ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 09:38:42

دەرەخ سايىسى (پاراسەت ھېكمەتلىرى)

دەرەخ سايىسى (پاراسەت ھېكمەتلىرى)

ئۇستاز بىلەن شاگىرتلىرى بىلەن ئورمانلىقتىن ئۆتۈك كېتىۋېتىپ، نەچچە يۈز ياغاچچىنىڭ چوڭ بىر ساراي سېلىش ئۈچۈن ياغاچ كېسىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئورمانلىقتىكى ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەت بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنى نېمىشقا ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەتلا بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ياغاچچىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
-نېمىشقا بۇ دەرەخنى كەسمىدىڭلار؟- دەپ سوراپتۇ شاگىرتلاردىن بىرى ياغاچچىلاردىن.
-بۇ دەرەخنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى بۇ دەرەخنى ھېچنىمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ دەرەخنىڭ شېخىنىڭ ھەممىسىدە مۇنەك بار، بىرمۇ تۈز شېخى يوق، شۇڭا بۇ شاخلارنى تۈۋرۈك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ؛ بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگەندە چىققان ئىش زەھەرلىك، بۇ دەرەخنىڭ قەتئىيلا كېرىكى يوق،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ياغاچچى.
شاگىرتلار قايتىپ بېرىپ ئۇستازىغا بۇ دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە :«سىلەر دەل مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇڭلار ، ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، چوقۇم مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇشۇڭلار كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا باشقىلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر بۇ دەرەخنىڭ شېخى تۈز بولغان بولسا، ئاللىبۇرۇن كېسىلىپ ئۆي جاھازلىرى ياسىلىپ بولغان بولاتتى؛ ئەگەر بۇ دەرەخ شېخى غەيرىي، چىرايلىق بولغان بولسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىلگەن بولاتتى، پەقەت مۇشۇ دەرەخ شېخىغا ئوخشاش قەتئىيلا كېرەكسىز بولغاندىلا، ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمايدۇ».
شاگىرتلار ئۇستازىنىڭ گېپىدىن ئەجەپلىنىپ: «ئۇنداقتا بىز جەمئىيەتكە تۆھپە قوشمىغان بولمامدۇق؟» دەپ سوراپتۇ.
-«ئەجەبا تۆھپە قوشۇشتا پەقەتلا تەسەۋۋۇرغا تايانسىلا بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ دەرەخ ناھايىتى ئېگىز، چوڭ ئۆسسە نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايىدىيالايدۇ ئەمەسمۇ؟»
كىيىن بۇ دەرەخ بارغانسېرى چوڭلاپتۇ، بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا سايىداپتۇ.
(«پاراسەت ھېكمەتلىرى»دىن، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:01:17

ئۆي جاھازىللىرىمۇ ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغۇ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:03:41

。خەنسۇچىدا شۇنداقراق بىر تەمسىل بار ( ئادەم داڭ چىقىرىشتىن قورقىدۇ، چوشقا سەمرىشتىن) 人怕出名,猪怕肥
پايدىلىق ھىكمەت ئىكەن، بەك تۈز بولمىدىڭ دەپ تېرەكلەردىن ئاغرىنمىغۇلۇق، گۈزەللىكتىن پەقەت ئۇنى ئاسراشنى بىلگەن كىشىلەرنىڭلا ھوزۇرلىنىش ھوقۇقى بار.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 08:23:28

  تېتىقسىز سەپسەتە..................
  « ئۈلۈمدىن قورقۇپ ، ئۈلەرمەنلەرچە ياشاش.........» دەل مۇشۇنداق بولسا كىرەك .

arman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 09:47:31

ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالمىغانلاردىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 14:43:42

{:87:}

baytiken يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 15:54:52

بىر نىملەرنى دەپ ئۆزىنىڭ گىپىنى راسىت قىلىش پەلسەپىسى ئىكەن

ARGINA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:08:31

ئۇ دەرەخنىڭ مونەكلىرى ئىنساندىكى نەمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ؟ ئەگىربۈگۈرلە چۇ  ؟
بەت: [1]
: دەرەخ سايىسى (پاراسەت ھېكمەتلىرى)