bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:26:54

(bilgejan) «قان تىپىڭىز نېمە» نىڭ جاۋابى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 10:57  

قان تىپى بىلەن خاراكتېر مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
بىلگەجان

ئۆتكەن ھەپتە ئىزدىنىش تورىدا كىشىلەرنىڭ قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان قارىشىنى چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تورداشلارنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن تولغان ئۇ تېما بىر ھەپتە ئىچىدە 7 مىڭ قېتىمغا يېقىن چېكىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلىپ قىلدى (قان تىپىڭىز نېمە؟). ھازىرغىچە چۈشكەن جەمئىي ئىنكاس سانى 174 پارچە بولۇپ، بىر قىسىم تورداشلار مەيلى ئىلمىيلىككە ئىگە توغرا جاۋاب قايسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۈچلۈك ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم تورداشلار گۇمان نەزەر بىلەن قارىسا، بەزىلەر قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ قەتئىي مۇناسىۋىتى يوق دەپ كۈچلۈك ئىنكار قىلىش تەرەپدارى بولدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى 23% بېلەت تاشلاشقا قاتناشقۇچىلار ئۆزى بۇ جەھەتتىكى ھېچقانداق قاراشقا ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بېلەت تاشلاشقا جەمئىي 192 كىشى قاتناشقان بولۇپ (بىر ئەزا بىرلا قېتىم بېلەت تاشلىيالايدۇ)، تەپسىلىي سىتاتىستىكا ئەھۋالىنى مەن ياسىغان تۆۋەندىكى گىرافىكلاردىن كۆرۈڭ:

پەرەز ھۆكۈم: قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى بار.
تاللاش:
A: قوللىغۇچىلار
B: گۇمان قىلغۇچىلار
C: قارشى تۇرغۇچىلار
D: بىلمەيمەن، بىلىشكە قىزىقىمەن دېگۈچىلەر

بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسى:






ھېچقانداق كۆز قارىشى يوق، ئەمما بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغانلارنى چېقىرۋەتسەك:


قان تىپى دېسە ئالدى بىلەن دوختۇرخانا ۋە قان سېلىش دېگەن ئۇقۇملار كۆز ئالدىمىزغا كېلىشى مۇمكىن. ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر قان تىپى بىلەن كىشىلىك خاراكتېر مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتە تورداشلارنىڭ قاراشلىرى ئۈستىدىكى گىرافىك ۋە دىئاگراملاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بىز قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق بىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن قان تىپى قانداق بەلگىلىنىدۇ دېگەن مەسىلە بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. مەن ئىلگىرى قان ۋە قان تىپلىرى ماۋزۇسىدە بىر ماقالە يېزىپ توردا ئېلان قىلغىنىمدا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمدى تۆۋەندە شۇ بىلىملەرنى ئەسلەتكەچ، قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدىكى ئىلمىي بىلىملەرنى سىلەرنى يەتكۈزىمەن.

كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغىنىدەك ھازىر دوختۇرخانىلاردا قان تەكشۈرتكەندە ئاساسلىقى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپىنى قوشۇپ يازىدۇ، ھىچبولمىغاندا بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا شۇنداق. قان تىپلىرىنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇللىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، لىكىن بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ۋە دائىم ئىلشىلتىلىدىغىنى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپى بولۇپ، مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ABO قان سىستىمىسى بولغاچقا مەخسۇس شۇ توغرىدا قىسقىچە توختىلاي:

ABO قان تىپى سىستىمىسى


بۇنى چۈشەندۈرۈشتە يەنە بىر مىسال ئالاي: سىز كۆز ئالدىڭىزغا ئۈستىگە كۈنجۈت باشقان گىردىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئەگەر گېردىنىڭ ئۈستىدە ئاق كۈنجۈت چېچىلغان بولسا بۇنى A تىپلىق دەيلى، قارا كۈنجۈت بېسىلغان گېردىنى B تىپ دەيلى، ئۇ ھالدا ھەر ئىككىلىسى بېسىلغان گېردە تەبئىي ھالدا AB تىپلىق بولغان بولىدۇ. ئەمدى ھىچقانداق كۈنجۈت بېسىلمىغان بولسا بۇنى نۆل تىپ يەنى O تىپلىق دەپ ئاتىساق بولىدۇ. يەنى بۇ يەردە كۈنجۈت دىگىنىمىز دەل قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىنىڭ ھۆجەيردە پەردىسىگە ئورۇنلاشقان ساخارىدلانغان ئاقسىللاردىن ئىبارەت بولۇپ، O قان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ قېنىدا ئەڭ ئاددىي ساخارىدلار بولىدۇ، A قان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئاقسىلىغا بىر گلاكتوزا مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ B تىپلىق كىشىلەرنىڭ قېنىدا بۇ ئاقسىلغا ئاتسىتىل گلاكتوزامىن مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ AB تىپلىق كىشىلەرنىڭ بۇ ئاقسىلىغا ھەر ئىككىلى قەنىت مولىكۇلىسى قوشۇلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، A تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىدە پەقەت A ئانتىگېن، antigen (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى ئاق كۈنجۈت) بولىدۇ؛ B قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا پەقەت B ئانتىگېن (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ AB قان تىپلىقلاردا بولسا ھەر ئىككىلى ئانتىگېن (ئاق ۋە قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ O قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا ھىچقايسى ئانتىگېن بولمايدۇ. دىمەك، مۇشۇ كىچىككىنە پەرق تۈپەيلى كىشىلەر ئوخشىمىغان قان تىپىغا ئىگە بولىدۇ.

دېمەك، بۇ يەردە بۇ 4 خىل قان تىپىنى بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلىپ تۇرۋاتقىنى پەقەت ئوپمۇ-ئوخشاش بىر ئاقسىلنىڭ ئۇچىغا قايسى خىل ساخارىدنىڭ ئۇلانغانلىقى ياكى ئۇلانمىغانلىقى بولۇپ، مۇشۇ ساخارىدلارنىڭ قوشۇلۇشى راستىنلا ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلىيەلەمدۇ؟ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە يېزىپ تۇراي، ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ قالغىنىنى تولۇقلاپ قويىمەن. :lol

داۋامى بار....

===============================================================================================

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، سىلەرنى بىر نەچچە كۈن ساقلىتىپ مانا ئەمدى بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋىتەي دەپ تەمشلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. كۆرگىنىڭلاردەك «قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى بار» دەپ قارايدىغان كىشىلەر ياكى ھېچبولمىسا شۇنداق مۇناسىۋەت يوق ئەمەس (گۇمان قىلغۇچىلار) دەپ قارىغۇچىلار تەخمىنەن 85% ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ئىككى تېمىدا ھازىرغىچە چۈشكەن 250 دىن ئارتۇق ئىنكاسنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىدىغان بولساق قىزىقارلىق پاكىتلارنى بايقىيالايمىز:

1. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى ئىشەنگەن مەلۇم قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ-يوق ئاساسەن سۈرۈشتۈرمەيدىكەن.
2. سۈرۈشتۈرمىسىغۇ مەيلىتى، ئەمما پاكىتلىق ئىلمىي ئاساس ئۆزى قوشۇلغان قاراشقا قارشى چىقىپ قالغان تەقدىردىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئۆز قارىشىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
3. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى كۆزەتكەن قىسمەن ئەھۋاللار ئۆز كۆز قارىشى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسە، قىسمەنلىكنى ئومۇملاشتۇرۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئىككىلەنمەستىن شۇنى پاكىت دەپ بىلىدىكەن ۋە ئۆز كۆز قارىشى بويىچە كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى باھالاشقا قورقماي پېتىنىدىكەن.
4. كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇشۇ ساھەدە ئازراق بىلىمى بار دەپ قارالغان بىر كىشىنىڭ (مەسىلەن مېنىڭ) ئىلمىي پاكىتلىق سۆزىنى ئاڭلاپ بېقىشقا قىزىقىدىكەن.
5. بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى جان-جەھلى بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدىكەن-يۇ، ئازراق ئىزدىنىپ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئىلمىي پاكىت تاپاي دەپ ئويلىمايدىكەن.
6. كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىلمىي خۇلاسىنىڭ قانداق چىقىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ بىلىمگە ئىگە ئەمەس ئىكەن.

دەپ كەلسەك بۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىزىقارلىق ھادىسىلەرنى بايقاش مۇمكىن ئىدى، ئەمما مېنىڭ دەماللىققا ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇلار. مەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن ئاتايىتەن جامائەت پىكىرىنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىشىمدىكى سەۋەب نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈم بىلىدىغان ئىلمىي پاكىتلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا بىر ماقالە يېزىپ بولدى قىلمىدىم؟

مەن ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئىككى يازما ئارقىلىق بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمگە يېتىپ بولدۇم، دەپ ئويلايمەن. ئەمدى توغرا جاۋاب ياكى ئىلمىي پاكىتلار قوللىغان جاۋابنى بۇ يەردە يېزىپ قويماقچى بولۇشۇممۇ، بىر قىسىم ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆز قارىشى يوق، ئەمما توغرىسىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن كىشىلەرنىڭ سەمىمىيىتى (D جاۋابنى تاللىغانلار) ۋە مېنىڭ سۆزۈمنى مەيلى ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن بىر ئاڭلاپ باقاي دەپ قىزىققان ئوقۇرمەنلەرگە جاۋاب قىلىش يۈزسىدىنلا يېزىۋاتىمەن. بۇنداق دېسەم كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ ئۆزگىرىش ياكى ئۆزگەرمەسلىكىگە قىزىقمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ. بۇ ئاساسلىقى مېنىڭ مەيلى مەن ئىلمىي پاكىتلىق قاراشنى يەتكۈزەي ياكى يەتكۈزمەي، جەمئىيتىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئۆز كۆز قارىشىنى ساقلاپ قېلىۋىرىدۇ.

مېنىڭ بۇ ئەمگەكنى قىلغىنىمنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى بولسا كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇش ياكى ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلغىنىم بولۇپ قالىدۇ چۈنكى ھېس قىلىشىمچە جەمئىيتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن نەرسىلەر ئۈستىدە سوئال قويۇپ ئويلاپ بېقىشنىڭ كەم بولۇشى ئامېرىكا جەمئىيىدە مېنىڭ كۆرگىنىم بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكا كىشىلىرىنىڭ توختىماي نېمىشقا دېگەن سوئالنى قويىدىغان ئادىتى ماڭا بەك يارايدۇ ۋە بۇ جەھەتتە بىز ئۇلاردىن ئۆگەنسەك ئەرزىيدۇ، دەپ قارىغاچقا، «نېمىشقا دەپ سوئال قويۇڭ»، «كۆپ ئويلاڭ» دەپ نەزەرىيىۋى گەپنى تاشلىغاننىڭ ئورنىغا مۇشۇنىڭدەك يۈزلىگەن بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان «قان تىپى بىلەن خارااكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى بار، A قان تىپلىق ئادەم مۇنداق بولىدۇ، B تىپلىق ئادەم ئۇنداق بولىدۇ...» دېگەن بىر تىپنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىزىقارلىق بىر شەكىلدە ئوقۇرمەنلەرنى ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلدىم. مانا توغرا جاۋاب C، يەنى قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

ئىشىنىمەنكى كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەر يۇقىرىقى جاۋابتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ چۈنكى بۇ سىز ئويلىغىنىڭىز بىلەن قارىمۇ قارشى جاۋاب. كاللىڭىزدا دەرھال «بىلگەجان نېمە ئۈچۈن ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويمايلا توككىدە تاشلاپ قويىدۇ؟» دېگەن سوئال شەكىللىنىپ بولدى. ئەمما مەن ئالدىرىمايمەن. مېنىڭ بۇ جاۋابنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر تالاي ئىلمىي ماقالىلەرنى تۆكمە قىلىش پىلانىممۇ يوق، چۈنكى «خاراكتېر قان تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگىنى ئەسلىدىنلا بىر چەك باسمايدىغان بىر قاراش. ئويلاپ بېقىڭ، ئاددىيسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە O قان تىپىلىق كىشىلەر 100% گە يېقىنلىشىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان خاراكتېرگە ئىگىمۇ؟ بۇ يەردە خاراكتېر دېگىنىمىز كىشىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مېنىڭ مىجەزىمنىڭ ئوچۇق-يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ O قان تىپلىق بولغانلىقىم بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرەتتى، ياكى كىمدۇر بىرلىرىنىڭ مىجەزىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ قان تىپىنىڭ AB ئىكەنلىكى بىلەن باغلاپ دېگەندەك ھەر خىل چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بەلكىم سىزنىڭ دېگىنىڭىز نۇرغۇن قېتىم توغرا چىققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇنداق قاراشلارنى بىر قەدەر چوڭ ئەۋرىشكە ئېلىنغان قان تىپى ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان ۋە ئىلمىي سىتاتىستىكىلاش ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلارنى ئىشلىمەي تۇرۇپ توغرىلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇ ھالدا تورغا چىقالايدىغان بولغاندىكىن دەرھال ئاچقۇچلۇق سۆزلەر (مەسىلەن، بۇ يەردە قان تىپى ۋە خاراكتېر ئاچقۇچلۇق سۆز بولالايدۇ)نى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقىسىز. گوگىلغا چىقالىسىڭىز، گوگىلنىڭ ئىچىدىكى گوگىل ئىلمىي ماقالىلىرى دېگەن يەردىن ئىزدىسىڭىز ياخشى، بولسا مەخسۇس كەسپىيلەشكەن تور بەتلەردىن ئىزدىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. شۇنداق قىلسىڭىز شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرەلەيسىز ۋە بىر قەدەر مۇۋاپىق قاراشقا ئىگە بولالايسىز. ئەگەر سىز بۇنداق قىلىشقا قىزىقمىسىڭىز، قىلالمايمەن دەپ ئويلىسىڭىز ياكى ئىزدىگەندە چىققان ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ ئوبدان چۈشىنەلمىسىڭىز، ئۇ ھالدا شۇ كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىرەيلەنگە مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

مەن قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم چۈنكى بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك قان تىپلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلىپ تۇرغىنى پەقەت قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ئوخشاش بىر ئاقسىلغا ئۇلانغان كىچىك مولىكۇلالىق ساخارىدلاردىكى ئوخشىماسلىق بولۇپ، بۇ مولىكۇلىلار بىلەن خاراكتېرنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان دوپامېن، سىروتونىن، كورتىزول دېگەندەك مۇھىم ھورمۇنلار ۋە نېرۋا پىپتىدلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شۇنداقتىمۇ، ئىلمىي پاكىتلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن، مەن دەل يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە، ماقالە ماۋزۇسىدا «قان تىپى» ۋە «خاراكتېر» دېگەن سۆزلەر بار ماقالىلەرنى ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مەخسۇس بئولوگىيە، مېدىتسىناغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەر ئامبىرى تورى (]http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/?term=blood+type%3B+personality) دىن ئىزدىدىم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۇنجى چىققىنى 2014-يىلى «ياپونىيە پىسخولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە بولۇپ، بۇ ماقالىدە (بۇ يەردە) تەتقىقاتچىلار 10مىڭ نەپەر ياپونىيىلىك ۋە ئامېرىكىلىقتىن (ئەر-ئايال جىنىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان ياشتىكى) ئەۋرىشكە ئىلىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي خاتىرىلىگەن ۋە خاراكتېردىكى ئوخشىماسلىق بىلەن قان تىپىدىكى ئوخشىماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ چىققان. نەتىجىدە، خاراكتېردىكى ئوخشىماسلىقنىڭ پەقەت 0.3% قان تىپىدىكى ئوخشىماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىققان بولۇپ، 99.7% ئەھۋالدا قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى خۇلاسىلەنگەن. يەنە بىر پارچە 1964-يىلى «ئامېرىكا ئىنسان گېنتىكىسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە  (http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC1932327/?page=2) 581 نەپەر ئوتتۇرىچە يېشى 14 تاش بولغان ئىتالىيان ياكى ئامېرىكىلىق ئىتالىيان ئوغۇل ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى سوئال-جاۋابلىق قەغەزچە تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن نەتىجىدىن قارىغاندا، خاراكتېردىكى كۈچلۈك-ئاجىزلىقتىن ئىبارەت بىر تۈرقان تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىققان. ئەمما شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، 2014-يىلدىكى ماقالىنىڭ نەتىجىسى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك (ئەۋرىشكە سانى 20 ھەسسىدەك كۆپ). باشقا يەنە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەردىمۇ ئوخشاشلا قان تىپى بىلەن خاراكتېر مۇناسىۋەتسىز بولۇپ چىققان.

قىززىق يېرى شۇكى، ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى كۆپ قېتىملاپ قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، قان تىپىغا ئاساسەن كىشىلەرنى باھالىماسلىقنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ياپونىيىلىكلەر ئىچىدە قان تىپى بىلەن خاراكتېرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئەڭ كۆپكەن. ياپونىيەدە قان تىپىغا ئاساسەن خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغان ئىشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ «قان تىپى خوراپاتلىقى» ئېغىر دۆلەت دېسە ئارتۇق كەتمىگۈدەك. تېخى 2011-يىلى ياپونىيە قايتا قۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى قوپال سۆزلەپ قويۇپ خەلىقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ۋە ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ قان تىپىنىڭ B تىپلىق بولغاچقا مىجەزىنىڭ سەل چۇس ئىكەنلىكى ئەمما نىيىتىنىڭ ئەسلى توغرا بولسىمۇ سۆزنى توغرا ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغان (http://www.bbc.com/news/magazine-20170787). بۇ خوراپاتلىق ياپونىيەدىن باشقا يەنە كورىيە، جۇڭگو... قاتارلىق بىر قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە يېزىلغان كىتاپلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ياپونىيەدەك بىر ئىلمىيلىكى كۈچلۈك دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بۇنداق خوراپىي قاراشلاردا بولۇشى ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىلمىي پاكىتقا قارشى چىقىپ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قاراشنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى سۆزلەپ ئولتۇرماي. ئەمدى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئىلمىي پاكىتلىق قاراشقا قانداق قارايدۇ، بۇ ماڭا نامەلۇم. ھېچبولمىغاندا، بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىش بولسا، كىشىلەرنىڭ ئىلمىيلىك ھەققىدە چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا قىلچىلىك بولسىمۇ پايدىسى بولغان بولسا بۇ يازمامنى غەلبىلىك دېيىشكە بولىدۇ. تەۋسىيەم قان ۋە قان تىپى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلار ماۋۇ ماقالەمنى بىر ئوقۇپ قويۇڭلار: (bilgejan) قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە

تامام.

بىلگەجان

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:47:10

…داۋامى بار

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 12:12:49

سىزگە خەيرلىك  كەچ بوپتۇ. داۋامنى بىزگە خەيرلىك كەچ بولغاندا يازىدىكەنسىزدە.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 13:29:49

قېنى داۋامىنى ئۇقۇپ باقىلى  توغرا بىلەت تاشلىدۇقمۇ يوق

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 13:32:27

مەن بېلەت تاشلايدىغان يەرنى تاپالمىدىم، ئىشقىلىپ مەن «قان بىلەن خۇي-مىجەزنىڭ مۇناسىۋىتى بار» دەپ قارايمەن ئۆزەمچە.... «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار» دىگەن گەپنىڭ بولسىمۇ يۈزىنى قىلمىسام بولماس :lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 13:57:23

ئىشقىلىپ مەن ئۇتقان ئاز سانلىقنىڭ بىرى
مۇناسىۋىتى قەتئى يوق
شەرقى ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانىسى،زامانىۋى خۇراپاتلىرى،قۇرۇپ كەتسۇن مۆچەل، يۇلتۇز تۈركۈمى ، قان تىپى بىلەن خاراكتېر مۇناسىۋەتلىك دەيدىغان ئەخلەت گەپلەر…
بىلگەجان مۇناسىۋىتى بار دىسىمۇ ئىشەنمەيمەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 14:00:05

ئاز تولا مەكتەپ يېنىدىن ئۆتۈپ باققان،بىئولوگىيە دىگەن نەرسىنى كۆرۈپ باققان تورداشلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەخلەت گەپكە ئىشىنىشى مېنى ھەيران قالدۇردى

19941010 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 14:44:20

مەن ھەقىقىسىنى بىلىشكە قىززىقىمەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 15:06:26

قېنى كۈتىمىز ...

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 15:53:41

ما تېما خېلى نەپ تېگىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەنمۇ مۇشۇ توغرىسدىكى يازمىلارغا قىزىقىتىم.قېنى بىر تۇلۇق ئوقۇپ باقاي.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:03:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 16:05  

ئەگەرbilgejan  ئېنىق قىلىپ تۇرۇپ، ئىلىمي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرسىمۇ، قايىل بولمايدىغانلار چىقارسىلەرما؟ ئۇنداق بولسا  قايىل بولمايدىغانلارمۇ كۆزۈڭلارنى يۇمۇپلا «ئۇنداق ئەمەس» دەپ تۇرىۋالماي، سىلەرنىڭمۇ پاكىت بىلەن داۋلى كۆرسىتىپ رەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆك ئامۇت، نەشپۈت ئامۇت، قوتور ئامۇت، نوگاي ئامۇت ھەممىسى بىر ئامۇت تۇرۇپ تەبىئىتى ئوخشىمايدۇ-يۇ، ھاياتلىقنىڭ بىردىنبىر ئىنىرگىيە مەنبەسى بولغان قاننىڭ تىپى بىلەن مىجەز- خاراكتىرنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دېسە....

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:49:16

مەن قان تىپى، مۆچەل، يۇلتۇز تۈركۈمى دىگەنلەرگە %100 ئىشىنىدىغىنى،  نىمىشقا ئىشىنىسەن دەپ سورىسىڭىز بېشىمدىن ئۆتكەن تەجرىبەمگە ئاساسەن ئىشىنىمەن.

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:21:15

مەنمۇ مۇناسىۋىتى يۇق دەپ.بىلەت تاشلىغان.  لىكىن ،كۆپ سانلىقلا  مۇناسىۋىتى بار،دەپ قارايدىكەن ئەمەسما..

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:37:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 17:40  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 14:00 static/image/common/back.gif
ئاز تولا مەكتەپ يېنىدىن ئۆتۈپ باققان،بىئولوگىيە دىگەن ...

مۆچەل ، يۇلتۇز تۈركۈمى دېگەنلەرنى  شەرقىي ئاسيالىقلار بېرىۋەتمىسەكمۇ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توردىن ئىزدىسىڭىز كېلىش مەنبەسى ھەققىسىدە  بىر نەرسە چىقىپ قېلىشى  مۇمكىن ، خۇراپىيلىق مەسىلىسىگە كەلسەك پەن -تېخنىكا چۈشەندۈرەلمەيدىغان «خۇراپىيلىق» لار نۇرغۇن ، مەسىلەن سۆگەلنى ئايغا كۆچۈرۈپ داۋالاش، جىن چاپلىشىپ قالسا ئوقۇتۇش دېگەندەك ، بۇلارغا پەقەت ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىشىنىپ تۇرىۋاتىمىز ھازىرغىچە ،يەنە كېلىپ پەن -تېخنىكىنىڭ چېكى يوق ، توختىماي يېڭىلىقلار، تېخىمۇ ئىنچىكە ھالقىلار  بايقىلىپ بۇرۇن مۇتلەق توغرا دېگەن قاراشلار ئىنكار قىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ، بىلگەجاننىڭ جاۋابىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ تەس ئەمەس، لېكىن مەن يەنىلا ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى مۆچەل ، يۇلتۇز تۈركۈمى ، قان تىپى ، سىرتقى مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ دەپ قارىغۇچىلاردىن :)

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:38:58

ئۆزەمىنىڭ راست . ئىسپاتلىسىمۇ ئىسپاتلىمىسىمۇ بەرىبىر - ئارىستوتىلمۇ بۇنداق دەپ باقمىغان ، گالىلىيمۇ شۇنداق ....

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:53:16

ئاقسىلغا ساخارىدلارنىڭ قوشۇلۇش قوشۇلماسلىقى بىلەن قان سۇيۇقلىقىنىڭ زىچلىقى،يۈزىنىڭ كېرىلىشچانلىقى،يپىشقاقلىقى، پ خ قىممىتى.......... قاتارلىق سۇيۇقلۇقلاردا بولىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىمايدىغان بولىدۇ.بۇ پەرىقلەردىن ئىنسانلارنىڭ ئىستىمال قىلىنغان يىمەكلىكتىن سۈمۈرەلەيدىغان  ئوزۇقلۇقنىڭ شەكلى ۋە دەرىجىسىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ.سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى ياخشى بەرگەن ئۈسۈملۈك ياخشى ئۆسۈپ،شارائىتى ناچار بولغىنى ئاجىز بولغانغا ئوخشاش،ئادەمدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرىنىشى پۈتۈنلەي ئەقىلگە مۇۋاپىق.شۇڭا ھەر خىل قان سېستىمىسىدىكىلەرنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ دىگەنگە مەن ئىشقىلىپ ئىشەنمەيمەن:lol

ھىم
ئالدىنقى كۈنى بىر پىروگىرامما كۆرگەن ئىدىم.پىروگىرامىدا قايسى خىل قان تىپىدىكىلەرنى پاشا كۆپرەك چاقىدۇ دىگەننى تەجرىبە قىلغان نەتىجىسى ئو قان تىپىدىكىلەرنى بەكرەك چاقىدىكەن.پاشىنىڭ تولا چېقىشى ئەڭ ئاددى بولغاندا كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇپ ئاسان ئاچچىقى كىلىدىغان بولۇپ قېلىشىغا ،ئېغىر بولغاندا دېنگۇ ئىسسىقلىقى دىگەندەك يۇقۇملۇق كىسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ سىرتقا چىقىشتىنمۇ قورقىدىغان ئىچكى مىجەز بولۇپ قېلىشىغا  سەۋەپچى بولىشى مومكىن.بۇ پەقەت پاشىنىڭلا مىسالى.بۇندىن باشقا يەنە ھەرخىل ئامىللار بولىشى مومكىن.
شۇڭا پۈتۈنلەيلا ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق دەپ كىسىپ ئېيتىۋېتىشنىڭمۇ ئورنى يوق:lol

يەنە بىر گەپ
سەن ئەيسا دەيدىغان بىر قىسقا فىلىم بولىدىغان.
ئەيسا ئەيسا دەۋەرسە ئەيسا بولىدىغان ئىشقا ئوخشاش شەرقى ئاسىيادا بۇ قەدەر ئۇمۇملاشقان قان تىپىغا قاراپ مىجەزگە ھۈكۈم قىلىش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە تەسىر قىلىشىمۇ تامامەن مومكىن،يەنى ئەسلى پاشا تولا چېقىپ جىلىخور بولۇپ قالىدىغان ئو قان تىپىدىكىلەر پاشىنىڭ تەسىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ جىلىخور دەپلا قارالغىنىدا شىمالى قۇتۇپتا ياشايدىغان ئو قان تىپلىق ئېسكىموسمۇ جىلىخور بوپ چوڭ بولىشى مومكىن:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:53:39

مەن ئەلۋەتتە يەنىلا مۇناسىۋىتى يوق تەرەپدارى:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 17:55:33

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 13:57 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ مەن ئۇتقان ئاز سانلىقنىڭ بىرى
مۇناسىۋىتى قەت ...

بۇنداق كىسىپ دەۋەتمىگۈلۈك:lol
بولمىسا كەسمەيدىغان يەرلىرىنى بۇسۇققا قويۇپ چانايدىغان ئىش چىقىدۇ:lol

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 18:18:49


ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،مېنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىزبىر سوئالىم بارئىدى,مۇشۇئىمزا دېگەننى قانداق قويغىلى بولىدۇ؟!‹‹ئمزا دەيدىغۇ دەيمەن،ھېلىقى شەھلاخاننىڭكىدەك ‹ئۆسەر يەرنىڭ بالىلىرى...›دېگەننى》:ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر سۆزنى تاللاپ قويىۋالاي دېگەن ئىدىم,ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار!!

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 18:18:51


ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،مېنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىزبىر سوئالىم بارئىدى,مۇشۇئىمزا دېگەننى قانداق قويغىلى بولىدۇ؟!‹‹ئمزا دەيدىغۇ دەيمەن،ھېلىقى شەھلاخاننىڭكىدەك ‹ئۆسەر يەرنىڭ بالىلىرى...›دېگەننى》:ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر سۆزنى تاللاپ قويىۋالاي دېگەن ئىدىم,ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار!!
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: (bilgejan) «قان تىپىڭىز نېمە» نىڭ جاۋابى