ئالتۇن سودا تەھلىلى8/ 12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 17:10ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1201.2 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1204.48 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1199.17 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1201.07 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 89.42 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1194.7 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ئاۋال تۆۋەنلەپ كەينىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى ، جۈمە كۈنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات دوكلاتى ئامىرىكىغا پايدىلىق بۇلۇپ دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى داۋاملىق يۇقىرى باھا ئۆرلىدى ، ئەمما ئالتۇن باھاسىدا چوڭ چۈشۈش كۆرۈلمىدى . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ،ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا گېرمانىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى سانائەت مەھسۇلات سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ،ئەگەر گېرمانىيە سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە تىرەكلىك رول كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ناچار چىقسا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا 11 - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1195-1187 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرىنىڭ تەۋرىنىش سۇس بولدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1198 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە ئالتۇن باھاسى 1205-1208 دوللار ئەتىراپىغا چىقىدۇ ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1198 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1185-1180 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
.3 كەچلىك ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1183 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1190-1200 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ھەمدە قايتا 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدىن چۈشۈشكە ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1185-1180 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1196، 1205
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1183 ، 1180
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1208-1183
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1196
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.4 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1190 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ئالتۇن باھاسى ئادەتتىن تاشقىرى ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، بۇھەپتە بازار ھالىتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بىر ئاز تەكشى بولىشى مۇمكىن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ،ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا گېرمانىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى سانائەت مەھسۇلات سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ،ئەگەر گېرمانىيە سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە تىرەكلىك رول كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ناچار چىقسا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا 11 - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ .
ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتە قايسى نۇقتىدا تەۋرەندى
12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىن تۆۋەن نۇقتىدا تەۋرەندى ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىن ياخشى چىققان شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەن ، كۈچلۈك بولىۋاتقان دوللار داۋاملىق ئالتۇن باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلماقتا ، بۈگۈن ئاسىيا چۈشلۈك ۋاقىتتا ئالتۇن باھاسى 1193 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى .
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان 11 - ئايلىق ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە ، ئامېرىكا 11 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى 321000 ئاشقان ، بۇ 2012 - يىلى 1 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 11 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 5.8% بولغان .
ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك بولىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغاتتى ، بۇ ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز .
INTL FCStone نىڭ تەھلىلچىسى Edward Meir سۆزىدە : بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە كەلگۈسى 3 ئايدىن 6 ئايغىچە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئاجىزلىشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن .
خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى پۇل پاخاللىشىش بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، بۇ ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز .
SPDR ئالتۇن ETF زاپىسى جۈمە كۈنى 0.12% ئاشقان ، ئومۇمىي زاپىسى 720.91 توننا بولغان .
پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى تەسىرىدە ، دوللار قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلەپ ، ياۋرو ، فوند ستېرلىڭ قايتىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى بېسىمغا ئۇچرىغان ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ بۇ سودا كۈندە LMCI قاتارلىق مۇھىم ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات دوكلاتى ئىنتايىن ياخشى بولۇشى سەۋەبىدىن ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ؛
سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
بۈگۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى
12- ئاينىڭ 8 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 89.5475 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 89.5475 ، ئوتتۇرچە باھاسى 89.43 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.15% بولغان ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 89.352 بولۇپ ، 89.40 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 88.7267 ، سېتىلىش باھاسى 88.7367 بولغان ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 89.3508 بولغان .
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1282 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.5547 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.0545 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79061 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5652 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.1036 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7188 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6438 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.3545 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56625 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 8.5563 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7127 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3686 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]