىلىپ) دىگەندەك قىلۋاتاتتىڭىز ئاشۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلەمسىز ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:22:22

---
( ئاياللار پېدىگەن قورۇشقا باشلىغان پەيت)
...
(شەھەرنى قورشاپ پەتھى قىلغان ئوسمانلى قوشۇنىدا خىرىستىيانلارمۇ بار ئىدى)
...
يۇقارقى جۈملىلەرنى نىمە ئۈچۈن يازغانلىقىنى ۋە يېزىپ بولۇپ تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.
بىر يازغۇچىدەك ئەمەس، بىر ئىستانبۇللۇقتەك يېزىپتۇ.
دۇنيانىڭ بىر پايتەختى بار دىيىلسە ئۇنىڭغا ئىستانبۇل ماس كېلەمدۇ ياكى پارىژ ماس كېلەمدۇ ؟

mujahid731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:43:14

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 14:22 static/image/common/back.gif
---
( ئاياللار پېدىگەن قورۇشقا باشلىغان پەيت)
...


ئەلۋەتتە ئىستانبول

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:29:47

nirvana يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 13:35 static/image/common/back.gif
سالام ئەنۋەر ، كۆپ تەشەككۈر .
  ئىزدىنىشنى بىر مەزگىل ت ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئورخان پامۇكنىڭ «جىمجىت ئۆي» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلغانىدىم. يېرىم يىلدەك بولۇپ قالدى.

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:53:06

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 15:29 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئورخان پامۇكنىڭ «جىمجىت ئۆي» نا ...

ساقلاڭ

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:02:59

elxatrahim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 15:53 static/image/common/back.gif
ساقلاڭ

ماقۇل:lol

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 16:40:56

بولسا نەشىرىياتلار بۇ ئادەمنىڭ رومانلىرىنى نەشىر قىلسا بولاتتى

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:22:32

ئۈچ يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ما تىمىغا ئىنكاس يازغانتىم، ھازىر قارىسام يوق تۇرىدۇ. :'(

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 23:28:11

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 14:22 static/image/common/back.gif
---
( ئاياللار پېدىگەن قورۇشقا باشلىغان پەيت)
...


پارىژغا بېرىپ باقمىدىم، ئەمما مەن بېرىپ باققان شەھەرلەر ئىچىدە كۆپ قىرلىق، كۆپ ئارقا كۆرۈنۈشلۈك ئىستانبۇلدەك شەھەر كۆرمىدىم. مەسچىتنىڭ قېشىدا چىركاۋ كۆرۈپ باشتا ياقامنى چىشلىگەن بولسام، ياغلىق چىگىۋالغان ئاپام سىياقتىكى مومايلارنىڭ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ مېڭىشلىرىنى بىر كېچە ئۇخلىيالماي ئويلاپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. بىر يەرگە قارىسام بەدەنلىرىگە ئىسكىلىت چىكىۋالغان بىر قىز بىلەن ھىجابلىق بىر قىز قولتۇقلىشىپ كېتىۋاتقان، بىر تەرەپكە قارىسام ھېلىقى جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئالۋاستىلار ھىجاراپ تۇرغان، بىر تەرەپدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈكسەلگەن دەۋرىدە قېلىپ قالغان قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ ئىچىدە لىققىدە مۇسۇلمانلار تۇرغان، تېلىۋىزور قانىلىنى ئاچسىڭىز سىياسەت سۆزلەپ بىر بىرىنى يەھۇدىينىڭ توققۇزىنچى پۇشتى، ئاپىسى يەھۇدى، ئاتىسى رۇس دەپ تىللاۋاتقان، يەنە بىر قانالدا ئىسلامىي تەبلىغ قىلىۋاتقان، يەنە بىر قانالدا «كوبانىغا بارىدىغان كۈرت ياشلىرىمىز كۆپ، ئەمما تۈركىيە چىگرىنى تاقىۋالدى» دەپ قاقشاۋاتقان، ئىشقىلىپ بۇ شەھەرگە كېلىپ كاللىڭىز ئېلىشىپ قالمىسا، مەن ساق ئەمەسكەنمەن دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ.
ئىستانبۇلنى ھەممىسى تىللاپ تۇرۇپ سۆيىدۇ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 09:44:02

كۆپ خىل مەدەنىيەت ،كۆپ خىل ئېرىق، كۆپ خىل دىن لارنى سىغدۇرۇپ كەتمەك ئاسان ئەمەس، يەرلىكلەردىن كۆپ قۇربانلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەلۇم ئىدىيە يۈكسەكلىكى بولمىسا فاشسىستلارنىڭ روھى ئويغىنىپ قوپىدۇ، ئىستانبۇللۇقلار يارايدۇ.
مېنىڭچە بۇ شەھەرنىڭ روھى ئەشۇ كەڭ قورساقلىق ئىكەن. ماۋۇ ئەسەرنى ئوقۇپ 'دۆڭ كۆۋرۈكنى سەھرالىقلار ئىگىلەپ كەتتى' دەپ ئۇھسىنىپ قويىدىغان ئۈرۈمچىلىك موماينىڭ ئوماق ھالىتى ئېسىمگە كىلىپ قالدى.

Gvlret يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:07:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Gvlret تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 15:09  

بىر ئەسىرىنى ئاخىرىغىچە تۈگىتىپ يوللىسىڭىز نېمە بولار دەيمەن ئايپالتا؟
ھەممىسى يېرىم- ياتا.
خەپ، تۈرۈكچىنى راۋارۇس ئۆگەنمەيدىغان بولسام...
بەت: [1] 2
: مېنىڭ ئىستانبۇلۇم(ئورخان پامۇك)