NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:23:48

8-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NURI24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 11:08  

8-دىكابىر ئاسىيا بازىرى دوللار كۆرسەتكۈچى 89.38 ئەتراپىدا، ئالدىنقى جۇمە كۈنى دوللار چوڭ ئۆسۈپ بازار يېپىلدى. خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1190 ئەتراپىدا، ئالدىنقى ھەپتىدىكى چوڭ بازاردىن كىيىن بۇ ھەپتىدە بازار سەل كىچىكرەك بۇلىشى مومكىن.


بۇ ھەپتىدە ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجنىڭ سۆزى، گىرمانىيە مال باھا كۆرسەتكۈچى، ئامرىكا پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى، ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ. ئالدىنقى ھەپتىدىكى چوڭ بازارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھەپتىدە بازار كىچىكرەك بۇلىشى مومكىن، بۈگۈن ئامرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ كۆرسەتكۈچى ئامرىكىنىڭ 19 ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچىدىن بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان يېڭى كۆرسەتكۈچى بۇلۇپ، تېخىمۇ ئوموملاشتۇرغان، تېخىمۇ قاراتمىلىقى كۈچلۈك ھالدا ئەمگەك بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر بۇ ئۇچۇر ناچار چىقىپ قالسا ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بۇلىشى مومكىن.
ئىقتىساد سالونىمىز يەنە ئەسلىگە كەلدى، بۈگۈندىن باشلاپ يەنە سىلەرگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيمىز، ناۋادا پايدىلانغان بولسىڭىز باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، رەھمەت.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى تەھلىل
1197ئەتراپىدىن چۈشۈشكە،زىيان 1202، نىشان 1192~1187
1185ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1180،نىشان1190~1195
1210ئەتراپىدىن چۈشۈشكە،زىيان 1215، نىشان 1205~1200
1170ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1165،نىشان1175~1180

بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  235   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.21  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 8-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى