AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:21:03

قان تەقدىم قىلىش توغراسىدا مەسلەھەت؟

                  ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار :
  بىريىلدەك بولغان قان بىرەي (قان تەقدىم قىلاي دىگەن گەپكە ھېچ تىلىم قولاشمايۋاتىدۇ) دەپ ئويلىشىۋاتقان ، سەۋەبى قان تەقدىم قىلمىغان كىشىنىڭ  قان لازىم بوپ قالغاندا ئاۋارچىلىقنىڭ تولا بولىدىغانلىقى توغراسىدىكى گەپ - سۆزلەرنى تولا ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ، ھاياتىمدا كىلىش ئىھتىماللىقى بولغان قىيىنچىلىقنىڭ تەييارلىقىنى ئالدىن قىلغاچ تۇراي دەپ قان بىرىشنى ئويلىغان .

ئەمدى مەقسەت:
   1-قاننى بەرسەك قەيەرگە بىرىمىز ‹ تۇرۇشلۇق شەھەر ناھيەنىڭ›، قان بىرىشتىن ئىلگىرى قانداق تەكشۈرتۈشلەر قىلىدىغاندىمىز ، نەچچە قېتىم بىرىدىغاندىمىز، ھەر قېتىملىق مىقدارى قانچىلىك بۇلىدۇ ، قانچىلىك ۋاقىتتا قايتا بىرىشكە توغرا كىلىدۇ .
  2-ئاڭلىسام قان بەرگەن كىشىلەرگە كىنىشكا بىرەرمىش . بۇ كىنىشكا قان بەرگەن شۇ كىشىگىلام ئىشلەمدىغاندۇ ، ياكى شۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىگىمۇ ئىشلەمدىغاندۇ ، يېقىنلارغىمۇ لازىم بوپ قالسا ياردىمى تىگەمدىغاندۇ ، بۇكىنىشكىنىڭ مۇددىتى ، ئىشلىتىش قېتىم سانى قانچىلىك دىگەندەك.
  3-قان بەرگەندىن كىيىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىدىغاندىمىز ، قان بىرىشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدا - زىيانلىرى بار ، ئارام ئالامدىمىز ياكى ئادەتتىكىدەك يۈرسەك بۇلامدۇ، يىمەك ئىچمەكتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىدىغاندىمىز. ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇپ تۇرىمەن ‹ ئېغىرلىق مەشىقى› قان بەرگەندىن كىيىن مەشىقنى توختىتىشىم كىرەكمۇ .
  4-قان بىرىشكە دىنىمىزنىڭ قارىشى قانداق دىگەندەك.
   قان بىرىپ باققانلار تەجىربەڭلىنى سۆزلەپ باققان بولساڭلار پايدىلىنىشچان تىما بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:58:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayawat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 21:01  

كۈندە دوسلار چەمبىركىدە قانغا زار بۇلۇپ  قان  تەقدىم قىلساڭلار دىگەن مۇراجەتنامىنى ئۇچۇرتىمەن ،
راستىنلا قان بەرمەكچى  بولسىڭىز قاننى ئامباردا ساقلاپ قۇيدىغان قان پونكىتىغا بەرمەي  ،دوختۇرخانغا بىرىپ ئاشۇ كۈندە قان ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغان ئاق قان دانچىسى كىسلىگە گىرىپتار بولغان مۇھتاجلارغا بىرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن،ئىنىق بولمىغان ئۇچۇرلاردىن كۆرە: قان ئىلىپ  قان پونكىتىغا ساقلانغان قاننىڭ ساقلاش مۇددىتى 2 ھەپتە يەنى 14 كۈن بۇلدىكەن

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:00:09

مەن ئوزاقى يىلىسى بىر قېتىم 400 گىرام بەرگەن ، بۇ يىل يەنە  11 - ئايدا  بىر قېتىم بەردىم . مېنىڭ قان بېرىش سەۋەبىم : دائىم قېنىم قۇيۇلىۋالىدۇ . شۇڭا قان بەرسەم قېنىم سۇيۇلامدىكىن دەپ ، ئاندىم كېيىن بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا تىنىپ قالغان قانلار چىقىپ كېتىپ يېڭىلىنىپ قالامدىكىن دەپ بېرىمەن . ئۇندىن باشقا تىۋىپلاردىن ئاڭلىساممۇ باش ئاغرىقى قان قۇيۇلۇش قاتارلىق كېسەللەرنى بۇرۇن قان ئېلىپ داۋالايدىغان ئىشلار باركەنتۇق . شۇڭا بىرەر ئىككى يىلدا بىرەر قېتىم قان بېرىپ باقىمەن .

قان بەرگەندىن كېيىن مەندە ھىچقانداق غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ . قان بېسىمىم بەك نورماللىشىپ كېتىدۇ .

قان بەرگەندىن كېيىن كىچىك بىر كېنىشكا بېرىدىكەن . بۇ كىنىشكىنىڭ رولىنى سورىسام : ئاتا - ئانامغا شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلەمدىكى ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا قان لازىم بولغاندا ھەقسىز قاندىن بەھرىمان بولىدىكەنمەن .

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:03:36

يەنە بىرى ، قان بېرىش توغرا كەلسە دىنىمىزدا جۇمە ياكى پەيشەنبە كۈنى قان ئېلىپ داۋالاش بەلگىلەنگەن .
سەيشەنبە كۈنى قان بېرىشكە بولمايدۇ . ھەدىستە سەيشەنبە كۈنى قان بەرسە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ دەپ ئېيتىلغانكەن .

مەن جۇمە كۈنىنى تاللاپ قان بېرىمەن .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 07:16:44

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:05:34

قان ئىشلەش سېستىمىڭىز، ئاشقازان، قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىڭ، كىچىككىنە زۇكام ھالىتىڭىزدىمۇ بولمايدۇ. نورمال بولغاندا 200 گىرام بەرسىڭىز، يەنە بەرگۈڭىز بولسا بىر مەزگىل تۇختاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ.
  قان بەرگەندىن كىيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېغىر نەرسە كۈتۈرمەڭ، كۈچەپ ئىشلەيدىغان ھەركەتلەردە بولماڭ، بولمىسا تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولمايدىغان كىسەل بۇپ كىتىسىز...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:18:01

بەك سىرلىقلەشتۇرۇۋەتمەڭلارلا
ئادەتتە 300مىللىلىتىردىن تۆۋەن ئالمايدۇ،بەش يىل ئىچىدە 800 تەقدىم قىلسىڭىز مەڭگۈلۈك ھەقسىز قان ئىشلىتتىش سالاھىيىتىگە ئىگەبولىسىز
قان تەقدىم قىلىش ماشىنىسىغا بىرىۋەرسىڭىز بولىدۇ،كىملىكنى ئاپارسىڭىزلا 15 مىنۇتتا بىكارلاپ كىنىشكىنى قولىڭىزغا بېرىپ بولىدۇ
دوختۇرخانىدا بىۋاستە قان ئالمايدۇ ھېچكىمدىن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:19:28

مەن 600 نى بېرىپ بولدۇم

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:33:20

مەن 800 نى بىرىپ بولدۇم

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:36:21

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 08:18 static/image/common/back.gif
بەك سىرلىقلەشتۇرۇۋەتمەڭلارلا
ئادەتتە 300مىللىلىتىردىن ...

  مەن بېرىپ باققان، ئەينى ۋاقىتتا زۇكام ئىدىم، ئازراق ئاشقازان ياللۇغى بار ئىدى، كىيىن قول قايرىشتىم. ئۈچىنچى كۈنى پۈتۈن بەدىنىم ئىششىدى...
  ئەلۋەتتە ھەقسىز قان تەغدىم قىلىش كىنىشكىسىدىن پايدىلىنىشتا بەلگىلەنگەن ۋاختى ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ كىيىن ئۇ كىنىشكىنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:38:04

Ependi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 21:03 static/image/common/back.gif
يەنە بىرى ، قان بېرىش توغرا كەلسە دىنىمىزدا جۇمە ياكى پ ...

دۇكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمىتۇللا خەيىرلىك ئىش قىلىدىغان كۈننى سۇرىغۇچىغا بەرگەن پەتىۋاسىدا بۇ تۇغرىسىدا ھىچقانداق سەھىھ ياكى ئاجىز ھەدىسنى ئۇچراتمىدىم دىگەن مەزمۇندا پەتىۋا بەرگەن شۇڭلاشقا دىنىي مەسىلىگە قارىتا يەڭگىللىك بىلەن جۆيلۈپ يۈرمىگەيسىز

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:25:48

ئايال كىشىگە نامەھرەم ئەر قان بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاپ:قان بىرىشتە نامەھرەملىك بولمايدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن يات ئايالغا يات ئەر ياكى ئەكسىچە قان بەرسە بولىدۇ.شۇنداقلا قان بىرىش ئارقىلىق نامەھرەم تۇققان بولۇپ قالمايدۇ.چۈنكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن نىكاھلىنىش ھارام بولىدىغان تۇققانچىلىق پەقەتلا يا نەسەب جەھەتتىن يا ئىمىلداشلىقتىن يا قۇدا-باجىلىقتىن كىلىپ چېقىدۇ.بىر  ئايال كىچىك بالىغا قان بەرسە ئايال ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالمايدۇ،شۇنداقلا ئايال كىشى ئېرىگە قان بەرسە ياكى ئەكسىچە بولسا بىر بىرىگە ھارام بولۇپ قالمايدۇ،نىكاھقىمۇ تەسىر يەتمايدۇ.ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا :دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمىتۇللاھ
(دۇرۇت ۋە سالاملار قىسقارتىۋىتىلدى)

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:53:17

مەن تېخى بۇ مەسلىنى ئويلاشماپتىمە :)

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 19:12:43

قان سالسا مىجەز ئۆزگىرىپ كىتىدۇ دىگەن راست گەپمۇ؟

TOQQUZ9TOQQUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 21:54:39

مەنمۇ ھازىرغىچە بەش قېتىم قان بەردىم . دەسلەپتە 200 مىللىلېتىر ، كىيىن 400 مىللىلېتىردىن جەمئىي 1800 مىللىلېتىر تەقدىم  قىلىپ بولدۇم . تۇنجى قېتىمدا قان تەقدىم قىلىپ بولۇپ ، ئۆيگە كىرسەم ئۇتۇن يېرىشقا توغرا كېلىپ قېلىپ ، بايا قان تەقدىم قىلغىنىم يادىمدا يوق ، كۆتەكتىن تۆت - بەشنى يېرىپ تاشلاپتىمەن . يىڭنە سانجىغان جاي ئۈچ كۈنگىچە ئاغرىدى . ھېچقانداق دورا قىلمىدىم ، ئۆزى ئوڭشىلىپ كەتتى .  چۈشتىن كىيىن ئىشقا چىقتىم . ئەجەبلىنەرلىكى كىچىكىمدىن تارتىپ ، ھەر قانداق ماشىنىغا چىقسام بېشىم قايىدىغان ، شۇندىن كىيىن تولۇق ئوڭشىلىپلا كەتتى . ھازىرغىچە قايمايدۇ . بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ھەيران .  كىيىنكى كېتىمدا قان تەقدىم قىلغان كۈنى بىر نەرسە كۆتۈرمەسلىككە ، قولۇمنى ئاياشقا دىققەت قىلدىم . باشقا ھېچقانداق غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى .  ھازىرغىچە بىر قېتىم بالنىستتا يېتىپ باقمىدىم . زۇكامدىن باشقا ئاغرىپ باقمىدىم . قان تەقدىم قىلىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى  ھېس قىلمىدىم . مېنىڭچە ، بەدەننىڭ تولۇقلاش ، تەكشەش ئىقتىدارى بولغاچقا ، ئۇنچىلىك قاننى قان ئىشلەيدىغان ئەزالار تامامەن تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ .
دەسلەپتە ( 2002 - يىلى ) قان تەقدىم قىلغاندا ھەقسىز قان تەكشۈرتكەن . باشقىلارنىڭ دېيىشىچە ھەق تۆلەيدىغان ئىش بولسا ، 500 سومدىن ئارتۇق پۇل كېتەر ئىكەن .  كىيىنكى قېتىملاردا بىر ۋاراق سۇئال قەغەز تولدۇرۇپلا ، ئىمزا قويغۇرۇپ قان ئالدى .
ئاۋال كىملىك سورايدىكەن ، قان ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش كېنىشكىسى بېرىدىكەن . ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش كېنىشكىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چەكلىمىسىز ئىشلەيدىكەن .
ئاڭلىشىمچە ، كىيىنكى كۈنلەردە قان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ  ئۆزى، جۆرىسى ، ئاتا - ئانىسى ، بالىسىغا قان سېلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا ، ئۆمۈرۋايەت ئالدىن ۋە ھەقسىز قان سېلىنىدىكەن .  
سالامەتلىكى نورمال بولسا ، يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەقدىم قىلسا بولىدىكەن . 800 مىللىلېتىرغا يەتمىسە ، قانچىلىك تەقدىم قىلسا شۇنچىلىك قاندىن بەھرىمەن بولالايدىكەن ، 800 مېللىلىتىردىن ئارتۇق قان تەقدىم قىلسا ،  مىقدارى چەكلىمىسىز قاندىن بەھرىمەن بولالايدىكەن .
قان تەقدىم قىلغاندىن كىيىن بىر ھەپتىگىچە ئېغىر ھەرىكەت قىلماي ، تۈنىمەي ، تاماق تاللىماي ئۇبدان ئۇزۇقلىنىپ ، ئوبدان ئارام ئالسىلا بولىدىغان ئىشمىكىن ، دەپ قارىدىم .

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:58:02

2006-2007- يىللىرى مەن ئىككى قېتىمدا 800 گىرام قان بەرگەن ،  كىيىن مەلوم ھادىسە تۇپەيلىدىن ياتاقتا يېتىشقا توەرا كەلدى ، شۇ چاغدا قان دىگەننى كوپ بەردى دوختۇرغاندىن ، قان پۇلىنىمۇ دوختۇرغان ا ئالدىكەن ، ھەم بىزگە  قان سالغانلىق توغرىسىدا ئايرىم بىر  ئىسپات  چىقىرىپ بەردى ،  شۇ ئىسپاتنى ئاپىرىپ قان پونىكىتىدىن پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ ئالدۇق . بالامنىڭكىنىمۇ قايتۇرۇپ بەردى .

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:49:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 11:54  

مەنمۇ تۇنجى  قىزىم تۇغۇلۇشقا ئاز قالغاندا كىيىنلىكنى ئويلاپ   400 گىرام  قان بېرىپ قويغان، يانپاشلىتىپ ياتقۇزۇپ چاي دەملەپ  بېرىپ پاراڭلاشقاچ كېنىشكا بېجىرىپ بەردى ھەم  سوۋغىسى بىلەن   تۇتقۇزۇپ قويدى شۇ ماشىنىدىلا ، بىر ھەپتىگە قالماي تىلىفۇنۇمغا ئۇچۇر كەپتۇ قېنىڭىز بىخەتەر، ئۆلچەملىك چىقتى ، رەھمەت دەپ  شۇنىڭدىن بېرى قان بېرىپ باقمىغانىدىم ، ئىشقىلىپ يامان كۈندە جانغا ئەسقاتىدۇ ، ھېلىمۇ ئېسىمگە سالدىڭلار ،يەنە بىر بېرىپ 800 گە يەتكۈزىۋىتەي ئەمدى .
ھە راسىت ، قېنىم چاتاقتى ، ياكى چاتاق چىقىپ قالسا بىكار قان بېرىپ زىيان تارتارمەنمۇ دەپ ئارتۇقچە ئويلىماي بېرىۋەرسەك بولىدىكەن. قېنىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  ئاشۇ خەق ئالسىلا  مىقتارىنى يېزىپ كېنىشكە بېجىرىپ بېرىۋېرىدۇ .

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 12:24:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 12:27  

بىر قېتىمدا 400 مىللىلىتىر بولسا سەل كۆپ بولمامدىكەن؟   200 مىللىلىتىر ئالىدىغان بولىدىغانغۇ؟
قان بېرىش سەل كۆپ بولسا، بەزى كىشىلەرنىڭ بەىدىنىگە تەسىر قىپ كەتمىگەن بىلەن ، يەنە بەزىلەرگە سەل ئېغىر كېلىشىمۇ مۇمكىن.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 15:52:39

مەن قان تەقدىم قىلاي دەپ بارسام قېنىمنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ قېنىڭىز بەك كۈچلۈك ئىكەن، ئىككى ھەپتە گۆشسىز تاماق يەپ ئاندىن كېلىڭ دەيدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 16:43:34

بەت: [1] 2
: قان تەقدىم قىلىش توغراسىدا مەسلەھەت؟