xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:41:53

يۈز يىل بۇرۇنقى بىز(كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى)

=center]يۈز يىل بۇرۇنقى بىز
(«ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» نى ئوقۇش خاتىرىسى)
[بۇ كىتاب كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2013-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلىنغان]



      Xx   تىن ئىلاۋە: بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ھەسرەتلىك ئويلاردا بولدۇم. يۈز يىل بورۇنقى بىز ھەققىدە تورداشلار بىلەن پىكىرلەشكۈم كەلدى. بۇ يازمىدا شۇ كىتابتىكى بايانلار ئەينەن ئېلىنغان بولۇق، قىسمەن ئەھۋاللاردا شەخسىي ئوي – پىكىرلىرىم قوشۇلدى. يازما ھەجىمىنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئاپتور ئالتە شەھەرگە كەلگەن دەۋرلەردىكى تارىخقا ئائىت بىلىملەر كۆپ تىلغا ئېلىنمىدى.
   بۇ يازما كىتابنىڭ مەلۇم قىسىمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كىتابتىكى بىر تىركۈم مۇھىم مەزمۇنلار يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە بىر نەچچە قېتىمدا يوللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، يازمىدىكى ھەر بىر تېمىغا (1) دەپ نومۇر قويۇلدى. ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان ئوخشاش مەزمۇندىكى تېمىلارغا (2) بەلگىسى قويۇلىدۇ.
تاتار سەيياھ نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ ئىلغار پىكىرلىرى بولۇش بىلەن بىرگە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى ۋە مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە دىققەت ئاغدۇرماي قالىدىغان بەزى سەۋەنلىكلىرى بارلىقىدىن تورداشلار ۋاقىپ بولغاي. يازمىنىڭ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.


كىتاب ئاپتورى نۇشرىۋان يائوشېفنىڭ ئالتە شەھەرگە كېلىشى:

      نۇشرىۋان يائوشېف 1914-يىلى ئىلى ئارقىلىق چىن تەۋەلىكىگە كىرىپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى كۇچاغا يېتىپ كەلگەن. 1915-يىلىدىن باشلاپ ئورېنبۇرگدا نەشر قىلىنىۋاتقان «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن «ۋاقىت گېزىتى» ۋە «شۇرا ژۇرنىلى» دا ئالتە شەھەر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان. «ۋاقىت گېزىتى» بىلەن «شۇرا ژۇرنىلى» رۇسىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىك نەشر ئەپكارى ئىدى.
      نۇشرىۋان ياشىئوف ئالتە شەھەرگە كەلگەن مەزگىللەر ياۋروپادا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇش بولۇۋاتقان دەۋرلەرنىڭ باشلىنىشىغان توغرا كىلىدۇ. نۇشرىۋان يائوشېف جەدىتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۇچادا 40-50 بالىنى يىغىپ مەكتەپ ئاچقان، قەلەم – قەغەزلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن. ئوقۇتۇش بىرەر ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار چىن تىلىنى ئۆگەنسۇن دېگەن باھانە بىلەن بالىلىرىنى ئۇ ئاچقان مەكتەپتىن چىقىىرۋالغان. قېلىپ قالغان بەش ئالتە ياشلىق بالىلار «تۈركىي تىل» ئۆگىنىپ تەلەپپۇز ۋە ئىملا قائىدىسى بويىچە خەت يېزىشنى ئۆگەنگەن.
1915 -يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى نۇشرىۋان يائوشېف كۇچادىن ئاتلىق يولغا چىقىپ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى «تارىخىي رەشىدى» نىڭ قول يازمىسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىدى. ئەمما، بۇ زېمىندا ساقلىنىۋاتقان تارىخىي كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك «خۇراپىيلىق ۋە توقۇلمىلار بىلەن تولغان خوجا ئىشانلار تەزكىرىلىرى» بولغان. يائوشېف قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللا بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ سۆھبەتتە بولغان، ئۇ زاتتىن «ساپ تۈركىي تىل» دا يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» قول يازمىسىنىڭ ئىنگىلىز سەيياھلار تەرىپىدىن ئەپكېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يائۇشېف ناھايىتى بىئارام بولغان.


      يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش پەلسەپىسى(1)

      «بۇلارنىڭ بەخت قارىشى ياخشى ئۆي، ياخشى خوتۇن، ياخشى تاماق، ياخشى ئات، چىرايلىق كىيىمدىنلا ئىبارەت خالاس. بالىلىرىنىڭ ياتلارغا ئايلىنىپ كېتىشلىرى بىلەن كارى يوق.»(54-بەت)
      يۈز يىل كېيىنكى بىزنىڭ بەخت قارىشىمىز نېمە؟ «ياخشى ئۆي، ياخشى خوتۇن، ياخشى تاماق، ياخشى ماشىنا، چىرايلىق كىيىم» لەرگە ئىگە بولۇشنى بەختنىڭ ئەڭ تىپىك سىمۋولى بىلىپ ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىمىزنىڭ ياشاش پەلسەپىسىدە يۈز يۈزل بۇرۇنقى جاھالەتچى خەلقىمىز بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش مەۋقەدە تۇرۇشىنى «پاجىئە» دەپ ئاتاشتىن باشقا يولمۇ بارمۇ؟ كىمنىڭ بەخت قارشى يۈز يىل بۇرۇنقى خەلقىمىز چوڭ بىلگەن يۇقارقى نەرسىلەرنى نوقۇل بەخت سۈپىتىدە بىلسە بىز ئۇنى مىللەتكە تېڭىلغان يۈك، يۈز يىل بۇرۇنقى كاللا بىلەن يېڭى ئېرادا ياشاۋاتقان ئادەم تەنلىك ئەخلەت دېسەك ھەرگىزمۇ خاتا ئېيتقان بولمايمىز. يۇقارقى ئىدىيەدىكى كىشىلەر يېڭى ئېرادىكى «مىللەتنى روناق تاپقۇزمىغۇچىلار» قاتارىدىندۇر.

يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلاردا كەسىپ – تىجارەت(1)

      «ئاددىي خەلقنىڭ يۈزدە يىگىرمىسى تېرىقچى، باغۋە، تىكمىچى، ھاممال ئاشپەز، ئېشەكچى، تۆگىچى، ھارۋىكەش، مەپىكەش، ئوتۇنچى، پىچانچى بولۇپ، قالغانلىرى تىلەمچى، گاداي، دىۋانە، قەلەندەر، مازار شەيخلىرى، قىمارۋاز، شەھۋەتپەرەسلەردىن ئىبارەت.»(57-بەت)

      يۈز يىل بۇرۇنقى ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى(1)

      «ئالتە شەھەرنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشايدۇ... ئاتە شەھەردە پۈتۈن ئىش نۇھ ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى پېتىچە قالدى. يارۇنچاق بىلەن ئۇن تارتىش، لامپا ئورنىغا جىنچىراغ يېقىش، ساماۋەر ئورنىغا قۇم چۆگۈن ئىشلىتىش، كوچىلاردا يالاڭ ئاياغ، يىرتىق ئىشتان پېتى يۈرۈش،ئىشسىزلىق، ھورۇنلۇق سەۋەبىدىن موھتاجلىقتا قېلىپ، دەرۋىشلىك، دىۋانىلىككە بېرىلىش، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە جان جەھلى بىلەن بېرىلىش، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان سۈپەتلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.»(42-بەت)

      ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى(1)
   
      مەركىزىي ئاسىيادا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر نەرسە باركى، ئۇ بولسىمۇ تىلدۇر. يۈزدە بىر پىرسەنت پارسى، ئەرەبچە، چىنچە ۋە مۇڭغۇلچە سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەڭ ساپ تىل ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى دېسەم ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمەن.
      شۇنداق، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئوقۇشقا تېگىشلىكمىز. بۇلار ئۆز تىللىرىنى، ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سۆيىدۇ. بۇلار دوراشقا قىزىقمايدۇ. شۇڭىلاشقا بۇلاردا قەدىمىي تىل ۋە قەدىمىي ئادەتلەر بەك ياخشى ساقلانغان.
ئالتە شەھەرنىڭ تەبئىي بايلىقلىرى
بۇ يەردە ئالتۇن، كۆمۈش، قوغۇشۇن، مىس، تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت ۋە كىرسىن بار.


      ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالى

      بۇ زېمىننىڭ تۇپرىقى مۇنبەر بولمىسىمۇ، سۈيىنىڭ موللۇقى، ھاۋاسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن كېۋەز، بۇغدايدىن تارتىپ تۈرلىك ئاشلىق، مېۋە – چېۋە، يەل –يېمىشلەر چىقىپ تۇرىدۇ. دېمەك، يەر بار، بىراق ئادەملىرى بەك پېقىر ۋە موھتاجدۇر. تېرىقچىلىقنى ئاز قىلىدۇ. ھورۇنلۇق، ئىشسىزلىقنى ئۆزلىرىچە پەزىلەت دەپ بىلىشىدۇ. قارنى ئاچ تۇرسىمۇ يەنىلا قىڭغىيىپ يېتىشنىلا ياقتۇرىدۇ. بۇلار ئىلىم تېخنىكىدىن بەك قۇرۇق قالغان. ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ يوق.


      ئالتە شەھەردە قول ھۈنەرۋەنچىلىك(1)

      يۇڭدىن گىلەم توقۇش، مىستىن چەينەك، چۆگۈن ياساشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇلاردا قول ھۈنەرۋەنچىلىك يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ يەردىكى بارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى رۇسىيەدىن كېلىدۇ.

      ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرىدا كىملىك ئېڭى(1)
      
      «بۇلاردا مىللىي ئاڭ سۇسلىشىپ پارىسلىشىش، ئەرەبلىشىش خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەرەب نەسىللىك، ئەلى ئەۋلادى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭغا ئائىت نەسەبنامە، شەجەرىلەرنى ئويدۇرۇپ ئۆز نەسلىنى چىگىلەشتۈرىدۇ. ‹سەييىد›، ‹خوجا› ئىسىملىرىنى قويۇۋېلىپ شۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، ماختىنىدۇ. ‹خوجىلىق› دەرىجىسىنى ئۆز مىللىتىنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويىدۇ. خوجىلار يەرلىكلەرگە قىز بەرمەيدۇ، ئۇلارغا ئارىلاشمايدۇ.»(64-بەت)
      «ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ‹سىز كىم بولىسىز؟› دەپ سورىسا، ‹چەنتو بولىمىز› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. چىنلىقلار ئالتەشەھەر مۇسۇلمانلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى تۇڭگانلاردىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ‹چەنتو› دەپ ئاتايدۇ.»
«بۇ يەردە مىللىي تارىخ، ئانا تىل ۋە مىللىي ئەدەبىيات ئوقۇتىدىغان مەكتەپ- مەدرىسەلەر يوق. بولسىمۇ بۇخارا ئۇسۇلىدا. مانا شۇ سەۋەبلىك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي يۈرۈشىدۇ.»
      «بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىدا توغرا يازالايدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان ۋە مىللىي تارىختىن خەۋەردار بىرمۇ كىشى يوق. پەقەت كاشىغەرلىك داموللا ئابدۇقادىر ئەپەندىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»(15-بەت)
ئاپتورنىڭ يۇقارقى بايانلىرى بىر تەرەپلىمە. ئابدۇقادىر داموللا، قۇتادغۇبىلىكنى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغۇچى ھاجى قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق ئەجدادلار ئىلىم مەرىپەتە كامالەت يەتكەن كىشىلەردۇر. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى شۇ زامانىسىدا «قەشقەرىيە تارىخى» دەپ كىتاب يازغان.
      «ـــ سىز كىم؟
ـــ ئەلھەمدۇلىللاھ چەنتو.
مانا بۇ جاھالەت.»(15-بەت)

   ئالتە شەھەردە پەن مائارىپ(1)

      ئالتە شەھەر خەلقىدىكى ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش(1):

      «بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى باش ئاغرىسىمۇ قەبرىگە، كۆز ئاغرىسىمۇ قەبرىگە يۈگۈرىدۇ. بالىلىق بولسىمۇ قەبرىگە، بالا تاپالمىسىمۇ قەبرىگە چاپقان، بالا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە، قازا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە بارغان. مەكتەپمۇ شۇ يەر، مەدرىسمۇ شۇ يەر. تېۋىپمۇ شۇ يەردە، مۇدەررىسمۇ شۇ يەردە....»(10-بەت)
      ئەجدادلىرىمىز ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغاندىن باشلاپ سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى سوپا ئىشانلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلاردا يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئىشلارنىڭ بولغىنى مەلۇم ئەمەس.
يارقىدەك خۇراپىي ۋە شېرىك قىلمىشلار ئۇيغۇرلارغا سوپىزىمدىن قالغان قىممەتلىك بايلىق. ئۆلۈكتىن، مازار ماشايىخلاردىن ياردەم تىلەش سوپىزىمنىڭ يادرولۇق ئەقىدىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر نادانلىق، بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە جاھالەت بولمىسا كېرەك.
«قىسقىسى، خۇراپات ۋە باتىل ئېتىقادلارغا بېرىلىشنىڭ سەۋەبى نادانلىق ۋە جاھالەت بولسا كېرەك. چىنلىقلار بىلەن مەركىزىي ئاسىيالىقلاردىكى ئەپسانە ۋە خۇراپاتتىن مەدەنىي ۋە مەرىپەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئۈچ- تۆت ياشلىق بالىلىرىمۇ قاقاھلاپ كۈلۈشىدۇ.»(10-بەت)

      ئالتە شەھەردىكى خوتۇن قىزلار مەسىلىسى(1):
››› خوتۇن قىزلارنىڭ كىيىم كېچىكى:

      «خوتۇن قىزلارنىڭ كىيىملىرى پۈتۈنلەي رۇس ماللىرىدىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى خوتۇن قىزلار تاپقان تەرگىنىنى ئۈستىبېشىغا خەجلەيدۇ. ئالتۇن ھالقىسى، كۆمۈش بىلەزۈكى، بەش ئالتە دانە چاپىنى بولمىغان خوتۇن – قىز ئادەم قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بارلىق پەزىلەت، پۈتكۈل بەخت-سائادىتى، كامالىتى يالغۇز كىيىم كېچەك بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ.»(11-بەت)

››› ئالتە شەھەردە نىكاھ(1)

      «خوتۇن قىزلار بېزەككە ئامراق بولغاندەك، ئەرلىرىمۇ شۇنداق پوزۇر كىيىنگەن يورغىلاپ يۈرگۈچى قىزلارغا ۋە يورغا ئاتلارغا ئامراق كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خوتۇننى كۆپرەك ئېلىش سۈننەت ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ساۋابلىق ئىش. ئاشۇ خىل ئېتىقادنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ يەرە ئۆمرىدە 100 دىن ئارتۇق قىزغا ئۆيلەنگەن كىشىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. خوتۇن قىزلارنى ئۇرۇپ سوقۇش، ئاغزىدىن قان كەلگۈچە قىيناش ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ نەزىرىدە، بارلىق قۇت – سائادەت ۋە بارچە يېتىكلۈك كۆپرەك خوتۇن ئېلىپ ئۇلارنى قاتتىقراق قىيناشتۇر.»
«ــ خوتۇن بارمۇ؟
ــ يوق، ئۆزىڭىز نەچچە ياشتا.
ـــ ئەللىكتە، خۇدا خالىسا. بىزنىڭ بۇ يەردە خوتۇن ئەرزان. تېخى يېقىندىلا بىر – ئىككى تەڭگە چىقىم قىلىپ 14 ياشلىق بىر قىز ئالغانىدىم، يېنىدا ئىككى كۈن يېتىپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنى قويۇۋېتىپ، ئاخشام يەنە بىرنى ئالدىم. بالىلارنىڭ ئانىسى قېرىپ قالدى، ئۇ ... بولمايدۇ. بىز پەيزاۋاتقا دائىم بېرىپ تۇرىمىز. ھەر بارغاندا بىرنى ئالماي كەلمەيمىز. ئۈچ كۈن تۇرىمىز دە تالاق خېتىنى بېرىۋېتىپ كېتىمىز، ناھايىتى ئۈچ تۆت تەڭگىلا چىقىم بولىدۇ.
ـــ بەك ئاز بېرىدىكەنسىز، ئۇنىڭ ئىددەت ساقلاپ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن بۇ ئۈچ – تۆت تەڭگە يەتمەس.
ـــ ھا ھا ھا.»(41-بەت)


››› ئاتە شەھەردە دىۋانىلىك(1)


«بۇ يەردە قەلەندەرلەر بەك كۆپ. تەپسە تۆمۈر ئەزگۈدەك، ئۇرۇشسا بەش كىشىنى بىردىن سېلىپ يىغۇشتۇرغۇدەك تېنى تازا ياش- ياش يىگىتلەر دىۋانىچىلىككە بېرىلىپ، كوچا كويلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرىدۇ. بۇ دىۋانىلەر ئارىسىدا بەك ئوساللىرىمۇ بولىدۇ. .. نان ساتقۇچى ئاياللارنىڭ نېنى بۇلاپ يەيدۇ، سۈتچى خوتۇنلارنىڭ سۈتىنى ئىچىۋالىدۇ. ئوتۇنچىلارنىڭ ئوتۇنىنى تارتىۋالىدۇ.»
«بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى دىۋانىلەرنىڭ قارغىشىدىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھېچنېمە دىيەلمەيدۇ. ئۇلارنى ھەقىقىي مەجنۇن دەپ ئويلايدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەجنۇنمۇ ئەمەس، دىۋانىمۇ ئەمەس، پەقەتلا ھورۇنلۇق ۋە بىكار تەلەپلىكىدىن – ئىشتىن قورققانلىقىدىن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ يۈرىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ پېتى يۈرىدۇ.»

››› ئالتە شەھەردە جەدىتچىلىك ۋە جەدىتچە مەكتەپ

ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە 1907-يىلى قەشقەردە تۇنجى يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان بولسىمۇ، ئاران ئىككى – ئۈچ يىلچە داۋاملاشقان.
يائۇشېف پائالىيەت ئېلىپ بارغان 1910-يىللار رۇسىيە ۋە ئوسمان ئېمپىرىيىسىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، شىنجاڭدىمۇ جەدىتچىلىك ھەرىكىتى تازا گۈللەنگەن.

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 14:24:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 14:36

يۈز يىل بۇرۇنقى شەھەرلىك ۋە يېزىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى(1)

    «ئالتە شەھەردە يېزا تۇرمۇشى بىلەن شەھەر تۇرمۇشى ئوتتۇرىسىدا بەق جىق پەرق بار. شەھەر خەلقى ئومۇمەن بۇزۇقچىلىققا مايىل بولۇپ، قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، ھاراقكەشلىك، گادايلىق، دىۋانىلىك، ئالدامچىلىق، ئاسىيلىق ۋە خىيانەت، جەبىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېزا خەلقى پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە. بۇلار ۋىجدانلىق، ئاق كۆڭۈل، توغرا سۆزلۈك كېلىدۇ. بۇلاردا ھىيلە-مىكىر، ئاسىيلىق، خىيانەت، دېگەنلەرمۇ ئاز بولىدۇ. شەھەر خوتۇنلىرى ئىشلىمەي ئەرلىرى تاپقاننى يەپ ياتىدۇ. ھورۇن ۋە كېرەكسىز. ئەمما، يېزا خوتۇنلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەرلىرىدىن كۆپ ئىشلەيدۇ. كىيىم تىكىپ، باغۋەنچىلىك قىلىدۇ. يىپ ئىگىرىپ بۆز توقۇيدۇ، بازارغا بېرىپ ئەرلەرگە ئوخشاش سودا قىلىپ پۇل تاپىدۇ. بالىلىرىنى باقىدۇ، تويغۇزىدۇ، كىيىندۈرىدۇ. يېزا خوتۇنلىرى ئارىسىدا يولدىن چىققانلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. ئىشقىلىپ، بۇ خوتۇنلارنىڭ قولىدىن ھەر قانداق ئىش كېلىدۇ. بۇلارنىڭ پەقەت ئوقۇمىغانلا يېرى بار. ئەگەر ئوقۇغان ۋە تەربىيە كۆرگەن بولسىدى، مەملىكەتنى يالغۇز شۇ يېزا ئالايللىرىلا تەرەققىي قىلدۇرغان بولاتتى.
      لېكىن يېرىنىڭ ئازلىقىدىنمۇ، ئىلىم - تېخنىكا يوقلۇقتىنمۇ؟ئىشقىلىپ ئارتۇش خەلقى ئومۇمەن موھتاجلىقتا ياشايدۇ...... شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ يەردە ئانا بالىغا، بالا ئانىغا قاراشمايدۇ. قىيامەت قايىم بولغاندەك ھەر كىم ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاۋارە.»(71-بەت)


كىتاب مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇش تۈگىگەندە شۇ ھەقتە ئەسكەرتىش بېرىپ قويىمەن. كىتاب ھەققىدىكى تەھلىللەرنى ۋە ھېس-تۇيغۇلۇرىمنى كىتاب مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ بايان قىلىمەن، ئىنشائاللاھ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 16:08:42

قېنى كۈرەيلى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:13:46

مەنمۇ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەك كۆڭلۈم يېرىم بولغانتى،ئۈستىۋېشىمىز 21 ئەسىردەبولغىنى بىلەن روھىمىزنىڭ 19 ىنچى ئەسىرلەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېسقىلغانتىم،ھېچ بولمىسىمۇ ئاساسى جەھەتتىن شۇنداق

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:47:06

يۈز يىل بۇرۇنقى ئەھۋالىمىزنى كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارغا سېلىشتۇرماي شۇ زامان ماكان شارائىت جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاردىكى باشقا مىللەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقمامسىز :

مەسىلەن ئۇچاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئومۇمى خەلق اساسى جەھەتتىن ئۆز بېسىپ ئەفيۈن ئىستىمال قىلاتتى ۋە مەدىنىيەتنىڭ تولىمۇ ئارقىدا قالغان ئىدى ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن شەرقىي ئاسىيا كىسەلمەنلىرى دەپ ھاقارەتلىنەتتى ، كورىيەلىكلەربولسا ئاياللىرى كىندىگىنىڭ ئۈستىگە ھىچنىمە ئارتماي قاقاس تاغلاردا بەدىۋىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى ، شەرقى - جەنۇبىي ئاسىيا خەلقلىرىنىغۇ دىمەيلا قويۇڭ ...
شۇ شارائىت بىلەن سېلىشتۇرغاندائاز بولسىمۇ ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىۋەتمىگەن مىللىتىمىز نامرات بولسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئەخلاق - مەدىنىيەت مىزانلىرى بىلەن نىسبەتەن مەدىنىيەتلىك ياشىغان دىيىشكە بولاتتى.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 17:51:21

durak يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 17:47 static/image/common/back.gif
يۈز يىل بۇرۇنقى ئەھۋالىمىزنى كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلار ...

ئۇنداق سېلىشتۇرما قىلىدىغان بولسام بۇ باشقىچە بىر قىممىتى بار ماقالە بولغان بولاتتى، شۇندا ئاۋۋال ژۇرنالغا يوللىغان بولاتتىم. دوستلارنىڭ تېمىغا يانداش ھالدا ئەينى چاغدىكى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى توغرلۇق پىكىرلەشكەچ تۇرسا بۇمۇ بەك ياخشى بولاتتى. مېنىڭ چوڭقۇر سېلىشتۇرما قىلىش ئويۇم بار. ئەمما ئۇنىڭ ۋاقىت، ئىزدىنىش كېتىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:18:03

بەك كۆپتۈرۋەتكەنمۇ يا؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:03:04

ياق،قىلچىلىك كۆپتۈرۈلمىگەن

7780 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:16:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7780 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 20:19

«ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى»دېگەن كىتاپنى سېتىۋالاي دېسەم 100 يۇۋەن دەيدۇ
ئەسلى باھاسى 35 يۇۋەنلىك كىتاپكەن بولمىسا،                              ئۇقۇماي قۇيغان ئېدىم
كىتاپ ئۇقۇش تەسىراتى يۇللاپ بەكمۇ ياخشى ئىش قىلىپسىزئاساسى مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولىدىم

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:28:43

بۇ كىتاپنى قىممەت كۆردىڭىزما،توۋا
مۇشۇ تەسىراتتا ھەممىنى يېزىپ بولالامدا

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:52:31

نۇشرىۋان يائوشېف   ئۇزاق تۇرمىغان ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئەھۋالىنى چۈشىنىشى يىتەرسىز……
       ئىشىنىمەنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قازاقلاردىن ياخشىراق ئىدى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:59:42

يۈزدە بىر پىرسەنت پارسى، ئەرەبچە، چىنچە ۋە مۇڭغۇلچە سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەڭ ساپ تىل ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى دېسەم ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمەن.


    قىپچاقلارنىڭ بىزنىڭدىكىن ساپ ئىدىغۇ ؟


لېكىن يېرىنىڭ ئازلىقىدىنمۇ، ئىلىم - تېخنىكا يوقلۇقتىنمۇ؟ئىشقىلىپ ئارتۇش خەلقى ئومۇمەن موھتاجلىقتا ياشايدۇ...... شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ يەردە ئانا بالىغا، بالا ئانىغا قاراشمايدۇ. قىيامەت قايىم بولغاندەك ھەر كىم ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاۋارە.»(71-بەت)

   ئەينى زاماندىلا ئاتۇش خەلقىنىڭ تۇرمۇشى باشقا يۈرتتىكىلەردىن ياخشىراق ئىدى ، بۇ بايانلارنى ھىچ قوبۇل قىلالمىدىم

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 08:39:38

يۈز يىل بۇرۇنقى ئاتۇش بايلىرى ھەققىدىكى بايان:

بۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى چوڭ بايلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ ئۆز پايدىسى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. مائارىپ ۋە ياخشى ئىشلارغا بىر تىيىنمۇ بەرمەيدۇ. ھەتتا ئۆز بالىلىرىنىمۇ تەربىيىلىيەلمەيدۇ. كەلگۈسى بىلەن كارى يوق. تىرىكلەرگە قارىغاندا ئۆلۈكلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەكتەپ سېلىش ئورنىغا پىششىق خىشتىن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك گۈمبەزلەرنى ياسىتىدۇ. ئارتۇشتا ئوتتۇزلاپ گۈمبەز بار، ئەمما كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرمۇ مەكتەپ يوق.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 09:00:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-8 09:13

ئالتە شەھەردىكى خۇراپاتلىق(1)      

      بۇ يەردىكى خۇراپاتلارنى سۆزلەپ، يېزىپ تۈگىتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق خۇراپاتلار ھەر قانداق يەردە بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماكانى ئالتە شەھەردىدۇر. قەيەردە بىر بۇلاق بولسا، ئۇ قانداقتۇر بىر ۋەلىينىڭ ئاياغ ئىزىدىن ياكى ھاسىسىنىڭ ئىزىدىن پەيدا بولغان دېيىلىدۇ. قانداقلا بىر يەردە يىغىلىش بولسا، ئۇ يەردە ۋەلىيلەرنىڭ كارامەتلىرى سۆزلەنمەي قالمايدۇ. ئۇلار خۇراپاتلىقتا شۇ قەدەر ئۇچىغا چىققانكى، ۋەلىيلەرنى خۇدا دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. تاغ، تاش، شامال، يامغۇر، قار، بوران دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەلىيلەرنىڭ كارامەتلىرىگە باغلاپ سۆزلەيدۇ. دېمەك، ئەۋلىيالارنىڭ كارامىتى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ئۈستۈن قويۇلىدۇ.

       ئالتە شەھەر موللىرىدىكى نادانلىق(1)

       خۇدابەردى باي ئۆز ئىشلىرىنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي قۇرئان ئوقۇشنى ۋە تۈركچە يېزىشنى ئۆگىنىدۇ. ۋاقتىنى بىردەممۇ بىكار ئۆتكۈزمەيدۇ، مەنمۇ بەزىدە ئۇنىڭغا قۇرئاننى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ بېرىمەن. شۇڭا ئۇ ھەيران قېلىپ: بۇ يەرنىڭ موللىلىرى بۇ سۈرىنى پالانى ۋاقىتتا پالانى ئاغرىققا، بۇ سۈرىنى بالا-قازا كەلگەندە، بۇنى ۋابا كەلگەندە ئوقۇش كېرەك، دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان، لېكىن بۇنىڭ مەنىسى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغۇ، دەيتتى.

       موللىلىرى بۇ يولدا باشلامچى بولۇشقا يارىمايدۇ. باشچىلىق قىلسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. دىننىڭ كىتابى بولغان «قۇرئان' نى چۈشىنىپ ئوقۇمايدۇ. تەپسىر ۋە ھەدىس ئىلىملىرىنى ئۆگەنمەيدۇ. زەئىپ ھەدىسلەر، يازغۇچىسى يوق كىتابلارغا ئەمەل قىلىدۇ. خەلقنىمۇ ئۆزى بىلگەن يولغا باشلايدۇ. «قۇرئان» ۋە ھەدىسنىڭ نېمە ئۈچۈن چۈشۈرۈلگىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. قۇرئاندىن تۈرلۈك ئاغرىقلار ئۈچۈن تۇمار پۈتۈپ ئېسىش، ئىسسىتقۇ يېزىشتەك ئورۇنلاردا پايدىلىنىپ «قۇرئان' نىڭ شان - شەرىپىنى يوقىتىدۇ.»


         

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:11:08

بۇ كىتابنى ھەر قېتىم كۆرسەم بىئارام بولۇپ كېتىمەن
كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكى ئارىدىن100يىل ئۆتۈپتۇ، توپا تام ئۆيلەر، بىتون قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرگە، يەكتەك ئۆتۈكلەرنىڭ ئورنىغا، كاستۇم بۇرۇلكا،ئېسىل ئاياقلار، قامچا ،غىلاپلارنىڭ ئورنىغا يانفون
ئالمىشىپتۇ
لېكىن نادانلىقىمىز،خۇراپاتقا ھېرىسمەنلىكىمىز ئۆزگەرمىگەندەك

7780 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 19:24:26

داۋاملىق يۇللىغايسىز    تۇگىمىگەندۇ   داۋامىغا تەشنابىز

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 19:41:07

مەنمۇ دەسلەپتە ئوقۇغاندا كىتاپتىكى بايانلار بەك كۆپتۈرۋېتىلگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان. كېيىن يەنە بىرتارىخ تەتقىتقاچىسى بۇ كىتاپنى تەۋسىيە قىلدى بىرلىكسىيەسىدە. ھەم دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللانىڭمۇ قايسى بىر يازمىسىدا تەۋەسىيە قىلغىنىدەك ئېسىمدە. ھازىر بالىلار بۇ كىتاپنى ئايلاندۇرۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. ئايلىنىپ مېنىڭ قولۇمغا كەلگەندە يەنە بىر ئوقۇپ باقمىسام. ئۇنىڭغىچە سىزنىڭ بۇ چاتما تەسىراتلىرىڭىزدىن زوق ئالغاچ ئولتۇراي.{:87:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 19:52:07

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-12-8 08:39 static/image/common/back.gif
يۈز يىل بۇرۇنقى ئاتۇش بايلىرى ھەققىدىكى بايان:

بۇلارن ...

بۇ كىتابتا قەشقەر تەۋەسىدىكى تۇنجى يېڭىچە مەكتەپنى ئابدۇقادىر داموللا قەشقەردە قۇرغان دەپ يېزىپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا مۇسابايوفلار ئاتۇش ئېكساقتا بىرىنچى بولۇپ يېڭىچە مەكتەپ قۇردى دېگەن گەپلەر سەل ئىشەنچسىز بولۇپ قالامدۇ قانداق؟

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 20:40:15

قەشقەردە بىرىنچى بولۇپ ئابدۇقادىر داموللا قۇردى دېگىنى بىلەن ئېكىساقتا مۇسابايوفلار بىرىنچى بولۇپ قۇردى دېگەن ئىككى گەپ بىر بىرىگە تاقاشمايدۇ. چۈنكى ئىككىسى ئىككى يۇرت.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 20:49:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-8 20:50

    ئالتە شەھەردە دىنىي ئاڭ:


      ئالتە شەھەر خەلقىمۇ تۈرك ھەم مۇسۇلماندۇر. بۇلاردا ئىسلامىيەتنىڭ ئىلگىرىكى روھى پەقەت قالمىغان. ھەتتا ئىسلامىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ. دىن ۋە شەرىئەت بىلەن قىلچە باغلىنىشى بولمىغان، بەلكى ئىسلام روھىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان خۇراپاتلارنى دىن قاتارىدا سانايدۇ. تەبئىيك، دىنغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىش كىشىنى سائادەتكە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ھاللىرى بەك ناچار. بۇلار چوڭ ئىشلارنى كىچىكلىتىپ، كىچىككىنە ئىشلارنى چوڭايتىپ كۆرىدۇ. تۈز يولدىن چىقىپ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كېتىدۇ.
دىنىي ۋە ئېتىقادىي مەسىلىلەر «قۇرئان» دىن ئېلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئېغزىلىرىدىن ئاڭلا-ئاڭلا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلىشىپ كەلگەنلىكتىن، ئىسلام دىنى باشقىچە بىر تۈسكە كىرىپ قالغان.
بۇلاردا يەنە شۇنداق بۇزۇق ئېتىقادلار باركى، قارا خەلق بولسۇن، ئوقۇغان بىلگىنى بولسۇن، «ئىككى ھەرەمگە بارغان، قارا تاشنى سۆيگەن كىشىنىڭ گۇناھى قالمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ھەجگە بېرىپ كەلگەنلەر ياكى بېرىشقا قۇربى يەتمىگۈچىلەر «كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇسا، بارلىق گۇناھلاردىن ساقىت بولۇر» دەيدۇ. ئالتە شەھەر خەلقى پۈتۈنلەي شۇ ئېتىقادتا بولغاچقا، ئۇلار ھەرقانداق چوڭ گۇناھنىمۇ قورقماي قىلىۋېرىدۇ. ئادەمنىڭ ۋىجدانى قەتئىي كۆتۈرمەيدىغان ناچار ئىشلارنى قىلچە تارتىنماي قىلىۋېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق بۇزۇق ئېتىقاد تۈپەيلىدىن، خەلقنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلىدۇ. جەبر-زۇلۇم، ئاللاھ ۋە بەندە ھەققىگە چاڭ سېلىش كۈچىيىدۇ.[112-بەت]
بەت: [1] 2
: يۈز يىل بۇرۇنقى بىز(كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى)