halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 05:30:57

ئۇيغۇرلار نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 06:16


يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى مۇنبەر ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى، كىتاب سوۋغا قىلىش توغرىسىدىكى، 2015- يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش توغرىسىدىكى تېمىلار بەستە-بەستە يوللىنىۋاتىدۇ ، ھەرخىل پائالىيەتلەردە كىتاب مۇكاپات بويۇمى قىلىپ قوللىنىلۋاتىدۇ ، توغرا كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، ئەمما مۇشۇنداق ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر ئىشنى شۇنچىۋالا داغا-دۇغا بىلەن ئوتتۇرغا سۆرەپ چىقىشنىڭ ئېھتىياجى بارمۇ ؟ئەھمىيىتى بارمۇ ؟دىگەننى ئويلاش بىلەن بىرگە خەلقىمىز نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب زادى نېمە؟ مۇشۇنداق تەشۋىق قىلغاننىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بار دىگەننى ئويلاش كېرەك ئەلۋەتتە .

مەن تۆۋەندە ئۆز چۈشەنچەم بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشغا تۈرىتكە بولىدىغان ئەمەلىي ئىشلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن .

ئۇيغۇرلار نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ ؟

، ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇشنىڭ ، بىلىم ئۆگۈنۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ ، ياق ئۇلار بىلدۇ، بىلگەندىمۇ ياخشى بىلىدۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىدا بەزى سەۋەبلەر بار، مەسىلەن :
1. ‹‹ ھەقىقەت قورساق تويغاندىن كېيىن سوقىدىغان پاراڭ تېمىسى››
ھەممىزگە مەلۇم ئىنسان ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ياشايدۇ،پەقەت ماددىي ئىھتىياج قاندۇرۇلغان شارائىتتا ئاندىن مەنىۋى ئېھتىياجغا نۆۋەت كېلىدۇ، ئەگەر ئىنساننىڭ ماددى ئېھتياجى قاندۇرىلمىسا ئۇ چاغدا ئىنسانغا ھېچقانداق ئەخلاق، قانۇن، دىن كار قىلمايدۇ،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھەممە ئادەمنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن كۆرۈنگەن بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ دەردى ئۆزىگە ئايان ، بۈگۈننى ياخشى ئۆتكۈزگەن بىلەن ئەتىنىڭ غېمى، يازنى ياخشى ئۆتكۈزگەن بىلەن قىشنىڭ غېمى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ھەل قىلغان بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ غېمى كىشىلەرنى ھالسىراتماقتا، شۇ سەۋەب بەزىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا رايى يوق، بەزىلەرنىڭ ۋاقتى يوق ، يەنە بەزىلەرنىڭ كىتاپ سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق بولغاچقا كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ ئەمەس ئوقۇيالمايدۇ ، ئەگەر قاچانكى خەلقىمىزنىڭ ماددى ئېھتىياجلىرى قاندۇرىلىدىكەن، بۇنداق تەشۋىقات قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن كىتابنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدۇ .

2. بەزى ئىشلار كاللىسىدىن ئۆتمىگەچكە كىتاب ئوقۇمايدۇ:بەزى كىشىللىرىمىز ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كىتابنى نە قەدەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، كۆپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ماختاپ خەلقىمىزنى كىتاب ئوقۇش بىلەن خوشى يوق دەپ ئەيىبلىمەكتە، شۇنىسى ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئۇلار يەنى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ماددىي ئېھتىياجلىرى قاندۇرۇلۇپ تەرەققى قىلغاندىن كىيىن كىتاپ ئوقىۋاتامدۇ ياكى كىتابنى كۆپ ئوقىغانلىقتىن تەرەققى قىلدىمۇ ؟ئەگەر ئۇلار بۇرۇندىنلا مەدەنىيەتلىك، كىتابقا ھېرىسمەن بولسا، گېرمانلار نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ نەچچە ئون مېليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، ياپونلار نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇماي مەملىكىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئەجىبا ھەممىدىن كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان يەھۇدىلارنىڭ كىتابلىرىدا ، بىگۇناھ قان تۆكمەسلىك، زوراۋانلىق قىلماسلىق، بىلىمنى ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت- سائادىتى ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرۇلۇق مەزمۇنلار يوقمۇ ؟ئۇلار كىتابنى شۇنچە كۆپ ئوقۇپمۇ نېمىشقا ئىگىسىنى تونۇمايدۇ؟ ئىگىسىنى تونۇماي تۇرۇپ كۆپ كىتاپ ئوقۇغاننىڭ ، تەرەققىي قىلغاننىڭ قانداق پايدىسى بار ؟ دىگەندەك چىگىش سوئاللارغا خەلقىمىز جاۋاب تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدۇ ، ئەگەر قاچانكى بۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك، قايىل بولغۇدەك جاۋاب بېرىلسە ، خەلقىمىز كىتابنى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇيدۇ .   

3. كىتاب ئوقۇيدىغانلاردىكى بەزىبىر ناچار ئادەتلەر تۈپەيلى، كىشىلەردە كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق، كىتاب ئوقۇغانلىق ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق، ھەتتا كىتابنى كۆپ ئوقۇش زىيانلىق دەيدىغان كۆز-قاراشلار شەكىللىنىپ قالغاچقاكىتاب ئوقۇمايدۇ.
كىتاب ئوقۇيدىغانلاردا ساقلىنىۋاتقان ناچار ئادەتلەر تۆۋەندىكىچە :
(1). كىتابنى كۆپ ئوقۇپ خىيال دېڭىزغا غەرىق بولۇش: بىر قىسىم كىتابخۇمارلار باركى كىتابنى تولا ئوقۇپ كىتابتىكى مەۋھۇم دۇنياغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ ، رېئال دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىش ئۇلار ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز تۇيۇلىدۇ ، كىتاب ئوقۇغان ۋاختىدا ھاياجانلىنىپ كىتابتىكى باش قەھرىمانغا ئوخشاش دۇنيا ئۆزگەرتكۈدەك غەيرەتكە تولىدۇ-يۇ، ئەمەلىيەتتە چاي قاينىتىپ ئىچىشنى ئېغىر كۆرۈپ،سوغۇق سۇ بىلەن قاتتىق نان غاجاپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغاچقا كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا نىسبەتەن كىتاب ئوقۇش پايدىسى يوق ئىش ئىكەن دېگەن تەسىراتنى بېرىپ قويىدۇ .

(2). ئۆز پۇتىغا پالتا چېپىش : بەزى ئۇنۋېرسال بىلىمى ئاز، خاراكتىرى رادىكال كىشىلەر باشقا بىر دۇنيادا يېزىلغان ياكى باشقا بىر زاماندا يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇيدۇدە، قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئۆزىنىڭ قايسى زاماندا، قايسى ماكاندا ياشاۋاتقانلىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىتاپتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىددىيەنى ئىش ئاشۇرماقچى بولۇپ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىۋېلپ ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كىتاب ئوقۇشنى زىيانلىق ئىش دەپ قاراپ قالىدۇ .

(3). ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلماسلىق : بەزى كىشىلەر باركى بىر ئۆمۈر كىتاب ئوقۇپ ئىلىم ئۆگۈنىدۇ ،ئەمما ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئوقۇغان كىتابى ، ئۆگەن بىلىمى ئۇلارغا قىلچىمۇ يۇقمايدۇ ، ئۇلار نېمە توغرا، نېمە خاتا ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپناچار ئادەتلىرىنڭ بىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىگەچكە   ، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوقكەن دېگەن تەسىراتقا ئەكىلىپ قويىدۇ .

(4).ئوقۇغان كىتابىنى، بىلىمىنى پۇل تېپىشنىڭ ، قورساق بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىش: بەزى كىشىلەر كۆپلىگەن كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ، ئەمما كىتاپ ئوقۇپ ئۆگەنلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەي، پۇلدارلارنىڭ ، ھوقۇقدارلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ياكى پايدا مەنپەئەتىنى دەپ ئاددى-ساددا كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلەتكەچكە ، خەلقىمىز گەرچە كۆپ كىتاب ئوقىمىسىمۇ ھەق-ناھەقنى قەلبى ئارقىلىق ئايرىيالايدىغان كىشىلەر بولغاچقا، بۇنداق ئوقۇغان كىتابىنى ، ئۆگەنگەن بىلىمىنى رەزىل مەخسەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىشىلەردىن نەپرەتلىنىپ كىتاپ ئوقۇمايدۇ .

شۇڭا خەلقىمىزنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دەپ بەك ئەيىبلەپ كەتمەي، ئاۋۋال بىز كىتاب ئوقۇيدىغانلار باشقىلار قايىل بولغۇدەك، تەسىرلەنگۈدەك ئىشلارنى كۆپرەك قىلساق خەلقىمىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئۆزلۈكىدىن يېتىلدۈرىدۈ دەپ قارايمەن .



ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆتۈرىدىغان ئىشلار

كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىش قەدىمدىن تارتىپ تەكىتلىنىۋاتقان ئىش ، بۇ توغرىسىدىكى كىتاب ،ماقالىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ لېكىن تولىراق ئېغىزدا بار، ئەمەلىيەتتە يوق بولغاچقائۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ كەلدى، مەن ئويلايمەن پەقەت ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىش ئارقىلىقلا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

1. ئەگەر سىز بىر كىتاب ئوقۇيدىغان سودىگەر بولسىڭىز ، ساختا ماللارنى سېتىشتىن ، خىرىدارلارنى ئالداشتىن ساقلىنىڭ ، قىلىۋاتقان تىجارىتىڭىزگە بەكرەك ئىخلاس قىلىپ، كۆپرەك ئەجىر قىلىپجىق پۇل تېپىڭ، شۇندىلا كىشلەر كىتاب ئوقۇسا ياخشى ئادەم بولىغىنى، كۆپ پۇل تاپقىنى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىدۇ .
2. ئەگەر سىز بىر كىتاب ئوقۇيدىغان ئاشپەز بولسىڭىز، ئاشخانىڭىزنىڭ تازلىقىنى ئالاھىدە ياخشى قىلىڭ، يىمەكلىكلەرنى سۈپىتىگە ، خۇرۇچلارنىڭ تەركىۋىگە ، كېلىش مەنبەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپكىشىلەرنى بىخەتەر شۈھبىسىز يىمەكلىك بىلەن تەمىنلەڭ ، شۇندىلا كىشىلەر كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم بىلەن كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەمنىڭ پەرقىغە بارىدۇ ۋە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدۇ .
3. ئەگەر سىز بىر كىتاب ئوقۇيدىغان دۆلەت مەمۇرى بولسىڭىز، سىياسەت يول قويغان دائىرىدە ، قولىڭىزدىن كېلىشچە پۇقرالارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ ، ئىش بېجىرگىنى كەلگەنلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىڭ ، شۇندىلا كىشلەر باللىرىغا كىتابنى كۆپ ئوقۇپ چوڭ بولغاندا سىزدەك بىلىملىك ئادەم بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ.
4. ئەگەر سىز بىر كىتاب ئوقۇيدىغان دوختۇر بولسىڭىز، ئۆز كەسپىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بىمارلارنىڭ كېسەل ئازابىنى يەڭگللىتىشكە تىرىشىڭ، تىببى بىلىمىڭىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ بىمارلارنى ئاز چىقىم بىلەن بالدۇر ساقىيىشىغا ياردەم قىلىڭ ، شۇندىلا كىشىلەر بىلىم دېگەن نەرسىنىڭ ئىجابى قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ، كىتاب ئوقۇشقا ئاتلىنىدۇ .
5. ئەگەر سىز بىر كىتاب ئوقۇيدىغان ساقچى بولسىڭىز ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، پايدا-مەنپەئەتنى دەپ جىنايەتچىنى قانۇن تورىدىن قاچۇرۋەتمەڭ، شۇندىلا كىشىلەر كىتاب ئوقۇماي يامان يولدا ماڭغانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى جاجىسىنى يەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، بىلىم ئېلىپ توغرا ياشاش ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇشقا ئاتلىنىدۇ .
6. ئەگەر سىز بىر كىتاب ئوقۇيدىغان دېھقان بولسىڭىز، تېرىقچىلىققا ئائىت بىلىملەرنى ياخشى ئۆگۈنۈپ ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىپ ئاز يەردىن كۆپ ھوسۇل ئېلىڭ، قانۇن-سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولۇپ ئۆز ھوقۇقىڭىزنى قانۇن بويىچە قوغداڭ ، باشقىلار بىلەن ئوتتۇرڭىزدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلارنى ئۆزىڭىز زىيان تارتىدىغان بولسىڭىزمۇ توغرا بىر تەرەپ قىلىڭ ، شۇندىلا باشقا دېھقانلار سىزنى ئۈلگە قىلىپ كىتاب ئوقۇشقا باشلايدۇ .
7. ئەگەر سىز بىر كىتابخۇمار بولسىڭىز، مەيلى قايسى كەسىپتە بولماڭ ، ئۆز ئىشىڭىزغا مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ ، ناچار ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ ، ياخشى ئادەتلەرنى يېتۈلدۈرۈشكە تىرىشىڭ ، قانچىلىك جاپا چەكسىڭىزمۇ بەل قويۇۋەتمەي ئۆز كەسپىڭىزدە ئۇتۇق قازىنىشقا تىرىشىڭ ، شۇندىلا كىشىلەر كىتاب ئوقۇغان بىلەن كىتاب ئوقۇمىغاننىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىپ ، كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدۇ .

ئەگەر يۇقارقىلارنى قىلالمىسىڭىز كىتاب سېتىۋالغان پۇلىڭىزنى ۋە بىرجۈپ قىممەتلىك كۆزىڭىزنى ئىسراپ قىلپ كىتاب ئوقۇپ يۈرمەي باشقا ئىش قىلىڭ ، باشقىلارغا كىتاب ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىپمۇ يۈرمەڭ ، چۈنكى سىز پايدىسىنى كۆرمىگەن ئىشنى باشقىلارمۇ ھەرگىز قىلمايدۇ.............

ئەڭ ئاخىرىدا كىتاب ئوقۇشنى ھەممىدىن بەك تەشۋىق قىلىۋاتقان يېزىقچىلىق ساھەسىدىكىلەرگە دەيدىغىنىم ؛
سىلەر باشقىلارنىڭ نېمىشقا كىتابىڭلارنى ئوقۇمايدىغانلىقدىن ئەمەس، نېمىشقائۆزۈڭلارنىڭ باشقىلار قىزىقىپ ئوقۇغىدەك، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلىگىدەك كىتاب يازالمايدىغانلىقىڭلاردىن ئاغرىنىڭلار ، كىتاب يازساڭلار پەقەت ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرنى يېزىپلا قالماي، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ قوشۇپ يازغايسىلەر ، چۈنكى كېسەلنىلا تېپىپ دورىسىنى بېرەلمەيدىغان تېۋىپنى ھېچكىم ياختۇرمايدۇ.....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:50:59

يامان ئەمەسكەن . ئەمما مەن كىتاپسىز كۈن ئۆتكۈزەلمەيمەن

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:12:08

ھازىر كىشىلەر كىتاپ ئوقۇشتىن قورقىدۇ، سېتىۋېلىشتىن تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ دىگەندەك. ئاساسى قاتلامدا ئىشلىمەكچى بولساڭلار ساپا دىگەن سۆزنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:20:28

مېنىڭ بىر ئېغىز گېپىم: بېسىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ، مەنپەئەت ئالغۇدەك كىتاب يوق!

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:38:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 09:39

ماقالىنىڭ بېشىغا كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر مەزمۇن چۈشۈپ قاپتۇ، ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاپ قوياي :

بىزدەك بۇرۇن پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان، ئىلىم دۇنياسىغا قۇتادغۇبىلىك، تۈركىي تىللار دىۈانىدەك ئېسىل ئەسەرلەرنى سۇنغان ، تارىختا پەن-مەرىپەت جەھەتتە باشقا مىللەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان بىر مىللەت ئىچىدە كىتاب ئوقۇشنى بازىرى يوق مالنى داڭلىغاندەك ھەممە يەردە داۋراڭ سېلىش ئارتۇقچە ئىش، بۇرۇندىن تارتىپ كىتاب ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلىدىغان بىر مىللەتكە يەھۇدىلاردىن، ياپونلاردىن، گېرمانلاردىن ، ئىنگىلىزلاردىن، فىرانسۇزلاردىن كىتاب ئوقۇشنى ئۆگۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىش تېخمۇ ئارتۇقچە ،پەقەت ئۇلار ھەرخىل ۋاستىلەردىن پايدىنلىپ ئىقتىساد ۋە ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزىۋالغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىشى كۆزىمىزگە گۈل كۆرۈنۈپ كەتكەن يېرى بار، شۇ سەۋەب ھازېر ھوقۇقدارلار ۋە پۇلدارلارنى كېچىدىكى جۆيلۈشلىرىمۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرگە ئايلىنىپ كىتابلار بېتىدىن ئورۇن ئالماقتا،خەلقىمىز كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيدۇ ئەمەس بىلىدۇ، كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدۇ ئەمەس خالايدۇ، پەقەت قورساق غېمىدىن راۋۇرۇس قۇتۇلغاندىن كېيىن ،خەلقىمىز ھازېر دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت كىرزىسى ۋە ئىقتىساد كىرزىسلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم قىلالايدىغان كىتابلار يېزىلغاندىن كېيىن، كىتابتا ئوقۇغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولغاندا ئوقۇيدۇ .

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:41:20

ئۇيغۇرلار نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ ؟
      ئوقۇيلى دىدۇققۇ مانا 2015:lol:lol:lol

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:44:24

ياخشى تېمىكەن...ھەر كاللىدا ھەر خىيال...دېگەندەك ...

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:49:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 10:15

ناھايتى ئۆتكۆر پىكىرلەرنى زاھىر قىلىپسىز مەمنۇن بۇلدۇم. قۇللايمەن.
‹‹كىتاپسىز ھايات ياشىمىغانغا بارابەر›› كىم دېگەنبۇلغىيدى ماۋۇگەپنى،بىلىدىغانلار ئۇتتۇرغا قۇيۇڭلار

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:27:15

كىتاپتۇر كىتاپتۇر كىتاپتۇر كىتاپ...............

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:37:35

ئۇيغۇرلار كاتتا ئەۋلىيادۇر ئۇلارغا كىتاپ ئوقۇش بىھاجەت ياكى نومۇس

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:37:36

zemindar يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 09:20 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بىر ئېغىز گېپىم: بېسىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ، مەنپەئەت...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۆيىڭىزدە يوق بولىشى مۈمكىن .....
ۋاقىت چىقىرىپ كىتابخانىلارنىمۇ زىيارەت قىلىپ قويۇڭ .

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:52:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 10:54

tuz يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 10:37 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۆيىڭىزدە يوق بولىشى مۈمكىن .....

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، 1987-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىققان، ئىستېمالىمغا مەنزۇر كېلىدىغان ھەر قانداق بىر كىتابنى سېتىۋېلىپ، ئوقۇپ ۋە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن!

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:06:05

kakkur يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 10:37 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلار كاتتا ئەۋلىيادۇر ئۇلارغا كىتاپ ئوقۇش بىھاجە ...

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقىمىسۇن دېمەكچى ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى باشقا مىللەتلەردىن ئۆگەنمىسىمۇ بۇرۇندىلا بار ئىدى، پەقەت يۇقىرىدا مەن ئوتتۇرغا قويغان ياكى قويمىغان ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇيالمايۋاتىدۇ، ئوقۇمايۋاتىدۇ، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتاتوردا قۇرۇق جار سالغاننىڭ پايدىسى يوق ، شۇڭا سىزدەك-مەندەك كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئەمەلى ھەركىتىمىز ئارقىلىق كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقرى كۆتىرەيلى دېمەكچى ،

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:17:14

توۋا،بەزىلەر بۇ مىللەتنى كىتاپ ئوقۇتۇپ بولالماي ئاۋارە،يەنە بەزىلەر ئۇسسۇل ئوينىتىپ،ناخشا ئوقۇتۇپ بولالماي ئاۋارە،يەنە بەزىلەر.....ھەي بىچارىلەر،بۇ مىللەت بىلەن قالماي ئۆزۈڭلارنىڭ بۆزىنى توقۇسۇڭلار بولمامدۇھە؟

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:24:15

كىتابنى قورساق تويغۇزۇش، جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋامىغۇلۇق، ئ‍ەمما جان بېقىشىمىزغا پايدىسىز كىتابلارنى(باھاسى زىيادە قىممەت)سىتىۋىلىپ ئ‍وقۇپ ئ‍ىقتىساد، زىھىن، ۋاقت ئ‍سراپ قىمىغۇلۇق.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:26:53

توۋا خۇدايىم باشقا مىللەتلەردىن ئۆگىنىپ كىتاب ئوقۇ دىگەن بولسا نىمە بوپتۇ، ياپونلاردەك ھەپتىدە بىر كىتابنى ئوقۇپ بولالايدىغان ئادەملەرمىدۇق بىز، گېرمانلاردەك كۆپ قىسىم ئۆيلەردە كىتابخانىسى بار ئۇيغۇرلارمىدۇق بىز؟كىمدىنلا ئۆگەنسەك كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىمىز دەۋاتىمىز، بولسا مۇشۇنى بەكرەك ئويلاپ بېقىڭ. بىز دە بار ئادەت دەپ تەشۋىق قىلغاننىمۇ بىرنەرسە دەيدىغان گەپما، يا چېكىڭلار دىمىسە، كىتاب ئوقۇيلى دەيدۇ.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:49:04

ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىرقوللايمەن .
ئەلادىن بىرسى كەتتى .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:50:36

كىتاب ئوقۇش بىر قىزغىنلىقمىنىڭچە ئۇنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ

كىتاب ئوقۇيدىغان كىشى ئەقىللىق كىشىكىتابنى ھوزۇر ئالالىغانلارلا ئوقۇيدۇ، ئۇلار ئېغىزدىن چىققان سۆزلەرگە كاللىسىدا سۈرەت ھاسىل قىلالايدۇ ، كىتاب ئوقۇمايدىغانلار دۆت

تىما ئىگىسىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندىم مىنىڭكىنىمۇ چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:52:43

facebook يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 11:26 static/image/common/back.gif
توۋا خۇدايىم باشقا مىللەتلەردىن ئۆگىنىپ كىتاب ئوقۇ دى ...

سۆزىڭىز ئورۇنلۇق. بۇ يازمىدىكى بىرىنچى بۆلەك بىر تەرەپلىمە، ياخشى نىيەتلىك تەشۋىقاتقا زىت بولۇپ قاپتۇ.
ئىككىنچى بۆلەكتىكى تەۋسىيەلەرنىڭ ئەھمىيىتى بار ئىكەن. كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب ئوقۇشنى تەشۋىق قىلىش ياخشى ئىش. كىتابنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئوقۇيمىز. ئەمما، ئۇنىڭ ياخشى ئۈنۈمى ئومۇمغا بولىدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 12:19:40

ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ۋەكونكىرت مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپسىز ، ياخشى ماقالە .

ئۇيغۇرلاردا دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندانادانلىق ئېغىرراق ، يەنىلا 90 - 80- يىللاردىن بۇرۇنقى جوڭگونىڭ تەپەككۇر رامكىسىدىن ھالقىپ چىققىنى يوق ، مەيلى مەرىپەت ئېڭى ، ئىقتىسادى ئاڭ ياكى باشقا جەھەتتىكى تەرەققىيات ئېڭى بولسۇن .
شۇڭا بىز ھەممىدىن بەكرەق ھەقىقەتەن ئىدىيەنى ئازات قىلىشقا تېخىمۇ مۇھتاج كىشىلەرمىز ئەسلى ... ماقالىگە ئەلا باھا كەتتى .
بەت: [1] 2 3 4
: ئۇيغۇرلار نېمىشقا كىتاب ئوقۇمايدۇ ؟