puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:31:16

چامغۇر مۇرابباسى(يۈتەلگە پايدىلىقكەن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   puhra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 20:49  

چامغۇر مۇرابباسى

        خۇرۇچى: ياخشى پىشقان چامغۇر بىر كىلوگىرام،شىكەر ئىككى كىلوگىرام،لىمون ئالتە گىرام.
        ياساش ئۇسولى : چامغۇرنى ئاخلاپ چاقماق قەنت چوڭلىقىدا نېپىز تۇغرايمىز.ئاندىن ئۇنى قايناق سۇدا پىشقۇچە دۇملەپ قاينىتىپ سۈزىۋالىمىز.شىكەرنى ئۈچ كىلوگىرام قايناق سۇغا سېلىپ بىر كىلوگىرام قالغۇچە قاينىتىمىز.چامغۇر بىلەن لىموننى قىيامغا سېلىپ يەنە ئون مىنوت قاينىتىپ ئالىمىز.
       تەبىئىتى : ئىسسىق.
       شىپالىق رولى : ئۇزۇق بۇلىدۇ.يۈتەلنى تۇختىتىدۇ.بەلغەمنى بۇشىتىدۇ.كۆكرەكنى كۇشادە قىلىدۇ.ئىشتىھانى ئاچىدۇ. سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ.ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.زەھەرنى قايتۇرىدۇ. مىكروپ يۇقىتىدۇ.
       ئىستىمال قىلىش ئۇسولى : ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەن تىۋىپ ئەمەس. ھازىر بالىلار ئاسانلا زۇكام بۇلۇپ يۈتىلىپ قالىدىغان پەسىل بولغاچقا ئاز-تۇلا پايدىسى بۇلۇپ قالار دىگەن مەخسەتتە خالىقجان غۇپۇرنىڭ 1988-يىلى نەشىر قىلىنغان، « مۇراببا ۋە شەربەتنى قانداق ياساش كېرەك؟» دىگەن كىتابىدىن كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ تەنقىتلەپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمەن.


Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:02:02

  ھەقىقەتەن قىممىتى بار ئۇچۇركەن. غەرىپچە خىمىيىۋى ياسالما دورىلارغىلا تايىنىۋالماي مۇشۇ خىل تەبئى يىمەكلىكلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ كېسەلدىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش ناھايىتى ئاقىلانىلىك.
   بولسا بۇ تېمىغا @تادۇبەگ، @جالىنوس، @بىرزات ھەكىم....لەر قەدەم تەشرىپ قىلىپ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرگەن بولسا.
   مۇشۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ تىببى كەسىپ ئەھلىلىرىدىن سورىۋالسام: چامغۇر يېغى (چامغۇر ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ماي) نىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە رولى چامغۇر بىلەن ئوخشاشمۇ؟ قانداق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:40:46

   ماۋۇ تېمىغا ھەكىملەر كىرمەيلا چۆكۈپ كېتىپتۇغۇ! @tadubeg بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 13:18:44

تۈنۈگۈن ۋاقىت چىقماي قالدى، ئوقۇغان  ئىدىم  بولمىسا

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 15:35:31

مەن ما چىرىدا چامغۇر يېغىنى ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالمىدىمغۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:00:22

چامغۇر يېغى يېڭى ياسالغان دورىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا يوق بولۇشى  مۇمكىن.
ئۇنى ھەققىدە جىق نەرسە  بىلمەيمەن،ئەگەر ئۇچرىتىپ قالسام سىلەر بىلەن  ئورتاقلىشىمەن.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 19:49:54

مەندە زىققا بار، مۇشۇ چامغۇر مۇرابباسىنى يېسەم پايدا قىلارمۇ؟
زىققىغا پايدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟ يەرلىك ئوڭاي رېتسىپ بارمۇ؟

puhra يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 21:43:52

Tuwatur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 19:49 static/image/common/back.gif
مەندە زىققا بار، مۇشۇ چامغۇر مۇرابباسىنى يېسەم پايدا ق ...

مەن بىر ماتىرىيالدىن كۆرۈپ كۆچۈرۋالغان ئىدىم .سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.
چامغۇر شورپىسى
        ياش پاقلان گۆشىدىن 300 گىرام، يۇمشاق پىشىدىغان چامغۇر 300 گىرام، سۇغا 8 سائەت چىلانغان نوقۇت بىر پىيالە، قاقىلە بىر تال، گۈرۈچ ئوتتۇرا پىيالا، شوخلا يىرىم تال، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا سىلىنىدۇ.
       تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلى:
1.ئاۋۋال گوشنى چالا پۇشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. 2. نوقۇت، چامغۇرنى گۆشنىڭ شورپىسىغا سىلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىپ ئاندىن گۈرۈچنى سالىمىز. 3.گۈرۈچ ئىتىلىپ پىشقاندا توغراپ تەييارلانغان گۆشنى سىلىپ تۇز، ئاقمۇچ، قاقىلە سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
بۇ غىزا رېتسىپىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى پارقىرتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئۆپكىنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ شورپا زېققە بىمارلىرىنىڭ دائىملىق ئوزۇقلىقى قىلىنسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.

بەت: [1]
: چامغۇر مۇرابباسى(يۈتەلگە پايدىلىقكەن)