506 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:51:33

ياردەم قىلساڭلار...

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، جىددى ياردەم سورايمەن . ئاپامنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ، دېئابىت كېسىلى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار . ئىككى ئاي بولدى تاماقتىن قالدى . ھەممە نەرسە ئاغىزىغا تۇزلۇق تېتىيدىكەن. ( ھەر قانداق تاماق ، مېۋە - چىۋە ، ھەتتا سۇ دىن تارتىپ) .... بۇ ، كېسەللەك سەۋەبىدىنمىدۇ ؟ قانداق قىلسام ساقىيا ؟ زادى قانداق قىلسام بولار ، ياردەم قىلساڭلار....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:57:48

تادۇبەگ جىددى ئىنكاس يېزىۋاتىدۇ...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:07:08

  ھەكىملەر تېزرەك باش قاتۇرۇپ باقسا بولغۇدەك!  506تورداش ئانىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى مۆمكىنقەدەر تەپسىلىرەك ۋە ئېنىقراق يازغان بولسىڭىز ھەكىملەرنىڭ دىئاگونوز قويۇشى ۋە ھۆكۈم قىلىشىغا پايدىلىق بولغان بولاتتى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:09:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   106 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 20:14  

ئاپىڭىز زادى نەچچە ياش؟  يۇقۇرى قان بېسىم بىلەن دىئابىت ئاستا خارەكتىرلىك  كېسەل. ئۆزى ئانچە قۇرقۇنۇشلۇق كېسەلمۇ ئەمەس، لېكىن ئەگەشمە كېسىلى يامانراق. تاجىسىمان يۈرەك دىگىنىنى ئاۋۇ يۇقۇرى قان بىسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان بېسىمنى چۈشىرىدىغان ،ئىشتەينى ئاچىدىغان ئاماللارنى قىلىپ بىقىڭلار.
بايىلا تېخى ياش تۇرۇپلا يۇقۇرى قان بېسىىم بولۇپ قالغان نەۋرە ئاچامغا 10بوتۇلكا دولانە山楂مۇرابباسى ئاپىرىپ بەرگەنتىم. تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى.دولانە مۇرابباسى قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. ئىشتەينى ئاچىدۇ. نۇرغۇن ئاشقازان دورىلىرىغا دۇلانەنى سالىدىكەن.

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:46:35

ئاناممۇ ئوخشاش ،يۇقىرى قان بىسىم ،قان تومۇرلار توسۇلۇش دىگەندەك كىسەللىكلەرنىڭ دەردىنى ئۇزۇندىن تارتىۋاتىدۇ،،بولسا بىر مۇشۇ يۇقىرى قان بىسىم كىسەللىكىگە شىپا بولغۇدەك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرغا قويۇپ ئورتاقلاشقان بولساق،،،،،،

506 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 22:05:31

    ئاپام 63 ياشقا كىردى ، دىئابىت ۋە قان بېسىمغا بەش يىلدىن ئاشتى . ئىككى ئايدىن بېرى تاماق يېمەسلىكنىڭ سەۋەبى ، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئازراق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ ، تۇرۇپلا گەپنى ئېنىق قىلالمايدىغان بوپ قالدى . ئاغىزىغا ھەر قانداق نەرسە تۇزلۇق تېتىيدىغان ، كاناينىڭ لېپىلدىكى قاينايدىغان (مەيدىسى قاينىمايدۇ ) بۇلۇپ قالدى .  بۇلتۇر دوختۇر قىلقانتومۇرلار توسۇلۇپ قاپتۇ دىگەن . ئاپام كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىپ بارىدۇ . مەن بىرلا بالا ، مەن ئىشلەپ ئائىلىنى قامدايتتىم ، ئاپامغا قاراپ ئىشلىيەلمىدىم ، شۇڭا ئائىلىدە داۋالايدىغان رېتسىپ بولسا دەپ بەرسەڭلار...... نېمە قىلارىمنى پەقەت بىلەلمىدىم......

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 22:49:55

ۋەئەلەيكۇم سالام ،
ئاپىڭىزنى چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈڭ.
بۆرەك ئىقتىدارى، يۇتقۇنچاقنى ، قاندىكى ئېلىكتىروئىت(电解质)لارنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. تەكشۈرتمىسىڭىز ئېنىق دىئاگنوز يوق ئەھۋالدا ئائىلىدە داۋالايدىغان رېتسىپنى دەپ بەگىلى بولماس

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 00:43:34

506 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-07 22:05:31 static/image/common/back.gif
    ئاپام 63 ياشقا كىردى ، دىئابىت ۋە قان بېسىمغا بەش يىلد
چوڭلارنى داۋالىتىش جەريانىدا يەكۈلەنگەن تەجىربەمنى دەپ باقاي:
گەپنى ئۇچۇق قىلالماسلىق مېڭە قان تۇمۇر تۇسۇلۇشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، چۇقۇم دوختۇخانىداCTغا سېلىپ تەكشۈرەش قىلىش كېرەك، بىر خىل ئۇكۇل بار كۈنىگە ئىككى ۋاق ئۇرىدىغان، چۇقۇم يېرىم سائەتتە چۈشۈپ بولىدىغان، 14كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى. چوڭلارغا ناھايتى ياخشى ئۈنۈم قىلغان.
قان بېسىم دارىسىنى چۇقۇم ئىچىپ قان بېسىمنى كونتىرول قىلمىسا بولمايدۇ، زوكام يوتەل بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك، بولمىسا قاتتىق چۈشكۈرۈش، يوتەل ياكى يىقىلىش سەۋەبىدىن مېڭىگە قان چۈشۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
تەم سەزگۈسىنىڭ قالايمىقان بۇلىشىنى قان تۇمۇرلانىڭ تۇسىلىشىدىن نېرىپلارغا تەسىر قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارن بۇلىشىمۇ مۇمكىن.
بەت: [1]
: ياردەم قىلساڭلار...