2014-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى لىكسىيەلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 21:412014-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى لىكسىيەلىرىنى نەق مەيداندىن ئاڭلاڭ
نوبېل ھەپتىسى دەپ ئاتالغان بۇ بىر ھەپتە تۈنۈگۈن شىۋېتسىيەدە باشلىنىپ كەتتى. دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئىلمىي مۇكاپات بولغان نوبېل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان شېۋىتسىيە ئالىمى ئەلفىرەد نوبېل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغاچقا، نوبېل مۇكاپاتى ھەر يىلى دېگۈدەك 10-ئاينىڭ ئىككىنچىسى ھەپتىسى ئالدى-كەينىدە ئېلان قىلىنىپ، نەق 12-ئاينىڭ 10-كۈنى شىۋىتسىيە خان جەمەتى تەرىپىدىن تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىر ھەپتىگە سوزۇلىدىغان نوبېل ھەپتىلىكى جەريانىدا كۆپ خىل ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىىي پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ (تەپسىلاتى بۇ يەردە: http://www.nobelprize.org/events/calendar/2014-official-nobel-week-program.html)، شېۋىتسىيە پادىشاھى ۋە خانىشى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىغان ھەشەمەتلىك نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىن قالسا، ھەر قايسى پەنلەر بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر سۆزلەيدىغان نوبېل لىكسىيەلىرى ئەڭ دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىسا كېرەك. بۈگۈن نوبېل مۇكاپاتلىرى ئىچىدىكى نوبېل مېدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى ساھىبلىرى (3 نەپەر ئالىم) ئاللىقاچان لىكسىيەنى سۆزلەپ بولدى، يەنە بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى لىكسىيە سۆزلەش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ لىكسىيەلەرگە قىزىقىدىغانلار تۆۋەندىكى نوبېل مۇكاپاتى ئورگان تورىدىن بارلىق لىكسىيەلەرنى نەق مەيداندىن ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئەسلى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا ۋاقتىم يەتكەن بولسا بۇ لىكسىيەلەر ئىچىدىكى كۈچۈم يېتىدىغانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئاندىن يوللاي دەپمۇ ئويلاشقان، ئەمما يىل ئاخىرىدىكى ئالدىراشچىلقتا بۇنىڭغا ۋاقتىم يار بەرمىگۈدەك. ھەر ھالدا قىزىققان دوستلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئۇلىنىشىنى قالدۇراي دېدىم:
2014-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى لىكسىيەلىرى
http://www.nobelprize.org/nobel_organizations/nobelmedia/channels/widget/live.html
تۆۋەندىكىسى بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر:
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى چارشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، پات ئارىدا ئۇلىنىشىنى قالدۇرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 22:19
ئۈچ خېمىيەچى :
ئېرىك بەتزىگ - ئامېرىكا
سېتىفان.ۋ.ھېل - گېرمانىيە
ۋىليام.ئې . مورنېر - ئامېرىكا
بۇ ئۈچەيلەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلۇئورىسسىنىيەلىك مىكروسكوپىيە تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 21:54
iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 21:45 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئۈچ فىزىكىچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن
ئۈچ خېم ...
فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى (ئۈچىلىسى يايون)نىڭ سۈرەتلىرى مانا:
ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئەسلى سۈرىتى مانا:
ئۈچ فىزىكىچى:
ئىسامۇ ئاكاساكى
ھىروشى ئامانو
شۇجى ناكامۇرا
بۇ ئۈچەيلەن ھەممىسى ياپونىيەدىن ، بۇ ئۈچ ياپون ئالىمى كۈچلۈك كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق تارقىتىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا تەتقىقاتىدا بۆسۈش ياراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 22:36
ئۈچ نوبېل فىزىئولوگىيە - مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى :
جون ئو كىف John O'Keefe- ئامېرىكا
مېي-بىرىت موزىر( ئايال ) - نورۋېگىيە
ئېدۋارد .ئى . موزىر - نورۋېگىيە
بۇ ئۈچ ئالىم چوڭ مېڭە ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە - مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى :
پاترىك مودىئانو - فىرانسىيە
تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئەڭ سىرلىق ئىنسان ھاياتى تەقدىرىنىڭ ئەسلىمىسىنى ئويغاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى بىلگەجاننى قاچانمۇ كۆرەرمىز مۇشۇ قاتاردا :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 22:52
iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 22:47 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننى قاچانمۇ كۆرەرمىز مۇشۇ قاتاردا
يۈزمىڭ ئاش پىشىقى بارمىكى (ئەگەر ئاش پىشىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا)... ئەدەمنى خىجىل قىممىسىلا ئۇندا. :lol
نوبېل مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى
ئالالمايسەن دەپ ئارتۇقچە كۆرەڭلەپ كەتمە
بىلگەجانغا شاگىرتلىققا ئاتاپ قويدۇم قىزىمنى
قىزىممۇ گەر ئالالماس بولسا سېنى
يەنە ئاتىدىم تۇغۇلماقچى بولغان ئىككىنچىسىنى:lol 12 يىل ساقلىساق بولغۇدەك ئۇنداق بولسا.:lol iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 23:04 static/image/common/back.gif
نوبېل مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە
ئالدىڭدا قىزىرىشت ...
:lol :lol :lol كۆڭلىمىزنى مۇشۇنداق بەزلەپ بولسىمۇ تۇرايلى ئەمدى... ئەمما شۆھرەتكام ئۆچرەتكە تىزىلىپ بولدى مەنچە. نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى :
جېئان تىرول _ فىرانسىيە
بازارنىڭ كۈچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىلىق ئانالىزى ئۈچۈن بۇ يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشتى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى :
مالالا يۈسۈپزاي - پاكىستانلىق 17 ياشلىق ئۆسمۈر قىز.
ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ قىزلار مەكتەپتە ئوقۇشقا بولمايدۇ دىگەن بۇيرۇقىغا تالىباننىڭ قىرغىنچىلىقى ،تەھدىتى،قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىگە قارىماي قارشى چىققان .
Kailash Satyarthi كايلاش ساتياردى - ھىندىستان
ھىندىستان ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ۋە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتچىسى
بۇ ئىككەيلەن يۇقىرىقى پائالىيەتلىرى بىلەن بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىزدىنمۇ نوبىل ساھىبلىرى چىققاننى ئۇزۇنغا قالماي كۆرەرمىز سالامەت بولساق:) bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 23:10 static/image/common/back.gif
كۆڭلىمىزنى مۇشۇنداق بەزلەپ بولسىمۇ تۇرايلى ئ ...
بىر ئاش پىشىمنى بىرەر سائەت دەپ قارىسام 12 يىلدەك بولغۇدەك. bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 22:51 static/image/common/back.gif
يۈزمىڭ ئاش پىشىقى بارمىكى (ئەگەر ئاش پىشىقى بىلەن مۇن ...
ئاللاھ تائالا نىسىپ قىلسا ئالغىلى بارمىسىڭىزمۇ سىزگە ئېلخەت يوللاپ تېلېفون سوقۇپ ئولتاغۇزمايدىغان كۈنلەر كىلىدۇ... فىزىكا ئالىمى سايىپجامال دۆلەت نۇبىل ساھىبى بۇلۇشقا شەرتى تۇشاتتى، ئۆتكەن يىلى ئاڭلىغان خەۋەرلەردە ئۇنىڭ تەتقىتقاتىدا زور بۇسۇش بولغانلىغى فىزىكا ساھەسەدە ئوتتۇز يىلدىن بۇيان تالاش-تارتىش بۇلىۋاتقان بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىغىنىڭ دىيىلىپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 11:28
ئاۋۇ ياپۇنلۇق 3 ئالىمنىڭ بىرى ماۋۇ ئارتىسقا ھەجەپ ئوخشاش كۆرىنىدىكەن
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201412/07/215045glkpfrlxdqfkfr3y.jpg.thumb.jpg bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 22:51 static/image/common/back.gif
يۈزمىڭ ئاش پىشىقى بارمىكى (ئەگەر ئاش پىشىقى بىلەن مۇن ...
:P
قانچە ئاش پىشىم ۋاقتى كەتسىمۇ بىز ھەرۋاقىت سىزگە مەدەت بىرىپ قوللاپ تۇرىمىز ! ھەم ئىلھامىڭىزدىن كۈچ ئېلىپ تېرىشىپ ئۈگىنىمىز . KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:47 static/image/common/back.gif
فىزىكا ئالىمى سايىپجامال دۆلەت نۇبىل ساھىبى بۇلۇشقا ش ...
ئىم ، مەنمۇ ئۇ توغىرلۇق خەۋەر كۆرگەن . ساھىپجامال ھەدىمىز بىر خەلىقئارالىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى . بىلىشىمچە ھازىر ئۇ ئامىرىكىدا بۇ تۇغرىسىدا ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىۋاتىدىغۇ -دەيمەن . فىزىكا ئىلمىي نىسبەتەن چوڭ بۇرۇلۇشقا دۇچ كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . ساھىپجامال ھەدىمىز ئۆز مىتوتى بويىچە بىر داغدام يول ئېچىپ پۈتكۈل فىزىكا ئالىملىرىغا يېڭى بىر يولنى پۈتۈن ئېچىپ بەرگەندە ئۇيغۇرلاردىن چىققان مارىي كىيۇرىنىمۇ كۆرۈپ قالارمىز ! :lol
بەت:
[1]
2