waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:18:43

تەڭرىتاغ كوماندىسى چوڭ پەرىق بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى ئۇتتى


  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون ئالتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  23 نومۇر، 11قېتىم گاردىن قايتقان توپ،  سىباستئان تېلفىرنىڭ  22 نومۇر، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بىرىشتەك ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ باشتىن ئاخىرى ئۈستۈنلۇكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 122-88 نەتىجە بىلەن رەقىبى شەندۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 23 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  22 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 19 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي 14 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك ماقان 9 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 9 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇۋېي  3 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق قارشى تەرەپ مەيدانىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى چوڭ پەرىق بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى ئۇتتى