ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 09:35:32

بىر رەسىمنىڭ تەقدىرى

بىر رەسىمنىڭ تەقدىرى
(مۇنارجان تەرجىمىسى)
  بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىدىيىگە ئىگە بولۇشى شۇ ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالىنى ئەكىش ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنى كەڭ دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئادەم ئىدىيىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. خۇددى ئىنسانلار ئەسلىدىنلا ھايۋانلاردىن ئۈستۈن تۇرغاندەك. ئىنسانلار ئىدىيىنىڭ كۈچى بىلەن كائىناتنى ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى چۈشىنىدۇ، قاتارلىقلار. ئىنسانلار ئىدىيىگە تەشنا، بىلىم ۋە بىلىمنىڭ قەدىر-قىممىتىگە تەشنا.
بىز ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ ھوقوق ۋە ئىمتىيازىغا سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك ئۆلمەس قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى سانسىزلىغان ئوردا، ئىبادەتخانا، قورغان شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ، توپىسى كۆككە سورۇلۇپ بولدى، لېكىن ھومېرنىڭ داستانلىرى ھەر-بىر سۆز جۈملىلىرىگىچە كىشىلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتمامدۇ؟ بىز سىرۇس، ئالېكساندىر، كائېسارلارنىڭ مۇبارەك چىرايىنى كۆرەلمەيمىز. ئاشۇ پادىشاھ ۋە ئۇلۇغ شەخىسلەرنىڭ مۇبارەك چىرايىنىمۇ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن كۆرەلەيمىز. چۈنكى ئۇلار مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇلارنىڭ مۇبارەك چىرايىنىڭ تەقلىدىي سىزمىسى پەقەت ئۇلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىگە نۇقسان يەتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. لېكىن، ئىدىيە، ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ ئوبرازى كىتابلار ئىچىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇلارنى چىرىتىۋېتەلمەيدۇ، تېخى ئۇنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يەنىلا تولۇق ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئۇنىڭ ئۇرۇقلىرى ئىنسانلار قەلبىگە چېچىلغان، بىزنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى بارلىق ھەرىكەت ۋە ئىدىيىمىزگە ئىلھام بەخىش ئىتىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
دەل شۇنداق بولغاچقا، بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئىش-ھەرىكىتىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى ياكى قورساق تويسىلا ھىچنېمە بىلەن كارى بولماسلىقى مېنى ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا،«گارسىياغا ئەۋەتىلگەن خەت»نى يېزىشىمدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى مۇشۇ.
مەن مۇنداق قارايمەن، خېلى كۆپ ساندىكى شەھەر ئاھالىلىرى شەخسىيەتچىلىكتىن، چىرىكلىكتىن قۇتۇلۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ھەقىقىي بىلىم بولماسلىق، قىزغىنلىق كەمچىل بولۇش ۋە راستچىل بولماسلىق ھالىتىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك؛ يەنە ئاشۇ ئاتالمىش«ئەركىنلىك» مۇ بار- بۇ بەزى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر خىل ئەھۋال، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى قاتمال، ئۆزلىرىنى ئەركىنلىك دەرىجىسىگە يەتتۇق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەقەت ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشقىلار نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى يوق. ئۇلار ماددىي، ئىجتىمائىي ۋە ئۆرپ-ئادەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، مەۋجۇتلۇق، پەلسەپە ۋە دىن مەسىلىلىرى ئۈستىدە قىلچە ئويلانمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ۋە چەكلىمىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن، كىشىلەر ھاياتىنىڭ ئەسلىي مەنىسى ۋە ماھىيىتىنى بىلمەيۋاتىدۇ. بۇ خوشاللىنىشقا ئەرزىيدىغان ئىشمۇ ياكى ئېچىنىشقا تېگىشلىك ئىشمۇ، بۇ تەرىپىنى مەن بىلەلمىدىم.
بۇرۇنقى زاماندا بىر رەسىم ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالمىغانىكەن. كېيىن ئۇ چۆرىسىگە ياقۇت تۇتۇلغان رامكىغا ئېلىنغاندىن كېيىنلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپتۇ. كىشىلەر بۇ رەسىمگە سەپسېلىپ قاراپ شۇنداق ھۆكۈم قىپتۇ:«مۇنداق قىممەتلىك رامكا ئىشلەتكەن ئىكەن، بۇ چۇقۇم داڭلىق رەسىم» بۇ ھۆكۈم ئورۇنلۇق دەپ قارىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، كەسپ ئىگىلىرى بۇنى ئىسپاتلىماقچى بوپتۇ. كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ پىكىرى بىر يەردىن چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ئاساس بولۇپ قالغان: ئەگەر ئۇ داڭلىق رەسىم بولمىسا، مۇتەخەسسىسلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنى تەتقىق قىلىدۇ؟ بۇ رەسىمگە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ باھا بېرىپ بېقىشى ئۈچۈن، رەسىم ئاخىر كۆرگەزمىمۇ قىلىنىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇمۇ بىر ئاساس بولۇپ قاپتۇ: ئۇ داڭلىق رەسىم بولمىسا، نېمە ئۈچۈن كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن، بۇ رەسىمنىڭ شۆھرىتى ئېشىپ، داڭقى كەڭ تارقىلىپتۇ. بۇ رەسىمنىڭ بىباھا تەۋەرۈك ئىكەنلىكىگە تاماشىبىنلار ئاپىرىن ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىرەيلەن رامكىنىڭ چۆرسىگە تۇتۇلغان ياقۇتلارنىڭ ساختىلىقىنى بايقاپ قاپتۇ. بۇ خەۋەر تېزلە ھەممە يەرگە تارقىلىپ، قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى مۇنداق خۇلاسىگە كەپتۇ: بۇ رەسىم چۇقۇم ساختا بولمىسا، ساختا ياقۇت تۇتۇلغان رامكىغا ئېلىنمىغان بولاتتى.
رەسىم ئەتراپىغا ھەرىدەك ئولاشقان كىشىلەر تارقىلىپ كەتتى. بۇ رەسىمنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى يىشىلمەس سىر بولۇپ قالدى.
مېنىڭ بۇ رەسىمنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش نىيىتىم يوق، لېكىن بۇنىڭدىن شۇنى بايقىدىمكى، قارغۇلارچە ھۆكۈم قىلىش ئۆتكۈر كۆزلەرنىمۇ توسۇپ قويىدىكەن، رەسىمنىڭ راست-يالغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر بۇنىڭ ئوبدان مىسالى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسى ئارقىلىق ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقىشىمىز كېرەك، بولمىسا ھەقىقەتەن بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ozyol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:21:04

قارغۇلارچە ھۆكۈم قىلىش ئۆتكۈر كۆزلەرنىمۇ توسۇپ قويىدىكەن    بۇ ناھايىتى توغرا ئيتلىغان سۆز جۇمۇ {:112:}

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:06:07

توغرا مەن ئۆتكۈر كۆزلەرنى كۆرمىگىنىمگە نە زامانلار بولدى،پەقەت قارىغۇلارچە ھۆكۈمنى كۆرىۋاتىمەن.
بەت: [1]
: بىر رەسىمنىڭ تەقدىرى