facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 12:55:28

كىتاب ئوقۇيلى دەپ قويساققۇ بولا؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   facebook تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 14:44  

كىتاب ئوقۇيلى دەپ قويساققۇ بولا؟


يېقىندىلا ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىنىلغان 2015- يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش چاقىرىقى مېنى خېلى خوش قىلغانىدى. ئاق كۆڭۈل كىشلىرىمىزنىڭ چاقىرىقى بىلەن 86 ئەپەندى يەنە ئۆز پىلانىنى تەپسىلىي قىلىپ ئويلىغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانىدى . مەنمۇ شۇ ھېسابتا بەلنى چىڭ باغلاپ كۆپرەك كىتاب ئوقۇشنى پىلان قىلىۋاتىمەن.

بۈگۈن،2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 7- كۈنى، «ئۇيغۇرلار نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ ؟ »دىگەن بىر تېما پەيدا بولدى ، ھەم تېمىنىڭ بېشى مېنى سەل غەلىتە ئويلارغا سېلىپ قويدى. ئاپتۇر تېمىدا ھەقىقەتەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئويلاپ پىكىر يۈرگۈزگەن ئىدى، كىتاب ئوقۇشنىڭ سەۋەبىنى، ۋە كىشلەرنىڭ نىمىشقا كىتاب ئوقىمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتكەنىدى. لېكىن بەزى يەرلىرىگە مېنىڭ ئوخشىمىغان پىكرىم بولغاچقا بۇ يەردە ئويلىنىپ تەھلىل قىلىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم.

ئاپتور باشتىلا مۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ:
«ئەمما مۇشۇنداق ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر ئىشنى شۇنچىۋالا داغا-دۇغا بىلەن ئوتتۇرغا سۆرەپ چىقىشنىڭ ئېھتىياجى بارمۇ ؟  ئەھمىيىتى بارمۇ ؟  دىگەننى ئويلاش بىلەن بىرگە خەلقىمىز نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب زادى نېمە؟ مۇشۇنداق تەشۋىق قىلغاننىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بار دىگەننى ئويلاش كېرەك ئەلۋەتتە »
مېنىڭ پىكرىم بولسا، تەشۋىق قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە ئېھتىياجى بار، ئەھمىيىتى تېخىمۇ بار. كىتاب ئوقۇشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ دىيلىپتۇ، ئاپتور كىتاب ئوقۇشنى زادى قانداق چۈشىنىدىغاندۇ؟ ساۋادى چىقسىلا بولامدۇ ياكى ئۆمرىدە بىرەر پارچە كىتاب ئوقۇپ باققان بولسا بولامدۇ؟ خەلقىمىز كىتاب ئوقۇشقا مۇھتاج، نۇرغۈن بىلىمگە مۇھتاج، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر ئىلىم-پەندە تەرەققىي قىلىپ ئاسماندا ئۇچقىلىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارغا ھازىر سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيمىز، يەتمىشتىن ياشتىكى قېرىپ قالغان كىشىلەرمۇ توختىماي كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، شۇلاردىن ئۆگىنىپ قويساق بولمامدىكەن، بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىمىز بۇرۇندىن تارتىپ بارمۇ-يوقمۇ بۇ تالىشىدىغان مەسىلە ئەمەس، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارنى ئويلىشىپ باقايلى، يېقىندا شەھەرلەردە، يېزىلاردا ياشلارنىڭ توپلىشىپ چىكىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەيدىز نىسپىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىكەن، ياش بالىلارنىڭ توي قىلمايلا تۇغۇپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئەگەر بىز كىتابنى ياخشى ئوقۇغان بولساق شۇنداق ناچار ئىشلار بويىچە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى تۇرۇپ قالمايتتۇققۇ، شۇنداق تۇرۇپ كىتاب ئوقۇشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ دەپ ئۇيغۇرغا ھېچنىمە لازىم ئەمەستەك پو گەپ قىلىپتۇ. بىز ھازىر بەكمۇ كىتابغا مۇھتاج. ھەممە ئادەم كىتاب ئوقۇپ كىتابنى قەدىرلەپ، شۇ بىلىملەر بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلىغاندىلا ئاندىن ھەممە ئادەم كىتاب ئوقۇشنى بىلىدۇ دىگەن تۈزۈك. بىز كىتاب ئوقۇشنى گېرماندىن، ياپوندىن ئۆگەنسەك ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمىزدىن گېرمان پۇراپ قالمىغاندىكى كىم ياخشى قىلغان بولسا شۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز زۆرۈردۇر.

ئاپتور يەنە مۇنداق دەپتۇ:
«... يەنە بەزىلەرنىڭ كىتاپ سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق بولغاچقا كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ ئەمەس ئوقۇيالمايدۇ ، ئەگەر قاچانكى خەلقىمىزنىڭ ماددى ئېھتىياجلىرى قاندۇرىلىدىكەن، بۇنداق تەشۋىقات قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن كىتابنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدۇ».
سىز بۇ يەردە سەۋەب ئىزدىمەكچى بۇلۇۋاتسىىز، نامرات بۇلۇپ قالسا كىتاب ئوقۇسا بولامدىكەن؟ كۇتۇبخاندىن، دوستلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، دېھقانچلىق بىلىملىرى بولامدۇ، ساغلاملىق كىتابلىرى بولامدۇ، ياكى ھېكايىلەر توپلاملىرى بولسىمۇ كىتاب دىگەن تېپىلماي قالمايدۇ. يەنە كېلىپ ماددى مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋىي مەدەنىيەت تەڭ تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن ئادەم يۈكسەكلىككە ئىگە بولالايدۇ. بىز بىلىم ئارلىق مەنىۋىي، ماددىي بايلىقنى يارىتىشنى كۆزلەيمىز، ھەرگىزمۇ ئاۋال باي بۇلۇپ ئاندىن كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇپ بىلىم ئىگەللەش ئەمەس. بىز كىتاب ئوقۇمايۋاتقان بولساق ئۇ بىزنىڭ ھۇرۇنلۇقىمىز سەۋەبىدىن بولىدۇ. نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەردىن چىققان بالىلاردىن شۇنداق تىرىشىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىغانلىقىنى كۆرگەنلەر باردۇ، شۇڭا نامراتىقنى سەۋەب قىلىۋالمايلى.

قالغان قىسىمى ئاپتورنىڭ شەخسەن خىيال-ئويلىرى بۇلۇپ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ، ھەر بىر كەسىپنى قىلىۋاتقانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى بىر قۇر دەپ ئۈتۈپتۇ.
بۇلار ئۈچۈن ئاپتورغا رەھمەت ئىيتىمەن.

ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ كۈچىنىڭ بېرىچە 2015 – يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ ئاز-تولا كىتاب ئوقۇپ، بالىلىرىمىزغا كىتاب ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ تور بىلەن ئەمەس بەلكى كىتاب بىلەن ئۆتىدىغان ياخشى بىر ئاساس سېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە ئالدىراپلا يېزىپ قويغان سەۋەبلىك گەپلەر قولاشمىغان، پەش-چىكىتلەر توغرا قۇيۇلمىغان شەخسىي ئىدىيەلەرمۇ قوشۇلۇپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭا كەم قالغان يېرىنى، خاتا كەتكەن جايلارنى تۇلۇقلاپ بەرگەيسىلەر.

ئۇلانما:
1.        http://bbs.izdinix.com/thread-61090-1-1.html
2.        http://bbs.izdinix.com/thread-61100-1-1.html

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 16:35:48

ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇيالماسلىقىدىكى سەۋەپلەر ھەققىدە قىسقىچە قارشىم :
1 _ ‹‹كىتاپ ئوقۇسا قورساق تويمايدۇ ››دىگەن قاراش ئۆزگەرگىنى يوق .
2.نۇرغۇن خەلقىمىز تېخى قورساق بىلەن باللارنىڭ غېمىدىن ئېشىنغىنى يوق .كىتاپ سېتىۋېلىشقا پۇل يوق .
3.دىلبۇزۇر بىلەن ئىنتېرنىت تورىنىڭ  شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى  كىتاپخانىلارنىڭ چۆلدەرىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپتۇر

ئۆزەمنى مىسالغا ئالساممۇ ، بۇرۇن ھەريىلى كەم دىگەندە 10-12 گىچە كىتاب ئوقىيتتىم .تور بىلەن ھەپىلەشكەندىن بۇيان كىتاپ ئوقۇش ۋاقتىم قىسقىراپ يىلىغا 4-5 كە چۈشۈپ قالدى .كۆپىنچىسى ژورنال كۆرىمەن .بىراق بېسىپ توم -توم كىتابلارنى ئوقۇيالمىدىم .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 16:38:12

بۇ يىل راسلا كىتاب يىلى بولغۇدەك

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:14:24

بۇ تېما يەنە بىر تېما ئۈچۈن يېزىلغان ئىكەن. ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلغان يېرى ھەر ئىككى تېمىدا ئوخشاشلا كىتاپ ئوقۇش ئوقۇماسلىق مەسىلىسى بەكرەك تەكىتلىنىپتۇ. بىراق ھەر ئىككى تېما ئورتاق دىققەت قىلمىغان ئەڭ موھىم نۇقتا، قانداق كىتاپ ئوقۇش مەسىلىسى.:lol
بولۇپمۇ بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر كۆز قاراش ماڭا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى، كىتاپ ئوقۇماي ئىلىم-پەندە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالدۇق.
ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمايدۇ
ئەسلىدە تېما باشلاشتىن بۇرۇن كىتاپ دىگەن ئۇقۇمغا بىر تەبىر بېرىۋېتىپ، ئاندىن گەپ باشلاش كېرەك ئىدى. بىز ئوقۇماقچى بولغان كىتاپ زادى قانداق كىتاپ؟ ئەدەبىي ئەسەرمۇ؟ تېخنىكا قوللانمىسىمۇ؟ پارتىيە نىزامنامىسىمۇ؟
ئۇقۇم ئايدىڭ بولماي تۇرۇپ، ھۆكۈم چىقىرىش بەك ئالدىراقسانلىقتەك تۇيغۇ بېرىدىكەن كىشىگە.
كىتاپ ئوقۇش دىگەن پەقەت باسما كىتاپلارنىلا ئوقۇشنى كۆرسىتەمدۇ؟
ئۇيغۇر كىتاپ ئوقۇمايدۇ دىگەن بۇ ھۆكۈم كىتاپخانىلاردىكى كىتاپلار سېتىلمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن چىقىرىلغان بولسا، بەكلا ئەخمىقانە ھۆكۈم دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

ئۆزەم جان بېقىۋاتقان كەسىپ يول-كۆۋرۈك كەسپى بولغاچقا، مەن ئۆزەمگە نىشان بەلگىلەپ يۈرمىسەممۇ، داۋاملىق كەسىپكە ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. لايىھە ئىشلىرى كومپىيوتىر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارغا ئائىت پايدىلىنىش ماتىرياللىرىنى ئىزلەپ داۋاملىق كۆرىمەن. بۇلار مېنىڭچە كىتاپ ئوقۇشقا كىرىدۇ.

مۇنبەردىكى ئەنىۋەر جۇلا  يازغان بىر ئىنكاستا، ئۆزى قىزىققان بىر ساھەگە ئائىت بولغان كىتاپلارنىلا ئوقۇشنى تەكىتلەپتىكەن. ئاشۇ ئىنكاسنى ياخشىراق ئوقۇپ كۆرۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

لىكىن ئەڭ موھىمى شۇكى، ھەر خىل ساھەلەردە، باشقىلار يازغان كىتاپنى ئوقۇشنى ئەمەس، باشقىلار ئوقۇغىدەك كىتاپ يېزىشنى تەكىلەش كېرەك.

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:20:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 18:45  

خەلىقئارا سىياسى ،ھەربى ئىشلار توغرۇسىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنى ئۇقۇماقچى بولساڭلار نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلغان،زبىگنىۋ بىرژېنىسكى نىڭ‹‹بۈيۈك شاھمات تاختىسى›› دېگەن كىتاپنى تەۋىسيە قىلاي،
ئۇقۇغانلار بولسا  ئۆز-ئارا چۇڭقۇرلىشىپ باقساق دەيمەن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:22:34

ئىقتىساد ،سىياسى ،ھەربى ئىشلار توغرۇسىدا ئۇيغۇرچىغا ياخشى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار !
(ئىلىكتىرۇنلۇق كىتابلار بولسىمۇ مەيلى )

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:29:08

كىتابنى سىتىۋىلىپ ئوقۇغاندىن، ئوغۇرلىۋىلىپ ئوقۇغان ياخشى. :P

مەن بۇيىل مەخسۇس  پىسخىكا بىلىملىرى ھەققىدە كىتاب ئوقۇۋاتىمەن، كېلەريىلىمۇ شۇنداق. ئەمما بۇ تۈردىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار بەك ئازكەن، شۇڭا توردىن سېتىۋىلىپ ئوقۇۋاتىمەن. ھەجىمى ئازراقلىرىدىن بىرەرنى تەرجىمە قىلىپ بېقىش نىيىتىممۇ بار، مەسىلەن ؛ تۈرلۈك پىسخىكىلىق سىناق توپلاملىرى دېگەندەك.

بولسا  يىلدا ئۈچ كۈن كىتاب ھېيتى قىلساق، ھەممە ئادەم شىرەگە كىتاب دېگەنى تېزىۋەتسە، پەتىلىگەچ ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن «يەپ» ماڭساق..{:90:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:51:31

بۇرۇن مۇنبەر ئارىلاپ ماقالە ئىنكاس ئوقۇسام، ئەڭ يېڭى ھوللىۋۇد كىنولىرىنى كۆرەپ ئۆزۈمنى بەك كەڭ دائىرىلىك، ئەركىن-ئازادە بىلىم ئۈگەنگەندەك ھېس قىلىپ كىتىپ كىتابنى ياراتمايدىغان بولاپ كېتىپتىكەنمە ئۆزەمچە{:92:}
ما يېقىنقى بىر-ئىككى ئايدىن بىرى كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇپ، بىر كىتاب تۈگىسە ئارقىسىدىن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى باشلاپ دېگەندەك ئوقۇپ ئىشتىھايىم ئىچىلىپ ئۆزۈمنى سېمىرىپ قالغاندەك :lol ، رەڭگى رويۇم سۈزۈلۈپ پارقىراپ قالغاندەك:P ، ھېس قىلىپ يامان سەت ھېسياتلاردا بولۇپ كېتىۋاتىمەنغۇ. {:101:} (ماۋۇنى ئىلان سۆزى قىلىپ ئىشلەتمىگەيسىلەر جۇما يانا).
ئىشقىلىپ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيلا ئۆتىۋەرگىچە ، نىمىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ كىتاب ئوقىماي بولمايدىكەن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:05:36

مەنمۇ سالامەت بولسام كېلەر يىلىغا ئاز دىگەندە بەش كىتاب نىيەت قىپ قويدۇم،

بولسا ئاۋۇ كىتاب ھېيتى بولىدىغان ھېيتكەن جۇما... توختىماي پەتىلىگۈەكمەن مەن:lol:lol:lol

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:23:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oguzhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 18:50  

……

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:34:32

مەنمۇ چاققانراق بابۇرنامە دىكى يەر ناملىرىنىڭ ئورنىنى خەرىتىگە چۈشۈرۈپ، ئاتالغۇلارغا ئىزاھ بەرمەكچى

7780 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:47:50

كىتاب ئوقۇيلى دەپ قويساققۇ بولا؟

بۇممايدا

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:04:42

كېلەر يىلىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى  « كىتاب ئوقۇش يىلى » بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:08:04

Facebook سىز مېنىڭ يۇقىرىدا سىز نەقىل ئالغان ئىككى كۆز قارىشىمنى تازا چۈشەنمىگەندەك ئوخشايسىز ،
1. مەن ئويلايمەن ، بىز توربەت سالونلاردا ھەرقانچە كىتاب ئوقۇشنى تەشۋىق قىلغان بىلەن ، كىتاب ئوقۇمايدىغانلار ئاساسەن تۆت قۇردىن ئوشۇق ماقالىلەرنى ئوقۇپ كەتمەيدىغان ، ھەم ئۆزىنىڭ نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقى ئۆزىگە ئايان بولغاچقا  كىتاب ئوقۇش توغرۇلۇق تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ، بۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلارنى ئاساسلىقى بىزدەك كىتاب ئوقۇيدىغانلار كۆرىدۇ، بۇنىڭ كىتابخۇمارلارنىڭ قىزىچىلىقتا بازىرى يوق كىتابلارنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ بېرىشىدىن باشقا پايدىسى يوق ، ئەگەر خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆتۈرمەكچى بولساق، قۇرۇق تەشۋىقاتنى تولا قىلماي ، كىتاب ئوقۇيدىغانلار ياخشى-يامان، پايدا-زىيان، ھەق-ناھەق ئىشلىرىدا، كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا قارىغاندا ياخشىراق بولۇشقا تىرىشىپ ئەمەلىي ھەركتىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرىلەندۈرسەك ياخشى بولارمىكىن دەيمەن .

2. مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى ئېھتىياجى تولۇق قانمىغانلىقى تۈپەيلى كىتاب ئوقۇمايدۇ دېيىشىمگە ، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتىنى بىرنەچچە ماددىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ  ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىشى سەۋەب بولدى ، ماددى ئېھتىياجى تولۇق قانمىسىمۇ كىتاب ئوقۇشقا رايى بارىدىغان ئىش بولسا نېمىشقا پاكىستان ، ھېندىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكىلەر ئاۋۇ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردەك كۆپ كىتاب ئوقۇمايدۇ ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نېمىشقا كۆپ كىتاب ئوقۇمايدۇ ؟   شۇڭا ئالدىراپ خەلقىمىزنى ئەيىبلەب يۈرمەي ناچار ئادەتلەرنى توغرا ئۇسۇل بىلەن تۈزەتسەك .
يەنە بىر گەپ ماددى ئېھتىياج دىگەن قورساق تويۇپ ، ئۇچىسى يالىڭاچ قالماسلىقلا ئەمەس، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى،خاتىرجەملىك ، ھۆرمەتلىنىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:42:28

ماددى دۇنياسى تويۇنغانلارنىڭمۇ كىتاپ ئوقۇپ كېتىشى ناتايىن. پۇل تاپسا نوركا كىيىشنى ئويلايدىغانلار كىتاپ سىتىۋىلىپ ئوقۇشى ئويلايدىغانلاردىن كۆپ بولسا كېرەك.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:48:32

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 17:29 static/image/common/back.gif
كىتابنى سىتىۋىلىپ ئوقۇغاندىن، ئوغۇرلىۋىلىپ ئوقۇغان ي ...

مەن ھىچكىمگە كىتاب ئارىيە بەرمەيمەن، چۈنكى كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسى ئارىيەت ئىلىشتىن كەلگەن دەپتىكەن بىرى.{:92:}

bares يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:14:18

بۇنى قۇرۇق تەشۋىقات دەپ كەتسەكمۇ بولماس ..ھىچ بولمىغاندا ياخشى تەۋسىيە ..كۆپ قىسىم  توردىشىمىز ما ڭا ئوخشاش 2015 -يىلى قايسى كىتاپلارنى سىتىۋىلىش .قانچە كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدا  ئاددى پىلانىنى تۈزۈپ بولدى دەپ ئويلايمەن ....

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:02:02

100 پارچە كىتاب ئوقۇيمەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:34:40

بەدەخشان
چاۋشىيەن خەلقىدەك قەتئى ئىرادىگە كەلدىلىما ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:35:42

مەن يىگىرمە پارچە ئوقۇيمەن،ئەڭ تۆۋەن پىلان
بەت: [1] 2 3 4
: كىتاب ئوقۇيلى دەپ قويساققۇ بولا؟