turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:53:46

سادىر پالۋان ۋە بايانداي ئۇرۇشى

سادىر پالۋان ۋە بايانداي ئۇرۇشى

    سادىر پالۋان 1798-يىلى ھازىرقى غولجا ناھىيسىنىڭ موللىتوختىيۈزىدىكى ئەخمەت قاراقاشى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
1762-يىلى 10-ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئىلى جاڭجۈنىگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھەمدە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكى، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئۇزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىلى جاڭجۈنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان كىشىلەردىن بىرىنجى قېتىمدا 6000، ئىككىنجى قېتىمدا 2000، جەمئىي 8000تۈتۈننى ئېلىغا پالايدۇ. سادىرنىڭ ئاتىسى ئەخمەت بىرىنجى قېتىم كۆچۈرۈلگەن 6000تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى.
      شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئېلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول بىلەن ھېساپلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. كۆڭ مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يۇشۇرۇن قار-مۇز ئۆڭكۈرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بارئىدى. ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى. كېينكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى. ئات-ئولاغلار ئالدىدا ماڭغان ئۇلاغلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ تەسلىكتە ماڭاتتى. ئەتتىگەن سائەت تۆت بىلەن ئېگىز داۋانغا ياماشقان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزىنى چوقۇپ ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كىگىز، پالاس ۋە جۇۋا، چاپانلارنى سېلىپ، ئات-ئىشەكلەرنى (تۈگە ماڭالمايتتى)ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى. داۋان ئۈستى بىردەم -بىردەم قارا  بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ، ئۈچ مىتىر ئالدىدىكى نەرسنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادەم ۋە ئۇلاغلار چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى، گاھىدا تاغنى تۈتەك قاپلاپ، ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى ئۈلۈپ كىتەتتى. ھاۋا ئۇچۇق چاغلاردا ھاڭدىن غۇلاپ كىتىپ ئۆلگەن ئات-ئولاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال-مۈلكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
شۇ قېتىمقى كۆچ-كۆچتە نۇرغۇن كىشى مۇز داۋاندا ئىس ئېلىپ كېتىپ، ياكى مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەن بىچارە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرت-ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلىگەن:

بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.
غېرىپ ئۆلسە كىم يېغلار،
غېرىپقا غېرىپ يىغلار.

ئۇلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن، دەسلەپ قوتانتام دىگەن جايغا ئورۇنلىشىدۇ، كېيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاشئۆستەڭ، بالتوقاي، خۇنۇخاي، دادامتۇ، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلىشىدۇ. سادىرنىڭ ئاتىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قاراقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن «قاش مەھەللىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۇقۇرقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرپىدىن ئۆستەڭ چېپىپ، قاغجىرىغان باياۋانلار، چۆل-جەزرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئۆي-ماكانسىز بۇ جەزرىدە ئېغىر ئەمگەك قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا-چاقىلىرى بىلەن دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش ئىشىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:

ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ.
مانجۇ توڭچىسى بەگلەر،
بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ.

مانجۇ ئىستىبداتلىرى يانچىلارنى سېپىل سوقۇش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ھەرخىل ھاشار-سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، بەلك ئۇلارنى يەر تېرىپ، مانجۇ دائىرلىرىگە ئاشلىق سېلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ، دەسلەپتە مانجۇلار ھەربىر تۈتۈندىن 16خو، كېينرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق ئالىدۇ. پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەرخىل يول بىلەن پارا ئېلىپ قاقتى سوقتى قىلىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرى شۇنچە قەبىھ ئىدىكى، كوچىلاردا مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تەزىم قىلاتتى. مانجۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قىز-چوكانلىرىغا ئاپئاشكارە زورلۇق قىلاتتى. مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلىقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ، ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلغانىدى.
سادىر كىچىكىدىن شوخ-تىتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا -مۇشەققەتتىمۇ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن، زۇلۇمغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلىقلەرگە بولغان سۆيۈنۈشى كىچىكىدىن  باشلاپ پىشىپ يىتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرت-ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن قەيسىرانە ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يىتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان. پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، سادىر ئېگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت-جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق قوشاقچى ئىدى. سادىر قاتمۇقات زۇلۇمغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋە ئېغىر ئالۋان ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، مەزلۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغلاردا ئالۋان ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل -جەزىرلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى «قاچاقلار»دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ «قاچاقلار»نى قوزغاپ، ئوقيا، نەيزە، ئايپالتا، چوماق ۋە قېلىچ بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، مانجۇ چىرىكلىرى  بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ «سادىر پالۋان»دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زىندانغا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ چىقىپ، كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتى بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقانىدى.

سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا،
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
يامۇلنى تىشىپ قويۇپ،
ئىككى چىقتىم تالاغا،
مېنى باققان بەش يايى،
ئەمدى قالدى بالاغا.

مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ. 1863-يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ، شەنشى، نىڭشىيا ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864-يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىدىكى جايلاردا قوزغىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ. سادىر پالۋان ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.
1861-يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غولجا شەھرىگە ئۇمۇمييۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ. شەھەر خەلقى ئىچ تەرەپتىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە، ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن غولجا شەھىرى ئازاد قىلىنىدۇ.
سادىر پالۋان 1864-يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزى ياندۇرۇلغان شامنى، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ، چىلپەڭزىگە قارىتىپ قۇيۇپ بەرگەن، شامنىڭ يۇرۇقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزە ئامبىلى تېزلا تەسلىم بولغان.
بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاپ، دورا بىلەن سېپىلنى پارتلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يۇچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.
1867-يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئېلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى موللىتوختىيۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات  بولىدۇ.

مەنبە: «شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ھەقىقى ئىشلار ئەسىر خاتىرسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى (شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشىرياتى )

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 19:49:43

كىم يازغان كىتاپكىنا بۇ.
يىلنامە، ۋەقەلەردە خاتالىققا يول قويۇلغان 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىمىز دەپ كىتاب ئوقۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلار مۇشۇنداق كىتابلارنى ئوقۇۋالسا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ-دە.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 22:18:57

بايانداي ئۇرۇشى تېمىدا بىرىلىپ، تەپسىلاتى مەزمۇندا بەكلا ئازكەن{:92:}

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 07:15:40

قانلىق تارىخ ،زۇلۇم بېشىمىزدىن ئەگىپ كەتمەپتىكەن.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 08:21:02

  مۇشۇ قوزغىلاڭ ۋە ئىلى سۇلتانلىقى تەسۋىرلەنگەن « تەڭرىتاغ باتۇرلىرى » دىگەن روماننى ئۇقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن .

quwuldarbag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 15:09:50

albAX يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 08:21 static/image/common/back.gif
مۇشۇ قوزغىلاڭ ۋە ئىلى سۇلتانلىقى تەسۋىرلەنگەن « تەڭر ...

  سادىر پالۋان قومۇلدا زىنداندا ياتقاندا قومۇل تاغلىق  گاڭ باقى دىگەن پالۋان بىلەن دوس بولىدۇ . بۇ ئىككىسى زىنداندىن قېچىپ چىقىپ غولجىغا كېتىدۇ . گاڭ باقى بايانداي ئۇرۇشىدا شېھىت بولىدۇ . گاڭ باقى توغرىسىدىكى تەپسىلات شۇنچىلىكلا . ئۇنىڭ قەۋرىسى بارمۇ ؟ بولسا نەدە ؟ بىر ئىزدىنىپ باقساڭلار ؟ بىر ھېساپتا بۇمۇ بىر تەتقىقات تېمىسى .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 15:36:32

بىز دەرىسلىكتە ئۈگەنگىنىمىز بىزنى ئۈگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈنلا يىزىلغانكەندە ئەسلى...

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 14:25:21

ئەمدى بىلدىڭىزما :lol

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:11:18

ئادەمخور مانجۇلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن ئىلىلىقلار قانچە پەخرلەنسە بولىدۇ
بەت: [1]
: سادىر پالۋان ۋە بايانداي ئۇرۇشى