بىر پارچە لىرىكا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 22:40بىر پارچە لىرىكا
(باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنىغا بېغىشلايمەن)
گەر سۆيگۈ شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسىمۇ،
ئەرزىمەس قىلچىلىك كۆز-ياش تۆكۈشكە.
سەن مەغرۇر ياشاشقا ئادەتلەنگەنغۇ!؟
مەن كەيىپ-ساپادا خۇشال يۈرۈشكە.
ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى، ئۇنتۇش- بىر بەخىت،
ئۇنتۇپ كەت شۇ مىسكىن ئىسمىمنى ھەتتا.
قالماسمىز ئەمدى بىز بەلكىم ئۇچرىشىپ،
ئاھ، بۇ تار، زۇلمەتلىك، بەتتام ھاياتتا.
مەيلىلا، قولۇڭنى تۇتسۇن باشقىلار،
مەيلىلا، كىم سۆيسە سۆيسۇن لېۋىڭگە.
خوشلاشتىم ئاخىرى چىداپ-چىدىماي،
مەن قالدىم بۇ يەردە يەككە-يىگانە.
ئاشۇ باشقا ئادەم بىر كۈنى تېرەڭنى بىر تەتۈر سويىدۇ ................. Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 11:59 static/image/common/back.gif
ئاشۇ باشقا ئادەم بىر كۈنى تېرەڭنى بىر تەتۈر سويىدۇ ....... ...
:lol بۇ ئۈزۈم تېخى پىشماپتۇ...دەپ ئۆزىنى گوللىغان تۈلكە ھەققىدىكى مەسەل ئىسىمگە كەپ قالدا:lol :lol « مەيلى » دەپ خوشلاشقان بولسىڭىز خەقنىڭ خوتۇنىنى ئويلاۋەرمەڭ ، بولمىسا كاللىدىن كىتىپ قالىسىز .
ھېلىمىغۇ ئاز قاپسىز . ما جەسەتنىڭ مۇندا شېئىر يازالايدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن
خەخنىڭ خوتۇنى ياشايدۇ مەغرۇر،
كۆز ئالدىڭدا ،ھەتتاكىچىىدە.
كارۋىتىڭنىڭ يىرىمى سۇنغان،
يىرىمىدا چىرىگەن جەسەت.
قىينغاچقا ئۇنى دەرىت ھەسەت،
ساچىن يۇلۇپ يىغلار ئېچىدە.
ئەسەپلىرى تامام بۇزۇلغان.
تەسەللي بىرەلمەس ئۇنىڭغا،
ئەڭ شاللاق سىرىق رەسممۇ.
سۇرۇش ئمكايىتى بولغان بارلىق خىياللار
خەخنىڭ خوتۇنىغا چەكسىز سوزۇلغان،
:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol
Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 11:59 static/image/common/back.gif
ئاشۇ باشقا ئادەم بىر كۈنى تېرەڭنى بىر تەتۈر سويىدۇ ....... ...
ھاھاھاھا نېمىشقا ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا بېغىشلىمايدۇ؟ ئۆزىنىڭ بەتبەشىرە، باشقىلارنىڭ باشقابىينىمە كۆرىنىدىغان ئوخشىمامدۇ جەسەتكە. بىر ئاۋاز يانار..
ئاتۇش بازىرىدىكى بىر يايمىدا جەسىتىم ياتار.
قايغۇ شاخلىرى مىڭ قۇچاق،
غېرىپلىقىم قاتار-قاتار begir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-08 16:50:16 static/image/common/back.gif
قاي كېچىلەر ئۇيقۇسىز بەلكىم ...
تىرىك مۇردىنى چۇل
‹ئىھ! خەقنىڭ خوتۇنى! خەقنىڭ خوتۇنى! شېئىر يىزىلماس پەقەتلا سەنسىز.› ماۋۇ ئىككى مىسرا قالتىس شېئىر بوپتۇ. ئۈچىنچى كۇپلىتنىڭ 1-2-مىسراسىنى ئۇنچىۋالا گەپلەر بىلەن ئىپادىلىمىسىڭىزمۇ بولاتتى. بىر ياخشى شىئېر ئىكەن.
ما ئىش بولماپتۇ، جەسەت باشقىلارنىڭ ئاشۇ خۇتىنىنى ئۇنتىپ كەتتى دېگەن گەپ، جەسەتنىڭ شېئىر چىقىدىغان پۈتمەس بۇلىقى قۇرىدى دېگەن گەپ……بەل قۇيۇۋېتىپ ياخشى قىلماپتۇ ،ئەسلى ئۆلۈپ جەسەت بولغۇچە توختىماي ھەسرەت چېكىشى كېرەك ئىدى:lol
بەت:
[1]