[خەتلىك فىلىم] قاپچۇقچاقلار
فىلىم نامى: قاپچۇقچاقلار
ئېنگىلىزچە نامى: The Boxtrolls
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: كارتون فىلىم
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 7.0
رازمىرى: 1920x1080 / 1280x720
چوڭلىقى: 2.5GB / 1.7GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:36:10
رېژىسسور: Graham Annable, Anthony Stacchi
باش روللاردا: Ben Kingsley, Jared Harris, Nick Frost
فىلىم ھەققىدە:
«پىشلاق كۆۋرۈكى» شەھىرى ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى گۈزەل بىر شەھەر بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر بايلىققا، مەرتىۋىگە ۋە پىشلاققا مەپتۇن ئىدى. ھەمدە بۇ شەھەردىكى بىر كوچىنىڭ يەر ئاستىدا بىر توپ «قورقۇنچلۇق» مەخلۇقلار تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى يەر ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرىنى ۋە پىشلاقلىرىنى ئوغرىلاپ كېتەتتى، ئەلۋەتتە بۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە گەپلىرى ئىدى. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر دەپ يۈرگەن ئۇ قورقۇنچلۇق مەخلۇق بولغان «قاپچۇقچاق» لار ئىنتايىن ئوماق ۋە تارتىنچاق جانلىق ئىدى، ئۇلار ئەسكى قەغەز قاپچۇقلارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالاتتى، خۇددى تاشپاقا ئۆزىنىڭ قېپى ئىچىگە تۈگۈلۈپ كىرىۋالغاندەك.
قاپچۇقچاقلار بىر يېتىم بالىنى بېقىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «تۇخۇمەك» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان ئىدى، بۇ ئوغۇل بالا بىلەن يەر ئۈستىدىكى تەۋەككۈلچىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان قىزچاق ۋىننى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. مال دۇنيا ۋە ھوقۇققا ئېرىش كويىدا قالغان «قىزىل بۆك» ئەپەندى قاپچۇقچاقلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق، رەزىل مەخلۇق دەپ يوقىتىۋەتمەكچى بولغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسانلار بىلەن قاپچۇقچاقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىدۇ.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. رەھمەت كۆۋرۈك فىلىملىرىڭلار سۈپەتلىك چىقىۋاتىدۇ، رەھمەت...
كۆرمىگەن كىنولىرىم بولسىمۇ چۈشۈرۈپ ساقلاپ قۇيۇۋاتىمەن.
كۆرۇپ باقاي كۆپ رەھمەت رەھمەت
سۈرئىتىڭلار تېزكەنغۇ ،مەن تىخى ھىچقايسى تىلدىكىنى كۆرمىگەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 21:09
مەنمۇ تېخى ئۇيغۇرچىسى كىلىپ بولغۇچە تۈركچىسىنى كۆرەمەن دەپ تۇرغانتىم
مۇشۇ كارتون ئىشلەيدىغانلار كارتوندىكى ئوبرازلارنى بەك ھەزىللەشتۈرمەي ئادەمگە ئوخشىتىپراق سىزسا بولماسمىكى ، شۇنداق ياخشى كارتونلارنىڭ ئوبرازلېرى بەك سەت ھېچنىمىگە ئوخشىمايدۇ ، مەسىلەن مۇردا كېلىنگە ئوخشاش
مۇنداق ھېلىقى مۇزمەلىكە (مۇزلىغان يۈرەك) ئوخشاش ئۇزراق سىزسا دەيمەن .
ئاخىرىدا كۆۋرۈك تورىغا رەھمەت
تەرجىمەڭلەرنى قالدۇرماي كۆرىۋاتىمەن، رەھمەت. رەھمەت مەنمۇ كارتون فىلىم كۆرۈشكە بەك ئامراق بولسا كۆپرەك تەرجىمە قىلساڭلار ‹‹يەشىك ئالۋاستى››- ئەسلى ئنتايىن ئاق كۆڭۈل ،يەشىكىتىن كىيىم كىۋالدىغان،يەشىك كىيمىدىن ئايرىلىپ قالسا چىداپ تۇرالمايدىغان ، كىچىسى باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلەرنى تىرىپ ئەكىلىپ يەرئاستىدىكى تۇرالغۇسىغا ئەكىردىغان،پەقەت بەزى بىر يامان نىيەتلىك كىشلەر تەرپىدىن ئالۋاستى دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىنغانلىق سەۋەبدىن بارلىق كىشلەر يەشىك ئالۋاستى دەپ تۇنۇلۇپ قېلىنغان بىر خىل مەخلۇقنىڭ ھىكايسىدۇر...شۇڭا يەشىك ئالۋاستى دىگەن خەت قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىندى....قاپچۇق بىلەن يەشىكنىڭ پەرقى مەنچە خېلى چوڭ... ئامرىكا فانتازىيە فىلىملىرىنى كۆپرەك ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلار ياخشى بولاتتى.
بەت:
[1]