yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 23:18:48

ياقۇپجان: ئېھراملارنىڭ سىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyghurBaligh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 15:18

ئېھراملارنىڭ سىرى



بوسنىيەلىك ئارخىئولوگ سەمىر ئوسماناۋىچ قىرق مىڭ يىل ئاۋۋال ياۋروپا مەركىزىدە نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن زاۋال تاپقان غارايىپ جانلىقلار مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.

...ئېھرام ئىچكىرىسى قاپقاراڭغۇ- خىرە چىراق تونىلنى تۆرىگىچە يورىتالمايدۇ. سپىرالسىمان لابىرىنتقا ئوخشاش ئەگرى-بۈگرى كارىدور 8-10 كىلومىترغىچە سوزۇلغان. بۇ كارىدورلارنى بەش يىلدىن بۇيان كىشىلەر توپا- تۇمان ۋە ھاكتاشتىن تازىلىماقتا. تورۇستىن سۇ تامچىلايدۇ. قولچىراقنىڭ ئۆتكۈر نۇرى تاش تامغا قادىلىدۇ- تامدا E ۋە Y ھەرپلىرىگە ئوخشاش رۇنىي پۈتۈكلەر ۋە تىمساللار ئويۇپ يېزىلغان.

- بىز يېقىندا بۇ يۇمۇلاق تاشنى تاپتۇق، - دېدى ئارخىئولوگ ئىندىيانا جونس شلەپىسىنى توغرىلاپ، - رۇنىي پۈتۈكلەر قەدىمقى گىرمان يېزىقى بولۇپ، مىلادىدىن ئاۋۋالقى I ئەسرگە دائىر، دەپ ھىساپلانماقتا. بۇ تاشنىڭ يېشى- قىياسىي تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭكىدىنمۇ چوڭ بولۇپ چىقماقتا. ئۇ يەر ئاستىدىكى بۇ چوڭقۇرلۇققا قانداق كېلىپ قالغان؟ ئەندى سولغا- پلىتىسىمان ياپىلاق تاش تۇرغان جايغا قاراڭ: ئۇ مالتا ئارىلىدىكى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت قەسرلەر مېھرابىنىڭ ئەينەن ئۆزىگە ئوخشايدۇ. مىلان ۋە ترىستا ئۇنىۋىرسىتىتلىرىدىكى ھەمكەسپ ئالىملارنىڭ تەخمىنىچە، قوياش ئېھرامى، ئۇمۇمەن ئالغاندا، مىڭ يىل داۋامىدا ياسالغان. ئاساسىي گەپ بۇنىڭدا ئەمەس: بۇ ئېھرامنى كىملەر قۇرغان؟ مانا بۇ تېپىشماق.

سارائىۋو ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ سوتسىيولوگىيە دوكتورى 51 ياشلىق سەمىر ئوسماناۋىچ روسىيە تەبىئي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى. ئۇ 2005- يىلى بىر نەچچە تەتقىقاتلاردىن چوڭ ۋىساكا شەھرى (بوسنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا پايتەختىدىن 30 كىلومىتىر كېلىدۇ) ئەتراپىدىكى ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ ئەسلىدە ئىگىزلىكى 220 مىترلىق ئېھرام (پىرامىدا) بولۇپ، بۇنىڭدىن قىرىق مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن جانلىقلارنىڭ ئىختىراسى، دەپ ئېلان قىلدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ئارخىئولوگىك قېزىش باشلىنىشى بىلەنلا، تاغ دەپ كېلىنگەن ئورمانلىق ئىگىز تۆپىلىك چوڭلۇقى ئىككى-ئۈچ مىتىرلىق تاش كېسەكلەردىن تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ يۇقۇرىسىغا پەلەمپەي بىلەن چىقىدۇ، يانباغرىدىن قىرلىق تاشلىق يول ياسالغان، چوڭقۇرلۇققا سۇپاسىمان يانباغىر ياسالغان.

مەتبۇئات ئەنجۈمەنىدە ئوسماناۋىچ ۋىساكا ۋادىسىدا ھەممىسى بولۇپ بەش پىرامىدا تېپىلغىنىنى مەلۇم قىلدى. ئۇلار قاچاندۇر قەدىمىي مىمارلار تەرىپىدىن قوياش، ئاي ۋە ئەجداھالار تەڭرىسى شەرىپىگە بەرپا قىلىنغان ئىمىش. ھەممە پىرامىدا يەر ئاستى تونىللىرى ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن تۇتاشقان.

- بىزگە مەكتەپتە تارىخنىڭ ئېنىقلانمىغان «ئاق داغلار»ى قالمىغان، دەپ ئۆگىتىلىپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس،- دەپ كۈلۈمسىرىدى ئوسماناۋىچ،- تارىخچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەتتا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر تۈگىمىگەن بىر پەيتتە، بىز 20-30 مىڭ يىل بۇرۇن سەييارىمىزدا نىمىلەر سادىر بولغىنىنى ئېنىق ئېيتالايمىزمۇ؟ خۇدا كۆرسەتمىسۇن، تەبىئىي ئاپەتلەر تەھدىت سېلىپ، جانلىقلارنى يوق قىلىۋېتىدىغان بولسا، كېيىنكى جانلىقلار بىز توغرىسىدا ھېچ نەرسە بىلمەستىن، ئىلگىرى پەقەت مامۇنتلار ياشىغان، دەپ قىياس قىلىشى ھېچ گەپ ئەمەس.

ۋىساكا ۋادىسىدا قېزىش ئىشلىرى باشلانغاندىن كېيىن ئالىملار ئىككىگە بۆلۈندى: ياۋروپانىڭ قاق مەركىزىدە مىڭ يىل داۋامىدا بىزگە نامەلۇم بىر جانلىقلار پىرامىدالىرى قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچ كىم ئېتىبار بەرمىگەن، دىگەن گەپكە دەلىللەرسىز ئىشىنىش قىيىندە. ھەتتا بوسنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا مەدەنىيەت ۋەزىرلىكى دەسلەپ ئوسماناۋىچنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بولسىمۇ، 2007- يىلى مەۋجۇت پىرامىدالارنى تەبىئىي جەريانلار تەسىرىدە ئىنسان ئىشتىراكىسىز ھاسىل بولغان، دەپ رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. ئوسماناۋىچبۇنىڭغا جاۋابەن جاھاندىكى تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر ئىتالىيىلىك پروفىسسورلارنى، مەشھۇر مىسىرشۇناس نابىل ئابدىل سەلىم كەبى ئالىملارنى چاقىرىدۇ. ئۇلار قېزىش جەريانىنى كۈزىتىپ، پىرامىدالار تەبىئىي جەريان تەسىرىدە ھاسىل بولغان، دىگەن پىكىرنىڭ ناتوغرىلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. پەلەمپەي ۋە سۇپىلار تەبىئىي جەريان تۈپەيلى ھاسىل بولمايدۇ. قوياش پىرامىداسى ماھىيەت- ئېتىبارى بىلەن جاھاندىكى يىرىك ئىنشائات بولۇپ، مەشھۇر خىئوپس ئېھرامىدىنمۇ 30 مىتىر ئىگىز.

ئىلمىي مۇنازىرىلەر توختىغىنى يوق: كىمدۇر سارائىۋولىق پەن دوكتورىنى يالغانچىلىقتا ئەيپلىسە، كىمدۇر ئۇنى ئارخىئولوگىيە پېنىنىڭ داھىيسى، دەپ ئاتىماقتا. بىر نەرسىنى ئېيتىش مۈمكىن: پىرامىدانىڭ ئىچكىرىسى ھەقىقەتەن ھەيرەتلىنەرلىك، قېزىش ئىشلىرىدا پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن پىدائىيلار ئىشلىمەكتە. سەمىر ئوسماناۋىچنىڭ شەخسەن ئۆزى «AIF» مۇخبىرىنى يەر ئاستى لابىرىنتلىرىغا ئېلىپ كىردى. پىرامىدا ئاستىدا بۈتۈن بىر شەھەر بولغىنىغا ئۇنىڭ ئىشەنچى كامىل. شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىش لازىمكى، لابىرىنتلارنى قېزىپ ئېچىش ۋاقتىدا ئادەم ياكى جانلىقلار قالدۇقى تېپىلغىنى يوق. ھەتتا ئۆلگەن ھاشاراتلارنىڭمۇ نىشانەسى يوق. چىكەتكىلەرمۇ بۇ جايدا ئۇۋا سالمايدۇ. ئوسماناۋىچنىڭ پىكرىچە، بۇ ھال يۇكاتاندىكى بارلىق شەھەرلەرنى كۆيدۈرگەن تەبىئىي ئاپەتتىن دالالەت بېرىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، دۇنيادىكى بارلىق پىرامىدالار بىرلا سىزما- لايىھە ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان. بوسنىيەدىكى «مۆجىزە» نىڭ تۆت تەرىپى غەرپ، شەرق، شىمال ۋە جەنۇپقا قارىغان، شىمال تەرىپى خۇددى مىسىر ۋە مېكسىكىدىكى ئېھراملار كەبى قۇتۇپ يۇلتۇزى تەرەپكە يۆنەلگەن. رۇنىي بەلگىلەر ئويۇلغان تاشلاردىن تاشقىرى، قازغاندا غەلىتە نەقشلەر چۈشۈرۈلگەن ئۇستۇنلار ۋە پلىتىسىمان ياپىلاق تاشلارمۇ تېپىلدى. خوش، مىڭ يىللار بۇرۇنقى جانلىقلار ياۋروپانىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا بۇنداق زور ئىنشائاتلارنى بەرپا قىلىشقا قانداق كۈچتىن پايدىلانغان؟

- مەن كۆپ يىللاردىن بېرى ئېھرام- پىرامىدالارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن، — دەيدۇ ئارخىئولوگ ئوسماناۋىچ،- شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ھەتتا مىسىردىمۇ ئېھرام (پىرامىدا) لار مەقبەرە شەكلىدە ياسالغان، دىگەن رەسمىي نوقتىئىنەزەرنى ئايرىم ئالىملار تەن ئالمايدۇ. قەدىمىي مىسىردا بىرەر ئەسۋاپسىز، بىناكارلىق مۇنارلىرىسىز، ئاددىي قول بىلەن بۇنداق زور ئىنشائاتلار تىكلەنگىنىگە قايىل قىلارلىق بىر ئىزاھ يوق. پىرامىدالار پەقەت مىسىر، پىرۇ ۋە مېكسىكىدا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت. ئافرىقىدىكى تىنىرىف ئارىلىدا، ماۋرىكىيادا، ھىندونىزىيىدە پەلەمپەيسىمان، تەيۋەن ئەتراپىدا سۇۋاستى پىرامىدالىرى بار. خوش، ئۇلار كىملارگە، قايسى جانلىقلارغا تەئەللۇق، ئەڭ مۇھىمى، قانداق مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلغان؟

... بىز پىرامىدا ئىچكىرىسىدە، يۇمۇلاق تاش ئۈستىدە توختاپ، دەم ئالدۇق. ھەممە نەرسىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان ئالىم سۈپىتىدە ھازىر ئوسماناۋىچ ماڭا ئاتلانتلار ۋە لىمۇرىيە ئاھالىسى ياكى ئۆزگە سەييارىلىقلار (تاشقىي پىلانىتىلىقلار) توغرىسىدا رىۋايەت ئېيتسا كېرەك، دەپ سەبر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ تۇردۇم. ياق، بۇنداق بولمىدى. چۈنكى بۇلار ئۇ قەدەر ئاددىي سىرلار ئەمەس ئىكەن...

ياۋروپادا مامونتلار بىلەن زامانداش يەنە كىملەر ياشىغان؟ نىمىشقا پىرامىدالارنى ئېلېكتر ئىستانسىسى، دەپ قاراش كېرەك؟

مىسىر ئېھراملىرى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ يازما مەلۇمات قالدۇرغان قەدىمقى يۇنان تارىخچىسى ھىرودوتنىڭ قىياسىغا ئاساسلانغاندا، پىرامىدالارنىڭ قۇرۇلىشىدا يۈز مىڭلىغان قۇل ئىشلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆپى ھالاك بولغان. ئەندىلىكتە ئالىملار ھىرودوتنىڭ بۇ پىكرىنى رەت قىلىشماقتا: قۇللار مېھنىتى بىلەن پىرامىدا ياسىغىلى بولمايدۇ. قىياسلار ئىنتايىن كۆپ، بىراق ئېھراملار زادى قانداق ياسالغىنى سىر پېتى قالماقتا.

- مىسىر، مېكسىكا ۋە (جۇڭگو) ئېھراملىرى، قۇرۇلۇش تارىخىغا قارىغاندا، بىر خىل ۋە ئوخشاش،- دەيدۇ «AIF» مۇخبىرىغا دوكتور ئوسماناۋىچ. — ئۇلار شىمالغا، ئاساسىي ئاسمان يورۇتقۇچلىرىغا قارىغان ئۇدۇل گىيومىترىك فىگۇرالاردۇر. خوش، ئۇلار قانداق مەقسەتتە ياسالغان؟ ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئوتتۇزىنچى يىللىرىدىلا برىتانىيە مۇزىيى مىسىرشۇناسلىرى پىرامىدالار ئالاھىدە ئېنېرگىتىكىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانىدى. ئاددىي قولبالا پىرامىدا ئىچىگە خام گۆش قويسىڭىز، ئۇ ئۇزاق ۋاقت سېسىماي ساقلىنىدىكەن. ساقال ئالغۇچ تىغى پىرامىدا ئىچىدە قايرىلسا، ھەپتىدىمۇ ئۆتكۈرلىكىنى يوقاتمايدۇ. شۇ نەرسە ئېھتىمالدىن ئۇزاق ئەمەسكى، قەدىمقى جانلىقلار ۋاقتىدا پىرامىدالار ئېنىرگىيە ئېلىش مەقسىتىدە ياسالغان ۋە بۇ ئىنشائاتلار ھازىرقى زامانىۋىي ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىدەك ئىشلىگەن.

ئېھراملارنى مۇستەقىل تەتقىق قىلغان باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ مۇشۇ نوقتىئىنەزەرگە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، قاھىرەدىكى خىئوپس ئېھرامى ھەققىدە «غەززادىكى ئېلېكتر ئىستانسىسى» كىتابىنى يازغان برىتانىيەلىك كرىستوفىر دانن بۇ ئېھرامنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يەر ئاستى لابىرىنتلىرى ھەمدە دىۋىگاتىللارنى ئەسلەتكۈچى قەدىمقى ئىسخىمىلار سىزما سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىچە پىرامىدالار ئاتوم رىئاكتورىدىنمۇ كۆپ ئېنىرگىيە بەرگىنىنى ئىسپاتلىغان.

2007- يىلى بوسنىيەگە روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئالىملىرى، شۇ جۈملىدىن، پىرامىدالارنى گىئودىزىيەۋىي تەتقىق قىلىش بويىچە مەشھۇر ئاكادىمىك ئو.خاۋروشكىن باردى. ئۇ خاتىرىگە مۇنداق يازغان: «قوياش ۋە ئاي ئېھراملىرى ئەتراپىدىكى شاۋقۇنلار سپىكترىئال تەھلىلى بۇ جايدا يېپىق بوشلۇقلارمۇ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتتى. بارلىق ئىنشائاتلارنىڭ سېممىتىرىك ھالىتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاسلىقىنى، «ئاساس ۋە ئەڭ يۇقۇرى ئىگىزلىك» ئارىسىدىكى سىگناللار فوكۇسىروۋكاسىنى قوشقاندىمۇ مىسىر پىرامىدالىرى بىلەن بىر خىللىقىنى كۆرسەتتى». ئالىملارنىڭ كۈزىتىشىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى بارلىق ئاساسىي ئېھراملارنىڭ تېگىدە يەر ئاستى لابىرىنتلىرى مەۋجۇت. پىرامىدالارنىڭ ئۆزىمۇ، كۈچسىزراق بولسىمۇ، ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، قەدىمقى جانلىقلار ئەمەلىيەتتە يەر ئاستىدا پائالىيەت قىلغان، دىيىشكە بولامدۇ؟ تاشقىرىغا چىقىشقا ئۇلارغا نىمە توسقۇنلۇق قىلغان؟

- مانا شۇنى چۈشەنمەيمەن،- دېدى ئوسماناۋىچ.- بەلكى رادىئاتسىيە، بەلكى سوغۇق ئىقلىم سەۋەپ بولغانمۇ؟ مەندە شۇنداق قەتئىي تەسىرات شەكىللەنمەكتىكى، مۇز دەۋرىگە قەدەر سەييارىمىزدا بىر پەيتنىڭ ئۆزىدە تۈرلۈك تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئىگە بىر نەچچە جامائەت مەۋجۇت بولغان. سارايلار ۋە ھەيكەللەرگە قاراپ خۇلاسە قىلىش مۇمكىنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز تەڭرىلىرى، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئۆز قەسرلىرى، پىرامىدا تەرزىدىكى ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ بولغان. شۇمۇ ئېھتىمالدىن خالى ئەمەسكى، ئۇلار ھەتتا بىر- بىرى بىلەن جەڭمۇ قىلغان. ئىشەنمەمسىز؟ كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ: يەرشارىغا قاراپ ھالاك قىلغۇچى مىتىئورىت كەلسە، بىزنىڭ تەئەللۇقاتىمىزدىن نىمە قالىدۇ؟ پەقەت ئاشۇ ئېھراملارلا قالىدۇ. بىز ئەسرلەر بويى ساقلىنىپ قالىدىغان ھېچ نەرسە ياسىمىدۇق. ئاسمانغا تاقاشقان بىنالار، تېلېۋىزىيە مۇنارلىرى، مېترو بىكەتلىرى- بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر دەمدە كۈلگە ئايلىنىشى ھېچ گەپمەس. مانا بۇ- پىرامىدالارلا ... ئەبەدىي تۇرىدۇ.

1968- يىلى «تەڭرىلەر ھارۋىسى» ناملىق ئەسەرنى (شۇ كىتاپ ئاساسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان «كېلەچەك توغرىسىدا خاتىرىلەر» ھۆججەتلىك فىلىمى سابىق شورالار مەملىكىتىدە مەشھۇر ئىدى) نەشىر قىلدۇرغان شېۋىتسارىيىلىك تەتقىقاتچى ئىرىخ فون دىنىكىن پىرامىدالارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگە سەييارىلىقلار قۇرغان، دىگەن پىكىرنى ئۆتكۈزۈشكە ھەركەت قىلدى. ئۇ ناھايىتى كۆپ ھۆججەتلەرنى، جۈملىدىن، پىرۇنىڭ ناسكو پلاتوسىدىكى «ئاستروناۋت»لار تەسۋىرى، گۋاتىمالا پىرامىدالىرىدىن بىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سۈرەتلەرنى نەشىر قىلغان. مارس سەييارىسىنىڭ يۈزى چۈشۈرۈلگەن سۈرەتلەر ئېلان قىلىنغاندا فون دىنىكىن: «مارستىكى پىرامىدالارمۇ مىسىر ئېھراملىرىغا ئوخشايدۇ»، دىگەن پىكرنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئەگەر بوسنىيەدىكى قوياش ئېھرامى قەدىمقى جانلىقلار ئىختىراسى بولسا، شۇنداق سوئال كېلىپ چىقىدۇ: قۇرۇلۇشچىلار قانداق قىلىپ ۋەزنى قىرىق توننىلىق تاش كېسەكلەرنى سىلجىتقان، يۆتكەپ ئەكەلگەن ۋە بىر- بىرىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان؟ ئوسماناۋىچ گۇرۇپپىسى ئېھرام ئەتراپىنى قازغاندا ھېچ قانداق تېخنىكىنى، ھەتتا چوڭراق بىناكارلىق ئۈسكۈنىسىنىمۇ تاپالمىغان.

«بوسنىيە ئېھراملىرى نەزەرىيىسى»نىڭ رەقىبلىرى، خۇسۇسەن، ئارخىئولوگىيە پروفىسسورى بوستونلۇق كۇرتىس رۇننىلنىڭ نۇقتىنەزەرىگە ئاساسلانغاندا، بالقان تاغلىرىدا بۇنداق ئىنشائاتلار ئەسلا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسكى، مىلادىي ئېراغا قەدەر 12 مىڭ يىل ئاۋۋال ياۋروپا ھۇدۇدى مۇز بىلەن قاپلىنىپ ياتقان. بىراق ئوسماناۋىچنىڭ مەسلەكداشلىرى، مەسىلەن، ئانتروپولوگ-پروفىسسور پاۋلو دىبىرتولىچ بۇ پىكرنى رەت قىلدى: دەل بوسنىيە ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا مۇزلۇقلار دەخلى قىلمىغان ساھىللاردا كېلىمات ھازىرقىدىن بەش دەرىجە (گىرادۇس) تۆۋەن، يەنى ئىنسانىي جانلىقلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان.

... بىز ئوسماناۋىچ بىلەن ئېھرامدىن چىقتۇق. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: «بارماقلىرىڭىزغا نىمىدۇر قادىلىۋاتقىنىنى سېزىۋاتامسىز؟ بۇ ئېلېكتىر دولقۇنلىرى- ئېنېرگىيە مانا شۇ تەرزدە نامايان بولىدۇ. قېزىش ئىشلىرى 340 سائەتتىن بۇيان داۋام قىلىۋاتىدۇ. كۈنسېرى ئىچكىرىلەپ بارماقتىمىز- يېقىندا غارسىمان خانىلارنى تاپتۇق».

بوسنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا مەدەنىيەت ۋەزىرلىكى تەتقىقات ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى، بىراق ئوسماناۋىچقا پۈتۈن دۇنيادىن خەير-ئېھسان كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. «شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟- دەپ ھەيران قالدى مىلان ئۇنىۋىرىسىتىتىنىڭ دوكتورى سارا ئاككۇنس. — ۋەزىرلىكتىن كەلگەنلەر 15 مىنۇتتىلا پىرامىدالار تەبىئىي جەريان تۈپەيلى ھاسىل بولغان، دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىپ كېتىشتى. ھېچ بولمىسا، تونىللارنى كىرىپ كۆرۈپ بېقىشمىدى؟!»

پىرامىدالار توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. قايسى بىرى غەلبە قىلىشىغا بىرنىمە دىمەك تەس. ئاخىر، ئۇلاردىن بىرلىرى بۇ يەردە نىمە ئىش بولغىنىنى تەستىقلايدىغان ئىسپاتنى بايقىمىغۇچە، باشقىلىرى نىمە ئىش بولغىنىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ...

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ياقۇپجان
مەنبە: زىيائۇز تورى

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:25:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyghurBaligh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 15:14

- مىسىر، مېكسىكا ۋە(جۇڭگو) ئېھراملىرى، قۇرۇلۇش تارىخىغا قارىغاندا، بىر خىل ۋە ئوخشاش،- دەيدۇ «AIF» مۇخبىرىغا دوكتور ئوسماناۋىچ. — ئۇلار شىمالغا، ئاساسىي ئاسمان يورۇتقۇچلىرىغا قارىغان ئۇدۇل گىيومىترىك فىگۇرالاردۇر. خوش، ئۇلار قانداق مەقسەتتە ياسالغان؟

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:33:05

مەنمۇ ھەيران بەزى غەلىتىلىكلىرىگە... سىرلار تېخى شۇپپىتى... ئەيدىزلەرمۇ شۇپپىتى... ئىنسان ھەقىقەتەن ئاجىز...:(

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:48:10

تىمېنىڭ بايان ئ‍ۇسۇلى شۇنچىلىك يېقىشلىق تۇيۇلدى ماڭا. ئ‍ەسلى مەقسەت-باياننى مۇشۇنداق ئ‍ىپادە قىلسىمۇ بولىدىكەن.
ئ‍اپتۇرغا، تىما ئ‍ىگىسىگە رەھمەت.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:19:19

ئېھرام شەكىللىك كىچىككىنە نەرسىنى ماشنىنىڭ ماي باكىغا سىلىۋالغانلارنى ئاڭلىغان ئىدىم...
ماي تۈگىگەن ماشنىغا بەش بۇرجەكلىك ياكى يۇمىلاق نەرسە سالسىمۇ ماي باكى ئاستىدىكى قالدۇق ماينى سەرىپ قىلغىلىپ ئازراق يول يۈرگىلى بۇلىدۇ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:50:27

ئىندىئانا جونىس؟ مارىستا ئېھرام يوققۇ؟

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:44:23

مىسىر، مېكسىكا ۋە (جوڭگۇ) ئېھراملىرى...
نېمىشقا ماۋۇ جۈملىدىكى جوڭگۇ دېگەن سۆز تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان؟ دۆلىتىمىزدە ئېھرام باما؟

Economists يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 20:50:48

Yaruq يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 20:44 static/image/common/back.gif
مىسىر، مېكسىكا ۋە (جوڭگۇ) ئېھراملىرى...
نېمىشقا ماۋۇ جۈم ...

شىئەندە بار . نىمە ئۈچۈن داۋراڭ قىلىنمايدۇ دىگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ تەبئىيلا ، تور كۆرۈپ ئىزدىنىپ بىقىڭلار ، تۈرك ئالىملىرى ئۇيغۇر پىرامىداسى دەپ تۇرۋالدىغان ئوخشايدۇ ، چۈنكى قەدىمدە شىئەن تەرەپلەردە تۈرك قەۋملەرمۇياشاپتىكەن

burqibak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:43:08

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى2014-12-07 18:50:27 static/image/common/back.gif
ئىندىئانا جونىس؟ مارىستا ئېھرام يوققۇ؟
؟

burqibak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:43:40

Economists يوللىغان ۋاقتى2014-12-07 20:50:48 static/image/common/back.gif


شىئەندە بار . نىمە ئۈچۈن داۋراڭ قىلىنمايدۇ دىگەن سۇئا
:L؟؟؟؟

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 22:42:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hizir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 23:14

- مەن كۆپ يىللاردىن بېرى ئېھرام- پىرامىدالارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن، — دەيدۇ ئارخىئولوگ ئوسماناۋىچ،- شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ھەتتا مىسىردىمۇ ئېھرام (پىرامىدا) لار مەقبەرە شەكلىدە ياسالغان، دىگەن رەسمىي نوقتىئىنەزەرنى ئايرىم ئالىملار تەن ئالمايدۇ. قەدىمىي مىسىردا بىرەر ئەسۋاپسىز، بىناكارلىق مۇنارلىرىسىز، ئاددىي قول بىلەن بۇنداق زور ئىنشائاتلار تىكلەنگىنىگە قايىل قىلارلىق بىر ئىزاھ يوق. پىرامىدالار پەقەت مىسىر، پىرۇ ۋە مېكسىكىدا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت. ئافرىقىدىكى تىنىرىف ئارىلىدا، ماۋرىكىيادا، ھىندونىزىيىدە پەلەمپەيسىمان، تەيۋەن ئەتراپىدا سۇۋاستى پىرامىدالىرى بار. خوش، ئۇلار كىملارگە، قايسى جانلىقلارغا تەئەللۇق، ئەڭ مۇھىمى، قانداق مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلغان؟

ئىسلام دىنىدا(باشقا دىنلاردىمۇ بار) ئىنسانلاردىن باشقا يەنە بىرخىل جانلىقنىڭمۇ يارىلىپ يەرشارىدا ياشىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار بولسا جىنلاردۇر. جىنلارنىڭ ئاجىز ۋە كۈچلۈكلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىدە، كۈچ قۇۋىتى ئىنساننىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما ئەقلى ئىختىدارى ئىنساندىن تۆۋەندۇر. ئۇلار بىزگە پاراللىل يەنە بىر دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ ئۇلار بىزنى كۆرەلەيدۇ ۋە بىزنىڭ دۇنيارىمىزغا كىرەلەيدۇ. ئەمما بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا كىرەلمەيمىز. ياسىر قازى بۇ توغۇرلۇق خېلى ياخشى لىكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ ئۇ جىنلارنى بىز ھازىر ئاتاۋاتقان «ئېنىرگىيە» سۆزى بىلەن يېقىن كېلىدىغىنىنى ئېيتىدۇ. خۇددى ئېنىرگىيە بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئايلىنالىغاندەك جىنلارمۇ بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئايلىنالايدۇ. بەزىدە يورۇقلۇق بولۇپ ئىنسانلارغا كۆرۈنسە بەزىدە ھايۋان شەكلىدە بەزىدە ئادەم شەكىلدىمۇ كۆرىنەلەيدۇ. قايسى بىر دىن، قايسى بىر مىللەت،قايسى بىر رايون بولىشىدىن قەتئىي نەزەر دۇنيادا ئومۇمى يۈزلۈك بۇ خىل ھادىسىنىڭ بارلىقىغا ئىنسانلار گۇۋاھ بولالايدۇ.
جىنلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك جىن ئىفرىتلاردۇر. جىنلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش مىللەت ياكى قەبىلە دىگەنلەرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا سۇلايمان ئەلەيھىسسالام جىنلارنى باشقۇرغان. ۋە ئوردىسىنى مۇشۇ جىنلارغا سالدۇرغان. جىنلارنىڭ ئىنسانلاردەك فىزىكىلىق شەكلى بولمايدۇ.


ئىفرىت


ئىفرىتنىڭ كۈچى

ئىفرىتنىڭ كۈچ قۇدرىتى روھ، سۇ، ئوت، تۇپراق،ھاۋا لارنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن.
روھ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن.



سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئوردىسى.



ھەرقايسى جايلاردىكى پىرامىدالارنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتىريال بىلەن سولايمان پەيغەمبەرنىڭ ئوردىسىنىڭ قۇرلۇش ئۇسلۇبى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتىرياللار ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ ئىنتايىن مۇكەممەل ياسالغان. بىر تاش بىلەن يەنە بىر تاش ئارىلىقى شۇنچىلىك جىپسىلەشكەن. بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتۈن يەرشارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

ARGINA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 01:17:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARGINA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-8 01:22

قۇرئان كەرىم دەئاللاھنىڭ پەيغەمبەر نوھ دىن كېيىنتاشنى قانداق پايدىلىنىشنى خالىسا شۇنداق پايدىلىنالايدىغان, ھەم تەرەقىياتتابىز ئاخىرزامان ئىنسانلىرىدىنكۆپ ئۈستۈنتۇرىدىغان ئىنسانلارنى ياراتقانلىقى , كىيىن ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بىلەن يوققىلغانلىقى توغۇرلۇق ئايەتلەر بار.تېمىنى ئوقۇپ قۇرئان كەرىمدىكى شۇ ئايەتلەر ئېسىمگە كەلدى! دۇنيادىكى ئىنسانلار تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بايقاشلار بىلەن خەۋەردار قىلغانتېما ئىگىسىگە,ئاپتۇرغا رەھمەت!!

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 04:24:19

قۇرئان كەرىمگە مۇراجەت قىلسا بۇنىڭغا ئائىت ئوچۇرلار ئۇچراپ قىلىشىمۇ ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 04:57:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-8 05:51

Economists يوللىغان ۋاقتى2014-12-7 20:50 static/image/common/back.gif
شىئەندە بار . نىمە ئۈچۈن داۋراڭ قىلىنمايدۇ دىگەن سۇئا ...

بىرسى بىرنىمەدىسە خىجىل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭ بۇئەجنەبى تارىخچىلار قاراقورساق ساپاسىز نىمىلەرموڭغۇللار تارىخىنى جۇڭگو تارىخىنىڭ تەركىۋى قىسمى چىڭگىزخاننى جوڭگو قەھرىمانى دىسەكئەجنەبى تارىخچىلاركۈلۈشۈپ مەسخىرە قىلىشىپ يۈرىيدۇ ئاناڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان داداڭ بۇلوپ قالامدۇ دەپتېىخى چىڭ سۇلالىسىمۇ ئار نۇمۇسلۇق تارىخىڭلار دەپ يۈرىشىدۇ رۇسىيەبىلەن تۈزۈشكەن بەزى شەرىت نامىلەردە مانجۇچە روسچە سىلاۋىيانچە يىزىقنىڭلا بارلىقىنى دەستەك قىلىپ تۆتچاسا خىتىمىزنىڭ يوقلىقىغىلا قاراپ يەنە نىمە دەيدۇ دىمەيسىز ھازىرقى نىگىرلار ئامىرىكىلىق بولغاچقىلا ئەڭ ئىلگىرىكى ئاتا بۇۋىسىمۇ ئامىرىكىلىق بولۇپ قالامدۇ؟ دەپ   لىكىن خىيالىمىزغا كەلمىدى چۈنكى بىز نىڭدىگەنلىرىمىز بۇ ھەقىقەتەن تۇرسا ئەجنەبى تارىخچىلار ساپاسىز نىمىلەر

ARGINA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 12:04:03

   بۇ تېما بېسىلىپ قاپتۇ ..... :o:o
مۇشۇ سىرلار توغۇرلۇق ئىلمىي ماقالە يەكى رىۋايەتلەر بولسا تۆكمەيلىما دوستلار .....{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 13:38:58

بىر چاغدا پىرامىدانىڭ بىر خېلى ئۇزۇن ھاۋا ئۈتۈشۈش تۈشىكىگە بىر ماشىننى كىرگۈزۈپ تامنىڭ تىشىپ ئارقىدا يەنە بىر ئۆينىڭ بارلىقىنىبايقىغان.كىيىن بۇ تۇغۇرلۇق تەتقىقانتلار قانداق بۇلۇپ كەتتى؟ يەنە بىر فىرانسىيەلىك ئالىملار زىچلىقنى ئۆلچەش ئۈسكىنىشى بىلەنمۇ نەچچە ئۆينى بايقاپتىكەن.
بەت: [1]
: ياقۇپجان: ئېھراملارنىڭ سىرى