Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 18:26:16

مەشھۇر خۇيزۇ ئۆلىما چېن كې لى (陈克礼)نىڭ قىسقىچە تەرجىماھالى

چېن كېلى (陈克礼)ئاخۇن،خۇيزۇ، (1923-1970)خىنەن شىياڭچىڭدا تۇغۇلغان .جۇڭگۇغا مەشھۇر مۇسۇلمان تەرجىمەشۇناس.ئەدىب.«پەيغەمبەر ھاياتىدىن ئىسلامغا قاراش»دىگەن كىتابنى يازغان. ئۇ  يەتتە يېشىدىن باشلاپ دىنى تەربىيە ئالغان ئىكەن.ھەمدە ئەينى چاغدا قۇرئان كەرىم ،ھەدىس كىتابلار قولدا كۆچۈرۈلگەن ،بەك ئاز بولغاچقا ،ئۇ نۇرغۇن كىتابلارنى قولىدا كۆچۈرۈپ چىققان ئىكەن.كىيىن ئۇ ئۆزلىكىدىن خەنزۇ تىلى ئەدىبىياتىنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۈگەنكەن ئىكەن.1945-يىلى لوڭدوڭ دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا كېلىپ، بوپۇزلۇق دىنى ئۆلىمالاردىن دەرس ئاپتۇ.كىيىن 1949-يىلىغا قەدەر بىيجىڭدا بىلىم ئاپتۇ.. كىيىن بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتى شەرق تىللىرى فاكولتىتىدا دەرس بەرگەن.«ئىسلام بىرلەشمە گېزىتى»دە تەھرىرلىك قىپتۇ.نۇرغۇن ماقالىلارنى تەرجىمە قىىپتۇ ،ئەسەرلەرنى ئىلان قىپتۇ.«ئىسلام دىنى ئىمان ئاساسلىرى»،«تاجى ھەدىس توپلىمى» تەرجىمە قىپتۇ.1951-يىلى ،«پەيغەمبەر ھاياتىدىن ئىسلامغا نەزەر»دىگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپتۇ.كىيىن بۇكىتاب ھىندۇنىرىچە، ئوردۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەسىر  پەيدا قىلغان ئىكەن.كىيىن يەنە  سوۋىت ئىتتىپاقىلىق شەرقشۇناس بارتولدىنىڭ «ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى» ،ئىسپانىيەلىك ئىسلام ئۆلىماسى ئىبىن –تەۋفىقنىڭ «ئويغاق ئەۋلاتلار مەڭگۈ ياشايدۇ» دىگەن ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغان ئىكەن.1956-يىلى بىيجىڭدىن كېتىپ پىنھاندا ياشاپتۇ. كىيىن قايتا-قايتا تەكلىپكە بىنائەن ئىسلام ئىنىستۇتىدا دەرس بىرىپتۇ.كىيىن ئىسلام جەمىيىتى تەرىپىدىن پىپەن قىلىنىپتۇ ،ئۇ بىر قېتىم كۆزى ئاجىز بولغاچقا ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ،پويىز بېلىتى ئالالماي ، ھايانكەشلەرگە ئالدىنىپ ،ساختا بىلەت بىلەن پويىزغا چىقىپ قاپتۇ . پويىز خادىمى ئۇنى ئوغرىنىڭ شېرىكى دەپ قارىلاپ ، ئىسلام جەمئىيىتىگە تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسە ، ئۇ ئوڭچىل ئۇنسۇردىگەن جاۋابقا ئېرىشىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈرمىگە قامىلىپ ،كۆمۈر كانغا ئەۋەتىلىپتۇ.كىيىن بۇ جۇغى كىچىك ،ئورۇق، ئاجىز ،يۇقىرى دەرىجىدە يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كېسەلمەن مەھبۇسنى ،كىتاپ رەتلەشكە قويۇپتۇ.ئۇ بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن كىتاب كۆرۈپ ،«ئىسلامغا نەزەر»دىگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپتۇ. تۈرمىدىن چىققاندا تۈرمە تەرەپ ئىسلام جەمئىيىتىگە تېلىغۇن قىلىپ،ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ، ئادەم كېلىپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقاندا، ئۇ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئادىمى ئەمەس يۇرتىغا قايتۇرىۋىتىڭلار.دىگەن جاۋابقا ئېرىشىپتۇ. يۇرتىغا قايتقاندىن كىيىن .ئۇ قاتتىق يەكلەشكە ئۇچرىسىۇمۇ بەل قويىۋاتمەي ،«تاجى ھەدىسلەر توپلىمى»تەرجىمىسىنى تاماملاپتۇ.«پارس شېئىرلار توپلىمى»، «ئىسلامنىڭ تەرەققىيات تارىخى»،«ئەرەب ئەدەبيات تارىخى»،«قۇرئان ئىلمى»،«ئىسلام جەمئىيەت قارىشى»،«ئىسلام مەدىنىيەت قىسقىچە چۈشەندۈرىشى»،«جۇڭگۇ ۋە ئەرەبلەرنىڭ مۇناسىۋىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى تاماملايدۇ. پاكىستانلىق ئەدىب ئىقبالنىڭ «ئىسلام جەدىدىزىم ئىدىيسى»،«تارىخقا نەزەر»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمان سەيياھلار» قاتارلىق ئوننەچچە ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپتۇ.يەنە «ئەرەب ئەدىبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى» قاتارلىقلارنى تارجىمە قىپتۇ .كىيىن «جۇڭگۇ توغرىسىدا»،«دۇنيا توغرىسىدا » ،«ئىسلام توغرىسىدا»دىگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىشنى باشلىغان ئىكەن. 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ، شۇ چاغدىكى بازارلىق ھۆكۈمەت رەھبىرى چېن كې لىغا «ئوڭچىل ئۇنسۇر»دىگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ قاتتىق كۈلپەتلەنى سالغان،1970-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇتۇپ كېتىپ،5-كۈنى يۇرتىدىكى دەريا بويىدا ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئوق بىلەن بىلەن ئىجرا قىلىنغان ئىكەن. ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىگە تەگگەن ئىكەن.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:07:45

«چېن كېلىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا بۇ ئۇلىمانىڭ ھاياتى ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلغان، تەرجىمە قىلىنغان بولسا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا دىنىي زاتلارنىڭ قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەقىقەت بىلەن جاھىلىيەتنىڭ كۈرەشلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 22:21:32

.«پەيغەمبەر ھاياتىدىن ئىسلامغا قاراش» دېمەي «پەيغەمبەر (ئەلەيھىسسالامنىڭ) ھاياتىدىن ئىسلامغا نەزەر» دېسەك. خەت تەرجىمىسى بىلەن مەنا تەرجىمىسىنىڭ پەرقىمۇ مۇشۇنداق يەرلەردە چىقىدۇ.
تېما يوللىغۇچىغا ھەشقاللا.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 22:43:57

erturk يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 21:07 static/image/common/back.gif
«چېن كېلىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا بۇ ئۇلىمانىڭ  ...

سىز قىلسىڭىزچۇ ، ۋاقتىڭىز چىقسا .

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 22:47:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 13:53  

چېن كېلى.
http://baike.baidu.com/view/1935361.htm?fr=aladdin
《陈克礼传》
http://www.yslzc.com/rw/Class124/cklzh/Index.html

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:04:11

قالتىس ئادەمكەن

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:39:09

     سېسىق نامى پۇر كەتكەن «مەينەت ئىنقىلاب» مۇشۇ زات كەبىي بىر ئەۋلات ھەقىيقەتپەرۋەر  ئالىملىرىمىزنى يەپ كېتىپتۇ. ئاللاھ ئۇ ئالىملىرىمىزغا فىردەۋستىن جاي بەرگەي!

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:19:28

erturk يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 21:07 static/image/common/back.gif
«چېن كېلىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا بۇ ئۇلىمانىڭ  ...

ئەرتۈرك ئەپەندى
سىز خەنچە ئىسلامى ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇيسىز،بولسا مەيلى خۈيزۇ لار بولسۇن ياكى باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى
مۇسۇلمان ئالىملار يازغان خەنچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن پەلسەپە،ئەدەبىيات،مەدەنىيەت،ئېدىئولوگىيە...
ئائىت ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟بولسا توردىن سېتىۋالالايدىغانلىرى بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:20:20

بەي ئاخۇن دەپ بىرىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتاتتى ،بولسا شۇنىڭمۇ تەرجىمىھالىنى بىلىۋالساق؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:22:54

قېرىنداشلا زادى مۇشۇ بىزدىكى بىرقىسىم كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى خۈيزۇ دېسە ،«ئۆزى مۇسۇلمان بولغان بىلەن
تىلى خەنچە،ئۆتمۈشتە بىزگە كۆپ جاپا سالغان ،تۇڭگان بىلەن بولساڭ ،ئايپالتاڭ يېنىڭدا بولسۇن »دېگەندەك
گەپلەرنى قىلىدىكەن،زادى مۇشۇنداق ئىشلارغا قانداق جاۋاب بېرىپ قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش كېرەك؟

arkani2 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:29:55

چېن كېلى ئۇستازدەك بۇنداق زاتلا بىزگە بۇرۇنلا تونۇشتۇرۇلسا بولاتتى ،تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.ئەمما تەرجىمىھال تولۇقراق بولغان بولسا ياخشى بولاتتى ،مەسىلەن ئۇنىڭ ئەزھەردە ئوقۇغانلىقى ،كېيىنچە جۇ ئېنلەينىڭ تەرجىمانى بولغانلىقى قاتارلىقلار .ئۇنىڭ قەبرە بېشىغا مەن بارغان .خېنەن ئۆلكىسى لوخې ۋىلايىتى شىياڭچېڭ ناھىيىسىنىڭ خۇيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر بازىرىدا

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:30:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 10:33  

مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ پاراكەندە يىللىرىدا بۇ كىشى ماۋجۇشى ۋە جۇ ئېنلەيلەرگە مەخسۇس مەكتۇپ سۇنۇپ، جەمئىيەتتە ئىسلامىي پىرىنسىپلارنى يۈرگۈزۈپ، ئادالەت بەرپا قىلىش، تىنچلىققا چاقىرىپ، ئىسلامىي كەيپىياتتا ياشاش ھەققىدە نۇرغۇن پىكىرلەرنى بېرىپتىكەن، ھەتتا شۇلارنى ئىسلامغا دىنىغا ئىشىنىشكە دەئۋەت قىلغانىكەن. بۇ بايانلار «چېن كېلىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا ئازراق ئۇچرايدىغۇ دەيمەن. بۇ كىشى جازا مەيدانلىرىدا لوگەي قىلىنىپ، ئېغىر ئەمگەكلەر زەربىسىدە ماجالى قالمىسىمۇ، ئېغىزىدىن قۇرئان تىلاۋىتى توختاپ قالماپتىكەن، ئۆز گۇندىپايلىرىغا دىنىي نەسىھەتلەرنى قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئاخىرىدا تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ بورىنىدا ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچار بولىدىكەن. بۇنداق ئىرادە ۋە جاسارەتنى ئىسلام تارىخىدىكى ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىمام ئەھمەد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم)لار بىلەن بىر قاتاردا ساناش مۇمكىن. {:112:}

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:44:58

ئىسلام تارىخىدىكى ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىمام ئەھمەد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم)لار بىلەن بىر قاتاردا ساناش مۇمكىن
بۇلارنىڭ ئاشۇ ئىشلىرىنى يزىپ قويسىڭىز؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 12:11:14

نەچچى يىللاردىن بېرى مەرھۇم خۇيزۇ ئۆلىما چېن كېلىنىڭ تەرجىمىھالىنى مۇنبەردە  تەرجىمە قىلسام دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن ۋاقىت يار بەرمىدى . ھەرقېتىم ھاياتتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، سەل ۋەزنى بارراق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى ئېسىمگە كېلىپ ئۆزەمنى ئەيپلىگىم كېلىدۇ ... مەرھۇم  چېن كېلى ھەربىر جوڭگولۇق مۇسۇلماننىڭ ئۈگىنىشگە ئەرزىيدىغان نەمۇنە .

قىسقا لېكىن ئەتراپلىق تەرجىمە بوپتۇ .

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 13:03:33

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 22:43 static/image/common/back.gif
سىز قىلسىڭىزچۇ ، ۋاقتىڭىز چىقسا .

مەن ھازىرچە ئوقۇشتا، بۇنىڭغا ۋاقتىم يار بەرمەيدۇ. مەن قىلمىساممۇ بۇنى قىلالايدىغانلارنىڭ بارلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، مەيلى كىملا قىلسا بۇ ئەسەرنى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 13:38:39

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 12:11 static/image/common/back.gif
نەچچى يىللاردىن بېرى مەرھۇم خۇيزۇ ئۆلىما چېن كېلىنىڭ  ...

بۇنداق ئالدىراشچىلىق شارائىتتا تۆت بەش ئادەم  ۋاقىت ئاجرىتىپ بۆلۈشۈپ قىلىۋەتسە ۋاقىتنى بەك ئېلىپمۇ كەتمەيدۇ.

arkani2 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 14:40:02

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 09:22 static/image/common/back.gif
قېرىنداشلا زادى مۇشۇ بىزدىكى بىرقىسىم كىشلەرنىڭ نەزىر ...

ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىمىز :ئىننەمەل مۇئمىنۇنە ئىخۋە .ھەقىقەتەن جىمى مۇئمىنلەر قېرىنداشدۇر

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 22:56:41

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 09:19 static/image/common/back.gif
ئەرتۈرك ئەپەندى
سىز خەنچە ئىسلامى ئەسەرلىرىنى كۆپ ئو ...

مەن خەنزۇچە يېزىقتىكى دىنىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇمايمەن، نېمىشقىكىن ئىسسىق باسمايدۇ.  ئوقۇغىنىم پەقەت «چېن كېلىنىڭ تەرجىمىھالى» بىلەن يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن كىتابى.  

Farmer يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 22:58:56

:)

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 08:48:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 08:58  

erturk يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 22:56 static/image/common/back.gif
مەن خەنزۇچە يېزىقتىكى دىنىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇمايمە ...

گەرچە سىزگە نىسبەتەن ئۆزۈمنى تالىپ سانىساممۇ، يەنىلا بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى: خۇيزۇ تارىخشۇناسى لى يۈنفېي (李云飞) يازغان «ۋەھيى ۋە نىجاتلىق» (启示与拯救)دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باقسىڭىز. ئىسسىق باسىدىغان كىتابلار كۆپ ئەمەسكەن، چەكلىمە ئۇلارغىمۇ بوش ئەمەس ئوخشايدۇ، لېكىن ئانچە مۇنچە ئۇچراپمۇ قالىدىكەن. مۇنۇ كىتابنى مېنىڭچە ياقتۇرۇپ قالىسىز.
http://www.islambook.net/shop/sort_book.asp?productno=33864
بەت: [1] 2 3
: مەشھۇر خۇيزۇ ئۆلىما چېن كې لى (陈克礼)نىڭ قىسقىچە تەرجىماھالى